رابىيە قادىر سودا سارىيىنى خىتاي چېقىۋەتتى

رابىيە قادىر- خىتاي دۆلىتىنىڭ《 بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمىنى 》- دېگەن تىزىملىككە ئېلىنغان ئىكەن، مەيلى ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە دۈشمەنلىك قىلسۇن، ياكى پايدىلىق ئىش قىلسۇن بەرىبىر، خىتاي ئۇنى دۈشمەن كۆرىدۇ ۋە ئۇنى يوقىتىش، قەستلەش، نامىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن زۆرۈرى بولغان ھەممە ھەرىكەتنى ئىجرا قىلىدۇ.

رابىيە قادىرنى《 چەتئەلگە باغلانغان، چەتئەلدىكى شەرقى تۈركىستان مىللى بۆلگۈنچىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن، چەتئەلگە دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى پاش قىلغان》- دېگەن جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغان ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، روھى ھەم تەن جازاسى بىلەن ئازابلىغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدا تۈزۈلگەن مەخپىي كېلىشىم بىلەن، رابىيە قادىر 2005 .يىلى 17. مارت ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇ ئەركىن دۇنياغا چىقىپلا، خىتايغا قارشى پائالىيەتكە قاتناشتى، پالەچ تەشكىلاتلارنى جانلاندۇردى، پۇلسىز تەشكىلاتلارنى پۇلغا ئىگە قىلدى، يولى يوق تۇيۇق تەشكىلاتلارنىڭ يولىنى ئاچتى ھەم ئۆزى رەھبەرلىك قىلدى.

ئۇنىڭ چەتئەلگە چىقىپ ئېرىشكەن شادلىقى دەسلەپكى يىلىلا خۇددى مامكاپ گۈلىدەك شۇنچىلىك تېز توزۇپ كەتتى. بىر ياقتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ۋەتەندىكى بالىلىرىنى جازالاپ، مال مۈلكىنى مۇسادىرە قىلسا، بىر ياقتىن چەتئەلدە ئۆزى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئاتالمىش شەرقى تۈركىستان مىللى بۆلگۈنچى، تېررورچى ناملىق تەشكىلات خادىملىرى تەرىپىدىن ئۇزۇن يىللاپ بوزەك قىلىندى.

رابىيە قادىرنى ئەۋۋەل چەتئەلدىكى ئورنىدىن يىقىتتى. سەھنىدىن، مۇنبەردىن چۈشۈردى. يولىنى توسىۋەتتى. ئاندىن ۋەتەندىكى ئۇنىڭ نامىنى ئەسلىتىپ تۇرىدىغان تاش ئابىدىسنى يىقىتتى .

بىراق رابىيە قادىرنىڭ نامى تارىخقا يېزىلىپ بولغان، ئۇنى ئۆچۈرىۋېتىش مۇمكىن ئەمەس! رابىيە قادىر بىر مىللەتنىڭ سىمۋولى، ئۇنى ئۆرىۋېتىش مۇمكىن ئەمەس. رابىيە قادىر ئۆزى قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تاش ئابىدەدۇر. ئۇنىڭ ئۆمرى بىر مىللەت بىلەن تەڭ. ئۇيغۇر مىللىتى ياشىغان مۇددەتتە، ئۇنىڭ نامى مەڭگۈ ياشايدۇ.

زالىم، فاشىست، قانخور خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر جىنايى قىلمىشىنى ئەيىپلەيمىز. رابىيە قادىر خانىمغا جاسارەت تىلەيمىز.

ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتى، مىيۇنخېن، 2024-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ

ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن، 12. نويابىر ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق …

مۇراجىئەت

مۇراجىئەت ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، تۆۋەنچىلىك بىلەن سىلەرگە بۇ ئىلتىماسنى سۇنىۋاتىمىز. خەۋىرىڭىز بولغاندەك، ۋەتەن سىرتىدا چوڭ- كىچىك …

جاۋاب يېزىش