شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى، 1-ئومۇمىي ۋەكىللەر يىغىنىنىڭ ئاخباراتى

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ 8-قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇننىڭ روھىغا ئاساسەن 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىڭتوندا مۇۋەپپىقىيەتلىك چاقىرىلدى.
يىغىنغا ئامېرىكىدىن 4 مىللەت ۋەكىلى، ياپونىيىدىن 3 مىللەت ۋەكىلى، ياۋروپادىن ئىككى مىللەت ۋەكىلى، كانادادىن 7 مىللەت ۋەكىلى بىۋاسىتە، باشقا مىللەت ۋەكىللىرى تور ئارقىلىق بولۇپ جەمىي 44 مىللەت ۋەكىلى قاتناشتى. بۇندىن باشقا، ئامېرىكىدا ياشايدىغان شەرقىي تۈركىستانلىقلاردىن، ئامېرىكىلىق شەرقىي تۈركىستان دوستلىرىدىن بولۇپ ئوندىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.
ئالدى بىلەن قۇران تىلاۋىتى ۋە دۇ’ئا ئوقۇلدى. ئابدۇلەھەت نۇر قارىھاجىم قۇران ئوقۇپ دۇ’ئا قىلىش بىلەن قۇرۇلتاي رەسمىي باشلاندى.
قۇرۇلتايغا قاتناشقان ئامېرىكىلىق ئۇيغۇر دوستلىرىدىن گېنېرال روبېرت سپالدىڭ (سابىق مىللىي خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ سىياسىي ئىستراتېگىيە پىلانلىغۇچىسى)، جوسىف بوسكو (سابىق مىي مۇداپىيە مىنىسترىلىگى [پەنتاگون]نىڭ خىتايگە مەسۇل دىرەكتورى)، دوكتور ئاندرېس كورر (سىياسىي خەۋپ جۇرنىلىنىڭ نەشرىياتچىسى)، سكوت گىببونس (سىياسىي جۇغراپىيە ئانالىزچىسى)، پوپ توم پرىچېرس قاتارلىقلار سۆز قىلدى. قۇرۇلتىيىمىزغا ئالىي تىلەكلىرىنى تىلەش بىلەن بىزدىن كۈتىدىغان ئۈمىتلىرىنى بىلدۈردى.
ھۆكۈمەتتىكىلەردىن جۇمھۇر رە’ئىس غۇلام ياغما، سالىھ خۇدايار، ئابدۇلەھەت نۇر، ئوسمانجان تۇرسۇن، رابىيە مۇھەممەد، مۇھەممەت لېتىپ قاتارلىقلار سۆز قىلدى. قېرىنداش تەشكىلاتلاردىن ھۆر قازاق ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ رە’ئىسى غېنى سىتەمبېكوۋ ئۈچ تىلدا سۆز قىلدى.
چۈشتىن كېيىن كۈنتەرتىپتە بەلگىلەنگىنى بويىچە سايلام قىلىنىشى كېرەك بولسىمۇ، ھۆكۈمەتتىن بۆلۈنۈپ چىققان توپتىكىلەرنىڭ قايتىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئەلچى خەۋىرى بىلەن، ئۇلار كەلسە سايلامنى بىرلىكتە قىلىش ئۈمىدى بىلەن يېرىم كۈننى ئاساسەن كۈتۈش بىلەن ئۆتكۈزۈپ، كېيىن بىكار كۈتكەندىن كۆرە ئاساسىي قانۇننى كۆزدىن كەچۈرگەچ تۇرايلى دېگەن تەكلىپ بىلەن ئاساسىي قانۇندىن ئازراق كۆرۈپ ئۆتۈلدى. بۆلۈنۈپ چىققان گورۇپ ئۆزلىرىنى ھۆكۈمەت دەپ قاراپ، سايلاملىرىنى تۈگۈتۈپ، ھەتتا خەۋەرلىرىنى توردا ئېلان قىلغاندىن كېيىنلا ئۇلاردىن تامامەن ئۈمىت ئۈزۈلۈپ، ئىككىنچى كۈنى سايلام قىلىدىغانلىق توغرىسىدا كۆپچۈلۈككە ئۇقتۇرۇلدى.
ئىككىنچى كۈنى يىغىن باشلىنىش بىلەنلا، باشقۇرغۇچى ھازىر سايلام باشلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. سايلامنىڭ لىللا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكىلىق دوستلاردىن سكوت گىببونس سايلام نازارەتچىلىكىگە، ئاندىرېس كورر ۋە رەھى ھاجىم بىلەت ساناشقا مەسۇل قىلىندى. ئاندىن سايلامغا چۈشۈدىغان نامزاتلار بىر-بىرلەپ سەھنىگە چىقىپ ئۆزلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە سايلانغاندىن كېيىن ۋەزىپىسىنى قانداق ئۆتەيدىغانلىقى ھەققىدە كۆڭۈل سۆزلىرىنى قىلىپ ئۆتتى.
ئالدى بىلەن پارلامېنت رە’ئىسى ۋە مۇ’ئاۋىن رە’ئىسى سايلىنىدىغان بولغاچقا، رە’ئىس نامزاتلىرىدىن ئوسمانجان تۇرسۇن ۋە نۇرەھمەت قۇربان سۆز قىلدى؛ ئارقىدىن مۇ’ئاۋىن رە’ئىس نامزاتلىرىدىن يارمۇھەممەت بارات ۋە تۇردۇشھاجىم سۆز قىلدى.
نامزاتلارنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرىدىن كېيىن بىلەت تاشلاش باشلىنىپ، نامزاتلارنىڭ ئىسمى بېسىلغان بىلەتلەر سايلىغۇچىلارنىڭ قولىغا بېرىلىش بىلەن، بىلەت تاشلاش باشلاندى. ئارقىدىن سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىندى. سايلام نەتىجىسىدە ئوسمانجان تۇرسۇن پارلامېنت رە’ئىسلىكىگە؛ يارمۇھەممەد بارات مۇ’ئاۋىن پارلامېنت رە’ئىسلىكىگە تاللانغانلىقى ئېلان قىلىندى.
ئارقىدىن جۇمھۇررە’ئىس سايلىمى باشلاندى. ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن داۋام قىلىپ، نامزاتلاردىن غۇلام ئوسمان ياغما جۇمھۇررە’ئىس بولۇپ سايلانغانلىقى ئېلان قىلىندى. تەكلىپ بىلەن مۇنبەرگە چىققان يېڭى جۇمھۇررە’ئىس قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇقىغا ئاساسەن ئۆزىنىڭ ياردەمچىسىنى تەيىنلىدى ۋە باش مىنىستېر نامزاتى ئۈچۈن ئىككى ئىسىم ئوتتۇرىغا قويدى.
باش مىنىستېر نامزاتلىرىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا ئاۋال سەھنىگە چىقىپ، كۆڭۈل سۆزلىرىنى سۆزلىگەندىن كېيىن ئىككى نامزاتتىن بىرى تاللاپ چىقىلدى. نەتىجىدە سالىھ خۇدايار باش مىنىستېر بولۇپ سايلاندى. جۇمھۇررە’ئىس باش مىنىستېر سالىھ خۇدايارغا ياردەمچى باش مىنىستېرلەرنى ۋە كابېنت ئەزالىرىنى تاللاپ چىقىش ھوقۇقى بەردى. سالىھ خۇدايار تاللىغان نامزاتلار يەنە پارلامېنت رە’ئىسلىرى ۋە جۇمھۇررە’ئىس ۋە مۇ’ئاۋىن جۇمھۇررە’ئىسلەر بىلەن ئورتاق مۇزاكىرە قىلىنىپ، بېكىتىلدى.
يېڭى كابېنت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، يېڭى رەھبەرلەر، ئامېرىكىلىق دوستلار يىغىننىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە ئاخىرقى سۆز سۆزلىدى. در. ئاندرېس كورر ناھايىتى موھىم سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە «بۈيۈك ئىش قىلدىڭلار، ئاز قالساڭلارمۇ پاكىز بولدۇڭلار» دېگەننى ئالاھىدە ئۇرغۇ بىلەن ئېيتىپ، كۆڭۈللەردىكى غەشلىكنى كۆتۈرۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن 8- قۇرۇلتاينىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنى غەلىبە بىلەن يېپىلدى.
3-كۈنى كۈنتەرتىپ بويىچە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىشقا ۋە نامايىشقا ئاتالغان بولۇپ، يىغىن باشلىنىش بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا خىتايلار تەرىپىدىن پىلانلانغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تاماملاش نىيىتىدە ئىنشا قىلىنغان يىغىۋېلىش كامپلىرىنىڭ تەرىپىمىزدىن ئىگىلەنگەن ھۆججەتلىرى توربەت ئارقىلىق ئىكراندا كۆرسۈتۈلدى. شەرقىي تۈركىستان خەرتىسىدىكى كامپلارنىڭ ئورنىنى بىلدۈرىدىغان بەلگىلەر چېكىلسە شۇ كامپنىڭ رەسىمى كۆرۈنەتتى. رەسىمنى چوڭايتىشقا بولۇدۇغان تەرىپىدىن باشقا، بۇ تور سەھىپىسىدە يەنە كامپلار ھەققىدىكى ئىستاتىستىكىلىق ئۇچۇرلارمۇ تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان.
بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ چىقىش بىركۈن ئىچىدە ئەمەس، بەلكى بىر ئاي ئىچىدىمۇ مۈمكىن بولمايدىغان ناھايىتى چوڭ ھەجىمدىكى ھۆججەتلەر توپلىمى بولغاچقا، ئۈلگە خاراكتېرلىق مىساللار كۆرسۈتۈلدى. ۋە ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ توربەتتتىن كۆرۈۋالسا بولۇدۇغانلىقى ئەسكەرتىلدى. بۇلاردىن قاتتىق ھەيرانلىق ھىس قىلغان مۇخبىرلار ئارقا-ئارقىدىن سو’ئال سورىدى. سو’ئاللارغا كايل ۋە سالىھ خۇدايار جاۋاپ بەردى.
چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ ئالدىغا بېرىپ نامايىش قىلىندى. مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشقان مۇخبىرلارنىڭ بەزىلىرى ۋە ئامېرىكىلىق دوستلاردىن ئاندرېس كورر نامايىشتا باشتىن ئاخىر بىللە بولدى.
نامايىشتىن قايتىپ كېلىنگەندىن كېيىن يىغىن زالىدا يەنە بەزى مۇخبىرلارنى باش مىنىستېر سالىھ خۇدايار كۈتۈۋالدى ۋە ئۇلارنىڭ سو’ئاللىرىغا جاۋاپ بەردى

https://east-turkistan.net/uy/%d8%b4%db%95%d8%b1%d9%82%d9%89%d9%8a-%d8%aa%db%88%d8%b1%d9%83%d9%89%d8%b3%d8%aa%d8%a7%d9%86-%d8%b3%db%88%d8%b1%da%af%db%88%d9%86%d8%af%d9%89-%da%be%db%86%d9%83%db%88%d9%85%d9%89%d8%aa%d9%89-8-%d9%86-3/

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …