تىمخورتوندا ئىشلىگەن ئايال (5)

 
پوۋست:

images
ئاپتورى: سەھەر
تىمخورتون بارلىق كانادادا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كانادالىقلار ئۈچۈن، تولىمۇ ئاددى ۋە كۆڭۈللۈك بىر ئىش ئورنى . ئۇلارنىڭ تىمخوروتوندىن ئالىدىغان تەسىراتلىرى بەكلا ئاددى ۋە ئوخشاش ئەمما ماڭا ئوخشاش يېڭى كەلدى كۆچمەنلەر ئۈچۈن، تىمخورتون ئوخشىمايدىغان ئاچچىق- ئاچچىق تەجىربىلەر بەرگەن بىر ئورۇن. خۇددى پايپاسلاپ كېتىۋاتقان بىر تال يوغان چۈمۈلىنىڭ ئۈستىگە كىچىككىنە بىر دەرەخ شېخىنى تاشلاپ قويغاندا يۈز بېرىدىغان ئۆزگۈرۈشنى تاماشا قىلغاندەك.
كانادادا بارلىق سىياسىغا چېتىلىپ قالمىغان ئۇيغۇرلار ئىنتايىن بەختلىك. ئەمما سىياسى بىلەن چېتىلىپ قالغان ھەممە ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىگە خاس بەختسىز كەچمىشلىرى بار. ئالدى بىلەن ئۇلار ۋەتەڭە بارالمايدۇ. شۇڭا كانادادا ياشاۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇرلار گەپ سۆز ھەركەتتە، رەسىمگە چۈشۈش ۋە ۋىدىئولارغا چىقىشتا ئىنتايىن ئېھتىياتچان مۇئامىلە قىلىدۇ ھەتتا سىياسىغا ئارلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارغا مۇئامىلە قىلىشتىمۇ. كانادادا ئۇيغۇر ئالىملىرى، زىيالىلىرى شۇنداقلا ۋەتەننى ھەر خىل يوللار بىلەن تەرك ئەتكەن ئۇيغۇر بايلىرى بىر قەدەر كۆپ دەۋلەت ئەمما، ئۇلار نەقەدەر ئۆزىنى تەمكىن ۋە خاتىرجەم كۆرسۈتۈشكە تىرىشسىمۇ ئىچكى ھىسسىياتلىرى جەھەتتە سىياسىدىن ئىبارەت بۇ سايىدىن قېچىش روھىيىتىدە ياشايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ھەق گەپ قىلىش سىياسىغا ئارلىشىپ قالغانلىق. ئۇلار قانداقتۇ ئەڭىلىزچە تەپەككۈر قىلىپ ئەڭىلىز ئۇسلۇبىدا ياشاۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما، ئەڭىلىزلارنىڭ ھەق ئادالەتنى ياقلايدىغان شۇنداقلا ئۆز كومۇنىتىسى يەنى جامائىتىنى ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللايدىغان روھىنى كۆرمەسكە سېلىپ كېلىگلىك ۋە ياكى تېخىچە ئۈگۈنۈپ بولالمىدى.
مەن بىر سىياسى ئايالمەن.يەنى ئۇيغۇرچە ئېيتقاندا شۇنداق. مەن سىياسى بىر ئايال بولماسلىق ئۈچۈن كۆپ تىرىشىپ باقتىم ئەمما بولالمىدىم. مەن ئۆز ئۆزەمگە بۇ ئايدىن بۇ يىلدىن ۋە ياكى باش باھاردىن باشلاپ سىياسى گەپلەرنى ئاز قىلىدىغان بىر ئايال بولىمەن دەپ، كۆپ ۋەدىلەر بەردىم.سورۇنلاردا باشقا ئاياللارنى دوراپ، ئېرىم ئېلىپ بەرگەن ئالتۇن ئۈزۈك، ئالتۇن بىلايزۈك زەنجىر شۇنىڭدەك، كوئاچ، مايكىل كورل قاتارلىق داڭلىق ماركىلىق سومكىلار ھەم سائەتلەر ھەققىدە گەپلەرنى قىلىش ھەققىدە ئۆز-ئۆزەمگە ۋەدە بەرگەن بولساممۇ، ئەمما ئوخشاشلا پوسرۇققىدە قىلىپ سىياسى گەپلەرنى چىقىرىپ قويۇپ قايناپ كېتەتتىم. بۇنداق چاغلاردا، قىزغىن پاراڭلار سېلىشىۋاتقان ئاياللار سورۇنى خۇددى قايناۋاتقان سۇيقاشقا بىر چۆمۈچ سوغاق سۇ قۇيغاندەك سوۋۇپ كېتەتتى.
مەن سىياسىدىن قېچىش ئۈچۈن، تىمخورتوندا ئىشلىگەن ئايال ناملىق بۇ پوۋستنى سىياسى ئىبارىلەر ئارلاشمىغان ھالەتتە يېزىپ ۋەتەندىكى تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىش ۋە بۇ ئەسىرىمنى خەلقىمگە سۇنۇش نىيىتىدە تولىمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن يازدىم. ئەسىرىمنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدا ھىچقانداق سىياسى ئىبارىلەر يوق دەپ ئويلايتتىم. ئەمما ۋەتەندىكى نوپۇزلۇق تور بەتلىرىدىن ئالغان تاتسىز جاۋاپلار مېنى ھەيران قالدۇردى. ئۇلار ھۇش كاللامنى يىغىۋېلىشىمنىڭ كېرەكلىگىنى، ئەسىرىمدە بۆلگۈنچىلىك ۋە قۇتراتقۇلۇق شۇنداقلا ۋەتەننىڭ بىرلىگىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇدىغان گەپ سۆزلەرنىڭ تولۇپ تۇرغانلىغىنى، مەندەكلەرنىڭ كاساپىتىدىن ۋەتەندە چىقىۋاتقان نۇرغۇنلىغان تور بەتلىرىنىڭ تاقىلىپ قالغانلىغىنى تىلغا ئېلىپ مېنى تويغۇزۇپ قويغان ئىدى. دىمەككى سۇ ئاستىغا چۆككەن ئادەمنىڭ سۇنىڭ سوغۇقلىغىنى ھىس قىلمىغىنىدەك مەنمۇ ئۆزەمنىڭ سىياسىغا قانچىلىك دەرىجىدە چىلىشىپ كەتكەنلىگىمنى ئۆزەم ھىس قىلالمىغان ئوخشايمەن. خۇددى سىركىگە چىلىغان كۆك پەمىدۇردەك.
ئۇنداقتا مەن قاچاندىن باشلاپ سىياسىلىشىپ كەتتىم؟
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن سىز ئېرىق، ئۆستەڭ، دەريا ۋە كۆللەرگە تاش ئېتىپ باققانمۇ؟
بىر تال تاشنىڭ ئۆزىگە ئېتىلغىنى بىلەن دەريانىڭ ئەمەس بەلكى ئېرىقنىڭمۇ پەرۋايى پەلەك، تاشنى قوينىغا ئېلىپ، ئېقىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ تارخلارنى تارخلارغا، ئەسىرلەرنى ئەسىرلەرگە ئۇلاپ كېتىۋېرىدۇ. ئەمما كۆلدە ئۇنداق ئەمەس. بىر تال تاشنىڭ ئېتىلىشى بىلەن كۆلدە غايەت زور ئۆزگۈرۈش يۈز بېرىدۇ. كۆلگە ئېتىلغان بىر تال تاش بىلەن، كۆل تېگى تەكتىدىن قوچۇلۇپ كېتىدۇ كۆل يۈزىدە توختىماي چەمبىرەكلەر ھاسىل بولىدۇ. كۆل بويىدا كۆلدىكى بۇ ئۆزگۈرۈشنى تاماشا قىلىپ ئولتۇرغۇنىڭىزدا ئېختىيارسىز ۋاھ……….. ناھايىتى بىر تال تاش ھەجەپ قوچۇۋەتتى كۆلنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى دەپ ھەيران قالىسىز.
ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ تاكى خىزمەتكە چىققانغا قەدەر ئۆزۈمدىن باشقا ھىچ نەرسىنى ئويلىمايدىغان، گۇئاڭجۇ شاڭخەيلەردە تىجارەت قىلىدىغان ئاكىلىرىم ئەكىلىپ بەرگەن كىيىملەرنى كىيىپ ئەتتىرلەرنى چېچىپ، ۋاختىمنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ياسىنىش بىلەن ئۆتكىزىدىغان ئەكە نايناق بىر قىز ئىدىم. مۇئاشىمغا ئالى دەرىجىلىك چوكولات،كەمپۈت، پەشمەت تاڭگا، ئىشقىلىپ يەيدىغانلا نەرسە بولسا ئېلىپ يەپ غەمسىز كۈن ئۆتكۈزەتتىم.
مەريەمگۈل، بۈگۈن ۋىلايەتلىك پىلانلىق تۇغۇت يىغىنى ئېچىلىدۇ. سىز بېرىپ خەۋىرىنى يېزىپ كېلىڭ دىدى باش تەھرىرىم مېنى ئىشخانىسىغا چاقىرىپ. بولىدۇ دىدىم مەن خوشاللىق بىلەن.
چۈنكى بۇنداق يىغىنلار ھەققىدە خەۋەر يازماق ناھايىتى ئاددى ئىدى. يەنە كېلىپ ئېچىلىش مۇراسىمى، ئوتتۇردىكى مۇزاكىرە ۋە يېپىلىش مۇراسىمى خەۋەرلىرىدىن باشقا، ھەرقايسى ناھىيە شەھەرلەرنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى دوكلاتى قاتارلىقلار قوشۇلۇپ بىر ئايلىق خەۋەر يېزىش ۋەزىپەمنى بىر ھەپتىدە تۈگۈتۈپ ئارام خۇدا كەمپۈت چوكولاتلىرىمنى يەپ، لەلەڭشىپ ئىشقا كېلىپ لەلەڭشىپ كېتىپ دىگەندەك كۈن ئۆتكۈزەتتىم. شۇنداق قىلىپ شۇ ئايدا مەن پۈتۈنلەي پىلانلىق تۇغۇت ھەققىدە خەۋەر يازدىم.
قىشنىڭ ئاپپاق قار قاپلىغان، قىش ئاپتىۋى پاقىراپ تۇرۇپ ئادەملەرنى زەھەرلىك نەشتىرى بىلەن چېقىۋاتقان بىر كۈنى، ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيۈمگە قايتتىم. ئىدارە دەرۋازىسىغا ئاز قالغاندا ئارقامدىن مەريەمگۈل دەپ چاقىرغان ئاۋازنى ئاڭلىدىم. ئىتتىك ئارقامغا قارىدىم. ئىدارىمىزنىڭ 70 ياشقا كېلىپ قالغان كونا تەھرىرى مەنسۈر ئەپەندى.ۋەلسىپىتىنى يېتىلىگەنچە ماڭا قاراپ كېلىۋاتاتتى. مەنسۈر ئەپەندى گەرچە پىنسىيەگە چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ ئەمما تەھرىر بۆلۈمىمىز ئۇنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىۋاتاتتى. مەن توختاپ مەنسۈر ئەپەندىنىڭ كېلىشىنى ساخلىدىم. مەنسۈر ئەپەندى ماڭا قاراپ كەلمەكتە ئىدى. ئۇ ئۇچىسىغا كونىراپ كەتكەن قارا سوكنى پەلتۇ كىيىۋالغان بولۇپ، بوينىغا يوغان چاقماق يۇڭ شارپا سېلىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ سول پۇتى سەل ئاغرىسا كېرەك قەدەملىرىنى ئاياپ ئالاتتى. ئۇ كونا تۆمۈر ۋەلسىپىتىنى سوڭخەيچىلاپ ھەيدەپ كېلىۋاتاتتى. ۋەلسىپىتىنىڭ ئالدىغا قېلىن پاختىلىق پەلىيىنى ۋە قۇلاقچىسىنى ئېسىۋالغان ئىدى. ئۇ ئادىتى بويىچە قۇلاقچا ۋە پەلىيىنى دەرۋازىنىڭ ئالدىغا چىققاندا، ۋەلسىپىتكە مىنىشتىن ئاۋال كىيەتتى. ئۇنىڭ چاچلىرى خۇددى يېڭىلا چېلىنغان رىشالىدەك ئاق ۋە يۇمشاق ئىدى.
ھە مەنسۈركا قايتتىڭىزمۇ؟
ھەئە قايتتىم قىزىم، قايتتىم دىدى ئۇ جاۋابەن. بىز خېلى بىريەرگە كەلگىچە پىيادە پاراڭلىشىپ ماڭدۇق ئاندىن ئۇ گەپنىڭ پوسكاللىسىنى قىلدى.
قىزىم مەريەمگۈل سىزگە دەپ قويىدىغان بىر گەپ بار، ئۇ شۇنداق دىدىدە تۆت ئەتراپقا ئېھتىيات بىلەن بىر قارىۋېتىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.
مەريەمگۈل باشقا ئادەم بولغان بولسا بۇ گەپنى قىلمىغان بولاتتىم. ئەمما سىز ئىدارىمىزدىكى بىردىن بىر ئالى مەكتەپ ئوقىغان قىزىمىزسىز ئۇنىڭ ئۈستىگە دادىڭىز بىلەنمۇ ياخشى ئۆتىمەن. ئۇ 2-3سېكىنۇت تۇرۇۋالغاندىن كېيىن ماڭا بۇرۇلۇپ قارىدى ۋە ئەڭ ياخشىسى قىزىم پىلانلىق تۇغۇت ھەققىدە كۆپ خەۋەر يازمىغان بولسىڭىز. پىلانلىق تۇغۇت بىزگە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نوپۇس تاجاۋۇزچىلىغىنىڭ بىر پارچىسى قىزىم. ئۇ شۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقاندا ھارغىن چىرايى ۋە نۇرسىز كۆزلىرى جىددى ۋە كەسكىن بىر تۈسكە كىرگەن ئىدى.
يەنە پاراڭلىشىمىز قىزىم قانداق دەيسىز؟ ئۇ شۇنداق دىدىدە مۇرەمگە يىنىك قىلىپ بىرقانچىنى ئۇرۇپ قويدى.
چاتاق يوق مەنسۈركا، چاتاق يوق دىدىم مەن ئۇنىڭغا. ئۇ پاختىلىق پەلىيى ۋە پاختىلىق قۇلاقچىسىنى ئالدىرماي كىيدىدە خوش ئەتە كۆرۈشەيلى دىگەنچە ۋەلسىپىتىنى سولخەيچىلاپ مىنىپ يۈرۈپ كەتتى.
قار ۋە مۇز قاپلاپ كەتكەن بۇ يولدا، ئۇنىڭ قولاشمىغان ۋە كېلەڭسىز ھەركەتلەر بىلەن سولخەيچىلاپ ۋەلسىپىت مىنىشى، كىشىگە ئۇ ھېلىلا يىقىلىپ چۈشىدىغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى.
ئەمما ئۇ يىقىلىپ كەتمىدى. ئۇ ۋەلسىپىتنىڭ چاقىنى يېنىك ئايلاندۇرۇپ، ئادەملەر توپى ئارىسىغا كىرىپ كەتتى.
مانا بۇ مېنىڭ ھايات كۆلۈمگە ئېتىلغان بىر تال تاش ئىدى. بۇ تاش مېنىڭ روھى دۇنيارىمنى خۇددى ئۇزۇن يىللار تاشلىنىپ قالغان بىر ئۆڭكۈرگە شام يېقىلغاندەك، كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان قاراڭغۇ بىر ئامباردا بىر تال سەرەڭگە چېقىلغاندەك يورۇتۇۋەتكەن ئىدى. مەن بۇ مويسىپىت ئادەمنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ ھەيران قالدىم.خەلق ئارىسىدا نىمە دىگەن ئۇلۇق ئادەملەر بار ھە………..
مەن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خەتەرلىك بىر سىياسەت ئىكەنلىگىنى بىلسەممۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ئەمىلى ھەركىتىم بىلەن قارشى تۇرۇشنى ئەڭ ئاز دىگەندە نارازى بولۇشنى بىلمىگەن ئىدىم.
شۇ كۈندىن ئېتىبارەن، مەن مەنسۈر ئەپەندىنى ئىنتايىن ھۆرمەت قىلىدىغان بولدۇم. ئۇنى خۇددى مېنىڭ ۋە بۇ دەۋرنىڭ مەنىۋى تەۋەررۈگىدەك ھىس قىلىدىغان بولدۇم.
ئارىدىن 2 يىل ئۆتكەندىن كېيىن مەنسۈر ئەپەندى ۋاپات بولۇپ كەتتى. مېيىت نامىزى چۈشۈرۈلۈشتىن بۇرۇن، مېيىتنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى مېيىت بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم خوشلىشىشى كېرەك ئىدى. مەن قىستىلىپ يۈرۈپ ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى قاتارىدا ئۇنىڭ يۈزىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم، ئەڭ يېقىندىن كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم. ئۇ ئىنتايىن تەمكىن، خاتىرجەم ۋە ھۇزۇر ئىچىدە ياتاتتى. ئۇ ماڭا نىسبەتەن، مەن خەلقىمگە يۈز كېلەلمىگىدەك بىر نەرسە يازمىدىم، قەلىمىمنى پەقەت ئۆزەمنىڭ ئىرادىسى بويىچىلا ئەمەس بەلكى، خەلقىمنىڭ ئىرادىسى بويىچە تەۋرەتتىم. شۇڭا ئۆلسەممۇ ئارمىنىم يوق دەۋاتقاندەك بىلىندى.
مەن ئۇيغۇرچە ياپىلاق تىلدا ئېيتقاندا،مەنسۈر ئەپەندىنىڭ ئۆلىمىدىن كېيىن پۈتۈنلەي سىياسى بولۇپ كەتتىم. ئۇيغۇرچە ئېيتقاندا ھۆكۈمەت تەشۋىق قىل دىگەننى كۆپ تەشۋىق قىلماسلىق، يازغان نەرسىلەردە ھۆكۈمەتنى دارتمىلاپ چېقىۋالىدىغان نەرسىلەرنى ئارلاشتۇرۇش، سىياسى ئىبارىلەر ۋە ماختاشلاردىن خالى بىر نەرسە يېزىش سىياسى بولۇپ كەتكەنلىك ھېساپلىناتتى.
مەن مەريەمگۈل ئابدۇراخمان. تورونتو كوچىلىرىدا ئالدىراش مېڭىپ تىمخورتون ئاتلىق ئىش ئورنۇمغا ئىشلەش ئۈچۈن كېتىۋاتىمەن. تىمخورتون كانادانىڭ 1- نومۇرلۇق تېز مۇلازىمەت رەستۇرانى. پۈتۈن كانادادا 3200 دىن ئارتۇقراق تىمخورتون بولۇشى مۈمكىن يەنى زەنجىرلىشىپ كەتكەن. ئۇدا ئىككى قېتىم تىمخورتوندىن قوغلاندى بولۇپ ئەمدى بۇ 3-سىگە خېلى سىڭىپ قالدىم.مەن تىمخورتون ئاتلىق بۇ كانادانىڭ 1-نومۇرلۇق تېز مۇلازىمەت رەستۇرانىدا ئىشلەش جەريانىدا، قوغلاندى بولۇشتىن تارتىپ ھازىرغىچە 5 ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندەك بىر بىلىمگە ئىگە بولدۇم دىسەم پو ئاتقان بولماسمەن بەلكىم. تىمخورتوندىكى تۇنجى كۈنۈمنى ئويلىسام كۈلگۈم كېلىدۇ. مەن ئۇ كۈنى خۇددى بىر پېقىرتىپ تاشلىۋەتسە،ئافرىقىدىكى ياۋا ئادەملەر بار ئورمانلىققا چۈشكەن بىر ئادەمگە ئوخشاپ قالغان ئىدىم. ئەلبەتتە كانادالىقلار ئۇ ياۋا ئادەملەردەك قورقۇنۇچلۇق ئەمەس بەلكى ئىنتايىن سەمىمى ۋە ياردەم سۆيەر، بۇ يەردىكى ئاساسلىق گەپ، مەن ھاياتىمدا كۆرۈپمۇ باقمىغان بىر يۇقۇرى سەۋىيەلىك مۇلازىمەتنىڭ بولغانلىغىدا ھەمدە، مېنىڭ بۇ سەۋىيە بىلەن ماسلىشالماي سۈرۈلگەنلىگىمدە.
2-قېتىم تىمخورتوندىن قوغلاندى بولغان ۋاختىمدا باشلىغىم مېنى ئىشخانىسىغا چاقىردى. باشلىغىم يۈزلىرىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان ئىنتايىن بىر سەمىمى ئادەم ئىدى. ئۇ ماڭا قاراپ مۇنداق دىدى. ئۈزگۈنۈم مەريەمگۈل، مېنىڭ سېنى ئىشتىن چىقىرۋەتكىم يوق ئىدى، ئەمما شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىم. سېنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىڭغا ئامەت تىلەيمەن. گەرچە ئۇ مېنى قوغلاندى قىلىۋېتىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما بۇ ماڭا ھىچ ئېغىر كەلمىدى.چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئىسمىمنى خۇددى بىر ئۇيغۇر ئاتاۋاتقاندەكلا مەريەمگۈل دەپ تولۇق ۋە چىرايلىق تەلەپپۇز قىلغان ئىدى.
مەريەمگۈل سەن دۇنيانىڭ نەرىدە بول، سودا تىجارەتنىڭ مۇنداق بىر ئاچقۇچى بار، بۇنى ئېسىڭدە تۇت دىدى باشلىغىم ماڭا قاراپ، دانە- دانە ئالدىرماي سەمىمىلىك بىلەن ئەڭىلىزچە سۆزلەپ. بۇنىڭ بىرى سۈپەت، يەنە بىرى پاكىزلىق، يەنە بىرى كۈلۈمسىرەش. خەرىدارلار سېنى كۈلۈمسىرەشنى بىلمەيدىكەن دەپ شىكايەت قىلدى. ئەگەر سەن داۋاملىق تىمخورتوندا ئىشلىمەكچى بولساڭ داۋاملىق كۈلۈمسىرەپ تۇر.
باشلىغىمنىڭ بۇ سۆزى بىلەن مەن ئوڭ تەرىپىمدە ئېسىغلىق تۇرغان ئەينەككە چاندۇرماي قارىدىم. ئاللا ئەينەككە قارىدىمدە ھەممىنى بىلدىم. مەن كۈلۈمسىرەلمەسلىك يەنى كۈلەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قاپتىمەن. دەرھال خىياللىرىم قاقاخلاپ كۈلۈپ قوغلاشماق ئوينىغان، ئاغچەيلەم ئوينىغان، بالىلىق چاغلىرىمغا،مەردانە قاقاھلاپ كۈلۈپ، چەيزىرەڭ پولنى سارجا كۆينەكلىرىمنى لەپىلدىتىپ ۋالىسلارغا پېقىرغان ياشلىق چاغلىرىم غا كەچتى. ئۇ چاغلاردا ھەجەبا كۈلەلىگەن ئىدىم ئەمما ھازىر نىمىشكە كۈلەلمەيمەن. ھە بىلدىم ………بىلدىم مەن نىمىشكە كۈلەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدىم دىگەن بىر كىتاپ يېزىپ چىقىشىم كېرەك. ئوف…….ئوف…….كاشكى ئاش تاماقلىرىمنى ئېتىپ كىر قاتلارنى يۇيۇپ بېرىدىغان بىر خىزمەتكارىم بولسا ئىدى ھە؟ قارشى تەرەپتىكى ئەينەكتىن سۆرۈن تەلەت ئۆزەمنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتاتتىم . بۇنداق بىر كۈلۈمسىرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر سۆرۈن تەلەت ئايالنى قانداقمۇ ئىشلەتسۇن ھە………..مەن باشلىغىمنىڭ مېنى تىمخورتوندىن قوغلاندى قىلىۋېتىشىدىكى بۇ سەۋەبىگە تامامەن قايىل بولغان ئىدىم.
بىز خېرىدارلارغا بىر ۋەدە بەردۇق مەريەمگۈل، ئۇ بولسىمۇ مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ ساپ ۋە يېڭىلىغى، دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى باشلىغىم، ئەگەر بىز بۇ ۋەدىمىزگە ئەمەل قىلمايدىكەنمىز تىجارىتىمىز شۇ زامات چۆكۈپ كېتىدۇ. ھەر بىر چۆگۈن يېڭى كافى ۋە چاي دەملەڭەندە، ئۇ پەقەت 20 مىنۇت ئىچىدىلا سېتىلىپ كېتىشى كېرەك .ئەگەر 20 مىنۇت ئىچىدە سېتىلىپ تۈگىمىسە ئۇنى تۆكۈۋېتىشىڭ كېرەك.بىز سېنىڭ، تىمخورتوننىڭ بۇ شەرتلىرىگە تازا ئەمەل قىلىپ كەتمىگەنلىگىڭنى ھىس قىلدۇق. ئەگەر سەن تىمخورتوندا ئىشلىمەكچى بولىدىكەنسەن، ھەر زامان خۇددى ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئالدىدىكى ئەسكەردەك جىددى ھالەتتە بولۇشۇڭ كېرەك، سەل قاراشقا، يالغانچىلىق قىلىشقا، مەسئۇليەتسىزلىك قىلىشقا قەتئى يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر سېنىڭ ئۆتكۈزگەن ھەرقانداق بىر كىچىك مەسئۇليەتسىزلىگىڭ، گەزىت ۋە رادىئو تېلۋىزورلار ئۈچۈن مۇھىم خەۋەر ئوبىكتى بولۇپ قېلىشى ۋە بىزنىڭ، خەلقنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئەپۇ سورىشىمىزغا سەۋەپچى بولۇپ قېلىشى ھەتتاكى، تىمخورتوننى تاقىشىمىزغا سەۋەپ بولۇپ قېلىشى مۈمكىن.چۈنكى بىز خېرىدارلارغا شۇنداق ۋەدە بەردۇق.كانادادا خېرىدار دىمەك خۇدا دىمەك.كانادادا خېرىدارلار شىكايەت قىلىپ ھەرقانداق مۇلازىمەت ئورگىنىنى تاقىتىۋېتەلەيدۇ.
مەن باشلىغىمنىڭ سۆزىنى جىم ئولتۇرۇپ ئاڭلىماقتا ئىدىم. راستىنى ئېيتقاندا بەك يۇغاشلاپ كەتكەن ئىدىم. كانادا مېنى شۇنچىلىك يۇغاشلىتىۋەتكەن ئىدىكى ئەيھەنناس، ھېلىقى مۇنازىرىچى مەريەمگۈلدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى.
ۋاي ئانام………..ما ئاداش نىمە دەيدىغاندۇ ئەمدى …………مەن ئۆزەمچە بۇنىڭغا زىيان بولمىسۇن دەپ تۆكمەپتىمەن دەپ ئويلۇدۇم ئىچىمدە، ئويلۇدۇمدە ئىچىمگە بىر جىن كىرىۋالدىمۇ قانداق ئەيتاۋۇر بەك كۈلگۈم كېلىپ ئۆزەمنى بەك تەستە توختۇتۇۋالدىم. كۈلۈمسىرەشنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتقىنىمغا، شۇنداقلا بارغانچە سۆرۈن تەلەت بولۇپ كېتىۋاتقىنىمغا قارىماي، كۈلكە چاخچاق دۇنياسىدا تۇغۇلۇپ چاقچاقچىلار ئارىسىدا چوڭ بولغانلىغىم ئۈچۈنمىكىن ئەيتاۋۇر، ئورۇنسىز يەرلەردە ئىچىمگە شەيتان كىرىۋالاتتىدە كۈلگۈم قىستاپ كېتەتتى.
باشلىغىم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى. مەيلى تىمخورتون ماركىسى ئاستىدىكى سۇيقاش بولسۇن، مەيلى كافى چاي بولسۇن سەن ئۇنىڭغا چوقۇم قاچان ياسالغانلىغىنى ۋە قاچان ۋاختى ئۆتۈپ كېتىدىغانلىغىنى،ئېنىق قىلىپ خېرىدارلار كۆرەلىگىدەك دەرىجىدە ئۈستىگە يېزىپ قويۇشۇڭ كېرەك. ۋاختى ئۆتۈپ كېتىدىكەن ئۇ قانچىلىك قىممەت نەرسە بولسىمۇ ئۇنى دەرھال ئەخلەتكە تاشلىشىڭ كېرەك. ئەگەر بىر خەرىدار ۋاختى ئۆتۈپ كەتكەن بىر نەرسىنى تىمخورتوندا يەپ قېلىپ، قوسىغى ئاغرىپ قالسا،تىمخورتون ئۇ خېرىدارغا تۆلەم تۆلەشكە مەجبۇر بولىمىز.
ئارىنى سۈكۈنات قاپلىدى . باشلىغىم بىر ھازا قولىدىكى دەپتەرگە قاراپ ئولتۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، باشلىغىم مېنىڭ يېتەرسىزلىگىمنى بىر دەپتەرگە خاتىرلەپ ماڭغان ئىكەن. سەن بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر نۇختا خاسىڭ مېيى. كانادادا نۇرغۇن كىشىلەرگە خاسىڭ مېيى رىئاكسىيە قىلىدۇ. شۇڭا ئەگەر بىر خېرىدار باگېل(گىردىگە ئوخشاپ كېتىدىغان نان) غا خاسىڭ مېيى سۈركەپ بېرىشنى تەۋسىيە قىلغان بولسا، سەن بۇ خېرىدارغا چوئوقۇم پلاستىك پىچاق ئىشلىتىشىڭ كېرەك ۋە ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن پىچاقنى تاشلىۋېتىشىڭ شۇنداقلا ئەتراپىڭنى پاكىز تازلاپ دىزىنفىكسىيە قىلىشىڭ كېرەك. ئەگەر ئۇنداق قىلماي خاسىڭ مېيىغا ئىشلەتكەن ئوخشاش پىچاقنى 2- خېرىدارغا ئىشلىتىپ قېلىپ، 2- خېرىدار خاسىڭدىن رىئاكسىيەلىنىپ قالسا ئۇ چاغدا تىمخورتون ئۇ خېرىدارغا تۆلەم تۆلەشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ.
مەن كاللامدا باشقا خىياللىرىمنىمۇ بىرلىكتە قىلغاچ باشلىغىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلىماقتا ئىدى.
تىمخورتوننىڭ كانادادا شۆھرەت قازىنىشىدىكى يەنە بىر ئاچقۇچ پاكىزلىق. مەن سەندىن بىر نەرسە سوراپ باقاي مەريەمگۈل، تىمخورتوننىڭ ئىچىدىكى ئۈستەل ئىشكاپ، ۋە قازان بېشىلىرىنى دىزىنفىكسىيە قىلىدىغان يەنى دەسمالنى سېلىپ سۈرتىدىغان سۇنىڭ تېمپىراتۇرىسى قانچە بولۇشى كېرەك؟
ئۆي تېمپىراتۇرسى بولۇش كېرەك. توغرا، توغرا ئېيتتىڭ دىزىنفىكسىيە قىلىدىغان سۇنىڭ تېمپىراتۇرىسى 60 ۋە ياكى 70 سىلسىيە گرادۇس يەنى ئۆي تەمپراتۇرسى بولۇش كېرەك ھەمدە ھەر 30 مىنۇتتا بىر ئالماشتۇرۇلۇپ تۇرۇلۇشى كېرەك. پىچاقلار ھەر 2 سائەتتە يۇيۇلۇپ دېزىنفىكسىيە قىلىنىشى، دۆشىلەر ھەر ئىسمىنا ئالماشقاندا يۇيۇلۇپ دىزىنفىكسىيە قىلىنىش، گۆش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار، قايماقلار ۋە پىشلاق سېلىنغان ئاليۇمىن قاچىلار ھەر ئىسمىنا ئالماشقاندا يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇلۇپ تۇرۇلۇشى كېرەك.ساڭا دەۋاتقانلىرىم تىمخورتوننىڭ قائىدە تۈزۈمى شۇنداقلا تىمخورتوننىڭ فورمۇلاسى.ئەگەر سەن بۇ فورمۇلاغا تولۇق چۈشمىسەڭ سېنى تىمخورتوندا كۆرۈشنى خالىمايمىز.
ۋاي ئانام…………….ئىچىمدە غۇدۇراشقا باشلىدىم. مەن ھاياتىمدا ھىچقاچان بىر فورمۇلاغا چۈشۈپ باقمىغان. كاناداغا كېلىپ كۆرمىگەننى كۆرەمدىم نىمە.
مەريەمگۈل ساڭا ئېيتىپ قويۇشقا تېگىشلىك يەنە بىر مۇھىم مەسىلە شۇكى، سەن خېرىدارلاردىن زاكاس ئالغان ۋاختىڭدا،خېرىدارلارنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ زاكاس ئېلىشىڭ كېرەك.كانادادا قارشى تەرپتىن كۆزىنى قاچۇرۇپ تۇرۇپ سۆزلەش قارشى تەرەپكە ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ.
ئەمما مېنىڭ مەدىنيىتىمدە ئاياللارنىڭ ئەرلەرنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ سۆزلىشى ھاياسىزلىق ھېساللىنىدۇ. مەن دەرھال نارازىلىق بىلدۈردۈم .
باشلىغىم بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى. مەريەمگۈل سەن تىمخورتوندا ئىشلەيمەن دەيدىكەنسەن كانادالىقلارنىڭ مەدىنيەت ۋە قىممەت قارىشىغا ھۆرمەت قىلىشىڭ كېرەك دىدى ئۇ يەنە.
مەريەمگۈل ئەلبەتتە سەن بىزنىڭ تىمخورتوندا ئىشلەش جەريانىدا يۇقۇرقى جەھەتلەردە بەزەن سەۋەنلىكلەرنى ئۆتكىزگەن بولساڭمۇ ئەمما، يەنە نۇرغۇنلىغان خېرىدارلارغا توغرا مۇلازىمەت بېرىپ ئۇلارنى رازى قىلىپ يولغا سالدىڭ مەن سېنى بۇ مۇۋەپەقىيىتىڭ ئۈچۈن تەبرىكلەيمەن. باشلىغىم ماڭا قولىنى ئۇزاتتى ۋە قولۇمنى چىڭ سىقتى.بۇ 50 دوللارلىق تىمخورتون كارتى خوشال كۈنلىرىڭدە ئىشلەت.مەن كارتقا ئاستا قولۇمنى ئۇزاتتىم ۋە رەخمەت، رەخمەت دىگەن سۆزنى ئارانلا ئاغزىمدىن چىقىرالىدىم. مەريەمگۈل ئەگەر سەن خالىساڭ يەنە بىر يىلدىن كېيىن مەن ساڭا يەنە مۇشۇ تىمخورتونغا كىرىپ ئىشلەش پۇرسىتى بېرەلەيمەن. سەن بۇ بىر يىل جەريانىدا ئەڭىلىزچەڭنى تېخىمۇ ياخشىلا. تىمخورتون كۆچمەنلەر ئۈچۈن سىناقلىرىدىن ئۆتۈشى ئىنتايىن تەس بولغان بىر ئالى مەكتەپكە ئوخشايدۇ. مېنىڭمۇ ئاتا ئانام كاناداغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن، ئانام ئەڭىلىزچىنى 20 يىل توختىماي ئۈگەڭەن، ھەتتە ئانامنى ھاياتىدا ئەڭىلىزچە ئۈگۈنۈپ بۇ ئالەمدىن كەتتى دىسەممۇ خاتالاشمايمەن.بىز كۆچمەنلەر كانادا جەمىيتىگە سىڭىپ كىرىمىز دەيدىكەنمىز ھەركۈنى ئەڭىلىزچە ئۈگۈنۈپ تۇرۇشىمىز كېرەك، ئەگەر ئۇنداق قىلمىساق ئۆزىمىز كانادادا كاللىمىز، روھىمىز ۋە چۈشەنچىلىرىمىز ئۆز ۋەتىنىدە قالغان بىرى بولۇپ قالىمىز. مەن سېنىڭ بۇ بىر يىل ئىچىدە كاللاڭدىكى ئېغىر يۈكلەرنى چۆرۈپ تاشلاپ، خېرىدارلارنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە تولۇپ تاشقان كۈچ جاسارەت بىلەن تىكىلپ قاراپ تۇرۇپ گەپ قىلالايدىغان ۋە ھەر ۋاقت كۈلۈمسىرەپ تۇرالايدىغان بىر ئايالغا ئايلىنىپ قايتىپ كېلىشىڭگە تىلەكداشمەن.
مەن تىممخورتوندىن خوشلىشىپ، سىرتقا چىقتىم. تورونتونىڭ مەركىزى كوچىلىرىنىڭ بىرىدە كۈلۈمسىرەشتىن خالى سۆرۈنتەلەت چىرايىم بىلەن، كېتىۋاتىمەن. روجىستىۋا بايرىمىغا ئاز قالغانلىغى ئۈچۈن كوچىلار ئاۋات، ئادەم بىلەن لىق تولغان ئىدى. ئەتراپىمدىكى ئادەملەر قوللىرىدا مەرتلىك بىلەن پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي سېتىۋېلىشقان نەرسىلىرىنى كۆتۈرشۈپ خوشال خورام بىر-بىرلىرى بىلەن ئەڭىلىزچە پاراڭلىشىپ، چاخچاقلىشىپ كېتىۋاتماقتا.
خىياللىرىم دولقۇنلاندى. مەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن شەھەردە ھەر كۈنى ئىشقا بارغۇچە ۋە يانغۇچە، ياخشىمۇسىز؟ ياخشىمۇسىز؟ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ ئۆز تىلىمدا خەلقىم دوست بۇرادەر خىزمەتداش ۋە خولۇم خوشنىلار بىلەن سالاملىشىپ ماڭاتتىم. ئەمدى تورونتو كوچىلىرىدا كېتىۋېتىپ شۇ كۈنلەرنى سېغىنىمەن ئەسلەيمەن. بەزىدە چوڭ ياشتىكى مويسىپىت كىشىلەر، مەريەمگۈل دەپ مېنى چاقىراتتىدە يولنىڭ خىلۋەت جايلىرىدا ئاستا قۇلۇغۇمغا پىچىرلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىچىدە قانداق يېڭى گەپ سۆزلەر بار؟ نامايىشقا چىققان بالىلارنى قويۇپ بېرىدىغاندەك تۇرامدۇ قانداق؟ دەپ سورايتى مەندىن. ئاھ بەخىتلىك چاغلار…………تورونتو كوچىلىرىدا بۇنداق سالام سائەتلەر يوق.
كانادالىقلار ئىنتايىن باي.ئۇلار ماشىنىنىڭ ياخشىسىنى، ئۆينىڭ ياخشىسىنى، تېلىفۇننىڭ نوچىسىنى ساياھەتنىڭ نوچىسىنى قىلىش، ئونۋىرسىتىتنىڭ ياخشىسىنى تاللاش ھەققىدە باش قاتۇرۇپ ياشايدۇ.
ئۇلاردا بۈگۈن بۇنى يىدىم ئەتە نىمە يەرمەندىگەن غەم قايغۇ، پۇلنى سىقىپ يىغىدىغان مىجەز خارەكتىر يوق. بالىلىق چاغلىرىمدا دادامنىڭ تەڭتۈش ئاغىنىلىرى بىلەن سۆزلەشكەندە، ھەي ھاياتتا تۇرخۇندىن ئىس چىقىرىشنىڭ ئۆزىمۇ ئىنتايىن زور بىر ئىش دىگەنلىرى يادىمغا كەلسە، ھايات، ياشاش ،پۇل ۋە بايلىق ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلارغا مۇپتىلا بولىمەن.
كانادامۇ ئىنتايىن باي دەۋلەت. كانادا ھەم ئامېركىدەك ئۇرۇشقاق ئەمەس. كانادا دۇنيادىكى ئۇرۇش جىدەللەر ۋە سىياسى ماجرالارغا كۆپ كىرىپ قالماي تىنىچ ۋە خاتىرجەم ياشاشنى مەخسەت قىلغان بىر دەۋلەت.ئامېركىدا ھادىسە يۈز بېرىپ بىر چىمچىلاق قولىڭىز ئۈزۈلۈپ كەتسە 40 مىڭ دوللار بىر كۆرسەتكۈچ بارمىغىڭىز ئۈزۈلۈپ كەتسە 60 مىڭ دوللار بىر ئوتتۇرا بارمىغىڭىز ئۈزۈلۈپ كەتسە 70 مىڭ دوللار يانچۇغىڭىزدىن چىقىرىپ تۆلەيسىز ئەمما كانادادا بۇلارنىڭ ھەممىسى بىكالىق.ئەگەر خانىمىڭىز ئامېركىدا يەڭگىپ قالسا ئەگەر سۇغۇرتىڭىز بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، پاھوي..نۇرغۇن دوللار تۆلەشكە مەجبۇرسىز. كانادادا تۇغۇت ۋە بارلىق ئوپىراتسىيە شۇنداقلا تەكشۈرتۈش ئۈسكۈنىلىرىگە چۈشۈشنىڭ ھەممىسى بىكالىق. ئۇنى ئاز دەپ بىر بالىڭىز تۇغۇلسا كانادا ھۆكۈمىتى ھەر ئايدا سىزگە ئازراق كەم 500 دوللار پۇل بېرىدۇ بۇ تاكى بالىڭىز 18 ياشقا كىرگەڭە قەدەر داۋاملىشىدۇ. كانادالىقلارمۇ مانا مۇشۇنداق بىر باي دەۋلەتتە ياشىغانلىقنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ ياشايدۇ. ئۇلاردا نە ۋەتەن غېمى، نە ئىشسىزلىق غېمى، نە بالىلىرىنى ئالى مەكتەپتە ئوقۇتالماي قېلىش غېمى دىگەنلەرنى بىلمەيدۇ.
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى.
مەن مەريەمگۈل ئابدۇراخمان. بۈگۈن كاناداغا كەلگىنىمگە 10 يىل، تىمخورتون ئاتلىق كانادانىڭ بۇ 1- نومۇرلۇق تېز مۇلازىمەت رەستۇرانىدا ئىشلەۋاتقىنىمغا 5 يىل بولدى.
2-تىمخورتوندىن ئىشتىن توختۇتۇلغاندىن كېيىن قوپالراق سۆز بىلەن ئېيتقاندا قوغلاندى قىلىنغاندىن كېيىن دەل بىر يىل ئۆتكەندە، ھېلىقى تىمخورتوننىڭ باشلىغى ۋەدىسى بويىچە ماڭا 2-قېتىم يەنە بىر پۇرسەت بېرىش ئۈچۈن تېلىفۇن قىلىپ مېنىڭ ئىزچىل ھالدا تىمخورتوندا ئىشلەشنى ئويلاۋاتقان ۋە ئويلىمايۋاتقانلىغىمنى سورىدى. مەن خوشاللىق بىلەن ئىشلەشنى خالايدىغانلىغىمنى بىلدۈردۈم ۋە ئىشلەپ كەتتىم.
ھازىر تەرجىمىھال يېزىشقىمۇ خېلى ئۇستا بولۇپ قالدىم. 5 يىلنىڭ ئالدىدىكى ئۇ تەرجىمىھالىمغا قارىسام كۈلگۈم كېلىدۇ. ئىش ئورۇنلىرى بىلەن بولغان يۈز تۇرانە ئۇچۇرشۇشلاردا، قارشى تەرەپ سورايدىغان سوئاللارغىمۇ قانداق جاۋاپ بېرىشنى يېڭى كەلگەنلەرگە ئۈگۈتۈپ كېتىمەن ئۆزەمچە. كانادانىڭ تىمخورتون ئاتلىق بۇ 1-نومۇرلۇق تېز مۇلازىمەت رەستۇرانىدا نىمىلەرنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەنلىگى ئۇ بىر رومان. مەن تىمخورتوندا خۇددى سۇ ئۈزۈشنى بىلمەيدىغان بىرسىنى دەرياغا ئىتتىرۋەتكەندەك، ئۇياققا ئۇرۇلدىم، بۇياققا ئۇرۇلدۇم بەزىدە سۇنىڭ رايى بويىنچە ئىتتىك ئاقتىم بەزىدە قورام تاشلارغا ئۇرۇلدىم. قانداق بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ئاخىرى قىرغاققا چىقتىم. ھازىر مەن تىمخورتوننى تاشلىۋەتسەم تاشلىۋېتىمەنكى تىمخورتون مېنى قوغلاندى قىلىۋېتەلمايدۇ. ئەمما مەن تىمخورتون ئۈچۈن كۈرەش قىلغان بۇ كۈن ۋە بۇ يىللىرىم ئۈچۈن پۇشمان قىلمايمەن. چۈنكى مەن تاللاش نۆۋىتىدە ھاياتتا قېلىش ئۈچۈن ياشاشنى ئەمەس بەلكى، ياشاشنىڭ تەمىنى تېتىش ئۈچۈن ياشاشنى تاللىغان ئىدىم. سۇمۇ ئېقىپ-ئېقىپ يولىنى تاپقانغا ئوخشاش مەنمۇ يولۇمنى تاپماقتا ئىدىم.

تورونتو كوچىلىرى كەچكۈزنىڭ سەرسان يوپۇرماقلىرىغا پانالىق بېرىۋاتقان بىر كۈنى، مەلۇم بىر تىمخورتوندا تەرجىمان يىگىت بىلەن تەسادىپەن ئۇچۇرشۇپ قالدىم. تەرجىمان يىگىت مېنى كۆرۈپ ئاللا…………دىگەنچە پىشانىسىغا بىرنى ئۇرۇپ قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە، ھەدە سىز تېخىچە تىمخورتوننىڭ پېشىنى قويۇۋەتمىدىڭىزمۇ؟ دىدى ھەيرانلىق بىلەن.
كېيىنكى كۈنلەردە تەرجىمان يىگىت، مېنىڭ تىمخورتوندا سېتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى يادلىشىمغىمۇ ياردەمچى بولغان ئىدى.

ھەدە بۇ خەق دونات دىگەن بىرنىمىسى بار بەك ياخشى كۆرىدۇ. دىپ دىگەنلىرى ئوتتۇرسى تۆشۈك بولغانلىرى. مەسىلەن ھونەي دىپ دونات دىسىلا دەرھال ئوتتۇرسى تۆشۈك بولغانلىئىرىغا قاراڭ دەپ تاكتىكا ئۈگۈتەتتى ئۇ ماڭا.

ھايات خۇددى سۈرەتلەر يىغىندىسى. ئەمما سەن بۇ سۈرەتلەرنىڭ ھەممىسىدە كۈلۈمسىرەلمەسلىگىڭ مۈمكىن.يەنە كېلىپ مېنىڭدەك كىچىككىنە بىر دۈم كۆمتۈرۈپ قويۇلغان قازان شەھەردە تۇغۇلغان، نۇرغۇن ئادەملەر دۇنيانىڭ چوڭلىغى مۇشۇنچىلىك ئوخشايدۇ دەپ ياشايدىغان بىر جۇغراپىيەدە يېتىلگەن مەندەكلەر ئۈچۈن تورونتو، قانچە ئەسىر بۇرۇن ياشىغان بىر ئادەمنى تىرىلدۈرۈپ ئاندىن ئۇنىڭ قانداق ياشايدىغانلىغىنى تاماشا قىلىۋاتقان تاماشىبىنغا ئوخشايدۇ.
بۈگۈن يەنە، تورونتودا قاتتىق سوغاق بولۇدىغانلىغى ھەققىدە مەترولوگىيە ئىدارىسىنىڭ ئۇختۇرۇش بەرگىنىگە قارىماي، 2 ئۆي ماكانسىز كىشىنىڭ كوچىدا توڭلاپ ئۆلۈپ قالغانلىغى ھەققىدە خەۋەر تارقىتىلدى.كىشىلەر بۇ 2 ۋەتەنداش ئۈچۈن تورونتو شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، شەھەر باشلىغى جوننى جاۋاپكارلىققا تارتتى.جون نامايىشچىلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ 2 كانادا ۋەتەندىشىنىڭ سوغۇقتىن توڭلاپ ئۆلۈپ قالغانلىغىدا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇليىتى بار ئىكەنلىگىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە نامايىشچىلارنىڭ ھەق ئادالەت ۋە كانادانىڭ ئىنسانلىق قىممەت قارىشىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەق ئادالەت ھەركىتىگە يۇقۇرى باھا بەردى. تورونتو شەھرىنىڭباشلىغى يەنە دەرھال بۇيرۇق چۈشۈرۈپ تورونتودىكى ھەرقايسى مەركىزى ئورۇنلارغا، سوغۇقتا قالغانلار ئىسسىنىۋېلىش ئورنى قۇرۇش ھەققىدە بۇيرۇق بەردى.
بۈگۈن يەنە فرانسىيەدىكى بىر جورنالنىڭ تەھرىر بۆلۈمىگە، تەرورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلىپ، 12 تەھرىر ۋە مۇخبىرنىڭ ئۆلگەنلىگى شۇنداقلا 4 نەپەر كىشىنىڭ ئېغىر يارىدار ئىكەنلىگى ھەققىدىكى خەۋەر دۇنيانى لەرزىگە سالدى.
ۋەتەندىكى مۇھىم خەۋەرلەردىن، بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ بېئىيجىنغا يۆتكەلگەنلىك خەۋىرى كەلدى.
مەن مەريەمگۈل ئابدۇراخمان، ۋەتەننىڭ نۇر بەكرىسى بولغىچە، كانادانىڭ ئاددى بىر پۇخراسى بولغاننى ئەۋزەل كۆرگەن بىر ئۇيغۇرمەن. تاجىدارلار تاجىنىڭ كۆزى بولغاندىن كۆكلەم يامغۇرىنىڭ بىر تامچىسى بولۇشنى ئەۋزەل كۆرگەن ئۇيغۇرمەن.
قورقۇنچاقلارنىڭ قولىدىكى قىلىچى بولغاندىن، جەسۇر بىر ئايال بولۇشنى تاللىغان ئۇيغۇرمەن. ئەلبەتتە جەسۇر ئايالنىڭ بىر قارىشى،كورقۇنچاق ئادەمنىڭ قىلىچىدىن نەچچە ھەسسە بەكرەك دۈشمەننى تىترىتەر.ئەگەر ئۆز-ئۆزەمگە باھا بېرىشقا توغرا كەلسە، مەن ئۆزەمدىكى ئەنە ئەشۇ جەسۇرانە بىر قاراشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن. ئەشۇ جەسۇرانە بىر قاراش مېنىڭ مەن تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئەشۇ تۈگمىدەك شەھەردىن يولغا چىقىپ، كاناداغا كېلىپ توختىغىچە بولغان سەپەرلىرىمدە ماڭا ھەمرا بولدى.
ئەي………..جەسۇر ئايالنىڭ بىر قارىشى.ئۈمۈت ئىشەنچ، روھ ۋە ھەق ئادالەت ئالىمىنى كېزىشكە يېتەكلىگەن قاراش.
مەن يەنە، ئىنسانلار ھۆكۈمەتلەردىن قورقىدىغان يەرلەرنىڭ خەندانسىز بۇلبۇلى بولغاندىن، ھۆكۈمەتلەر ئۆز پۇخرالىرىدىن قورقۇدىغان دۇنيالارنىڭ جاپاكەش چۈمۈلىسى بولۇشنى تاللىغان ئۇيغۇرمەن. مەن يەنە قەپەز ئىچىدىكى يالتىراق توز بولغاندىن،ئەركىن دۇنيانىڭ ئېرىغىدا ئەركىن ئاققان سۇ بولۇش يولىنى تاللىغان ئۇيغۇرمەن.
مەن يەنە ئۆلۈك بىر ئىمپىراتور بولغاندىن، ھايات بىر تىلەمچى بولۇشنى تاللىغان بىر ئۇيغۇرمەن.
مەن مەريەمگۈل ئابدۇراخمان ئۆز نۆۋىتىدە كانادانىڭ 1- نومۇرلۇق تېز مۇلازىمەت رەستۇرانىدا ئىشلىگەن بىر ئايال ئەمەس، بەلكى يەنە ئۇيغۇر دىگەن بۇ ئىسىمنى كانادالىقلارغا تونۇتۇش ئۈچۈن يالۋۇرۇپ يۈرگەن مەدىنى دىۋانە تىلەمچىمەن.ۋەتەندىكى تىلەمچىلەردىن پەرقىم، ئۇلار ئېتىگىگە 10 تىيىن تاشلانغىنىغا خوش بولسا، مەن بىر ئادەمنىڭ ئۇيغۇرنى بىلگەن ۋە تونۇغىنىغا خوش بولۇپ، ئۇنىڭدىن پۈتمەس تۈگىمەس ئۈمۈت جاسارەت ۋە روھ ئېلىپ ياشايدىغان ئۇيغۇرمەن.
ئەي دۇنيا……………كىملەر نۇر بەكرى بولۇش تاماسىدا، ھۆكۈمدارلار سورۇنلىرىنىڭ ئېغىز سۈرتىدىغان قولياغلىغى بولۇشنى شەرەپ دەپ بىلدى، يەنە كىملەر ئۇلارنىڭ ئاچچىق ھاراقلىرىنىڭ زاكۇسكىسى بولدى. يەنە كىملەر ……. نىمە ئىشلارغا رازى بولمىدى ……..يەنە كىملەر نۇر بەكرى بولۇپ قېلىش ئۇۋالچىلىغىدىن بەدەر قاچتى، ھەتتا قىتئەلەر ئاتلاپ خۇددى مەندەك.
تورونتو كوچىلىرىدا كېتىۋېتىپ، تىمخورتوندا ئالدىراش ئىشلەۋېتىپ، بۇرنۇمغا ئۇرۇلغان مىزىلىك كوفى ۋە چايلارنىڭ پۇرىغىدىن ھوزۇرلانغاچ خىيال ۋە تەپەككۈرلىرىمنى قىلىمەن.بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى، ئۆلۈم ھەققىدىكى تەپەككۈرۈم بولدى. ئۆلۈم ئەسلىدە، ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ يوقۇتۇش ئەمەس، ئەسلىدە ئەڭ چوڭ يوقۇتۇش، ئارىمىزدا ھايات تۇرۇپ ئۆلگەنلەر. نۇر بەكرى ھايات ياشاپ تۇرۇپ،خەلق نەزىرىدە ئۆلگەنلەر جۈملىسىدىندۇر.ئەي مەريەمگۈل، مەريەمگۈل سەن بۇ دۇنيادىن كۆز يۇمغاندا، كۈلۈپ تۇرۇپ مەغرۇر كەتكىنكى ئۇ دۇنياغا، بۇ دۇنيادا قالغان ھەر كىم يىغلىسۇن سېنىڭ ئۈچۈن ياش تۆكۈپ. ھاياتنى قانچىلىك سۆيسەڭمۇ سۆي، ئەمما ئۆلۈمگىمۇ ھازىر بولۇشۇڭ كېرەك. دېڭىزنى سۆيىمەن دىسەڭ ئۇنىڭ دولقۇنلىرىنىمۇ سۆيۈشۈڭ كەرەك. ئۇچۇشنى ئارزۇ قىلساڭ، چۈشۈشنىمۇ ئويلۇشۇپ قوي. ئەگەر قورقۇپ ياشىساڭ پەقەت ھاياتنىڭ دەل ئۆزى ئەمەس، تاماشىبىنى بولۇپ قالىسەن. مەن ئادەم بولۇش بىلەن نۇر بەكرى بولۇش ئوتتۇرسىدىكى تاللاشتا ئادەم بولۇشنى تاللىغان ئىدىم. ئالدىمدا ئىككى يول تۇراتتى. بىرى نۇربەكرى يولى، يەنە بىر تولىمۇ خەتەرلىك بولغان قېچىش يولى. مەن قېچىشنى تاللىدىم. بەزىدە قېچىش بىر ئاخماقلىق، چۈنكى سەن بەزىدە خوشناڭنىڭ كۈچىگىدىن قورقۇپمۇ قاچىسەن .بەزىدە قېچىش بىر قەھرىمانلىق.ئەگەر خائىنلار بىلەن قەھرىمانلار ئوتتۇرسىدىكى پەرققە باھا بېرىشكە توغرا كەلسە، ھۆكۈمدارلارنىڭ مەھكىمىلىرى ئەمەس بەلكى تارخ باھا بېرىدۇ.
كانادادا ئۆتكەن بۇ 10 يىل، مەندە چوڭ ئۆزگۈرۈشلەر ھاسىل قىلدى. ئەڭ مۇھىمى ھەر ۋاقت مېنىڭ روھى دۇنيارىمنى بىئارام قىلىپ كېلىۋاتقان، مالىيامۇگۇلى ئابۇدۇرېخېمەن دىگەن ماڭا مەجبۇرى تېڭىلغان بۇ سۆرەم پالاز ئىسىمدىن قۇتۇلدۇم. ھازىر مەن مەريەمگۈل. كانادا پاسپورتۇم ۋە كانادا كىملىگىمدە شۇنداق يېزىلغان.خىزمەتداشلىرىم مېنى مەريەم دەپ چاقىرشىدۇ. مەن بۇ كۈننى تەبرىكلەش ئۈچۈن چەتئەلدىكى بىردىن بىر مۈلكۈم، پۇل ۋە قۇدرەتتىنمۇ كۈچلۈك بولغان ئائىلەم بىلەن بىرلىكتە تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدۇم. مۇراسىمدا يەنە يېقىن دوسلىرىمىزدىن، تورونتو كۈتۈپخانىسىنىڭ كۆپ خىل مەدىنيەتلەرنى راۋاجلاندۇرۇش بۆلىمىنىڭ باشلىغى پاملا خانىم، ئۈرۈمچى قەشقەرلەرنى زىيارەت قىلىپ ئۇيغۇر لەڭمىنىگە بولۇپمۇ خىتايچە بازىمىئەن دىيىلىدىغان لەڭمەن تارتىشقا ھېرىسمەن بولغان پەتەر ئەپەندى شۇنداقلا مەن ئىشلەۋاتقان تىمخورتوننىڭ باشلىغى سۇ خانىملار بار ئىدى. دەستىرخىنىمىزدا ئۇيغۇر تاماقلىرى بولغان پولو، سامسا، مانتىلاردىن باشقا يەنە پىززا، پاپايىز شۇنداقلا، İتالىيەلىكلەرنىڭ پاستا،تۈركلەرنىڭ دولما ۋە باكلاۋالىرىمۇ بار ئىدى. مۇزىكىلاردىن، ھارۋىكەش ناخشىسى، قاپقارا قوي كۆزلۈگۈم، يار سېنىڭ دەردىڭ 2- شۇنداقلا، بۇلبۇللار، بۇلۇتلار ئاراسىدىن قاتارلىقلار بوشۋە يېقىملىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
بۇ كىچىك تەبرىكلەش مۇراسىمىدا مەن ئائىلەمدىكىلەرگە ۋە 3 نەپەر دوستىمىزغا نۇتۇق سۆزلەپ، بۈگۈنكى دۇنيادا ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئىسمىنىمۇ توغرا ئاتىيالماي، ھۆكۈمدارلار مەجبۇرى تاڭغان ئىسىملار بىلەن يۈرۈشى بىر پاجىئە.مەن بىر ئىنقىلاپ قىلدىم ۋە بۇ ئىنقىلاپتا كانادادا غەلبە قىلدىم دىدىم.ئۇلار چاۋاكلار چېلىشىپ مېنى تەبرىكلەشتى.شۇ كۈندىن ئېتىبارەن مەن كېچىلىرى كۈلۈمسىرەپ ئۇخلايدىغان بولدۇم. شۇنداق، مەن بۇ 10 يىل جەريانىدا يەنە نۇرغۇنلىغان قانۇنيەتلەرنىمۇ يەكۈنلەپ چىقتىم.
يەكۈنلىگەن قانۇنيەتلىرىمنىڭ بىرسى شۇكى، بىر ئىنساننى ۋەتىنىدىن ئايرىۋەتكىلى بولىدىكەن ئەمما، ۋەتەننى ئۇنىڭدىن ئايرىماق مۈمكىن ئەمەسكەن. مەن مەريەمگۈل ئابدۇراخمان گەرچە ئۆزەم ۋەتەندە بولمىساممۇ ئەمما بۇ10 يىلدا ۋەتەن بىلەن پىچىرلىشىپ ياشىدىم. چۈنكى مېنى مەن قىلىپ تۇرۇۋاتقان،مېنىڭ ئىچكى ھىسسىياتلىرىمنى ئەللەيلەيدىغان ھەممە نەرسە ۋەتەندە ئىدى.دەرەخ قانچە ئىگىز ئۆسسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى يەنىلا يەرگە چۈشكىنىگە ئوخشاش، مەن كانادادا ئىگىز ئۆسكەن بىر دەرەخ بولساممۇ ئەمما مېنىڭ يوپۇرماقلىرىم ۋەتەن زىمىنلىرىغا ھەتتا ھەر بىر بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىغا قەدەر چۈشمەكتە ۋە ئانا زىمىنغا سىڭىپ كەتمەكتە ئىدى.
مەن يەنە كانادا بايرىغى ئالدىدا قەسەم بېرىپ كانادانىڭ ۋەتەنداشلىغىغا ئۆتتۈم. ئەلبەتتە بۇ مەن مالىيامۇگۇلى ئابۇدۇرېخېمەن دىگەن ئار نۇمۇسۇمغا تىگىدىغان ئىسىمنى پىقىرتىپ تاشلىۋېتىشتىن بۇرۇن بولدى. مەن كانادا بايرىغى ئالدىدا قەسەم بېرىۋاتقان ۋە ئو………….كانادا دىگەن كانادانىڭ دەۋلەت گېمىنى ئورۇنلاۋاتقان ۋاقتلاردا، بەدەنلىرىم مەن ھىچبىر زامان ھىس قىلىپ باقمىغان چىن ئەقىدە ۋە ساداقەت ھىسسىياتى بىلەن لاۋۇلداۋاتقاندەك بولدى. ۋەتەن ۋە تۇپراق ھەققىدە ۋەتەندىن ئايرىلغاندىكى ۋاقتلارغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ مۇھەببەتلىك تونۇشقا ئىگە بولدۇم. ئەگەر قەلبىمدە ۋەتەن دىگەن بىر ئۇقۇم يالقۇنجىمىغان، ۋەتەن دىگەن بىر سايە ماڭا ئەگەشمىگەن، ۋەتەن دىگەن بىر ئاۋاز قۇلاق تۈۋۈمدە زايە بولمىغان بولسا ئىدى.مەن كانادانىڭ بۇ رەھىمسىز ۋە ناتونۇش دەريا-ئۆستەڭلىرىدە ئاقالمىغان بولاتتى.
بۈگۈن تورونتو كوچىلىرى ئاچچىق سوغۇق ۋە ھۇۋلىغان شىۋىرغاندىن غال- غال تىترىمەكتە.
شۇنداق، فېبرال ۋە يانۋار ئايلىرىدا تەبىئەت، مەن تۇغۇلغان ئەشۇ دۈم كۆمتۈرۈپ قويۇلغان كىچىككىنە قازان شەھەردىمۇ سوغۇق ھۇۋلاشلىرى بىلەن زەھەرلىك يىلاندەك جانلىقلارنى چېقىشقا ھازىر تۇرۇدۇ.ئەمما سەن كىملەر بۇ ئاچچىق سوغۇقلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي كوچا كويلاردا توڭلاپ ئۆلدى. كىملەر قالايدىغان كۆمۈرى يوق توڭلاپ ئۆلدى بىلمەيسەن. نە خەۋەر ئالالمايسەن نە ساڭا خەۋەر بېرىدىغان بولمايدۇ. ئەمما كانادادا ئۇنداق ئەمەس، بۈگۈن تورونتولۇقلار 2 نەپەر ۋەتەندىشىنىڭ كوچىدا توڭلاپ ئۆلۈپ قالغانلىغىنىڭ ھېسابىنى ھۆكۈمەتلەردىن سوراش ئۈچۈن كوچىلارغا تۆكۈلدى. چۈنكى ۋەتەن دىمەك خەلقنىڭ كۈچى دىمەك.خەلقنىڭ كۈچى دىمەك ئادالەت دىمەكتۇر.ئادالەت دۇنياسى .بەزى يەرلەردە ئادالەت خۇددى لىق توك قاچىلانغان تېلىفۇنغا ئوخشايدۇ، بەزى جايلاردا بولسا توكسىز تېلىفۇنغا
گەرچە كۈننىڭ سوغۇق بولغىنىغا قارىماي،بۈگۈن مەن ئىشلەۋاتقان بۇ تىمخورتون ھەر كۈنكىدىن ئىككى ھەسسە ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۆچرەتلەر تاشقىنلاپ، كوچىلارغا قەدەر سوزۇلۇپ كەتتى.چۈنكى مەن ئىشلەۋاتقان بۇ تىمخورتون شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىغا يېقىن ئەتراپتا بولغانلىغى ئۈچۈن، مۇزلىغان نامايىشچىلار تىمخورتونغا ئۆزىنى ئېتىشقان ئىدى.
مەن كوفى چاي دەملەش، دەملىنىپ بولغان كوفى چايلارنىڭ قىرىندىلىرىنى ئەخلەتكە تاشلاپ يۇيۇپ تازىلاپ يېڭى كوفى چايلارنى دەملەشكە ھازىرلىنىش، زاكاس ئېلىش خېرىدارلارنىڭ كوفى چايلىرىنى دەملەپ بېرىش، خېرىدارلار زاكاس قىلغان تاتلىق تۈرۈملەر شۇنداقلا سۇيقاش ۋە ساندىۋىچ دىگەڭە ئوخشاش نەرسىلەرنى خېرىدارلارغا يەتكۈزۈپ بەرىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل ئىدىم. ھازىر 10 يىلنىڭ ئالدىدىكى مىشچان، ئېزىلەڭگۈ يىغلاڭغۇ مەريەمگۈلدىن ئەسەر قالمىغان ئىدى.مەن شۇنچىلىك تېز ۋە شۇنچىلىك چەبدەسلىك بىلەن زاكاس ئېلىپ، خەرىدارلارنىڭ كوفى، چاي ۋە يىمەك ئىچمەكلىرىنى شۇنچىلىك تېز يەتكۈزۈپ بېرەتتىمكى ئەي ھەنناس،باشلىغىم توختىماي گوئود جوب مەريەم دەپ ماڭا مەدەت بېرەتتى.
ئەي …..ئايال يىغلىما، مىشچانلار ۋە يىڭلاڭغۇلار باشلىرىنى مەغرۇر كۆتۈرۈپ، چەكسىز كەتكەن كۆكلەردىن ھوزۇر ئالالمايدۇ، يېتەركى دۈشمىنىڭگە خەنجەردەك سانجىلىپ قارايدىغان ئۆتكۈر كۆزلىرىڭ زەرەر كۆرمىسۇن. گەرچە تورونتودا قانچىلىغان رەڭلەرگە ساھىپ ئوخشىمىغان كۆزلەر مەۋجۈت بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭدىن ئېقىۋاتقان ياشلار ئوخشاش ئىدى. تورونتولۇقلار خاس مىللەتلەر ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئىنسانلىق ئۈچۈن ياش تۆكىدىغان خەلق. بۈگۈن تورونتو خەلقى قاتتىق سوغۇق سەۋەبىدىن كوچىدا توڭلاپ ئۆلۈپ قالغان ئىككى نەپەر ۋەتەندىشى ئۈچۈن ياش تۆكتى ۋە يەنە ياش تۆكۈپ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ قالمىدى بەلكى ئىشلىرىنى تاشلاپ كوچىلارغا تۆكۈلدى.
مەن نامايىشچىلار زاكاس قىلغان كوفى چاي، ساندىۋىچ ۋە سۇيقاش قاتارلىق نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ نامايىشچىلار ئولتۇرۇشقان ئۈستەلگە باردىم. ئۈستۈمدە يارىشىملىق تىمخورتوننىڭ خىزمەت كىيمى، مەيدەمدە مەريەمگۈل دەپ يېزىلغان ئىسىم كاريتۇچكام، بېشىمدا تىمخورتون دىگەن خەت يېزىلغان شەپكەم بار ئىدى.روھىممۇ ئۈستۈن ئىدى.نامايىشچىلار ھارپەر ھۆكۈمىتىنى توختىماي ئەيىپلىمەكتە ئىدى. ئۇلار بۈگۈنكى كۈندە، كانادادا 2 كىشىنىڭ سوغۇقتىن توڭلاپ ئۆلۈپ قېلىشى كانادا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ئۈچۈن نومۇس دەپ سۆزلەشمەكتە ئۇلار غەزەپ بىلەن. نامايىشچىلارنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ خىياللىرىم قاناتلاندى. كۆزالدىمدىن ئىز دىرەكسىز غايىپ بولغان ئوغلىنى ئىزلەپ چۇقانلىرىنى دۇنيالارغا قەدەر ئاڭلىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ئەمما بوغۇلۇپ قېلىۋاتقان قەيسەر ئانا پاتىگۈل غۇلام، ئارقىدىن يەنە ئوغلى ئۈچۈن پەريات ئۇرۇۋاتقان باشقا ئانىلار كەچتى. دۇنيا ئادالىتىنىڭ ئۇرۇغى نىمە دىگەن تەكشى چېچىلمىغان ھە؟ بەزى يەرلەرگە بەك مول بەزى يەرلەرگە بولسا ھىچ چېچىلمىغان.
مەن تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئەشۇ دۈم كۆمتۈرۈپ قويۇلغان قازان شەھەردە،نۇرغۇن كىشىلەر ئىز دەرەكسىز غايىپ بولۇپ كەتتى. تۈرمىلەردە ئۆلدى…….قېنى بۇلار نەگە كەتتى دەپ سورىغۇچىلارمۇ ئۆلدى. مەن ئەشۇ دۈم كۆمتۈرۈپ قويۇلغان قازان شەھەرگە ئادالەت ئېلىپ كېلەلىگۈدەك كۈچكە ساھىپ بولمىساممۇ ئەمما، ئادالەت ھۆكۈمسۈرۈۋاتقان بىر جاينى ئاخىرى تاپتىم. ھەمدە ھەق ئادالەت ئۈچۈن چۇقان سېلىۋاتقان بۇ ھەق ئادالەت ئىگىلىرىگە ئەڭ يېقىن ھالەتتە تۇرۇپ خىزمەت قىلماقتىمەن. تورونتودىكى ئىنسانلىق قىممىتى بىلەن مېنىڭ ئۇ ئانا شەھرىمدىكى ئىنسانلىق قىممىتى ئوتتۇرسىدا سېلىشتۇرغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە زور پەرق بار ئىدى. ئاقنىڭ تەغدىرى كىرلەنمەك، قارىنىڭ تەغدىرى قارىلانماق بولغىنىدەك، مەن دۈم كۆمتۈرۈپ قويۇلغان قارا قازان ئاستىدىكى، قارا تەغدىرگە دۇچار بولۇپ قارىلىنىپ كەلگەن بىر مىللەتنىڭ پۇچتىدىنمەن.
مەن مەريەمگۈل ئابدۇراخمان كانادادا، ئادالەت ھەققىدە كۆپ نەرسىلەر ئۈگەندىم.بەزىلەر مەكتەپلەردە ئوقۇپ ئۈگۈنىدۇ. بەزىلەر ياشاپ ئۈگۈنىدۇ خۇددى مەندەك. ياشىغانلار دېڭىزدىكى بوران چاپقۇن چايقىغان كېمىگە ئوخشار.
مەريەم. تۇيۇقسىز قۇلۇغۇمغا بىرسىنىڭ مېنى چاقىرۋاتقانلىغى ئاڭلاندى. مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ يان جوزىغا قارىدىم. مېنىڭ ئىسمىم ئالىكىس تورونتو ئونۋىرسىتىدا ئوقۇيمەن . مەن بۈگۈنكى بۇ نامايىشنىڭ تەشكىللىگۈچىسىمەن.تونۇشقىنىمغا مەمنۇنمەن، كوفىنى بەكياخشى دەملەپسىز رەخمەت دىدى ئالىكىس ماڭا قول ئۇزۇتۇپ. رەخمەت بۇ مېنىڭ خىزمىتىم دىدىم مەن ئۇنىڭغا جاۋابەن.
مەريەم سىز ئۆزبىكمۇ؟ دەپ سورىدى ئالىكىس ئارقىدىن . ياق مەن……مەن جاۋاپ بېرىشكە تەمشىلىۋىدىم ئۇ دەرھال،ھە توختاڭ…..توختاڭ مەن تاپىمەن دىدى جىددى تەلەپپۇزدا.
ئارقىدىن ئۇ يەنە، ئۇنداقتا سىز ئۇيغۇر شۇنداقمۇ؟دىدى.
شۇنداق، ئەمما قانداق بىلىۋالدىڭىز؟ مەن بىر ئەڭىلىزنىڭ مېنىڭ قايسى مىللەتتىن ئىكەنلىگىمنى پەرەز قىلىپ بىلىۋالغىنىنى تۇنجى كۆرۈشۈم ئىدى.
مەن تورونتو ئونۋىرسىتىدا تارىخ پەنلىرى ئوقۇيمەن. مەن ئەسلىدە موڭغۇل تارىخىغا ئىنتايىن قىزىققان ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن يولغا چىققان ئىدىم ئەمما، ئوقۇش جەريانىدا موڭغۇل تارىخىنىڭ ئۇيغۇر تارىخى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەنلىگىنى ھىس قىلدىم.
مەن ئۇيغۇرلارنى بىلىدىغان ۋە ئۇيغۇر تارىخىغا قىزىقىدىغان بىر ئەڭىلىز بىلەن تەساددىپەن تىمخورتوندا ئۇچۇرشۇپ قالغانلىغىمدىن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم . ھاياجان سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، ئاغزىمغا باشقا گەپ كەلمەي،توختىماستىن سىز بىلەن كۆرۈشكەنلىگىمدىن مەمنۇن بولدۇم دىگەن سۆزنى توختىماي تەكرارلاپ كەتتىم.
مەريەمگۈل،تورونتودا قانچىلىك ئۇيغۇر بار؟ سورىدى ئالىكىس مەندىن.
150 ياكى 200 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئائىلىسى بولۇشى مۈمكىن.
ناھايىتى ياخشى. ئالىكىس مەن بىلەن سۆزلەشكەچ يانچۇغىدىن ھېساپلىغۇچنى چىقىرىپ مەندىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەخمىنەن قانچىلىكتىن ئۇيغۇر ياشايدىغانلىغىنى سورىغاچ، خىتاي چېگرىسى سىرتىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستاتىستىكىسىنى قىلماقتا ئىدى. ئۇ بىر ھازا ھېساپلىغۇچقا قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن مۇنداق دىدى.
خىتاي ئۆزىنىڭ نوپۇس مەلۇماتى بويىچە ئېيتقاندىمۇ ئۇيغۇرلار 8 مىليۇن ئەتراپىدا. ئەگەر بۇلارنىڭ بىر مىليۇنى چەتئەلدە بولدى دىگەن تەغدىردە، ئەگەر خىتاي سىلەرنىڭ تىل ۋە مەدىنيىتىڭلارنى يوق قىلىۋېتىش مەخسىدىنى ۋەتەن ئىچىدە ئەمەلگە ئاشۇرالىغان تەغدىردىمۇ، چەتئەلدە ياشاۋاتقان بىر مىليۇن ئۇيغۇر ئۆز مىللى كىملىگىڭلارنى ساخلاپ ۋە قوغداپ قېلىشقا تامامەن يېتىسىلەر. شۇنداقلا مۇستەقىل بىر دەۋلەت بولۇش جەھەتتىكى رەقەملەرگە كەلسەك، سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق دەۋلەتلەر 5 مىليۇنلۇق نوپۇسى بىلەن مۇستەقىل بولۇپ تۇرماقتا. ئۇندىن باشقا ياۋرۇپادىكى نورۋىگىيە، دانىيە قاتارلىق نۇرغۇنلىغان دەۋلەتلەرمۇ 5 مىليۇن ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن نوپۇس سانى بىلەن مۇستەقىل دەۋلەت ھالىتىدە مەۋجۈت بولۇپ تۇرماقتا.
مەن ئىنتايىن ھاياجان ۋە خوشاللىق ئىچىدە ئالىكىسنىڭ سۆزلىرىنى تىڭشىماقتا ئىدىم.
مەريرمگۈل سىلەر ھەر يىلى 4-ئىيۇل ۋەقەسى بارىن ۋە غۇلجا ئىنقىلاپلىرىنى خاتىرلەپ نامايىشقا چىقىۋاتامسىلەر؟
ئەلبەتتە چىقىۋاتىمىز. دىدىم مەن جاۋابەن. ئىچىمدە بولسا ئالىكىسنىڭ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممە ھەركەتلىرىمىز بولغان كۈنلىرىمىز ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولغانلىغىدىن تېخىمۇ سۆيۈڭەن ئىدىم.
ناھايىتى ياخشى.چۇقان سېلىش ۋە نامايىش قىلىش روھىڭلارنى يوقۇتۇپ قويماڭلار. چۈنكى كانادالىقلار جىمجىت سۈكۈتكە چۆمگەن مىللەتلەرنىڭ ئەمەس، ھەق ۋە ئادالەت ئۈچۈن چۇقان سالغان مىللەتلەرنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇشنى تاللىغان خەلقلەردۇر.
ئالىكىس ۋە ئۇنىڭ بۈگۈنكى نامايىشقا چىققان بارلىق ھەمرالىرى مېنى ئورىۋېلىشقان ئىدى. مەندىن ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىگى ھەققىدە توختىماي سوئال سورايتتى. مەن بۈگۈن ئۆزەمنى ئىنتايىن مەمنۇنىيەت ۋە خوشاللىق ئىچىدە ھىس قىلدىم.
ئالىكىس يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى. ئەسلىدە مەريەمگۈل، ئىپەك يولىنىڭ تاقىلىپ دېڭىز يوللىرىنىڭ ئېچىلىشى سىلەرنىڭ ئەڭ زور تەلەيسىزلىگىڭلار ۋە بەخىتسىزلىگىڭلار بولدى. شۇندىن بۇيان تازىمۇ ئىچكىرى بولغان بىر ئىچكى قۇرۇقلۇققا قامىلىپ قالدىڭلار. توغرىسى خىتاي سىلەرنىمۇ شۇ يەرگە قاماپ قويدى. دۇنيا سىلەردىن سىلەر دۇنيادىن يىراقلىشىپ كەتتى. ئەمما خاتىرجەم بولغىنكى مەريەمگۈل، يېقىن كەلگۈسىدە ئىپەك يولى ۋە تەكلىماكان دۇنيانىڭ ئەڭ قىززىق نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆزلەيدىغان كۈنلەر كېلىدۇ.
ھەير خوش مەريەمگۈل سېنىڭ تىمخورتوندىكى ئىشلىرىڭغا مۇۋەپەقىيەت تىلەيمەن ئالىكىس ماڭا يەنە قول ئۇزاتتى. مەنمۇ ئۇنىڭغا قول ئۇزاتتىم شۇ قاتاردا ئالىكىس باشچىلىغىدىكى نامايىشچىلار قوشۇنىمۇ ماڭا قول ئۇزۇتۇپ مېنىڭ بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ خوشلاشتى.
ئالىكىس يەنە ماڭا ئىسىم كارتۇچكىسىنىمۇ بەردى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشلىرى بولغاندا چاقىرشىمنى، ئۆزى ۋە دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى خالايدىغانلىرىنى،ئۇندىن باشقا ھەر تۈرلۈك ئۇيغۇرلارنى كانادادا تونۇتۇش مەزمۇن قىلىنغان مەدىنيەت پائاليەتلىرىنى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىش ئويىنىڭمۇ بارلىغىنى ئېيتىپ تىمخورتوندىن ئايرىلدى.
مەن مىيىغىمدا مەمنۇنىيەت بىلەن كۈلدۈم. بۇ مېنىڭ راس ۋە سەمىمى كۈلكەم ئىدى.
(داۋامى بار)

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …