ئەي زىيۇ: ئىمىنجان مالايشىيا قاتارلىق ئەللەردە جاسۇسلۇق ھەرىكەتتە

rishat-jasus-75.jpg
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلۇق
2013-08-27

 خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق جاسۇسى ئەي زىيۇ توكيودا بەرگەن «جاسۇس ئىمىنجان مالايشىيا قاتارلىق ئەللەردە جىددىي ھەرىكەتتە» سەرلەۋھىلىك دوكلاتىدا خىتايغا 80 – يىللاردىن باشلاپ جاسۇسلۇق قىلىپ كەلگەن، ئىمىنجان ئىسىملىك كونا جاسۇسنىڭ تاكى ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا ئېلىپ بارغان جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا توختالغان.
ئەي زىيۇ دوكلاتىدا مۇنداق دېدى:

– بۈگۈنكى دوكلاتىمدا سۆزلىنىدىغان جاسۇسنىڭ ئىسمى ھەرگىز xx دەپ ئاتالمايدۇ. سەۋەبى نېمە دېگەندە، بۇ جاسۇس xx دەپ ئاتالسا، ئۇ يەنە ئۆز قىلمىشىنى يوشۇرۇپ قالالايدۇ. ئۇنىڭ جاسۇسلۇقتىكى ۋەھشىلىكى، قەبىھلىكى يۈزىسىدىن ئۇنى ئۆز ئىسمى بىلەن ئاتاشقا مەجبۇر بولدۇم. شۇندىلا ئۇيغۇرلار ئۇنىڭدىن يىراقلىشىپ ئۆزىنى قوغدىيالايدۇ.

جاسۇس ئىمىنجان ئەسلى ئۈرۈمچى چىنە زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى ھازىرقى تۇرۇشلۇق جايى ئۈرۈمچىدە، ئۆزى ۋىجىكرەك كەلگەن، ئاق پىشماق، يۈزى سوزۇنچاق قورۇق باسقان، مالايشىيادىكى ئۇيغۇرلارنى ئالداپ ئۆزىنى خىتايدىن قېچىپ چىققان ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر دەپ تونۇشتۇرغان. ئۇ، 1985 – يىلىدىن باشلاپ مەخسۇس جاسۇسلۇققا تەربىيلىنىپ، تەلىم – تەربىيە ئالغان. ئۇ تۇنجى قېتىم 1987 – يىلى تۈركىيىگە جاسۇسلۇققا ئەۋەتىلگەن. تۈركىيىدە بىر يىل تۇرۇپ تۈركىيىدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى ۋاقتى – ۋاقتىدا يوللاپ تۇرغان. ئۇنىڭ تۈركىيىدىكى ۋاقتىدا يوللىغان ئۇچۇرىدا مۇنداق دېيىلگەن: «رەھبەرلەر خاتىرجەم بولۇڭلار! مەن بۇ يەردىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىچىگە سۇدەك سىڭىپ كىرىپ كەتتىم. ھەتتا ئۇلارغا يىغلاپ چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىش ئۈچۈن ئۆيدىكى بارلىق مال – بىساتىمنى سېتىپ چىقىتىم دەپ يالغاندىن سۆزلىسەم، تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار تەسىرلىنىپ كېتىپ،ماڭا پۇل يىغىپ بەردى.»

ئەي زىيۇ دوكلاتىدا ئىمىنجاننىڭ نېمە ئۈچۈن تۈركىيىدىن پاكىستانغا يۆتكەلگەنلىكىنىڭ سەۋەبىي ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

– جاسۇس ئىمىنجان تۈركىيىدىن بىزگە بەرگەن ئاخباراتىدا پاكىستاندا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلۇكىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئافغانىستان، پاكىستان چېگرىسى ئەتراپىدا تەربىيىلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. شۇڭا بىز ئۇنىڭغا دەرھال پاكىستانغا يۆتكىلىشكە بۇيرۇق قىلدۇق.

ئەي زىيۇ دوكلاتىدا جاسۇس ئىمىنجاننىڭ پاكىستاندا ئېلىپ بارغان ھەرىكىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:

– جاسۇس ئىمىنجان تىزلىكتە ئۆزىنىڭ ھېلىگەرلىكى بىلەن پاكىستاندا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىچىگە سىڭىپ كىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك ئەھۋالى، ئۇلارنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىش ئارقىلىق مۇكەممەل دوكلات يېزىپ پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا تاپشۇرغان. كېيىن ئۇنىڭ تاپشۇرغان ئاخباراتى ۋە ئۇنىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ئاشكارىلىنىپ قىلىپ، پاكىستاندا ئۆلۈم خەۋپىگە دۇچ كېلىپ قالغانلىقتىن، ئىسلامابادتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇنى بىر قانچە كۈن قوغداپ كېيىن بېيجىڭدىن مەخسۇس ئىسلامئابادغا ئەۋەتىلگەن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قوغدىشى بىلەن سالامەت بېيجىڭغا ئەكەلگەن. جاسۇس ئىمىنجان 1989 – يىلى پاكىستاندىن خىتايغا ساق – سالامەت ۋەزىپە ئۆتەپ قايتىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن مەركەزدىن مۇكاپاتلىنىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ يەنى ئەينى ۋاقىتتىكى سېكرېتارى سۇڭ خەنلياڭنىڭ ئالاھىدە تەستىقى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى سودا نازارىتىنىڭ دورا، يېمەك – ئىچمەك شىركىتىگە مۇئاۋىن دىرېكتورلۇققا تەيىنلەندى. كېيىن ئۇ قازاقىستانغا مەخسۇس جاسۇسلۇسقا يەنە ئەۋەتىلدى.

ئىمىنجاننىڭ ئەينى يىللاردىكى پاكىستاندىكى جاسۇسلۇق قىلمىشىدىن تولۇق خەۋەردار بولغان ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدە ياشاۋاتقان ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەزىزى ئىمىنجان توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.

ئەي زىيۇ دوكلاتىدا ئىمىنجاننىڭ ئالماتانى مەركەز قىلغان ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيادا ئېلىپ بارغان جاسۇسلۇق ھەرىكىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:

– جاسۇس ئىمىنجان ئۈچۈن ئالماتادا مەخسۇس رەخت سېتىش شىركىتى قۇرۇپ، شۇ شىركەتنى مەركەز قىلغان ھالدا، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە ئائىت ئۇچۇرلىرىنى توپلىدۇق. ئىمىنجان ئۆزىنىڭ جاسۇسلۇقتىكى مول تەجىرىبىسىگە ئاساسەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىچكى ئەھۋالى، ئالماتادا تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى توغرىسىدا بىزگە ۋاقتى – ۋاقتىدا ئاخبارات يوللاپ تۇردى. بىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بىلەن ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى كۆزىتىشىمىز ناھايىتى مۇھىم ئىدى. چۈنكىي ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ باي بولۇشى خىتاي ئۈچۈن خەۋپ ھېسابلىناتتى. ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر تىجارەتتە روناق تاپسا شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە كۆپلەپ مەبلەغ سالىدۇ دېگەن گەپ. شۇڭا بىز ئوتتۇرا ئاسىيادىكى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئەھۋالىنى يۇقىرىقى ئىككى نۇقتىدىن كۆزىتىش ئېلىپ باراتتۇق. ئىمىنجان بىزنىڭ بۇ تەلەپلىرىمىزنى ئەتراپلىق ئورۇنلاپ كېتىپ باراتتى، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ئالماتادىكى ئۇنىڭ پاكىستاندىكى جاسۇسلۇق ھەرىكىتىدىن خەۋەردار تۈركىيىلىك ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇرلار ئۇنى بىلىپ قىلىپ، تۇتىۋېلىپ، قاتتىق ئۇرۇپتۇ، جاسۇس ئىمىنجان قاتتىق قورقۇپ كەتكەنلىكتىن دەرھال ئالماتادىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا كىرىپ ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارىلاپ ئەھۋالىنى ئېيتقاندىن كېيىن، كونسۇلخانىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۈرۈمچىگە ساق – سالامەت كېلىۋالدى. ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جاسۇسلۇق ھەرىكىتىدە كۆرسەتكەن خىزمىتى ئۈچۈن مەركەزدىن يەنە مۇكاپاتلاندى.

ھازىر فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تىجارەتچى ئەخەت ھاجىم ئىمىنجاننىڭ ئىلگىرىكى ئالماتادىكى ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.

ئەي زىيۇ دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا ئىمىنجاننىڭ ئالماتادىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ بىر مەزگىل دەم ئالغاندىن كېيىن، مەركەز ئۇنى يەنە مالايشىيانى مەركەز قىلغان ھالدا داۋاملىق جاسۇسلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇلىنىشقا ئەۋەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، مالايشىيادىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق ئاخباراتىنى ئىمىنجاننىڭ تەمىنلىگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئۇندىن باشقا دۇبەي تەرەپلەردىمۇ جاسۇسلۇق ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/jasus-iminjan-08272013231343.html

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى تۈرك تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىقتا.

2015-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن ئالىمجام مۇھاممەد ۋە نۇرەخمەت قاراجىم ،گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھرىدە پائالىيەت …

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى

ياپونىيەدىكى داڭلىق گېزىتلەردىن سانكەئى شىنبۇن گېزىتىنىڭ كەچلىك گېزىتى ئورنىدا تارقىتىلىدىغان ئاممىۋى گېزىت يۇكان فۇجى گېزىتىدە،مەركىزى …