
سەبدېشىمىز، دوستىمىز، مۇستەقىللىق جەڭچىسى، شۇنداقلا ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچى سابىق رەئىسى ھۆرمەتلىك كۈرەش ئاتاخان ئەپەندىگە، ئايالى مېھرىنىسا خانىمنىڭ ۋاپاتى بىلەن چوڭقۇر قايغۇ، ھەسرەت ئىچىدە تەزىيە بىلدۈرىمىز. چەتئەلدىكى نۇرغۇنلىغان ۋەتەن ئوغلانلىرىغا ئوخشاش، دوستىمىز كۈرەش ئاتاخانمۇ ۋەتەن ئازاتلىقى ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلىنىپ، ئىككى پەرزەنتى بىلەن جان دوست رەپىقىسى مېھرىنىسا خانىمنى ئارقىدا قالدۇرۇپ چەتئەلگە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، مېھرىنىسا خانىم پەرزەنتلىرىگە ھەم ئانا، ھەم ئاتىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىپ, ئۇزۇن يىل ھەسرەتتە ئۆتتى.

ئۇزۇن يىللىق كۈتۈش ۋە تىرىشچانلىقتىن كېيىن، مېھرىنىسا خانىم پەرزەنتلىرىنى ئېلىپ يولدىشىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئائىلە ۋىسالغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ۋەتەندىن ۋە بارلىق يېقىنلىرىدىن ئايرىلىش ئازابىغا مەھكۇم بولدى. گېرمانىيەدىكى كىچىك ھەم خاتىرجەم ئائىلىسىدە بارلىق غەم، قورقۇنچ ۋە زۇلۇمدىن قۇتۇلۇپ، گەرچە بەختلىك تۇرمۇشتا ياشاش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق ۋەتەن ھەسرىتى، قېرىنداشلار ھەسرىتى ئۇنىڭ نازۇك گەۋدىسىگە ساقايماس، ئەجەللىك كېسەلنى بەخش ئەتتى. ئۇ 17. فېۋرال پەرزەنتلىرىنى ۋاپادار يولدىشى كۈرەش ئاتا خانغا ئامانەت قىلىپ، دۇنيادىن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى.

بىز مەرھۇمغا ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمىز. ئۇنىڭ ياتقان ماكانى نۇرغا تولسۇن ئامىن.
سەبدېشىميز كۈرەش ئاتاخانغا ۋە پەرزەنتلىرىگە، بارلىق يېقىنلىرىغا، ئۆزىمىزگە تەسەللى تىلەيمىز.
چوڭقۇر قايغۇ، ھەسرەت بىلەن: ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى
2025- يىل 18-فېۋرال، مىيۇنخېن