مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن مۇھىملىقى كۆرسىتىلگەن(RFA)

IMG-20150615-WA0008

تۈركىيە پارلېمنت ئەزالىرى ئۇيغۇرىستان چېدىرى ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە

 

2015 – يىلى 13 – ۋە 14 – ئىيۇن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى» دە ئۇيغۇر نامى قوللىنىلغان بىر مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن مۇھىملىقى كۆرسىتىلگەن ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

پائالىيەت گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق تۈرك جەمئىيەتلىرى بىلەن «ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتى» نىڭ ھەمكارلىقىدا تەشكىللەنگەن.

«ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن ئوسمانجان تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر پائالىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك – ئىچمەك ۋە كىيىم – كېچەك مەدەنىيەتلىرى، تارىخى يالدامىلار ۋە نەشرىيات بۇيۇملىرى ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار بىلەن بېزەلگەن چېدىردا ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تۈرك ۋە يەرلىك مىللەتلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلغان.

ئىككى كۈن داۋام قىلغان بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مىللىي ۋە دىنىي بوھرانلارنىڭ ئېچىنىشلىق كەچمىشى ۋە خەتەرلىك ئاقىۋەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان. پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان سىياسەتشۇناسلار، ژۇرنالىستلار، تارىخچىلار، مىللىي ۋە دىنىي ئىخلاسمەنلەر ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلىكلەردىن خەۋەردار بولغان.

پائالىيەتنىڭ تەپسىلاتىنى گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىينىڭ «ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى ئوسمانجان تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلىغايسىزلەر.

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/musteqilliq-06172015195331.html

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …