يېڭى تېمىلار

رابىيە قادىر سودا سارىيىنى خىتاي چېقىۋەتتى

رابىيە قادىر- خىتاي دۆلىتىنىڭ《 بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمىنى 》- دېگەن تىزىملىككە ئېلىنغان ئىكەن، مەيلى ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە دۈشمەنلىك قىلسۇن، ياكى پايدىلىق ئىش قىلسۇن بەرىبىر، خىتاي ئۇنى دۈشمەن كۆرىدۇ ۋە ئۇنى يوقىتىش، قەستلەش، نامىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن زۆرۈرى بولغان ھەممە ھەرىكەتنى ئىجرا قىلىدۇ. رابىيە قادىرنى《 چەتئەلگە باغلانغان، چەتئەلدىكى شەرقى تۈركىستان مىللى بۆلگۈنچىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن، چەتئەلگە دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى پاش قىلغان》- دېگەن جىنايەتلەر بىلەن …

تەپسىلاتى »

تەبرىكنامە

ئىشغال ئاستىدىكى ۋەتىنىمىز ئۇيغۇرىستاندا، ئۇيغۇرلارغا قارشى خىتاي دۆلىتى ئىجرا قىلىۋاتقان قانلىق جىنايەتلەر توغرىسىدا، 20. يانۋار فرانسىيە پارلامېنتى ئىرقى قىرغىنچىلىق – دەپ قارار ماقۇللىدى. 《ب د ت 》خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمى ئەزا بەش دۆلەتنىڭ ئىككىنچىسى بولۇپ، ئەنگىلىيەدىن كېيىن فرانسىيەنىڭمۇ بۇنداق قارارنى ماقۇللىشى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كىچىك ۋەقە ئەمەس. شۇنداقلا خىتاي دۆلىتى ئۈچۈنمۇ ئاددى مەسىلە ئەمەس. قانچە مىلىيون ئۇيغۇرلارنىڭ قان بەدىلىگە ماقۇللىنىۋاتقان مەزكۇر قارارلار، …

تەپسىلاتى »

ئۇيغۇر مۇھاجىرلار دېلېگاتىسيەسىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا

ۋەتىنىمىز كوممۇنىست خىتاي دۆلىتىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان 72 يىلدىن بۇيان،《ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلىش》ئارزۇسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە چىقىش قەدىمى ھېچ بىر زامان توختاپ قالمىدى. ۋەتەن ئۈچۈن چەتئەلگە چىقىدىغانلار بىلەن يانداش، كىشىلىك شەخسى ئارزۇ، شەخسى پىلان بىلەن چەتئەلگە چىقىدىغانلارمۇ كۆپ سانلىقنى ئىگىلەپ كەلدى. شەخسى پىلان بىلەن چەتئەلگە چىقىدىغانلارنى بىر ياندا قويۇپ تۇرساقمۇ،《ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلغانلار》نىلا ئاساس قىلغان ھالدا، 72 يىلدىن بۇيان ۋەتەن- مىللەتنى قۇتقۇزۇش …

تەپسىلاتى »

ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ

ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن، 12. نويابىر ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى، ئامېرىكىنىڭ مىيونخىندىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرلەش نامايىشى ئۆتكۈزدى.   نامايىش ئاخىرىلاشقاندىن كېيىن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسى تەلەپلىرى نامىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە يېزىلغان بىر پارچە ئىلتىماس، كونسۇلخانىغا تاپشۇرۇلدى. ئىلتىماسنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى: 《ئۇيغۇر خەلقى بۇنىڭدىن 77 يىل ئىلگىرى، خىتاي جۇمھۇرىيەتچى پارتىيىسى ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ، …

تەپسىلاتى »

مۇراجىئەت

مۇراجىئەت ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، تۆۋەنچىلىك بىلەن سىلەرگە بۇ ئىلتىماسنى سۇنىۋاتىمىز. خەۋىرىڭىز بولغاندەك، ۋەتەن سىرتىدا چوڭ- كىچىك نۇرغۇن تەشكىلاتلىرىمىز بار. بەزى تەشكىلاتلار خەلقئارالىق ئىمتىيازغا ئېرىشتى. بەزى تەشكىلاتلار ئۆزىگە يارىشا تونۇلدى. شۇنىڭدەك نۇرغۇنلىغان تەشكىلاتلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەت، شەھەر دائىرىسىدە، يەرلىك مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىش بېجىرىدىغان، يەرلىك ئاساسى قاتلامغا ئوخشاش ھالغا كېلىپ بولدى. ۋەتەن- مىللەتنىڭ ئۈستىدىكى خىتاينىڭ زۇلمى ئېشىپ، ئىرقى قىرغىنچىلىق دەۋرىگە كىرگەنچە، چەتئەلدىكى ئون …

تەپسىلاتى »

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن قىلىپ، ئاسسمىلاتىسيە قىلىپ تولۇق يوقىتىش پىلانىنى ئىجرا قىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بۇ ۋەھشى، قانخور جىنايىتىنى چەتئەلدىكى ھەر بىر ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇرىستانلىق تونۇپ يەتتى. خىتاينىڭ جازاسىغا ئۇچرىمىغان ئۇيغۇر قالمىدى. ھەر بىر دىيانەتلىك ئۇيغۇرستانلىقنىڭ يۈرىكى قىساس بىلەن ئۆرتەنمەكتە. بىز خىتاي دۆلىتىگە قارشى چىقىشنى خالىساقمۇ، خالىمىساقمۇ، قارشى ھەرىكەت قىلساقمۇ، قىلمىساقمۇ …

تەپسىلاتى »