تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ: مەرھۇم كۈرەش كۆسەننىڭ ھاياتىدىن ئەسلىمىلەر(9)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013-08-31
kuresh-kosen-germaniye-305.png

مەرھۇم كۈرەش كۆسەن ميۇنخېندىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىدا سۆز قىلماقتا

RFA/Qutlan
كۈرەش كۆسەننىڭ يوشۇرۇنچە چەتئەلگە چىقىپ كېتىشى ئۈرۈمچىدىكى ساقچى ئورۇنلىرى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنى جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدۇ. گەرچە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى ئاتا – ئانا ۋە قېرىنداشلىرى كۈرەش كۆسەن ھەققىدە جەمئىيەتتە تارقالغان ھەر خىل ۋەھىمىلىك گەپ – سۆزلەردىن تەشۋىشلەنسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەركىن دۇنياغا ساق – سالامەت چىقىپ كەتكەنلىكىدىن خاتىرجەملىك ھېس قىلىدۇ.

ۋەھالەنكى، شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي بىخەتەرلىك ساقچىلىرىنىڭ تىنىمسىز سوراق – سوئاللىرى، ئىز بېسىپ ئاختۇرۇشلىرى ھەمدە تۈرلۈك بېسىملىرى كۈرەش كۆسەننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئۇزاققىچە ئارامىغا قويمايدۇ.

ئۆز دەۋرىدە 10 كۈنلۈك مۆھلەت بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق ساقچىخانىدىن كاپالەتكە ئېلىپ چىقىلغان كۈرەش كۆسەننىڭ يوشۇرۇنچە چەتئەلگە چىقىپ كېتىشى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ قاتتىق ئوغىسىنى قاينىتىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسى ھۆكۈمەت تەرەپتىن كېلىۋاتقان ئېغىر بېسىم ئىچىدە قالىدۇ. بولۇپمۇ ئۆز دەۋرىدە كاپالەتنامىگە قول قويغان بىر تۇغقان سىڭلىسى بىلەن نەۋرە ئاكىسى ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ. ئۇزۇنغا سوزۇلغان تىنىمسىز روھىي بېسىم ۋە قورقۇنچ ئۇلارنى ھەر جەھەتتىن چارچىتىپ تاشلايدۇ.

مەرھۇم كۈرەش كۆسەننىڭ ھەج سەپىرىدە سەئۇدى ئەرەبىستاندا چۈشكەن سۈرىتى (1996-يىل)
مەرھۇم كۈرەش كۆسەننىڭ ھەج سەپىرىدە سەئۇدى ئەرەبىستاندا چۈشكەن سۈرىتى (1996-يىل)

كۈرەش كۆسەن شۇ يىللاردا تۈركىيەدە بىر مەھەل ياشىغاندىن كېيىن، ۋەتەن دەۋاسىنىڭ ئەمەلىيەتتە يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان ئورتا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاھالىلىرى نىسبەتەن كۆپرەك ياشايدىغان قازاقىستان بىلەن قىرغىزىستانلاردا يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ۋەتەن يولىدىكى جەڭگىۋار كەيپىياتىنى ھېس قىلىپ يېتىدۇ. دەل شۇ مەزگىللەردە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەشكىلاتى بولغان «ئۇيغۇر ئىتتىپاقى» نىڭ رەئىسى، مەرھۇم نۇرمۇھەممەت بوساقوف كۈرەش كۆسەننى قىرغىزىستانغا كېلىشكە دەۋەت قىلىپ تەكلىپنامە ئەۋەتىدۇ. كۈرەش كۆسەنمۇ تولۇپ – تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ۋەتەن چېگراسىغا يېقىن بېشكەك شەھىرىگە كېلىپ ئورۇنلىشىدۇ.

ئۆز دەۋرىدە قازاقىستان بىلەن قىرغىزىستان ئورتا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن يولىدىكى تۈرلۈك سىياسىي پائالىيەتلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان، ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ سودا ئىشلىرى ئەڭ جانلانغان دۆلەتلەر ئىدى. ئورتا ئاسىيادىكى قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئارقا – ئارقىدىن مۇستەقىللىققا ئېرىشىشى بۇ جايدا ياشايدىغان يەرلىك ئۇيغۇرلارغا بولسۇن ياكى ۋەتەندىن چىققان مۇھاجىر ئۇيغۇرلارغا بولسۇن، پات يېقىندا خىتاي ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىللىققا ئېرىشىشنىڭ ئۈمىدىنى ھېس قىلدۇرغان ئىدى. كۈرەش كۆسەن ئەنە ئاشۇ ئۈمىد بىلەن ۋەتەن ھاۋاسى پۈرۈپ تۇرغان ئورتا ئاسىيا تۇپرىقىغا قەدەم باسىدۇ.

كۈرەش كۆسەننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ تۈركىيەدىن ئورتا ئاسىيا ئەللىرىگە يۆتكەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپىدۇ. بەزىدە تۇيۇقسىزلا ناتونۇش نومۇرلاردىن كېلىدىغان كۈرەش كۆسەننىڭ تونۇش ئاۋازى بارلىق ئائىلە ئەزالىرىنى ھاياجانغا سالىدۇ. شۇنداق قىلىپ كۈرەش كۆسەن ئۆزىنىڭ ئوتلۇق قەلبى ۋە ياڭراق ئاۋازى بىلەن ئورتا ئاسىيا ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر توپلۇقلىرىدا 1990 – يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا جانلىنىشقا باشلىغان ۋەتەن دەۋاسى ئېقىمىغا قوشۇلىدۇ. بېشكەك بىلەن ئالمۇتا ئارىلىقىدا تىنىمسىز قاتناپ ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرغان ھەر خىل پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ قىرغىزىستاندا «ئويغان تۈركىستان» ناملىق ئىككى قىسىملىق ناخشا لېنتىسىنى نەشر قىلىپ تارقىتىدۇ. بۇ ناخشىلاردىكى گۈپۈلدەپ تۇرغان ۋەتەن ئىشقى، مىللەتنى ئويغىنىشقا، كۈرەشكە ۋە بىرلىككە چاقىرغان يالقۇنلۇق مىسرالار شۇنداقلا ۋەتەننىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن توۋلانغان جەڭگىۋار خىتابلار مىڭلىغان ۋەتەنپەرۋەر ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ. شۇ مەزگىللەردە كۈرەش كۆسەن ئورتا ئاسىيادىن سودا مۇناسىۋىتى بىلەن ۋەتەنگە بېرىپ كېلىدىغان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بېشكەك ۋە ئالمۇتادا نەشر قىلغان ناخشا پلاستىنكىلىرىنى يوشۇرۇنچە ئۈرۈمچىدىكى ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا ئەۋەتىدۇ. ئۇنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمۇ بۇ ناخشا پلاستىنكىلىرىنى ئۈرۈمچىدىكى ئىشەنچلىك كىشىلەرگە تارقىتىدۇ. كۈرەش كۆسەن تەلەپ قىلغان كىتاب – ماتېرىياللارمۇ سودىگەرلەرنىڭ يۈك ماشىنىلىرى ئارقىلىق يوشۇرۇنچە ئورتا ئاسىياغا ئەۋەتىلىپ تۇرىدۇ.

(داۋامى بار)

http://www.rfa.org/uyghur/yoruq-sahillar/kuresh-kosen-08312013232151.html

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

تىمخورتوندا ئىشلىگەن ئايال (5)

  پوۋست: ئاپتورى: سەھەر تىمخورتون بارلىق كانادادا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كانادالىقلار ئۈچۈن، تولىمۇ ئاددى ۋە كۆڭۈللۈك …

ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زۇلۇم تەسۋىرى

‏بەزىلەر دىيىشەر دىھقان بولماق تەس ‏بەزىلەر ئېيتىدۇ موللام بولماق تەس ‏زىيالى قاخشايدۇ سودگەرمۇ بەس ‏مەن …