تەبرىكنامە

ئىشغال ئاستىدىكى ۋەتىنىمىز ئۇيغۇرىستاندا، ئۇيغۇرلارغا قارشى خىتاي دۆلىتى ئىجرا قىلىۋاتقان قانلىق جىنايەتلەر توغرىسىدا، 20. يانۋار فرانسىيە پارلامېنتى ئىرقى قىرغىنچىلىق – دەپ قارار ماقۇللىدى. 《ب د ت 》خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمى ئەزا بەش دۆلەتنىڭ ئىككىنچىسى بولۇپ، ئەنگىلىيەدىن كېيىن فرانسىيەنىڭمۇ بۇنداق قارارنى ماقۇللىشى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كىچىك ۋەقە ئەمەس. شۇنداقلا خىتاي دۆلىتى ئۈچۈنمۇ ئاددى مەسىلە ئەمەس. قانچە مىلىيون ئۇيغۇرلارنىڭ قان بەدىلىگە ماقۇللىنىۋاتقان مەزكۇر قارارلار، جەزمەنكى يېقىن كەلگۈسىدە مىللىتىمىزنىڭ ئازاتلىقى، ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن قويۇلغان ئۇل تېشى بولۇپ قالغۇسى. ئەينى ۋاقىتتا خىتاي دۆلىتىنىڭ مۇنقەرز بولىشىنىڭ تۇنجى قەدىمى دېيىشكە ھەقلىمىز.

ھازىرغىچە غەربتىكى يەتتە دۆلەت، خىتاي دۆلىتىنىڭ جىنايەتلىرىنى《ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى》- دەپ ئالغان قارارلاردا، شۇ دۆلەتلەردىكى پائالىيەتچان ئاكتىپلىرىمىز رول ئوينىدى- دېيەلمەي كەلگەن ئىدۇق. ئەمما نۆۋەتتە فرانسىيە پارلامېنتى ماقۇللىغان قاراردا، ۋە مەزكۇر قارارنى پارلامېنتتا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشتە، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ قۇرغۇچى يېتەكچىسى دوكتور دىلنۇر رەيھان خانىم ۋە ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى فىرانسۇز ياشلار گۇرۇپپىسى, ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى. شۇنداقلا دوكتور دىلنۇر رەيھان خانىمغا مەدەت بەرگەن، تۈرلۈك پائالىيەتلەردە، نامايىشلاردا ھەمكارلاشقان فرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى، ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى، جۈملىدىن چاقىرىقلارغا ئاۋاز قوشۇپ، ھەر زامان پىداكارلىق كۆرسەتكەن بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز، فرانسىيەدە ماقۇللانغان قارارغا ۋاستىلىك ئەجىر سىڭدۈردى.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مىللىتىمىزنى، دوكتور دىلنۇر رەيھان خانىمنى، فرانسىيەدىكى بارلىق پىداكار قېرىنداشلىرىمىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز. ئاق كۆڭۈل فرانسوز خەلقىدىن چەكسىز مىننەتدارمىز.

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى گېرمانىيە – مىيونخىن

21.01.2022

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

گېرمانىيەدە بىرلەشمە نامايىش ۋە زىيارەت

  گېرمانىيەنىڭ باۋارىيە فىدارتسىيەسىنىڭ ئىڭولستاد شەھرىدە،شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى،شەرقى تۈركىستان مەجلىسى،شەرقى تۈركىستان(ئۇيغۇرىستان) مۇستەققىللىق ھەركىتى تەشكىلاتى،ئۇيغۇرىستان …

جاۋاب يېزىش