ئۇيغۇر مۇھاجىرلار دېلېگاتىسيەسىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا


ۋەتىنىمىز كوممۇنىست خىتاي دۆلىتىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان 72 يىلدىن بۇيان،《ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلىش》ئارزۇسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە چىقىش قەدىمى ھېچ بىر زامان توختاپ قالمىدى. ۋەتەن ئۈچۈن چەتئەلگە چىقىدىغانلار بىلەن يانداش، كىشىلىك شەخسى ئارزۇ، شەخسى پىلان بىلەن چەتئەلگە چىقىدىغانلارمۇ كۆپ سانلىقنى ئىگىلەپ كەلدى. شەخسى پىلان بىلەن چەتئەلگە چىقىدىغانلارنى بىر ياندا قويۇپ تۇرساقمۇ،《ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلغانلار》نىلا ئاساس قىلغان ھالدا، 72 يىلدىن بۇيان ۋەتەن- مىللەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلىشتا، بايراقنى ساقلاپ قېلىش، تەشكىلاتنى ساقلاپ قېلىش، نامنى ساقلاپ قېلىش- قاتارلىق پاسسىپ ھالەتتىن، ۋەتەن – مىللەتكە پايدىلىق ھەرىكەت قىلىدىغان ئاكىتىپ ھالەتكە ئۆتەلمەي كېلىۋاتقىنىمىزغا كۆز يۇمالمايمىز.
چەتئەلدە بىر نېمە دەيلى، بىر نېمە قىلايلى ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنىڭ بىر نەرسە دەۋاتقانلىقىمىزنى، بىر نەرسە قىلىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسىتىشتىن باشقا، بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ ۋەتەن – مىللەتنىڭ تەقدىرىگە ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەلمىدى.
ۋەتەندىكى ئەھۋالىمىزغا قارىساقلا، بىز نېمىگە يارىغانلىقىمىزنى كۆرۈۋالالايمىز. 70 يىل ئاۋۋال مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتتىن قالغان، قوراللىق مۇنتېزىم 《مىللى ئارمىيە شىتابى》 بار ئىدى. 60 يىل ئاۋۋال 《ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى》بار ئىدى. 50 يىل ئاۋۋال 75 پىرسەنتلىك ئۇيغۇر نوپۇسىمىز بار ئىدى. 40 يىل ئاۋۋال دىنى ئەركىنلىك، پىكىر ئەركىنلىكى بار ئىدى. 30 يىل ئاۋۋال ئىقتىسادى كاپىتال ئەركىنلىكى، سانائەت قۇرۇش، تەرەققى قىلىش ئەركىنلىكى بار ئىدى. 20 يىل ئاۋۋال چەتئەلگە چىقىش، ئوقۇش، ساياھەت قىلىش، خەلقئارا سودا مۇناسىۋەت، ئىلمى تەتقىقات مۇناسىۋەت ئەركىنلىكى بار ئىدى. 10 يىل ئاۋۋال توردا پىكىر ئەركىنلىكى، يىغىلىش، ئىجتىمائى تەشكىللىنىش، لېكىسيە سۆزلەش ئەركىنلىكى بار ئىدى. ھازىر ھېچنېمە قالمىدى.

مۇشۇ 70 يىل بويىچە بىزنىڭ چەتئەلدە قىلغانلىرىمىز، دېگەنلىرىمىز مەيلى راست بولسۇن، مەيلى يالغان بولسۇن، ۋەتەندە ھېچقانداق ئۆزگىرىش پەيدا قىلالمىدى. 70 يىل ئاۋۋال قىز- يىگىتلىرىمىز مىللى ئارمىيە سېپىدە يەلكىسىدە قورال، يوغان چامداپ، قاڭشىرىنى تىك تۇتۇپ مارشقا دەسسەپ ماڭغان بولسا، بۈگۈنكى قىز- يىگىتلىرىمىزنىڭ پۇتلىرىدا ئىشكەل، بويۇنلىرىدا تاقاق قۇل بازىرىدا سېتىلماقتا. چەتئەلدە قىلغانلىرىمىزنىڭ، دېگەنلىرىمىزنىڭ ۋەتەن- مىللەتكە زەررىچىلىك پايدىسى بولغان بولسا، يىلدىن يىلغا بەتتەردىن بەتتەرگە قاراپ بەرباتلاشمىغان بولاتتى.
چەتئەلدىكى ھالىمىزچۇ! 70 يىل ئاۋۋال كالا ھارۋۇسىدا ئولتۇرۇپ، قەيسەرىدىن ئەنقەرەگە كېلىپ، خىتاينىڭ ئۈستىدىن دەرت تۆككەن بولسا، بۈگۈن ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ، ئەنقەرەدىن  ۋاشىڭتونغا بېرىپ دەرت تۆكىۋاتىمىز. 70 يىل ئاۋۋال تۆت دەرتمەن چايخانىغا يىغىلىپ غەيۋەت قىلىشقان بولسا، بۈگۈن زامانىۋى تور تەرەققىياتىدىن پايدىلىنىپ، قىتئەلەر ئارا غەيۋەت قىلىش بارلىققا كەلدى.

يىغىپ ئېيتقاندا، چەتئەلدە قىلغانلىرىمىزنىڭ ۋەتەندىكى نەتىجىسىنى بىر يانغا قويۇپ تۇرۇپ، مۇشۇ چەتئەلدىكى ئاتالمىش《ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلغان》كىشىلەرنىڭ قايسى ھالدا ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا، يەنە 70 يىلدىن كېيىنمۇ ۋەتەن ئۈچۈن قىلنى تەۋرىتەلمەيدىغانلىقىمىز قوياشتەك ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. تېرىقتەك چېچىلىپ كەتكەن بۇ رەزىل ھالىمىزنى ئوڭشىمايتۇرۇپ، ۋەتەن ئۈچۈن تېرىقنى ئىزىدىن يۆتكىيەلمەيدىغان ئاجىزلىقىمىز بىزنى سىلكىندۈرۈشى كېرەك.
بىز تەشەببۇس قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان،《ئۇيغۇر مۇھاجىرلار دېلېگاتىسيەسى》سىياسى بىرلىك ئەمەس. تەشكىلى ئىتتىپاقلىقمۇ ئەمەس. ئەكسىچە ئىجتىمائىي ئۆملۈك خاراكتېرىگە ئىگە، تارقاقلىقتىن ئۆملۈككە يۈزلىنىش ئۈچۈن چېپىلىۋاتقان بىر كەتمەن خالاس. بۇ دېلېگاتىسيە ۋەكىل قاتناشتۇرغان ھەر بىر تەشكىلاتتىن، ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان ھەر بىر يەككە ئاكىتىپلاردىن بىر گەۋدە ھاسىل قىلىدۇ. ھەر بىر تەشكىلات ۋە ھەر بىر يەككە پائالىيەتچى ئۆزىنىڭ يالغۇز ئاتلىرىنى بۇ مەيدانغا مىنىپ كىرىپ، ئاتلارنى ئۆملۈكتە چاپتۇرىدۇ. 《يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس.》بۇ دېلېگاتىسيەدە ئاتلار توپلۇشۇپ چاڭ چىقىرىدۇ. ھېچكىم، ھېچقايسى تەشكىلات ئۆزىنىڭ ئاتلىرىدىن ئايرىلىپ قالمايدۇ. پەقەت بىرلىكتە چاپتۇرىدىغان كەڭ دالاغا ئات سالغان بولىدۇ. شۇ مەقسەتتە بۇ دېلېگاتىسيەنى بارلىققا كەلتۈرمەكچى.  دېلېگاتىسيەنىڭ قۇرۇلمىسىدىن تارتىپ، خىزمەت پروگراممىسىغىچە كۆپچىلىك بىلەن بىرگە تۈزۈپ چىقىلىدۇ ۋە ئايرىم  تونۇشتۇرۇلدۇ.

ئۇيغۇر مۇھاجىرلار دېلېگاتىسيەسى ھېچكىم تەرىپىدىن، ھېچقانداق تەشكىلات تەرىپىدىن مونىپول قىلىنماسلىقى، سۈيئىستىمال قىلىنماسلىقى كېرەك. شۇنىڭدەك ھېچقانداق لىدەرنىڭ نوپۇزى ئاستىغا كىرىپ قالماسلىقى، ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقىدىن باشقا، ھېچقانداق ئىدىيە، ئېقىملارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقى لازىم.

: ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى

2021.يىلى 23. نويابىر

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

مۇراجىئەت

مۇراجىئەت ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، تۆۋەنچىلىك بىلەن سىلەرگە بۇ ئىلتىماسنى سۇنىۋاتىمىز. خەۋىرىڭىز بولغاندەك، ۋەتەن سىرتىدا چوڭ- كىچىك …

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …