ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبەرلىرى نېمىشقا ئالدىنىدۇ؟

ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبەرلىرى  نېمىشقا ئالدىنىدۇ؟

 

« ئالدىماق ، ئالدانماق » – دېگەن سۆزلەر ، قارا نىيەت ساختىپەز بىلەن گۆل، ئاق كۆڭۈل كىشىلەر ئارىسىدا يۈز بېرىپ تۇرىدىغان، تۇرمۇش ھادىسىلىرىگە خاس ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغان، ئىجتىمائىيلىقى كۈچلۈك   سۆز تۈركۈملىرىدىن بولۇپ، بۇنداق سۆزلەرنى  ئۇيغۇرلاردىن باشقا مىللەتلەر، سىياسى مەزمۇندا ئانچە قوللۇنۇپ كەتمەيدۇ . ئەمما بىز ياشاۋاتقان ئەللەردە : « سىياسەتچىلەر ئالدامچى » دېيىلگەن گەپنىڭ مەناسى بولسا، بىر دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى، يەنە بىر دۆلەتنىڭ باشلىقلىرىنى  ئالداپ كېتىدۇ؛ ياكى بىر مىللەتنىڭ باشلىقلىرى، يەنە بىر مىللەتنىڭ باشلىقلىرىنى ئالداپ كېتىدۇ – دېگەن  بولماستىن، بەلكى دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى، پارتىيە باشلىقلىرى سايلامدا ئۇتۇپ چىقىش ئۈچۈن، ئۆز پۇقرالىرىغا، قوللىغۇچى خەلق ئاممىسىغا يالغان ۋەدە بېرىپ ئالدايدۇ؛ مەقسىتىگە يېتىپ بولغاندىن كېيىن، بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمايدۇ – دېگەنلىك بولىدۇ. بولۇپمۇ قارمۇ – قارشى دۈشمەنلىشىپ، بىرسى يەنە بىرسىنى يوقىتىش ئۈچۈن قوراللىق ئۇرۇش قىلىدىغان، سىياسى كۈرەش قىلىدىغان، ئىككى دۈشمەن مىللەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى توغرىسىدا : بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىزنى دۈشمەننىڭ رەھبەرلىرى يالغان ۋەدە بېرىپ ئالداپ كەتكەن – دېيىش، بەك نومۇسلۇق گەپتۇر. بۇنداق گەپلەرنىڭ سىياسىۋىلىكى يوق، ساپاسى يوق، كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئائىت گەپلەردۇر.

« تۆمۈر خەلىپىنى لى شىڭفو ئالداپ ئاپىرىپ، جىڭ شۇرىنگە تۇتۇپ بەرگەن؛ جۇمھۇرىيەت رەئىسى  خوجانىياز ھاجىنى، رۇس كونسۇلى يالغان ۋەدە بېرىپ ئالداپ ، شىڭ شىسەيگە تۇتۇپ بەرگەن؛ ئەلىخان تۆرەمنى سىتالىن ئالداپ ئېلىپ كەتكەن؛ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق، جۇمھۇرىيەت  رەھبەرلىرىنى سوۋېت ھۆكۈمىتى ئالداپ، ئايروپىلان قازاسى بىلەن يوقاتقان؛ مەمتىمىن بۇغرانى ئەنگىلىيەدە ئىسا ئەپەندى ئالداپ ئاپىرىپ، گومىنداڭغا باش ئەگدۈرگەن؛  شەرقى تۈركىستان خەلقىنى ماۇ زىدۇڭ ئاپتونومىيە بىلەن ئالداپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەدىسىدە تۇرمىغان … » بۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى، خىتايغا قارشى  قوراللىق ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ، مۇستەقىل ھۆكۈمەتلەر قۇرغاندىن كېيىن، يۈز بەرگەن يالغان مەغلۇبىيىتىمىزدىن چىقىرىلغان ساختا يەكۈندۇر. بىز خىتايغا قارشى مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزدە مەغلۇب بولمىغان . ئەكسىچە رەھبەرلىرىمىز ۋەتەننى، دۆلەتنى، مىللەتنى، كۈرەش غەلىبىسىنى دۈشمەنگە بېرىۋەتكەن . ئۇلار ھېچ قاچان ئالدانمىغان. ئەكسىچە ئۇلار سىياسەتنى بىلمىگەن؛ ئۇلار مىللى ئىرادىنى تونىمىغان؛ پەقەت ئۆزلىرىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇلىرىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇندا قويغان .

دۈشمەنگە قارشى قورال كۆتۈرۈپ ئۇرۇش قىلغان، دۈشمىنىنىڭ قېنىنى تۆككەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ قېنى تۆكۈلگەن بىر مىللەت قوشۇنلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، ياكى ئۇرۇشتا ئۆلۈپ يوقىلىدۇ، ياكى دۈشمەنگە ئەسىرگە چۈشۈپ يوقىلىدۇ. ئەمما قان تۆكۈشكەن دۈشمىنى بىلەن، شەھەرنى تەڭ سوراش ئۈچۈن ئىتتىپاق تۈزمەيدۇ. ئەمما بىزنىڭ يېرىم ئەسىرلىك ئۇرۇشىمىزدا، بىز غەلىبە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، رەھبەرلىرىمىز دۈشمەن بىلەن دوستلۇق، ئىتتىپاقلىق ئورنىتىپ، شەھەرنى دۈشمەن بىلەن تەڭ سورىماقچى بولغان . نەتىجىدە ھەممە نەرسە قولدىن كەتكەن ۋە دۈشمەن ۋەتىنىمىزنى  قايتا ئىشغال قىلغان .

كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، بىرەر مىللەتنىڭ سىياسى رەھبەرلىرى، ئۇرۇش قوماندانلىرى دۈشمەنگە ئالدانمايدۇ. ئەگەر ئالدىنىدۇ دېيىلسە ھەم ئالدانغان بولسا، دېمەك ئۇنداق كىشىنىڭ رەھبەرلىككە لاياقىتى توشمىغان بولىدۇ. چۈنكى ئالداش، ئالدىنىش ھەرىكىتى ئىجتىمائىي تۇرمۇش ھادىسىلىرىگە ئائىتتۇر. ئىجتىمائىي تۇرمۇش سەۋىيىسىدىن ھالقىپ چىقالمىغان، مەسىلىگە سىياسى نۇقتىدىن قارىيالمىغان كىشىلەرنىڭ، مىللەتكە رەھبەرلىك قىلىشىغا  قابىلىيىتى يەتمەيدۇ.

ئەمدى چەتئەلدىكى سىياسى، تەشكىلى مەسىلىمىزگە كەلسەك، رەھبەرلەرنىڭ ياكى پائالىيەتچىلەرنىڭ خىتايغا، ياكى بەزى ئارىچى دۆلەتلەرنىڭ ھىلە – نەيرەڭلىرىگە ئالدىنىپ كەتكەن ئەھۋاللىرى بولغانمۇ؟ مېنىڭ بايقىشىمچە، بۇلار  خىتايلارغا ئالدىنىپ كەتكىدەك، گۆل ئادەملەر ئەمەس . ئۇلار تۇرمۇشلىرىدا قىلنى قىرىق يېرىپ ھېسابلىيالايدۇ. ھەتتا يىراق كەلگۈسىدە، تۇغۇلۇپ قالغۇسى نەۋرىلىرىنىڭ ھايات ئەندىزىلىرىنى كېسىپ، پىلانلىق، ئېدىتلىق ياشايدىغان كىشىلەردۇر.

مۇشۇ يەردە، چەتئەلدىكى تىبەت مەسىلىسىگە قىسقىچە كۆز يۈگۈرتۈپ چىقساق، ئۆز مەسىلىمىزنى چۈشىنىش ئاسانراق بولىدۇ – دەپ قارايمەن.

بۇنىڭدىن 25 يىللار ئاۋۋال، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر سىياسەتچىلىرى ئارىسىدا « دالاي لامانى خىتاي دېموكراتلىرى ئالداپ كەتتى » دېگەندەك، نارازىلىق كەيپىياتلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى . 80. يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا، كۈن چىقىشتىن كۈن پاتارغىچە كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەش، ئۇنىڭ ئۈستىدىن  شىكايەت قىلىش بازار تاپقان بولۇپ، خىتايدا كوممۇنىزمنى تەختتىن چۈشۈرۈش، قان چىقارماستىن خىتاي دۆلىتىنى دېموكراتىيىگە ئۆتكۈزۈش بىر تۈرلۈك يېڭىلىققا، مەدەنىيەتكە ئايلىنىپ قالغان بولغاچقا، غەربنىڭ قان تۆكمەيتۇرۇپ، خىتاينى دېموكراتىيىگە ئۆتكۈزۈش پىلانلىرى، خىتايدىكى 21. ئەسىر تىنچلىق، پاراۋانلىق، ئادالەت شوئارلىرى ھەر تەرەپتىن بىر ئالغاچقا، تىبەتنىڭ مۇستەقىللىق تەلەپلىرىنى ۋاقىتلىق توختىتىپ، غەرب سەۋىيىسىدىكى ئاپتونومىيە لاھىيىسىنى قوبۇل قىلىش تەكلىپلىرى، دالاي لاماغىمۇ يېقىپ قالغان بولسا كېرەك . چۈنكى ئۇ : ماقۇل دەۋەتسە، ئۇنىڭ بېشىغا تىنچلىق شاھ تاجىسى كىيدۈرۈلىدىكەن ئەمەسمۇ! 88. يىلى 4 . ئىيۇن، ياۋروپا پارلامېنتىدا، دالاي لاما تىبەتنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىدىن تولۇق كېچىپ، خىتاي بىلەن يارىشىدىغانلىقىنى، تىبەت خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ ، خەلقئارالىق بايانات ئېلان قىلدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ: تىنچلىق ئەلچىسى، پاكلىق ئەلچىسى، ئۆزى تەشەببۇس قىلغان تىنچلىق ئەقىدىسىگە ئۆزى ئەمەل قىلغۇچى بولۇپ، دۇنياۋى شان – شەرەپ قازاندى . بىر يىلدىن كېيىن ( 89. يىلى دېكابىر ) ئۇ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نائىل بولدى . مۇشۇ جەريانغا، شۇ چاغلاردىكى بىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسەتچىلىرىمىزنىڭ قارىشىچە : خىتاي دېموكراتلىرى دالاي لامانى ئالداپ، مۇستەقىللىقتىن ۋازكەچتۈرۈپ، ئاپتونومىيەچى قىلىۋەتتى – دېسەك، مېنىڭچە دالاي لامانى تونۇمىغانلىق، ياكى ئۇنىڭغا ھاقارەت قىلغانلىق بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى دالاي لاما ھە دېسىلا « ئالدىنىپ كېتىدىغان » بىزنىڭ ئۇيغۇر رەھبەرلىرىدەك غېرىب، كەمبىغەل، بىلىم سەۋىيىسى يوق، ھېسسىياتى بىلەنلا ئۇدۇل چىقىپ، باشلىق بولۇپ قالغان كىشى ئەمەس. ئەكسىچە ئۇ تۇغۇلما رەھبەر؛ ئۇ بالىلىق چاغلىرىدىن باشلاپ، تىبەتنىڭ مىللى سىياسەتلىرىنىڭ نەزەرىيىسىنى ئوقۇپ، ئەمەلىيىتىدە ئىجرا قىلغان؛ چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن غەربچە ئوقۇپ، دۇنياۋى سىياسەتلەردىن مەلۇماتلىق بولغان؛ غەربتە ئېتىراپ قىلىنغان سىياسى رەھبەر ۋە  پەيلاسوپ ئىدى . شۇڭا ئۇنى خىتايلار ئالداپ كەتتى دېيىشكە مېنىڭ تىلىم بارمايدۇ . بەلكى ئۇ تىبەتلىكتەك بىر « نامرات تاغلىق خەق » نىڭ، مۇستەقىلچى رەھبىرى بولۇپ غېرىپسىنغىچە، دۇنياۋى شان – شۆھرەتنى ئەۋزەل  بىلگەن بولىشى مۇمكىن . تىبەتتەك بىر قالاق رايوننىڭ رەھبىرى دېگەن چۈشكۈن ئاتاقتىن، خىتاي دۆلىتىدەك، يېڭىدىن تەرەققىياتقا يۈزلەنگەن، كەلگۈسى ئىستىقبالى بار بىر دۆلەتنى ئۆزگەرتكەن، خۇددى ياۋروپالىقنىڭ دىنى رەھبىرى يوھاننىس پاۋۇل ئىككىنچىگە ئوخشاش، بىر چوڭ ئاتاققا، سوۋېت ئىتتىپاقىنى بىر تامچە قان تۆكمەي ئۆزگەرتىۋەتكەن گورباچوپقا ئوخشاش، دۇنياۋى سىياسى داھى بولۇش چۈشىنى كۆرگەندۇر . بۇنىڭ باشقا بىر ئىزاھاتىنى تاپالمىدىم . چۈنكى دالاي لاما 80 مىڭ  تىبەتلىكنى يېتەكلەپ، چەتئەلگە قېچىپ چىققاندىن كېيىن، تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنى تەشكىللەپ، مۇستەقىللىق كۈرىشىنى، بەزىدە قوراللىق، بەزىدە تىنچلىق شەكلىدە 30 يىل  داۋاملاشتۇردى . ئۇ تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىدىن ۋاز كېچىپ، تىنچلىق يولى بىلەن ئالى ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىش باياننامىسىنى ئېلان قىلىۋاتقان مەزگىللەردە، تىبەتتىكى« زاڭ زۇلار» خۇددى يېرىم مۇستەقىل رايون خەلقىدەك ئۆز بەگ، ئۆز خان، دىنى ئەركىنلىكى، تىل ۋە مەدەنىيەت ئەركىنلىكى بىلەن ياشاۋاتقان چاغلار بولۇپ، تىبەتتە ئۈچ دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن باشقا خىتايلار يوق ئىدى . خىتاي قوراللىق ئەسكەرلىرى تىبەت بىلەن ھىندىستان چېگرالىرىدىن باشقا يەردە يوق ئىدى. خىتاي ئارقا سەپ ھەربى تەمىناتى، تىبەتكە بىزنىڭ ۋەتەندىن ئاشلىق، كىيىم كېچەك ۋە تۇرمۇش مۇلازىمەتلىرىنى يۆتكەيدىغان، تىبەتلىككە يول ، كۆۋرۈك، مەكتەپ، دوختۇرخانا، بۇتخانا ياساپ بېرىدىغان، مەدىكارچىلىق ئىشلىرىنى قىلاتتى. خىتاي دۆلىتى، تىبەتنى بىزنىڭ رىزقىمىز بىلەن باقاتتى. چۈنكى تىبەت، خىتاي دۆلىتىنىڭ ۋەتىنىمىزنى  مۇستەملىكىسى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن قورغان، ۋە ئالدىنقى سەپ ھەربى بازىسى ھېسابلىناتتى. بۇ ھەقتە خىتاي رەھبىرى دىڭ شوپىڭ مۇنداق دېگەن :« مەركىزى كومىتېتتىكى ياش كادىرلاردا، جۇڭگونىڭ شىزاڭنى تۇتۇپ تۇرۇشىنى ياقتۇرماسلىق خاھىشى  كۆرۈلمەكتە؛ چۈنكى شىزاڭغا  يىلىغا 7 يۈز مىليون يۈئەن چىقىم بولىدۇ. ئۇلارنى بىز باقىمىز. شىزاڭدا ئۇزۇن تالالىق يۇڭ چىقىدىغان قويدىن باشقا ھېچنەرسە يوق. شۇنداق بولسىمۇ ئۇيەرنى زور ئىقتىسادى بەدەل تۆلەپ تۇتۇپ تۇرۇشقا مەجبۇرمىز. چۈنكى شىزاڭ بۈگۈن قولدىن كەتسە، ئەتە شىنجاڭ قولدىن كېتىدۇ. شىنجاڭ ئالتۇن تۇپراق. ئۇ يەر قولدىن كەتسە، يېڭى جۇڭگونىڭ ھاياتى كۈچى تۈگەيدۇ… » ( پارتىيە ياچېكىسى ژورنىلى 86. يىللىق 5. سان – دىڭ شوپىڭنىڭ جۇڭگو ياشلىرىغا چاقىرىقى )  دېمەك، دالاي لاما 88. يىلى تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىدىن ۋازكېچىپ، خىتايدىن ئايرىلماسلىق، خىتاي دۆلىتىنىڭ بايرىقى ئاستىدا، ئەركىن ئازادە خىتاي پۇقراسى بولۇپ ياشاش ۋە خىتاينىڭ تۇپراق پۈتۈنلىكىنى ھىمايە قىلىش توغرىسىدا، خەلقئاراغا ئېلان قىلغا باياناتىنىڭ، پەقەت ئۆزىنىڭ ئالەمشۇمۇل شان – شۆھرەتكە  ئېرىشىش بەدىلىگە، تىبەت خەلقىنىڭ مىللى ئىرادىسىنى چەيلەپ تاشلىغانلىقىدىن ۋە  تىبەت خەلقىنىڭ تەقدىرىنى ئۆز قولى بىلەن يازغانلىقىدىن باشقا مەناسى يوقلىقى، 30 يىلدىن كېيىن بۈگۈنكى تىبەتنىڭ ئەھۋالى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا . ئۇنىڭ 95. يىلى 15. يانۋار فرانسىيەنىڭ « دې لىمون » گېزىتىدە ئېلان قىلغان 14 ماددىلىق تەسلىمنامىسى بىلەن، چەتئەلدىكى تىبەتلىك يەبە بىر قېتىم پارچە پارچە  بولۇپ كەتتى. تۆت نەپەر تىبەتلىك بىر يەرگە كېلىپ، تىبەت توغرىسىدا سۆھبەتلىشىپ قالسا، بىرى ئاپتونومىيىچى، بىرى مۇستەقىلچى، بىرى خاۋارىچ، بىرى ھەممىدىن قول ئۈزگەن راھىب بولۇپ كېتىدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى . بۇنداق ۋەزىيەتتىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغان خىتاي دۆلىتى، دالاي لاما ئاچقان يوچۇقتىن ساناقسىز ئىشپىيون، جاسۇسلارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق، چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى تىبەتلىكنى ئۈمۈتسىزلەندۈرۈپ، چۈشكۈنلۈككە پاتقۇزدى.

دالاي لاما توغرىسىدا، چەتئەلدىكى تىبەتلىكلەرنىڭ بەزىسى : ئۇ روھانى، سىياسى داھىمىز دېسە، بەزىسى : بۇرۇن شۇنداقتى . لېكىن ھازىر ۋەتەن ساتقۇچ خائىن دېيىشتىن ئۇيالمايدىغان بولۇپ كەتتى . خىتاي دۆلىتى دالاي لامانىڭ ئۆلۈمىنى كۈتمەكتە. ئەگەر ئۇ ئۆلسە، چەتئەلدىكى تىبەتلىكنى تېرىقتەك  چېچىپ، ئۆز – ئارا دۈشمەنلەشتۈرۈپ، ۋەيران قىلماقچى . مۇستەقىلچى تىبەتلىكمۇ ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە ئىنتىزار . چۈنكى ئۇ ئۆلسە، تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى جاكارلاپ، شۇنىڭغا لايىق كۈرەش قىلماقچى. ئەمما قايسى تەرەپنىڭ ئۇتۇپ چىقىشى تاكتىكا ۋە تەدبىرگە باغلىق . قىسقىسى تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىدىن ۋاز كېچىشتىكى بۇ سودىدا،  مەنپەئەتكە ئېرىشكەن تەرەپ دالاي لاما، غەرب كاپىتالىستلىرى ۋە خىتاي دۆلىتى بولدى . زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تەرەپ تىبەت خەلقى ۋە ئۇيغۇرلاردۇر.

شۇنى ئەستىن چىقارماسلىق لازىمكى، ئىككى دۈشمەن مىللەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا، ئالداش ئالدىنىش يۈز بەرمەيدۇ . بەلكى سېتىۋېلىش ۋە سېتىلىش يۈز بېرىدۇ. ئۇ سودىنىڭ شەكلى، ئۇسۇلى، جەريانى قانداق بولىدىغانلىقىنى ئوبيېكتىپ ۋەزىيەت بەلگىلەيدۇ. ئەگەر بۇ سودىدا ئالدانغۇچىلارنىڭ بولىدىغانلىقى تەسەۋۋۇر قىلىنسا، ئۇ دەل ئاشۇ سېتىلما رەھبەرلىرىگە ئەگەشكەن، ئۇلارنى قوللىغان، ئۇلارغا بەدەل تۆلىگەن خەلق ئالدانغان بولىدۇ.

 

بىز « تۆمۈر خەلىپە ئالدانغان » دېگەن ئاساسى يوق، توقۇلما گەپتىن باشلىساق، ئارىدىن بىر ئەسىر ئۆتۈپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ، يەنە چەتئەللەردىكى رەھبەرلەرنىڭ « ئالدىنىپ كېتىدىغانلىقى » غا، ئۆزىمىز بوشلۇق يارىتىپ بەرگەن بولىمىز. ئالداندى دېگەن بىلەن، سېتىلدى دېگەن گەپنىڭ ئۇقۇم پەرقى ئاجايىپ چوڭدۇر . چۈنكى ئالدانغانلىق – ئۇقۇشماستىن،  سەھۋەنلىك بىلەن خاتا قىلغانلىقتۇر . ئەمما سېتىلغانلىق بولسا – بىلىپ تۇرۇپ، قەستەن جىنايەت قىلغانلىقتۇر . ئۇقۇشماسلىقتىن، سەھۋنلىك بىلەن خاتالىق ئۆتكۈزگەن كىشى دىندىمۇ، قانۇندىمۇ، ئەخلاقى پرىنسىپتىمۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. لېكىن بىلىپ تۇرۇپ، قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزگەن، جىنايەتچىلەر جازاسىنى تارتىدۇ . ئۇنىڭغا كەچۈرۈم يوق . بىز بولساق، تارىختىكى مىللەتنى ساتقان، ۋەتەننى ساتقان، دۆلەتنى ساتقان، ئەگەشكەن پىدائى قوشۇنلارنى ساتقان، ھەر قانداق سېتىلمىلارنى « ئالدانغان، خىتاي ئالداپ كەتكەن » دەپ، كەچۈرۈپ كەلگىنىمىز ئۈچۈن، بۈگۈنكى چەتئەلدە بىرلىرى خىتاينىڭ دېموكراتىك، پاراۋان، بەخت باياشاتلىق تۈزۈمى بىلەن بىزنى ئالداپ ساتسىمۇ، بىرلىرى ئاللاھنىڭ جەننىتى بىلەن قايمۇقتۇرۇپ، كەربالا چۆللۈكىدە، ئەرەب قۇشخانىلىرىغا ساتسىمۇ،

خالىغانچە ساتالاۋاتىدۇ.

خىتاي كېيىنكى تۆت يىلدىن بۇيان، ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاممىۋى لاگىرغا سولاپ، ئۇلارنىڭ ئىز دېرىكىنى ئېلىشقا پۇرسەت بەرمىگەنسېرى، چەتئەللەردە ئوقۇش، تىجارەت، تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەر بىلەن خاتىرجەم ياشاپ كېلىۋاتقان، يۈز مىڭلارچە ئۇيغۇرلارنى سەكرىتىپ، كۆرۈنۈشتە خىتايغا قارشى بىر شەكىلدە قوزغاپ چىقتى . ئۇيغۇرلارنى لاگىرغا سولاشتا، خىتاينىڭ قانداق مەقسىتى بارلىقى ئايرىم مەسىلە . ئەمما چەتئەللەردە ۋەتەن قۇتقۇزۇش كۈرىشى  ۋە مۇستەقىللىق دەۋاسىنىڭ قالايمىقانلىشىپ كېتىشى، خىتاي ئۈچۈن قوشۇمچە غەلىبە بولسىمۇ، بىز ئۈچۈن غوللۇق يوقىتىش بولىدىغانلىقى، مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان بىر ھەقىقەتتۇر. ئادەم دېگەن  كۆنگەك مەخلۇق بولۇش بىلەن بىرگە، چاپچىپ ئۈركۈيدىغان، چىت ۋە  قوشاملارنى بۇزۇپ تاشلايدىغان، تەلۋە – تەرسا بىر جانىۋاردۇر ۋاقتى كەلسە. ئۆز بېشىغا، ئاتا، ئانىسى ۋە تۇغقانلىرىغا ھېچ قانداق خەۋپ خەتەر يەتمىگەن، مىللىتىنىڭ بېشىغا نېمە بالالارنىڭ كېلىۋاتقانلىقىدىن زادىلا خەۋەرسىز، چەتئەلنىڭ پاكىز، جىمغۇر مۇھىتىدىن ھۇزۇرلىنىپ، تاپاۋەت قىلىپ، ياكى خاتىرجەم ئوقۇپ، يېقىن كەلگۈسىدىكى بەختلىك كۈنلەرنىڭ مەززىسىنى سۈرىۋاتقان، قانچە ئون مىڭ، ھەتتا يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ، ۋەتەندىكى بىۋاسىتە قانداشلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، غايىبلارغا قېتىۋېتىشى، كۆنمەك مۇمكىن بولمايدىغان بىر جەھەننەم ئازابىدۇر . بۇ ئازابقا كۆنەلمىگەن ئۇيغۇرلار، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئاتا ئانىسىنىڭ، تۇغقانلىرىنىڭ، بالىلىرىنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىپ، خىتايغا قارشى يەككىمۇ- يەككە  ھالدا پائالىيەت قىلىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ ھەر تۈرلۈك تەشۋىقات ھەرىكەتلىرى، خىتاي دۆلىتىنىڭ رەزىل قىلمىشلىرىنى، جىنايى شۇملۇقلىرىنى ئىسپاتى بىلەن دۇنيا ئەھلىگە ئاشكارىلاشتا، چوڭ تۆھپە قوشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا : ھەر قايسىڭ ۋەتەن دەۋاسى قىلدۇق دەپ، نېمە قىلىشتىڭ؟ يەتمىش يىلدىن بېرى قىلغان ئىشلىرىڭنىڭ نەتىجىسى شۇ بولدىمۇ؟ ئاتا ئانىمىزنى خىتايلار لاگىردا قىيناپ ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ، سەنلەر قۇتقۇزۇشمامسەن! – دېگەندەك، دەككە دەشنام بىلەن، ۋەتەن دەۋاسى قىلىپ ئاران كېتىۋاتقان، ئۆزىدىن بېشى چوڭ، بېشىدىن قالپىقى چوڭ دەۋاگەرلىرىمىزگە، خۇددى كۈزدە ئۈششۈك تەكگەن ھەرىدەك نەشتەرلىرىنى سانجىشماقتا. ئۇنىڭغا جاۋابەن : سېنىڭ ئاتا ئاناڭنى بىز سولاپ قويمىدۇق؛ ئاتا ئاناڭنى سولاپ قويغان خىتايغا سانجىمامسەن نەشتىرىڭنى! – دېيىشنىڭ ئورنى يوق . چۈنكى خەلقنىڭ دەردىنى يىغلىغان كىشى، ياخشى يامان ھەممىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تەييار تۇرىشى لازىم. بۇ يەردە شۇنداق بىر ۋەھىمە سايە تاشلاپ تۇرماقتا. ئەگەر خىتاي زوراۋانلىرى لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى ئۇزۇنغىچە قويۇپ بەرمىسە، ئۆزىنىڭ جاسۇس قوللىرى ئارقىلىق، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا ئالاقە يوللاپ : ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا ۋەدىنامە بەرسە، مىللى بۆلگۈنچىلەرگە قارشى تۇرىدىغانلىقى، خىتاينىڭ تۇپراق پۈتۈنلىكىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر رايونى خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۆز قولى بىلەن ھۆججەت بەرسە، ئاتا ئانىسىنى، تۇغقانلىرىنى قويۇپ بېرىمىز – دېسە، ھەتتا خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ بەرگەن گۇۋالىقلىرىنى ئىنكار قىلىپ، قايتا گۇۋاھلىق بەرسۇن دېسە، ئۇيغۇرلار قانداق قىلار؟ ئىپلاس نامەرد خىتايلار، تىپ –  تىنچ ھالدا  ئۆز جېنىنى بېقىپ، ھېچكىمگە زەرەر يەتكۈزمەي، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھاياتى بىلەن ياشاپ كېتىۋاتقان خەلقىمىزنى، مىليونلاپ لاگېرغا  سولاپ قىينىماقتا. بۇنىڭ خىتايغا يېتىدىغان پايدىسى بىر قاتلام بولسا، بىزگە يېتىدىغان زىيىنى قانچە ئون قاتلام كۆپ بولىدۇ. چۈنكى خىتاينىڭ بۇ جىنايىتى، بىزنىڭ مىللى مەۋجۇتلۇقىمىزغا قارىتىلغان ئەجەللىك يوقۇتۇش زەربىسدۇر. ئەگەر خىتايلار لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بەرسە، ئۇنىڭ خىتايغا ھېچقانداق زىيىنى يەتمىگىنىدەك، بىزنىڭ ۋەتەننى خىتايدىن قۇتقۇزۇشىمىزغا ھەم پايدىسى يەتمەيدۇ . لېكىن خىتاي فاشىستلىرى  مۇشۇنداق قوشۇمچە زۇلۇم سېلىش ئارقىلىق، بىزنى نىشانىمىزدىن ئاداشتۇرشتىن ئىبارەت، رەزىل مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ كەلمەكتە . بىزمۇ خىتاينىڭ رەزىل ئويۇنلىرىغا چارىسىز ماسلىشىپ، ئەسلىدىكى ۋەتەن قۇتقۇزۇش يولىمىزدىن، نىشانىمىزدىن قېيىپ كېتىشكە، ئۇپراشقا، يوقىتىشقا مەجبۇرلىنىمىز.

غەرب ئەللىرىدىكى بىزنىڭ بەزى رەھبەرلىرىمىزنىڭ ، ھەلا دېسە : تىبەتلىكنىڭ يولىدىن مېڭىشىمىز كېرەك! تىبەتلىكنىڭ « ئوتتۇرا يول سىياسىتى » نى ئۈلگە ئېلىشىمىز لازىم، مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىپ ئولتۇرساق، خىتاينىڭ ۋەتەندىكى خەلقىمىزگە سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى توسۇپ قالالمايمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن جىددى تەدبىر قوللىنىپ، خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى خىتايغا تارتىشىمىز كېرەك  – دەپ يۈرگىنىنى ئاڭلايتتۇق. ئەمما تىبەتلىك، ياكى دالاي لاما 88. يىلى، 4. ئىيۇن ئېلان قىلىپ، « ئوتتۇرا يول سىياسىتى » دەپ، ئاتىۋالغان نەرسىسىنىڭ، خىتاي دۆلەت بايرىقى ئاستىدا، مۇستەملىكىدە ياشايدىغان، تەسلىمچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەندىن كېيىن : ئاغزىمىزدىكى گەپ بىلەن بولسىمۇ مۇستەقىللىق كۈرىشىدىن ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ – دەپ، يىللارچە تىرەجەشتۇق . بىراق    2004 . يىلى ئاپرېل « خەلقئارا شەرقى تۈركىستان ( ئۇيغۇرىستان ) مىللى قۇرۇلتىيى تارقىتىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان « د ئۇ ق » ، ھېلىقى تىبەتلىك مەغلۇب بولغان، ئاتالمىش « ئوتتۇرا يول » غا غىپپىدە كىرىۋالدى. ئەمما دالاي لامادەك ئاپتونومىيە كېرەك – دېمىگەن بولسىمۇ، ئۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە ( شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى… كىشىلىك ھوقۇق … دېگەندەك ) تەرجىمىسىنى قوللاندى. بۇ چاغدا ۋەتىنىمىزدە ھەر قانچە زۇلۇم بولىۋاتقان بولسىمۇ، ھالال –  ھارام، ئەزان – ناماز، روزا – زاكات، بۇرۇت -ساقال، رومال – ھىجاپ دېگەندەك ئىشلاردا، خەلقىمىز ئەركىن ئىدى. دالاي لامانىڭ ئاتالمىش ئوتتۇرا يولىغا كىرىۋېلىپ، ئۇششاق دەۋا، ئاپتونومىيىلىك دەۋا قىلىۋاتقان 15 يىلدىن كېيىن، ۋەتىنىمىزدە كوچىدا ئادەم قالمىدى . ھەممە كىشى تۈرمىدە، يىغىۋېلىش لاگىرىدا ، ئاممىۋى سولاقتا ياتماقتا. بۇ يەردە : سەنلەر مۇستەقىللىقتىن ۋاز كەچكەن بولغاچقا، خەلقىمىز شۇنداق جازاغا مەھكۇم بولدى – دېمەكچى ئەمەسمەن . بەلكى  سېتىلغاندىن كېيىن نېمىگە ئېرىشتۇق؟ – دېمەكچى . ئەگەر مۇستەقىللىق كۈرىشى بىلەن غەلىبە قىلالمىسا، كۆزلىگەن نىشانىغا يېتەلمىسە، مۇستەقىللىقتىن ۋاز كېچىش ئارقىلىقمۇ، ئۆز خەلقىگە بىرەر مەنپەئەت ئېلىپ كېلەلمىسە، ئۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىشى كېرەك؟ كىشىلەر ئېيتقاندەك « ئالدانغان » بولغانكىن، ئاشۇ ئالدانغان دوقمۇشقا قايتىپ بېرىش كېرەكمۇ؟ ياكى ئالدىنىپ بۇ يەرگىچە كەلدۇق، ئەمدى ئارقىمىزغا يانساق كىشىلەر نېمە دەپ قالار، شۇڭا ئالدانغان پېتىم كېتىۋېرەيلى – دەپ، خاتا يولدا، خىيانەتتە چىڭ تۇرىشى كېرەكمۇ؟ مەيلى قانداق چۈشەندۈرسۇن، كىشىلەر قانداق چۈشىنىۋالسۇن، ئىككى دۈشمەن كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتە  يېڭىش، يېڭىلىش، غەلىبە، مەغلۇبىيەت، سېتىۋېلىش، سېتىلىش بولىدۇكى، ئەمما ئالداش، ئالدىنىش دېگەن ئۇقۇمغا  ئورۇن يوق . ئۇنداق بولسا، دۈشمەن كۈچلىرى ھىلە – نەيرەڭ، توزاقلارنى نېمىشقا ئىشلىتىدۇ؟ دەپ، سوئال قويۇلىشى تەبى. ئىككى دۈشمەن كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش، مەيلى قوراللىق توقۇنۇش بولسۇن، مەيلى سىياسى، دىپلوماتىك توقۇنۇشلار بولسۇن، قارشى تەرەپكە تۈرلۈك تۈمەن ھىلە – نەيرەڭ ئىشقا سېلىنىدۇ ۋە  قارشى تەرەپنى تۇزاققا دەسسىتىدۇ. بۇنىڭ سىياسى مەناسى دۈشمەنگە يالغان گەپ قىلىپ ئالداش ئەمەس، بەلكى دۈشمەننى قايمۇقتۇرۇپ، ئۇرۇشتا يېڭىش دېگەنلىك بولىدۇ. يېڭىش، يېڭىلىش تاكتىكىسى بىر قېتىم ئىشلەيدۇ. ئۇ ھەرگىزمۇ 20. ئەسىرنىڭ بېشىدا، قومۇلدا تۆمۈر خەلىپىدىن باشلاپ، 21. ئەسىرنىڭ بېشىدا، مىيونخندا قۇرۇلتايغىچە داۋاملىشىۋېرىدىغان نەرسە ئەمەس. كۈندىلىك تۇرمۇشتا يالغانچىغا  ئالدىنىۋەرگەن كىشىنى، كالۋا دەيمىز . ئەمما سىياسەتتە، كۈرەش مەيدانىدا ئەسىرلەپ ئالدىنىۋېرىدىغان كالۋالار بولمايدۇ. ئارقىسىغا بىر مىللەت خەلقىنى ئەگەشتۈرۈپ ماڭالىغان كىشىنى، قانداقمۇ كالۋالىقىدىن ئالدىنىۋېرىدۇ دېگىلى بولسۇن؟ سىياسەت بىلمەسلىكى كەسپى مەسىلە، لېكىن سىياسەتتە ئالداندى – دېگەن  گەپنىڭ، سېتىلدى دېگەندىن باشقا تەرجىمىسى يوق .

 

دالاي لاما چەتئەلدە 30 يىل مۇستەقىللىق كۈرىشى قىلىپ « نەتىجىگە ئېرىشەلمەي»، مۇستەقىللىق كۈرىشىدىن ۋاز كېچىپ، يەنە 30 يىل ئاپتونومىيىنىڭ دەۋاسىنى قىلدى . ئەمما بىرەر نەتىجىگە ئېرىشەلىدىمۇ؟ بوينىغا ئېسىلغان تىنچلىق مېدالىدىن باشقا، ئۇنىڭ 30 يىللىق ئاپتونومىيە كۈرىشى، تىبەت خەلقى ئۈچۈن  قانداق نەتىجە يارىتىپ بېرەلىدى؟ ئەگەر ئۇنىڭ ئاۋۋالقى 30 يىللىق مۇستەقىللىق كۈرىشى نەتىجە بەرمىگىنىدەك، ئاپتونومىيە كۈرىشىمۇ نەتىجە بەرمىگەن بولسا، ئەگەر ئۇ سېتىلمىغانلا بولسا، يەنە نېمىنى كۈتىدۇ؟

بىز بۇنىڭدىن ئوننەچچە يىل ئاۋۋال، « خەلقئارالىق مۇستەقىللىق تەشكىلاتى » قۇرماقچى بولدۇق . خېلە تونۇلغان بىر سىياسەتچىمىز بولىدىغان، مۇستەقىلچى چوڭ بىر سابىق تەشكىلاتنىڭ باشلىقى ئىدى . بىراق شۇ كۈنلەردە ئۇ كىشى تەشكىلسىزراق، بىر ياندا تۇرۇپ قالغان. كۆپچىلىك شۇ كىشىنى نوپۇزى بىلەن تەشكىلاتىمىزغا سايە تاشلاپ بېرىشىنى ئويلىشىپ، مېنى ئەلچىلىككە تەيىنلەپتۇ . مەن ئۇ كىشى بىلەن تەپسىلى پاراڭلاشتىم. شۇنداق بىر مۇستەقىلچى، پائالىيەتچان تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى، ئۆزىنىڭمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قوللاپ، قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ،  خەلقئارادا سايە تاشلاپ بېرىشنى رەت قىلدى. سەۋەبى : يېقىنقى يىللاردىن بېرى، تىبەتلىكلەر بىلەن چوڭ يىغىنلارغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا يولچىسى دەپ تونۇلۇپ كېتىپتۇ. شۇڭا ئەمدىلىكتە يەنە پەدە ئالماشتۇرۇپ، مۇستەقىلچىلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقسا، غەربلىكنىڭ ئالدىدا مەيدانسىز، پۇچەك بولۇپ كۆرۈنۈشتىن ئويۇلىدىكەن . يالۋۇرۇشنىڭ، خىجىل قىلىشنىڭ ئورنى يوقتە، كۆڭۈلدىن خالىمىغان ئىشقا. چىرايلىق خوشلاشتۇق .

بۇ « دالاي لامانىڭ ئوتتۇرا يولى، تىبەت دەۋاسىنىڭ مېتودى » دەۋالىدىغان گەپنىڭ ئۆزى، دەل ئاپتونومىيە دەۋاسىنىڭ ئۆزىدۇر. ئۇيغۇرچە دەۋاگەرلىرىمىز ئاغزىدىن چۈشۈرمەي دەپ يۈرىدىغان، دېموكراتىيىنىڭ غەربچە مەزمۇنىمۇ، مىللى مەسىلە دائىرىسىدە  ئاپتونومىيە دېمەكتۇر. ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنىڭ مەنىسىمۇ ئاپتونومىيەدۇر. ئاپتونومىيە تولۇق قولغا كەلگەندە، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ماقۇللىقى بىلەن ئاۋازغا قويۇپ، نېمىگە بېلەت كۆپ تاشلانسا شۇ بولىدىغان گەپ. ياۋروپادەك دېموكراتىك ئەللەردە، بىرەر مىللەتنىڭ بېلەت تاشلاپ تۇپراق ئايرىپ چىقىشىغا، مەركىزى ھۆكۈمەت يولغا قويمايۋاتسا، خىتايدەك بىر ئىنسانلىقسىز خەلقنىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىنى قايىل قىلىپ، بېلەت تاشلاش ئارقىلىق مۇستەقىل  شەرقى تۈركىستان، ياكى مۇستەقىل تىبەت قۇرۇۋالىمىز دېگەن گەپنى، رەھبەرلەر ئالدىنىپ كەتكەن دەپ چۈشىنىشكە پەقەتلا بولمىغاندا، سېتىلىپ كەتكەن دەپ چۈشىنىشكە مەجبۇرلىنىپ قالىمىز! لېكىن ھېلىقى سابىق مۇستەقىلچى تەشكىلاتنىڭ، سابىق باشلىقىغا ئۇنداق دېيىشكە تىلىم  كۆيدى. ئويلاپ كەتتىم ئۇزۇنغىچە. « دۈگىلەڭ تاۋۇز » دېگەن گەپ، مەيدانسىز دېگەن گەپ. بۇمۇ دېموكراتىك ئەللەردە : « ئالدىنىپ كەتتى، ئالداپ كەتتى » دېگەن گەپ بىلەن ئوخشاش مەنادا، ئىجتىمائىيلىقى كۈچلۈك، كۈندىلىك تۇرمۇشتا قوللىنىدىغان سۆزلەر قاتارىدىن . دۆگىلەڭ تاۋۇز دېگەن گەپنىڭ غەربچە تەرجىمىسى – خاراكتېرسىز دېگەن بولىدىكەن. ئەمما ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى سىياسەتتە، كۈرەش مەيدانىدا ئەمەس، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىكەن. چۈنكى دېموكراتىك ئەللەردە بىر سىياسەتچى مەلۇم بىر پارتىيىدە يىللاپ سىياسەت قىلىپ، ۋارقىراپ، جاقىراپ يۈرۈپ، كۈنلەرنىڭ بېرىدە، پروگراممىسى تامامەن  ئوخشىمايدىغان، باشقا بىر پارتىيەگە كىرىپ، بۇرۇنقىغا قارمۇ – قارشى پروگراممىدا سىياسەت قىلىپ، يەنە ۋارقىراپ كېتىۋېرىدىكەن . ئۇنى ھېچكىم دۆگىلەڭ تاۋۇز – خاراكتېرسىز دەپ قالمايدىكەن. ئەجەبا خىتايغا قارشى كۈرەش قىلىدىغان ئۇيغۇرنىڭ، تىبەتنىڭ سىياسى رەھبەرلىرى، كۈرەش يولىدا پەدە يۆتكەپ، ئىزدىنىش قىلسا، نېمىشقا دۆگىلەڭ تاۋۇز بولۇپ قالغۇدەك! دېمەك « ئالداش ۋە ئالدىنىش » دېگەن گەپكە  ئېھتىماللىق قالمىغان ئىكەن، « سېتىۋېلىش، سېتىش  ۋە سېتىلىش » دېمەكتىن باشقا ئىزاھاتمۇ قالمىدى . ئۇنداقتا رەھبەرلەر نېمىنى ساتىدۇ؟ ۋەتەننى ساتامدۇ؟ مىللەتنى ساتامدۇ؟ سېتىپ نېمىگە ئېرىشىدۇ؟ – دېگەندەك سوئاللار، رەددىيە تەرىقىسىدە  شۇنچىلىك ئاددى تەلەپپۇز بىلەن ئوتتۇرىغا تاشلىنىدۇ. ھەتتا : ۋەتەننى بۇرۇنقىلار سېتىپ بولغان تۇرسا، سېتىلىپ بولغان ۋەتەننىڭ يەنە نېمىسىنى ساتىدۇ؟ – دەپ، تاكاللىشىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس . ئەلۋەتتە سېتىلىدىغان نەرسە يەنە بار. مىللەتنىڭ ئىرادىسىنى، ۋەتەننىڭ تەۋەلىك ھوقۇقىنى، كەلگۈسى ئەۋلادلارنى ساتىدۇ. سېتىپ ئېرىشىدىغان نەرسە بەزىلەر ئۈچۈن دۇنياۋى شۆھرەت، ساناقسىز بايلىق بولىدۇ. تىبەتلىكنىڭ رەھبەرلىرى ئېرىشكەندەك. بەزىلەر ئۈچۈن كۆرۈنىدىغان خەلقئارالىق سەھنىلەر ھەم بۇرۇتقا چاپلاشقان ئاشچىلىك، چاي پۇلىمۇ يوق ئەمەس . ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبەرلىرى ئېرىشكەندەك . ئەگەر  بۇنىڭغىمۇ كۆز يۇمۇشقا توغرا كەلسە، ئۇنداق بىر خەلقنىڭ ھۆرلۈكى مەڭگۈلۈك يوقالغان بولىدۇ . ئۇنداق بىر قوۋمنىڭ دۈشمەندىن قۇتۇلۇشى مەڭگۈلۈك خام خىيالدۇر.

شۇنداق خۇلاسە قىلىشقا بولىدۇكى : رەھبەرلەر ئالدانمايدۇ، بەلكى سېتىلىدۇ . ئالدىنىدىغانلار بولسا، رەھبەرلىرىنىڭ خىيانەتلىرىگە سۈكۈت قىلغان خەلقتۇر.

ئابدۇرەھىمجان

  1. 03.2019
بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …