
تەزىيەنامە ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ۋەتەن- مىللەت ئۈچۈن مىننەتسىز، توختاۋسىز بەدەل تۆلىگەن، ھارماس- تالماس قىران جەڭ تۇلپارى، ئۇيغۇر ئاخبارات يۇلتۇزى ئاسمىنىمىزدىن ئېقىپ كەتتى. پەرھات يۇرۇڭقاش- قىسقا ئۆمۈر كۆردى ئەمما قانچە ئەرنىڭ ئۆمرىدىن ئارتۇق بەرىكەتلىك ياشىدى. ئۇ چىدامچان، سەبرىچان، غەيرەتلىك ئادىل بىر سەپداش ئىدى. ئۇ مىللى رەھبەرلەرگە ئىتائەتمەن، ھەممىگە تەڭ كۆز بىلەن قارايدىغان، تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارنى ئازايتىپ، ئىتتىپاقلىقنى، بىرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشقان ھەقىقى مىللەت ئادىمى ئىدى. پەرھات يۇرۇڭقاش چەتئەلدىكى ھاياتىنى ۋەتەن- مىللەتنىڭ ئاخبارات خىزمىتى ئۈچۈن ئاتىدى ھەم شۇنداقلا، ھەر بىر خەۋەر، دوكلات، ماقالىسىدە مىللەتكە ئۈمۈت بېغىشلايدىغان، رەھبەرلەرگە تەكلىپ تەۋسىيە بېرىدىغان، خىتايغا سىياسى زەربە بېرىدىغان ئۇسلۇبتا يېزىش پىرىنسىپىنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئىدى . ئۇ كەمتەر، پىداكار، ئۆز كەسپىنى سۆيگەن، مەنسەپ ئاتاق، ئابرۇي بىلەن خوشى يوق، بارلىقىنى ۋەتەن- مىللەتنىڭ دەردىگە ئاتىغان ھەقىقەتەن چوڭ ئادەم ئىدى. سەبدېشىمىز پەرھات يۇرۇڭقاش، ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ پەخرى ئەزاسى سالاھىيىتىدە، تەشكىلاتىمىزنىڭ يىغىنلىرىدا قىممەتلىك لېكىسيەلەرنى تەقدىم قىلغان ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ئىجابى مۇناسىۋەتلىرىمىزدە مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى. بىز ئۇنىڭغا ئاللاھتىن رەھمەت، ئائىلىسىگە، دوستلىرىغا، سەپداشلىرىغا سەبىر تىلەيمىز. شۇنداقلا ئۇنىڭ ھاياتىنى ئەسلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ يوقلىقىنى ھەر زامان بوشلۇق ھېس قىلىمىز. ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى – ئوسمانجان تۇرسۇن

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى