ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زۇلۇم تەسۋىرى

uyghur

‏بەزىلەر دىيىشەر دىھقان بولماق تەس
‏بەزىلەر ئېيتىدۇ موللام بولماق تەس
‏زىيالى قاخشايدۇ سودگەرمۇ بەس
‏مەن دەيمەن ھەممىدىن ئۇيغۇر بولماق تەس


‏ھەرساھە ۋايسايدۇ ھەممىسى دەرتمەن
‏كۆرمەيسەن بىرسىنى مۇرادقا يەتكەن
‏چىرايى كۈلسىمۇ ئىچى زەرداپكەن
‏جاھاندا ھەممىدىن ئۇيغۇر بولماق تەس


‏ھەركەسىپ ،ھەركىمنىڭ دەردى ئۆزگىچە
‏موللىدىن مۇئەللىم قەلەمدارغىچە
‏ساقچىدىن،دوختۇردىن،ئەمەلدارغىچە
‏جاھاندا ھەممىدىن ئۇيغۇر بولماق تەس


‏باشلىقسەن ۋەلىكىن ھوقۇق يوق سەندە
‏سەن گويا خارەتنىڭ قولىدا رەندە
‏تەڭرىگە ئاسىيسەن بەندىگە بەندە
‏جاھاندا ھەممىدىن ئۇيغۇر بولماق تەس


‏ياشاشچۈن كەچسەڭمۇ ئانا تىلىڭدىن
‏كەچسەڭمۇ ئەجدادىڭ ئاتا-ئاناڭدىن
‏رازىئەمەس ھەتتاكى كەچسەڭ ئىماندىن
‏جاھاندا ھەممىدىن ئۇيغۇر بولماق تەس


‏كىملىكىڭ ئۇيغۇرمۇ؟- ئىشلىرىڭ چاتاق
‏مىڭ توغرا قىلساڭمۇ چىقىدۇ پۇتاق
‏«داغدام يول»،«ئىتىبار»ئاچمايدۇ قۇچاق
‏جاھاندا ھەممىدىن ئۇيغۇر بولماق تەس

‏مۇئەللىم كاللاڭنى يۇمىساڭ بولماس
‏ۋەزىپەڭ ھەرگىزمۇ ئۇقۇتۇش بولماس
‏باھانەڭ-ئامال يوق،ياشىماي بولماس
‏جاھاندا ھەممىدىن ئۇيغۇر بولماق تەس


‏مەكتەپتە دەرىسلەر ئۆز تىلىڭدىن يات
‏ئىمتاھان يات تىلدا ئانا تىل بەربات
‏ئۇستازمۇ ،شاگىرتمۇ چىكىدۇ پەريات
‏جاھاندا ھەممىدىن ئۇيغۇر بولماق تەس


‏بالىمىز مەكتەپتە ئىسلامدىن يىراق
‏بارمىسا مەكتەپكە قالار«توم-تۇۋاق»
‏نە جاۋاپ بىرەرمىز كەلگەندە سوراق
‏جاھاندا ھەممىدىن ئۇيغۇر بولماق تەس


‏موللا سەن مەسچىتتە ۋەزىڭ دىن ئەمەس
‏بىلمەيسەن سەن زادى كىمگە ھەم-نەپەس
‏قورقىسەن ھەق گېپىڭ ئەكىلەر قەپەس
‏جاھاندا ھەممىدىن ئۇيغۇر بولماق تەس


‏زىيالى قەلبىڭدە بولسىمۇ ئارمان
‏سوراقلاپ تۇرىدۇ ھەركۈنى ۋىجدان
‏ھىجىيىپ تۇرساڭمۇ غورورۇڭ پايخان
‏جاھاندا ھەممىدىن ئۇيغۇر بولماق تەس
‏ئەگەرسەن سەنئەتكار ياكى سازەندە
‏ئىنسانلىق ئىززىتىڭ ھامان دەپسەندە
‏دەردىڭنى مۇڭلاشقا نەئىلاج سەندە
‏جاھاندا ھەممىدىن ئۇيغۇر بولماق تەس


‏يازغۇچى شائىرسەن قولۇڭ باغلاقلىق
‏كۆڭلۈڭدە مىڭ خىيال ،چىققىنى چاغلىق
‏مىڭ دەرتمەن بۇلالماس ساڭا ياماغلىق
‏جاھاندا ھەممىدىن ئۇيغۇر بولماق تەس


‏نامىڭ يوق تۇنۇماس چەتئەللەردىمۇ
‏ئورنۇڭ يوق ھېچقانداق ئورگانلاردىمۇ
‏سەن ھەتتا مۇساپىر ۋەتىنىڭدىمۇ
‏جاھاندا ھەممىدىن ئۇيغۇر بولماق تەس


‏ساقاللىق،ھىجاپلىق بولدى گۇناھلىق
‏ھەتتاكى قىزلىرىڭ ئارتالماس ياغلىق
‏ئىززىتىڭ يوقالدى ھايۋانچە چاغلىق
‏جاھاندا ھەممىدىن ئۇيغۇر بولماق تەس


‏بىلىمەن ئۇيغۇرنىڭ «چاتىقى »تولا
‏چېقىمچى ،ھەسەتخور،غەيۋەتچى تولا
‏تارىختىن ھاياتنىڭ چاخچىقى تولا
‏شۇڭىمۇ ھەممىدىن ئۇيغۇر بولماق تەس


‏ئىلاھا بىز ئاجىز ساڭا تەس ئەمەس
‏رەھمەت قىل،بىرلەشتۈر،قىلغىن ھەمنەپەس
‏ساڭىلا يىغلايمىز سەن بىلمەس ئەمەس
‏جاھاندا ھەممىدىن ئۇيغۇر بولماق تەس

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …