تىمخورتوندا ئىشلىگەن ئايال (7)

( پوۋېست )

سەھەر

7 – بۆلۈم

images
رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا،يەر يۈزىدە تۇنجى قېتىم قەلەم تەۋرىتىپ خەت يازغان پەيغەمبەر ئىدرىس پەيغەمبەركەن، ئېي ئاللاھ ئۇلۇق پەيغەمبىرىمىزدىن مىراس قالغان بۇ قەلەمنى چىڭ تۇتۇشقا ۋە كۈچلۈك تەۋرىتىشكە نىسىپ قىلغايسەن.
ئاپتوردىن)
تىمخورتوندا ۋەتەن خىيالى.
ھايات خۇددى تىمخورتوننىڭ ئاچچىق قەھۋەسىگە ئوخشايدۇ. قەھۋەنىڭ جىن شەيتاندەك سەت، كېچىدەك قارا، تولغاقتەك ئاچچىق، ئۆلۈمدەك رەھىمسىز بىر تەمى بار. ئاچچىق ۋە سەت قەھۋەنى ئاغزىڭىزغا ئالغان چاغدىكى بۇ چارىسىزلىك ، يۈزلىرىڭىزدە ئىپادىلىنەر، يا تېشىغا پۈركىۋېتەلمىگەن، ياكى يۇتەلمىگەن خۇددى يا ئۆلۈم يا كۆرۈم مىنۇتلىرىدەك.
ئاچچىق قارا قەھۋە خۇددى قارا پۈركەنجىلىرى بىلەن، ھىچبىر سەۋەپ كۆرسۈتۈشلىرىڭگە پەرۋا قىلماي ئۈستۈڭدە قىلىچلىرىنى پۇلاڭلىتىپ قاراپتۇرغان، رەھىمسىز پادىشاھنىڭ جاللاتلىرىغا ئوخشايدۇ.ئەمما سەن بۇ رەھىمسىزنى ئەيۋەشكە كەلتۈرۈشنى بىلىشىڭ كېرەك. خۇددى مىڭ بىر كېچە رىۋايىتىدىكى شەھرىزات بىر تەرەپتىن زالىم پادىشانىڭ ئاغزىغا ھوما، چىلان، ئۈزۈم ۋە ناۋات سېلىپ يەنە بىر تەرەپتىن، ئاخىرى تۈگۈمەيدىغان ھېكايە قىسسەلەرنى توقۇغىنىغا ئوخشاش. سەن قەھۋەنى ئۆز خۇي پەيلىڭ ۋە يۈرۈگىڭنىڭ خالىشى بويىچە شۇنداق قاملاشتۇرۇپ بىر تەڭشەيسەنكى، ئۇ خۇددى شىرىن ئەسلىمىلىرىڭدەك تاتلىق، بىر قاراشتىلا پۈتۈن ھارغىنلىقلىرىڭنى چىقىرىپ تاشلايدىغان سۆيگەن قىزىڭدەك ھارارەتلىك بىر نەرسىگە ئايلىنىدۇ. يېتەركى سۈت، قايماق ۋە شېكەرلىرىڭ مول بولسۇن.
ئەسلىدە تەڭشەلمىگەن جىن شەيتاندەك سەت قارا كوفىنى ئىچكەن چاغدىكى چارىسىزلىق بۇ ھاياتتا مەريەمگۈل كۆرگەن چارىسىزلىقلار ئالدىدا ھىچ نەرسىگە كار قىلماس. ئوھوي ……….قانچىلىغان چارىسىزلىكلەرنى كۆرۈپ، قانچىلاپ لەۋلەرنى قاتتىق چىشلەپ، مۇشتلارنى قاتتىق تۈرۈپ، ئۈستەللەرنى قاتتىق مۇشلىدى مەريەمگۈل بۇ كاناداغا كەلگىچە.
خىتاي ئەسكەرلىرىگە بىر تال تاش ئېتىپ قويغانلىغى سەۋەبى بىلەن، قانچىلىغان قوراللىق خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان 15 ياشلىق بىر ئۇيغۇر بالىغا ئەمدىلا ياردەم قولۇڭنى سوزۇپ، ماشىناڭنىڭ ئىشىگىنى ئېچىشىڭ بىلەن تاڭ قىلغان بىر پاي ئوقتا ئالدىڭغا يىقىلغان بۇ سەبىنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى چارىسىز ھالىتىنى كۆرگەن چاغدىكى چارىسىزلىغىڭ، قولۇڭنى كۆتۈر، تېرورچىغا ياردەم قىلدىڭ دىگەن تۆھمەتلەر ئالدىدىكى ئۆز-ئۆزۈڭنى چۈشەندۈرەلمەسلىك چارىسىزلىغى. سۈكۈناتقا چۆمگەن مەھەللىلەردە، تۈنۈگۈنلا شېھىت قىلىنغان ئوگلىنىڭ مېيىتىنىمۇ تاپشۇرۇپ ئېلىشقا داھىل بولالمىغان ئانا بىلەن، مەھەللە دوقمۇشىدا ئۇچۇرشۇپ قالغان چاغدىكى چارىسىزلىغىڭ……….مەسلەھەت چاي كۈنى، بىر سائەت سۆھبەتلىشىمىز دىگەن بانا بىلەن ئاغىنىلىرى ئارىسىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەن نەۋقىران يىگىتنىڭ، ئەتىسى سەھەردە ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن، تۆمۈردەك قارىداپ كەتكەن جەسىتى ئالدىدا قول قوغۇشتۇرۇپ تۇرغان ئەل-يۇرت جامائەتنىڭ چارىسىزلىغى. ھەر توي تۆكۈننى قىزغىن چاخچاقلىرى بىلەن قىزىتىدىغان ئايشەمخان ئانىنىڭ ئوغلىنىڭ بۇ ھالىنى كۆرگەندىن كېيىن، نېرۋىلىرىدىن كېتىپ دەرۋازا ئالدىدا ئوغلىنىڭ ئىسمىنى توختىماي تەكرارلاپ ئولتۇرۇپ قالغان ھالىتىنى كۆرگەندىكى چارىسىزلىغىڭ.
ھەر چارىسىزلىق مەريەمگۈل ئۈچۈن خۇددى تىمخورتوننىڭ قەھۋەسىدەك ئاچچىق ھەسرەت ئېلىپ كەلدى. يۈرەك نىمە دىگەن سىرلىق، ئۇلۇق ۋە ئاجايىپ مۆجىزىلىك نەرسە-ھە! مۇشتۇمدەك بولغىنى بىلەن شۇنچە نۇرغۇن ئاچچىق- ئاچچىق چارىسىزلىقلارنى سىڭدۈرەلەيدىكەن.يەنە بىرلا ۋاقتنىڭ ئۆزىدە ئالەمشۇمۇل بوشلۇقلارنى كۆتۈرۈپ يۈرەلەيدىكەن، خۇددى ھاياتلىق سۇ تۇپراق ۋە بوشلۇقتىن تەركىپ تاپقاندەك.
مەريەمگۈل ۋە ئۇنىڭ دوستى زەينەپلەر ئۆز ۋاختىدا ئۆز شەھرىنىڭ ئەڭ غۇرۇرلۇق، ئەڭ بالدۇر ئويغانغان، ئۆزىدىن ھالقىپ ۋەتىنى ۋە خەلقىنىڭ مەسىلىلىرىنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىلغار قىزلاردىن ئىدى.فېبرال ئايلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قار لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قاتتىق سوغۇق بىر كۈنى، نوركا ياقىلىق سوكنى پەلتۇ ۋە نوركا قۇلاقچا كىيىشكەن 5 جۈپ قىز يىگىت، زەينەپ بىلەن جەسۇرنىڭ توي مۇراسىمىنى ئۆز ئارا ئاددى ئۆتكۈزۈپ، كۈلكە چاقچاقلار ۋە ئاكاردىيۇنغا تەڭكەش قىلىنغان جىرلار بىلەن، بۇ بىر جۈپ ياشنى سانجاق-سانجاق مەھەللىلەرنىڭ ئەڭ ئىچكىرسىگە جايلاشقان، يوغان پىشايۋانلىق قورۇدىكى سەرەمجان بىر ئېغىزلىق ھوجرىغا كۆچۈرۈپ قويۇشتى.
ئاپپاق پەردىلەر، چامىدان ۋە ساندۇق ئۈستىگە يېپىلغان رىشىليە ئىشلەڭەن ياپقۇچلار، ساندۇق ئۈستىگە رەتلىك تىزىلگەن يوتقان ۋە ھېكەندازلار، ئوتقاشتەك خوتەن گىلەملىرى شۇنداقلا چۆيۈن مەشتىن كېلىۋاتقان ئىسسىق ھارارەت قوشۇلۇپ بۇ كىچىككىنە قىز ھوجرىسىنى تېخىمۇ ھارارەتلىك كۆرسەتمەكتە ئىدى. مەريەمگۈل زەينەپكە ھەم قولداش بولغان ئىدى.
ئاھ ……….بىباھا، تەرپلەش قىيىن بولغان ئايال قەلبى. ھەمدە ئۇيغۇر ئايالنىڭ قەلبى. بۇ تەرپلەش قىيىن بولغان قەلبكە بىر ئەركەك قەلبى يەرلەشتىمۇ بولدى، ئايال قەلبى شۇنىڭ بىلەن پىچىرلىشىپ، شۇنىڭ ھەسرىتىنى باغرىغا تېڭىپ ياشايدۇ. لېكىن ئەرلەر ئۇنداق ئەمەس، بىر ئەركىشى بىر ئايالنى سۆيگەن تۇرۇقلۇق، مۆرىتى ۋە پۇرسىتى كېلىپ قالسا، ياندىكى باشقا بىر ئاياللار بىلەنمۇ ئۆز ئىچ پۇشىغىنى ناھايىت ئوڭايلا ھىچ ئويلاشماي چىقىرالايدۇ.
ئەمما يەنە بىر نۇقتىمۇ باركى، بىر ئەر كىشىنىڭ قىزىقىدىغىنى مىڭ، قوغلاشقىنى بىر بولىدۇ.
ئۇ تەرىپى گۇئاڭجۇ-شاڭخاي، بۇ تەرىپى ئالماتا قىرغىزىستانلاردا قاتراپ يۈرۈپ تىجارەت قىلغان جەسۇرنىڭ، دەرھەقىقەت ئالماتا، بىشكەك ۋە تاشكەنتلەردىكى ناز كەرەشمە ئاياللار بوستانلىقلىرىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىشى تەسكە توختىغان چاغلىرىمۇ بولدى. ئەمما قەلب تۆرىدە ھەر ۋاقت زەينەپنى ساخلىدى.
قىز بىلەن يىگىت ئۆز ھوجرىلىرىغا كۆچۈرۈپ كىرىلىپ قائىدە بويىچە بىر پەدە چاخچاق بولغاندىن كېيىن، جەسۇر بىلەن زەينەپنىڭ دوستلىرى قايتىش ئۈچۈن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى.
مەريەمگۈل شۇ چاغدا جەسۇرنىڭ ئالدىغا كەلدى-دە، ئۇنىڭغا قاراپ سۆزلەشكە باشلىدى.ماڭا قارا جەسۇر، ئەگەر بۈگۈندىن ئېتىبارەن دوستۇم زەينەپنىڭ كۆزىدىن بىر تال ياش ئاققۇزىدىغان بولساڭ، ئۇنى ئۆي ئايالى قىلىپ تاشلاپ قويۇپ، ئۆزەڭ ھېلىقى نامى مەشھۇر ئوتتۇرا ئاسىيادا يۈرۈيدىغان بولساڭ، مەن ساڭا ساۋاقدىشىم، مەلەدىشىم، يىراق بولسىمۇ تۇققۇنۇم دەپ يۈز خاتىرە قىلمايمەن بىلىپ قوي، ئۇ چاغدا ساڭا دەيدىغان 4 ئېغىز گېپىم بار دىدى قوللىرىنى يېنىك شىلتىپ چاخچاق ئارىلاش.
ئاللا…………..ئاللا….تۆت ئېغىز گېپىڭگە يەنە 2 ئېغىزنى قوشۇپ 6 ئېغىز قىلىۋەتكىنە مەريەمگۈل، بىراقلا جىق -جىق ئاڭلاپ، بىراقلا قۇتۇلۇپ كېتەي … بەك قورقۇپ كېتىۋاتىمەن جۇمۇ پۇت قوللۇرۇم تىترەپ كېتىۋاتىدۇ سېنىڭ ئۇ 4 ئېغىز گېپىڭنى ئاڭلىماي تۇرۇپلا……
بۇ ئىككى نەپەر ساۋاقداش ۋە دوستلارنىڭ ئۆز ئارا قىلىشىۋاتقان دىئالوگلىرىدىن ئەتراپىدىكى قەدىناس دوستلار كۈلۈشمەكتە ۋە دىققەت بىلەن ئاڭلىماقتا ئىدى.
ماقۇل………….ماقۇل……. مەريەمگۈل مەن دوستۇڭنىڭ كۆزىدىن ئاققان ھەر بىر تال ياشنى ساناپ، ساڭا ئۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ دوكلات سۇنىمەن ھەر كۈنى. سەن بۇنىڭدىن خاتىرجەم بول………..جەسۇر بۇ سۆزلەرنى شۇنچىلىك يۇمۇرلۇق سۆزلىدىكى ئۆي ئىچىدىن كۈلكە قىقاس چىقىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن تەڭ يەنە بىر قېتىم چاخچاق باشلىنىپ كەتتى.
ئەسلىدە مۇشۇ ئولتۇرغان خانىملارنىڭ ھەممىسى، ئوتتۇرا ئاسىياغا سېنى تىڭتىڭلىغىلى چىققان زەينەپنىڭ ساقچىلىرى……….ۋەيت…….
مەريەمگۈل، بۇ ئايال ساقچىلارنىڭ باشلىغىكەن….باشلىغى ۋەيت…………
ئالماتاغا سومكىچىلىق قىلغىلى چىققان ئاياللارغا ھەرگىز ئۇچۇر بەرمەسلىگىمىز كېرەككەن ئاغىنىلەر، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەريەمگۈل قۇرغان ئايال ساقچىلار ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرىكەن ۋەيت….
ئاغىنىلەر بۇ قېتىم سورۇننى سەل يىراققا تاشكەنت تەرەپكە يۆتكىمىسەك، ئالمۇتا ئىشەنچىلىك بولماي قېلىۋاتىدۇ. قەدىناس دوس يارەنلەر كۈلكە ۋە چاخچاقلار بىلەن بۇ يېڭى قۇرۇلغان ئىسسىق ئۇۋىدىن ئايرىلغاندا كىچە سائەت 12 نى كۆرسۈتۈپ تۇراتتى.
لەۋ ئىنسان ئەزالىرى ئىچىدىكى ئەڭ سۆيۈملۈك ئەزا. لەۋ سۆيگۈ مۇھەببەت ۋە ساداقەتكە تۇنجى تامغىسىنى ئۇرغان ئەزا.لەۋ يەنە، سۆيگۈنىڭ چىنلىغىغا گۇۋالىق بەرگۈچى ساپ تىنىقلار، يۈرەكنىڭ دۈپۈلدەپ تەڭكەش قىلىشى، ھاياجاندىن تىترىگەن بەدەننىڭ ھەمرالىغى ۋە گۇۋالىق بېرىشى بىلەن دۇنيانى سۆيگۈ مۇھەببەتنىڭ گۈزەللەشتۈرىدىغانلىغىدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەتكە ئىمزا ئاتقان ئەزا. لەۋ سۆيگۈگە بېسىلغان تۇنجى قەدەم ۋە ئاخىرقى قەدەم. لەۋ بۈگۈنكى تاتلىق كېچىنىڭ ھەير-خوشى، لەۋ يەنە ئىككى يۈرەكنىڭ تاڭ سەھەردىكى مەرھاباسى. ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا جەننەتتىن زىمىنغا قوغلاندى قىلىنىپ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان جۇدالىقتىن كېيىن، ئەرافات تېغىدا ئۇچراشقاندا ئۆز خىزمىتىنى باشلىغان لەۋ، ھازىرغا قەدەر دۇنيانى سۆيگۈ مۇھەببەت بىلەن زىننەتلەشكە ئاز بولمىغان ئەجىرلەرنى سىڭدۈرۈپ كەلدى. ھوجرىدىن پەس ئاۋازدا چېلىنغان تەمبۇر مۇزىكىسى ئاڭلىنىپ، بۇ ئىككى ئاشىق مەشۇقنىڭ گۈزەل سىمپونىيەلىرىگە يەنە بىر ئاكورت قوشۇۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. جەسۇر، تۈزلا قىلغان بىرەر ئېغىز گەپ سۆزى، بىلىپ بىلمەي شەھلا كۆزلۈك خانىملارغا بىر تەبەسسۈم قىلىپ قويغانلىغى سەۋەبىدىن كۆپ قېتىم زەينەپ تەرىپىدىن ئېغىر جازالارغا تارتىلغان، ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆز-ئۆزىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەي، كۆپ قېتىم لال بولغان ئىدى.ئەلبەتتە شۇنداق بولۇشى كېرەكتە چۈنكى ئاشىقنىڭ كۆڭلى نازۇك.ئۇنى ئاز دەپ زەينەپنىڭ مەريەمگۈل ئىسىملىك ھولمىستەك رازۋىتچىك دوستى بولۇپ، ماڭا قارا جەسۇر ئەگەر دوستۇمنى بوزەك قىلىدىغان بولساڭ……………..دەپ كوتۇلداپ چىقاتتى بىر ياقلاردىن. جەسۇر يۇقۇرقىدەك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، يەنە بىر ئېغىز سۆز ۋە بىر ھەركەتنى خاتا قىلىپ قويۇپ بۇ غۇرۇرلۇق قىزنى توي كېچىسىدە خاپا قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن، ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتاتتى. جەسۇر بىلەن زەينەپ بۇ كىچە، ئەنە ئەشۇ سۆيۈملۈك ۋە نامسىز شۇنداقلا يازغۇچى شائىرلار قەلىمىدە كۆپ تەرىپلەنمىگەن لەۋنىڭ ئەلچىلىگىدە بىر بىرىگە تامامەن تەسلىم بولۇشقان ئىدى.
تاڭ سەھەر، جەسۇرلارنىڭ دەرۋازىسى ئەنسىز ۋە قاتتىق ئۇرۇلۇشقا باشلىدى. بۇ ئەنسىز ئۇرۇشلار سەھەر جىمجىتلىغىنى بۇزۇپ پۈتۈن مەھەللىنى سەراسىمغا سېلىۋەتتى. بىر ماشىنا قوراللىق خىتاي ئەسكىرى، جەسۇرلارنىڭ ئۆگزىلىرى، ھەتتاكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان مەھەللە دوقمۇشىغا قەدەر قورال تەڭلەپ تۇرۇپ جەسۇرنىڭ قوللىرىغا كويزىلار سېلىپ ئېلىپ كېتىشتى.
قاتتىق سوغۇق ۋە شىۋىرغان ھۇۋلىماقتا. جەسۇرنىڭ تۇيۇقسىز قولغا ئېلىنىشى بىلەن توينىڭ چىللاق ۋە باشقا نەرسىلىرىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ھەممە چارىسىزلىق ئىچىدە نىمە بولغانلىغىنىمۇ بىلەلمەي گاڭگىراشماقتا ئىدى. ئارىدىن 3 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، جەسۇرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھۆكۈمەت تەرەپتىن، جەسۇرنىڭ شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەنلىگى،ۋەتەننىڭ بىرلىگىنى پارچىلاشقا ۋە تېرورلۇق ھەركەتلىرى بىلەن شۇغۇللۇنۇشقا ئۇرۇنغانلىغى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغانلىغى ھەققىدە ماتىريال تاپشۇرۋالدى.
ئەي چارىسىز شەھەر، ئەي بىچارە چارىسىز خەلق. ئۇلارنىڭ نە بارىدىغان قازىسى ياكى قانۇنى، نە تۇتىدىغان ئادۋۇكاتى بار. ئۇياققا تىپىرلىدى بۇياققا تىپىرلىدى. ئۇلارنىڭ بۇ ئىشنىڭ راس ياكى يالغانلىغىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ھەركەت قىلىش ھوقۇقىمۇ يوق ئىدى.
مەريەمگۈل، دوستى زەينەپ ۋە جەسۇرنىڭ ئاتا ئانىلىرىنىڭ بۇ ئېغىر كۈنىدە ئۇنىڭ يېنىدا بولدى.
مەريەمگۈل ۋە جەسۇرنىڭ بارلىق دوست بۇرادەرلىرى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت، شەھەرلىك پارتىكوم، شەھەرلىك ساقچى قاتارلىق ئورۇنلارغا قاتراپ، جەسۇرنىڭ ئىز دېرىگىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەركەت قىلدى. ئەمما جەسۇرنىڭ قايسۇ تۈرمىگە قامالغانلىغى ھەققىدە زەررىچىلىكمۇ ئۇچۇر ئالالمىدى. بۇ ئىش ئۇيغۇر ساقچى ۋە ئۇيغۇر باشلىقلاردىنمۇ ئىنتايىن مەخپى تۇتۇلغان ئىدى.
قەھرىتان قىش كېتىپ باھار كەلدى.بىر كۈنى سەھەردە مەريەمگۈلنىڭ تېلىفۇنى چېلىندى.تېلىفۇن ئۇرغان مەريەمگۈلنىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغان ساۋاقدىشى سادىق ئىدى. ئۇ بۈگۈن بۇ شەھەردە يېپىق سوت ئېچىلىدىغانلىغى ئەمما يېپىق سوت ئورنى ئىنتايىن مەخپى تۇتۇلغانلىغىنى،ئۆزلىرىگە ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن شەھەرنىڭ بىخەتەرلىگىنى قوغداش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغانلىغىنى، بۈگۈنكى بۇ يېپىق سوتتا بەلكىم جەسۇرنىڭ سوتلىنىپ قېلىش ئېھتىماللىغى بارلىغىنى ئېيتىپ تېلىفۇننى قويۇۋەتتى.شەھەر ھەر يەرگە قويۇلغان قوراللىق چارلاش ئەترەتلىرى سەۋەبىدىن ساراسىمگە چۈشكەن ئىدى. كېچىلەردە ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە تۇيۇقسىز بېسىپ كىرگەن خىتاي قوراللىق قىسىم ساقچىلىرى ياشلارغا يوقىلاڭ تۆھمەتلەرنى چاپلاپ تۇتقۇن قىلماقتا ئىدى. ئىزدىرەكسىز يوقاپ كەتكەن ياشلارنىڭ سانى كۈندىن كۈڭە ئاشماقتا ئىدى.
مەريەمگۈل دەرھال تېلىفۇننى قويۇپ، بۇ ئەھۋالنى زەينەپ، جەسۇرنىڭ ئاتا ئانىسى ۋە ئاغىنىلىرىگە تېلىفۇن بىلەن ئۇقتۇردى. شۇنداق قىلىپ بۇ خەۋەر ئىنتايىن تېزلىكتە جېسۇرنىڭ ئىز دېرىگىنى ئالالمايۋاتقان بارلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈلدى. يېپىق سوتنىڭ ئەتتىگەندە ئېچىلىدىغانلىغى تەخمىن قىلىنماقتا ئىدى.
شۇ كۈنى ئەتتىگەن سائەت 7’30 دا مەريەمگۈل بىلەن زەينەپ ئىككىسى ئۇچۇرشۇپ،ۋەلسىپىت بىلەن چېپىپ يۈرۈپ، يېپىق سوت ئېچىلىش ئېھتىماللىغى بولغان بارلىق مېھمان سارايلارنى تەكشۈرۈپ چىقتى.بۈگۈن شەھەر كوچىلىرىدا ساقچى ماشىنىلىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپەيگەنلىگى، شۇنداقلا، چىقىراپ ئۇياق بۇياققا ئەنسىز ئۆتۈپ تۇرۇشلىرى، يول يوللاردا قۇرۇلغان توساقلار بۈگۈن بۇ شەھەردە ئۇيغۇر تارىخىغا تامغىسىنى ئۇرىدىغان، جاللات ياڭزىشىڭ، جاللات شىڭشىسەيلەر بۇ زىمىندا كۆپ قېتىم سادىر قىلغان، يەنە بىر زور ۋەقەنىڭ يۈز بېرىدىغانلىغىنى كۆرسۈتۈپ تۇراتتى.
تۇيۇقسىز، ساقچى ماشىنلىرى چىقىرغانچە، بىر يۆنۈلۈشكە يەنى شەھەرلىك كونسۇل مىھمانخانىسى تەرەپكە قاراپ چېپىشقائا باشلىدى .مەريەمگۈل ۋە زەينەپ شۇنىڭدەك ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئىز دېرىگىنى ئالالمايۋاتقان ئاتا ئانىلار توپىمۇ، توك كالتەكلىرىنى كۆتۈرشىۋالغان ساقچىلارنىڭ قاتتىق توسۇشلىرىغا قارىماي، كونسۇل مېھمانخانىسى تەرەپكە قاراپ ئېقىشقا باشلىدى.
ئەتتىگەن سائەت 11.30 بولغان چاغلار بولسا كېرەك، ئوچۇق سوت ئاخىرلىشىپ، ئىچىگە لىق قوراللىق ساقچىلىرىنى سالغان، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ چوڭ، كوزۇپلۇق ھەربى ماشىنىلىرى كونسۇل مىھمانخانىسى تەرەپتىن چىقىشقا باشلىدى .ئالاھەزەل 5 ياكى 6 گە يېقىن ماشىنا چىقىپ بولغاندىن كېيىن ئوچۇق سوت قىلىنغان ئۇيغۇر ياشلىرى سېلىنغان ھەربى ماشىنا كۆرۈلۈشكە باشلىدى.
ئارقىغا چېكىنىڭ،ئارقىغا چېكىنىڭ، خىتاي ساقچىلىرى شەھەر كوچىلىرىغا سەلدەك ئېقىپ كېلىۋاتقان ئادەملەر توپىنى چەتكە ئىتتىرىپ يول ئاچماقتا ئىدى. ھەربى ماشىنىنىڭ ئىچىگە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان 7 نەپەر ئۇيغۇر يىگىتى سېلىنغان بولۇپ، ماشىنىنىڭ ئالدى تەرىپىدە جەسۇر 2 نەپەر خىتاي ئەسكىرىنىڭ قاتتىق قامال قىلىشى بىلەن چارىسىزلىق ئىچىدە، كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا شەھرىگە تويماي باقماقتا ۋە بۇ كىشىلەر توپى ئىچىدىن ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك كىشىلىرىنى ئىزلىمەكتە ئىدى.
شۇ ئەسنادا شەھەر خەلقى ئارىسىدا قىستىلىپ يۈرۈپ، ھەربى ماشىنا چىقىۋاتقان دەرۋازا تەرەپكە بوينىنى سوزۇپ، تەشۋىش ۋە سەراسىم ئىچىدە قاراۋاتقان زەينەپ، ئۆلۈم جازاسى تاختىسى ئېسىلغان جەسۇرنى كۆردى، زەينەپ ئۈنلۈك ئاۋازدا جەسۇر، جەسۇر دەپ ۋاقىرغاچ ھەربى ماشىنىنى ئەگىشىپ يۈگۈرۈشكە باشلىدى. مەريەمگۈل ۋە بارلىق بۇ كوچىغا توپلانغان كىشىلەر، ئۆلۈم جازاسى مەيدانىغا ئېلىپ مېڭىلغان بۇ قاتىللار ماشىنىسىنىڭ ئارقىسىدىن توختىماي ئەزىمەتلەرنىڭ ئىسمىنى ۋاقىراپ يۈگۈرۈشمەكتە ئىدى. شۇ ئەسنادا جەسۇر بىلەن زەينەپنىڭ كۆزلىرى ئۇچۇرشۇپ قالدى. زەينەپنىڭ بېشى پىررىدە قايغاندەك بولدىدە-ھۇشىدىن كېتىپ يەرگە يىقىلدى. ئاھ چارىسىزلىق. زەينەپ ھامىلە ئىدى.
بۇنداق ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشلەر بىلەن شەھەر خەلقى پات -پات ئۇچۇرشۇپ تۇراتتى.بۇنداق چاغلاردا خەلق، زالىم پىرەۋىن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى، مۇسا ئەلەيھىسالام ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى قوغلاپ كېلىپ قىزىل دېڭىز گىرۋەكلىرىدە قاپسىلىپ قالغاندا، قىزىل دېڭىزنىڭ ئىككىگە يېرىلىپ، مۇسا ئەلەيھىسالام ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى پىرەۋىندىن قۇتۇلدۇرغاندەك بىر مۆجىزىنىڭ پەيدا بولۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى.
7 نەپەر ئۇيغۇر يىگىتىنى ئېلىپ دەريا بويىدىكى ئىجرا مەيدانىغا ئېلىپ كېتىۋاتقان خىتاينىڭ ھەربى ماشىنىسى، شەھەردىك ئاساسلىق يوللارنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن سولغا قايرىلدىدە سۈرئىتىنى تېزلىتىشكە باشلىدى. كىشىلەر توپى، ياتقان يېرىڭلار جەننەت بولسۇن شېھىتلەر، سىلەرنى ئاللاغا تاپشۇردۇق دەپ يۈگۈرگەنچە، ئەزىمەتلەرگە قول پۇلاڭلاتماقتا ئىدى. شۇ ئەسنادا، تا…تا ….تات قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ خىتاي ئەسكەرلىرى خەلقنى ئوققا تۇتتى. بۇنىڭ ئىچىدە مەريەمگۈلمۇ بار ئىدى. 2 كىشى ئۆلدى. 3 كىشى ئېغىر يارىلاندى. ئوق مەريەمگۈلنىڭ مۈرىسىنى سۈرۈپ ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ، يېنىك يارىلاندى.ئۆلگەنلەر تېرورچى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىپ، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ قاتتىق نازارىتى ئاستىدا، مىيىت يۇيۇلۇپ ئائىلە ئەزالىرى بىلەنلا نامىزى چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن يەرلىگىگە خۇپىيانە قويۇلدى. نەزىر چىراق ۋە ھىچقانداق مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈشكە رۇخسەت قىلىنمىدى. مەھەللە ۋە زەرەتكالىق 3 ئايدىن 6 ئايغا قەدەر خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ قوراللىق نازارەت قىلىشى ئاستىدا بولدى.
5 يىلدىن كېيىن.
ياز ئايلىرى، ئىگىز پىشايۋانلىق، ئۈزۈم باراڭلىق، ھەر خىل گۈل چىچەكلەر بىلەن تولغان ئازادە ئۇيغۇر قورۇلىرى. قورۇدا 5 ياشلىق بىر ئوغۇل بالا ئويۇنچۇقلىرىنى ئوينىماقتا. بۇ جەسۇرنىڭ ئوغلى جەۋلان ئىدى. پىشايۋان ئۈستىگە قويۇلغان ئۈستەلدە 2 نەپەر قەدىناس دوست چاي ئىچكەچ پاراڭلاشماقتا ئىدى. بۇ ئىككەيلەن، مەريەمگۈل بىلەن زەينەپ ئىدى.
ئاداش مەن كېلەر ھەپتە تۈركىيەگە ماڭماقچىمەن دىدى مەريەمگۈل ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ.نىمە دەيدىغانسەن ئاداش، سەن مېنىڭ بىردىن بىر تەسەللىچىم ئىدىڭ، ئەمدى سەنمۇ كەتسەڭ مەن بۇ يۈرەك يارىسى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىدە قانداقمۇ ياشارمەن دىدى زەينەپ كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا.
ئاداش كۆڭلۈڭنى بۇزما، بىز ھاياتىمىزنى بۇنداق سولۇنۇپ قالغان ھالەتتە زايە قىلماسلىغىمىز، بىر ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك. ئىككى دوستنىڭ چىرايى جىددى تۈس ئالغان ئىدى.
ئاداش، مەريەمگۈل ئەتراپقا ئېھتىيات بىلەن بىر قۇر سەپسىلىپ قارىۋەتكەندىن كېيىن، زەينەپنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ پەس ئاۋازدا، ئاداش مەن بۇ ئۈستى ئوچۇق تۈرمىدىن قۇتۇلۇپ، بۇ زىمىندا يۈز بەرگەن پاجىئەلەرنى دۇنياغا ئاڭلىتىش قارارىغا كەلدىم.ئارىنى ئازراق جىددى بىر سۈكۈنات قاپلىدى ئاندىن مەريەمگۈل يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى. ئاداش جۇغراپىيەلىك ئورنىمىز شۇنداق ناچاركى تولىمۇ ئىچكىرى بىر ئىچكى قۇرۇغلۇققا قاپسىلىپ قالدۇق. بۇ يان تەرىپىمىزدە شانغائى ھەمكارلىق تەشكىلاتى دەپ ئاتىلىدىغان ئۇزۇنغا سوزۇلغان بىر سىم توساق سوزۇلۇپ ياتىدۇ. شۇڭا مەن ھاياتىمنىڭ قالغان بىر قىسمىنى ئۇيغۇر داۋاسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش بىلەن ئۆتكۈزۈش قارارىغا كەلدىم.
زەينەپ ئورنىدىن تۇرۇپ، قەدىناس دوستىنى چىڭ قۇچاغلىدى. ئىككى دوست كۆز يېشى قىلىشتى.شۇ دەملەردە ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىن بالىلىق ئەسلىمىلىرىگە ئائىت ھەممە نەرسە خۇددى كىنو ئېكرانلىرىدىكىدەك بىرمۇ بىر ئۆتمەكتە ئىدى.
ئاداش بىز جىممىدە سۈكۈت قىلىپ ئۆلۈپ كەتمەسلىگىمىز كېرەك دىدى مەريەمگۈل قەدىناس دوستىنىڭ ئالقانلىرىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ.
ئاداش مەن نىمىمۇ قىلىپ بېرەلەرمەن، مەن گەرچە تىرىك ياشاۋاتقان بولساممۇ، ئەمما روھىم ئاللىقاچان جەسۇر بىلەن تەڭ ئۆلۈپ بولدى دىدى زەينەپ كۆز ياشلىرىنى قول ياغلىغى بىلەن سۈرتكەچ. مېنىڭ ھايات قېلىشتىكى بىردىن بىر سەۋەبىم پەقەت جەۋلان ئۈچۈن دىدى ئۇ يەنە قوشۇمچە قىلىپ.
ئۇنداق دىمە دوستۇم.بىز قىلىدىغان ئىشلار نۇرغۇن. سەن توي تۆكۈن ۋە نەزىر چىراقلاردىن پايدىلىنىپ، پەقەت شەھەر بويىچە قانچىلىك ئۇيغۇر ياشنىڭ يوقىلاڭ تۆھمەتلەر بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىغى، قانچىلىك ياشنىڭ تۈرمىلەردە ئىكەنلىگى ۋە يەنە قانچىلىك ياشنىڭ ئىز دىرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىگىگە ئائىت بىرمۇ بىر ئۇچۇر توپلا. تاما تاما كۆل بولۇر دىگەندەك سەن توپلىغان بۇ ئۇچۇرلار بىردىن بىردىن يىغىلىپ، پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ تەغدىرىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ بىر ماتىريالغا ئايلىنىدۇ كۈچۈڭنىڭ يېتىشىچە توپلا. توي تۆكۈن ۋە نەزىر چىراقلار شۇنىڭدەك ئاياللار يىغىلىشلىرى سەن ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت .شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى ئاداش بۇ ئۇچۇرلار زالىمنىڭ زۇلمىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە چەكتىن ئاشقانلىغىنى بىلدۈرىدىغان.
مەريەمگۈل، كىچىك، ئوتتۇرا، چوڭ ۋە يەنە بىر دەرىجە چوڭ قەغەز كارتون كوفى ئىستاكانلىرى ئاز قاپتۇ، مەرھەمەت توشتۇرۋەتكەن بولساڭ دىدى باشلىق كوفىنىڭ ھەر بىر چوڭلۇقتىك، كارتون ئىستاكانلار ئەسىپ قويۇلغان ئاسقىنى قولى بىلەن بېسىپ تۇرۇپ. ئۇ يەنە پلاستىك ئېغىزلار، كوفى، چاي…………يەشىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى لىقلا، يەنە بىر چۆگۈن چاي ۋە بىر چۆگۈن كوفى دەملە، خېرىدار كۆپىيىدىغان ۋاقتقا ئاز قالدى. ئەخلەتلەرنى تۆكۈپ، ئەخلەت خالتىلىرىنى ئالماشتۇر.ئۇ يەنە كىچىك خالتىلىق سۈت شەكەر قويۇلدىغان قاچىلارنىمۇ ئىشارەت قىلىپ بۇلارمۇ ھەرگىز يېرىمداپ قالماسلىغى كېرەك دىدى. باشلىق سۆزلىگەچ ھەممە بۇلۇڭ پۇشقاقلارغا كۆز يۈگۈرتۈپ مەريەمگۈلگە بۇيرۇق چۈشۈرمەكتە ئىدى.مانا ماۋۇ قول سۈرۈش قەغەزلىرىمۇ ئاز قاپتۇ لىقلا دىدى ۋە قۇتىنى مەريەمگۈلنىڭ ئالدىغا تاشلاپ بەردى.ئۇ يەنە تىمخورتوندا خىيال سۈرۈشكە بولمايدۇ. پۇت، قول، كۆز ۋە چوڭ مىڭە جىددى ئىشلەپ تۇرۇشى كېرەك دىدى. تىمخورتوننىڭ باشلىقلىرى ھەر ۋاقت باشلىق كۈلۈپ تۇرۇپ ئىشچىلارنىڭ جېنىنى ئېلىپ جاڭگالدا قوياتتى.
بۇ بۇيرۇقتىن مەريەمگۈل خىياللار ئالىمىدىن ئويغاندى.ئۆزىنىڭ ۋەتەندە ئەمەس كانادادا ئىكەنلىگىنى ھىس قىلدى. ۋە قانداقتۇر بىر جىددى ھالەتتە باشلىغىنىڭ دىگەنلىرىنى يېرىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن پايپاسلىغانچە ئىشلەشكە كىرىشىپ كەتتى.
ئەسلىدە، مەريەمگۈلنىڭ بەدىنى كانادادىكى تىمخورتوندا ئىشلەۋاتقان ئەمما، يۈرۈگى ۋە روھى ئۇزاقلاردا قالغان ئانا ۋەتىنى بىلەن بىللە سوقۇۋاتقان چاغلار، 40 نىڭ قارىسىنى ئالغان چاغلىرى ئىدى.
ئەسلىدە بىلەمسىز. بىر ئايال ئۈچۈن 40 ياش ئىنتايىن ھاسىيەتلىك ياش. ئاياللار ئەسلىدە 40 ياشتىن كېيىن ياشايدۇ. 40 ياش قىزلىق، ئاياللىق ۋە ئانىلىقتىكى بارلىق ئارتۇقچىلىق ۋە لاتاپەتلەر مۇجەسسەملەشكەن دەۋر.قېينى ئانا،قېينى ئاتىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ،كېچىسى بۆشۈك قۇچاغلاش، پەرزەنتلەرنى مەكتەپكە يولغا سېلىش ۋاھاكازا ……………دىگەندەك ئىشلار 40 ياشقا كەلگەندە ئازراق سېلىكىپ ئاياللار ئۆزىگە قاراشقا باشلايدىغان، ساياھەت رەھبەرلىرىنى قولىغا ئېلىپ نەلەرگە بېرىپ ساياھەت قىلسام بولار دەيدىغان. ئەينەككە قاراپ ئەمدى ئۆزى ئۈچۈن ئازراق ۋاقت سەرپ قىلىش ۋاختىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىگىنى ھىس قىلىدىغان ياش.
ئەسلىدە 40 ياش قۇتلۇق ياش. ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن 40 كۈنى توشقاندا، 40 نەزىرسى بېرىلىپ، دۇئا تىلاۋەت قىلىنىدۇ.
ھز.مۇسا ئاللاھنىڭ ئەمرىنى تۇر تېغىدا 40 كېچە كۈندۈز ئالغان ئىدى. ئاللاھ ھەزرىتى ئادەمنىڭ بەدىنىنى لايدىن ئاپىرىدە قىلىپ بولغاندىن كېيىن 40 كۈن ساخلىغان. ئاندىن 40 يىل ئۆتكەندىن كېيىن كۆككە چىقارغانمىش.
ھەزرىتى نوھنىڭ كېمىسىدە، 40 ئايال، 40 ئەركەك ۋە 40 ھايۋان بار ئىدى.كېمە توپان بالاسى يۈزبېرىپ 40 كۈندىن كېيىن جۇدى تېغىدا توختىغان ئىدى. ئاللاھ ھەزرىتى ھەۋۋا ئانىمىزغا 40 پەرزەنت بەرگەن ئىدى. ھەزرىتى مۇھەممەت ئەلەيھىسالام 40 يېشىدا پەيغەمبەر بولغان. يوشۇرۇن دەۋەت قىلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ سانى 40 قا يەتكەندىن كېيىن ئاشكارە دەۋەتنى باشلىغان. ھەزرىتى يۇنۇس بېلىق قارنىدا 40 كۈن قالغان ئىدى.
ھەزرىتى داۋۇت 40 كېچە ۋە كۈندۈز تاماق يىمەي ئاللاغا يىغلىغان. ئۈزۈم سۈيى ئاغزى تاقىلىپ 40 كۈن ساخلانسا سىركىگە ئايلىنىدۇ.
ھەزرىتى ئېلياس 40 يېشىدا پەيغەمبەر بولغان ئىدى. 5 ۋاق ناماز سۈننىتى بىلەن قوشۇلۇپ 40 رەكەتتۇر.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ قىيامەت بولۇشتىن ئەۋۋەل، 40 يېشىدا يەر يۈزىگە چۈشىدىغانلىغى ۋە 40 يىل ئىسلام دىنىنى يۈرگۈزىدىغانلىغى مەلۇم.
دىمەككى 40 ياشلىق تىمخورتوندا ئىشلەۋاتقان بۇ ئۇيغۇر ئايال مەريەمگۈل، تىمخورتوننىڭ ئاچچىق قەھۋەسىدەك، خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئاچچىق كەچمىشلەر ۋە ئاچچىق چارىسىزلىكلەر ئىچىدە يەتىلىپ، تاۋلانماقتا ئىدى.
(داۋامى بار)

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …