سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىگە ئوچۇق خەت

ۋەتەن ھەممىمىزنىڭ ئەمەس، بەلكى ۋەتەن ئۈچۈن بەدەل تۆلىيەلىگەنلەرنىڭدۇر.

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى ئوخشاش دەپ قارىمايمىز. بەلكى : سىياسى پاناھلىق تىلىگەن سۈرگۈندىكى ئۇيغۇرلار؛ تىجارەتچى ئۇيغۇرلار؛ ئوقۇغۇچى ئۇيغۇرلار؛ ۋەتەننى ساتقۇچى ئۇيغۇرلار- قاتارلىق كاتېگورىيە بويىچە باھا بېرىمىز.

ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان دۆلەتنىڭ گاراژدانلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، تۈرلۈك سەۋەب، باھانە بىلەن ۋەتەنگە بېرىپ- كېلىۋاتقان ئەھۋاللار كۈنسېرى ئاشماقتا. بۇنىڭغا قارىتا خەلقىمىز ئارىسىدا تۈرلۈك ئىنكاسلار، مۇنازىرىلەر قوزغالماقتا. زادى خىتاي ئىشغالى ئاستىدىكى ۋەتەنگە بارسا بولامدۇ، بولمامدۇ؟

بۇ سوئالغا ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ جاۋابى ئەزەلدىنلا ئېنىق ۋە كەسكىن بولۇپ كەلدى. ئەلۋەتتە يۇقىرىدىكى كاتېگورىيىە بويىچە بىرىنچى تۈرگە ئائىت ئۇيغۇرلار بارسا بولمايدۇ. يەنى خىتاينىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ سىياسى پاناھلىق تىلىگەن ئىكەن، ئارىدىن يىللار ئۆتۈپ گاراژدانلىققا ئىگە بولغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئىشغالى ئاستىدىكى ۋەتەنگە بارغانلىق، ئۆزىنىڭ خىتايغا قارشى بولغان سىياسى سالاھىيىتىدىن ۋاز كېچىپ، خىتايغا تەسلىم بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مەيلى ئۇلار خىتايغا ئىشلەشكە تەكلىپ قىلىنسۇن، مەيلى تەكلىپ قىلىنمىسۇن پەرقسىزدۇر.

چەتئەلدە تۇرۇپ تىجارەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ، ئوقۇغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنگە بېرىپ – كېلىشى، خىتايغا بېرىپ كېلىشى، ئۇلارغا خىتاي دۆلىتى بەرگەن ئالاھىدە ئىمتىياز بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا ئىشلەش پوتەنسىيالى ئىنتايىن كۈچلۈكتۇر. بىز ئۇلارنىڭ مەيدانى، ياكى يوشۇرۇن مەيدانى ئېنىق بىر تەرەپتە ئىپادىلەنمىگۈچە ئاق، ياكى قارا دېيەلمەيمىز، ھەم يولىنى توسالمايمىز.

ساتقۇن ئۇيغۇرلارغا كەلسەك، ئۇلار مەخسۇس خىتاينىڭ خىزمىتىنى بېجىرىپ جان باقىدىغانلاردۇر ياكى خىتاي گۆرۆگە ئېلىۋېلىپ ئىشلىتىدىغانلاردۇر. بۇلارنىڭ ۋەتەنگە ۋە خىتايغا بېرىش – كېلىش يولى ھەر زامان ئوچۇق.

بىر سېسىق ئالما بىر سۆۋەت ئالمىنى سېسىتىدۇ.

ھۆرمەتلىك سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى. سىز ۋاشىڭگتون زىيارىتىڭىزدە، ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئوچۇق كامېرا ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە، سىياسى سەزگۈرلىكىڭىزنى يوقىتىپ، ئىنتايىن خاتا ئىپادە بىلدۈرىدىڭىز.《 ۋەتەن ئىشتىياقى بىلەن، ئاتا- ئانا، ئۇرۇغ- تۇغقان ئىشتىياقى بىلەن ۋەتەنگە بارغانلارنى چەتكە قېقىپ، خىتايغا تاشلاپ بەرسەك بولمايدۇ. ئۇنداق قىلساق سېپىمىز ئازلاپ، ئاجىزلاپ كېتىمىز، بۇنى خىتاي كۈتىدۇ.. 》دېگەن مەزمۇندا بەرگەن بۇ ئىپادىڭىزنىڭ ۋاقتى، ئەڭ ئاز يىگىرمە يىل ئۆتۈپ كەتكەن كونا قاراشلاردۇر. بولۇپمۇ خىتاي ئوچۇق ئاشكارا مىللى قىرغىنچىلىق ئىجرا قىلىۋاتقان مۇشۇ يىللاردا يەنە ۋەتەنگە بېرىپ- كېلىش بولسا : 《خىتاي زۇلۇم سالمىدى، چەتئەلدىكى دەۋاگەرلەرنىڭ ئېيتقانلىرى يالغان، رابىيە قادىر، مىھرىگۈل تۇرسۇن، زۇمرەت داۋۇت، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، ئۆمەر بەك ئالى، سايراگۈل سابىت، گۈلباھار خاتىۋاجى، گۈلنۇر جېلىلوۋا، گۈل باھار سىدىق قاتارلىق گۇۋاھچىلارنىڭ ھەممىسى يالغانچى. خىتاي بىلەن ئۇيغۇر ئىناق، خىتاي ھۆكۈمىتى ئادىل. ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق بەختلىك ياشاۋاتىدۇ!》- دېگەندىن باشقا نەرسە ئەمەس.

مۇشۇ كۈنلەردە ۋەتەنگە بېرىپ- كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتاي ئۈچۈن چوڭ تۆھپە قوشقان، خالىس ھەم سادىق جىزمەتچەلەردۇر. مەيلى ئۇلارنى خىتاي تەكلىپ بىلەن، ياكى گۆرۆگە ئېلىپ ئىشلەتسۇن، ياكى زادى ھېچنېمە قىلماي ئەركىن يول بەرسۇن، ئۇلارنىڭ ۋەتەنگە بېرىپ- كېلىشىنىڭ ئۆزىلا خىتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ھۆرمەتلىك سېيىت تۈرمتۈرك ئەپەندى، سىز ۋەتەنگە بېرىپ – كېلىۋاتقانلارنى: ۋەتەننىڭ، ئاتا ئانىنىڭ، ئۇرۇغ- تۇغقانلارنىڭ ئىشتىياقىدىن بارىدۇ، ئۇلارنى توغرا چۈشىنىش كېرەك- دەپسىز. ئەجەبا ئۇلارنىڭمۇ باشقا ئۇيغۇرلاردەك بەدەل تۆلەش مەجبۇرىيىتى يوقمۇ؟ باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا- ئانا، قېرىنداش ئىشتىياقى يوقمۇ؟

ۋەتەن ئەسلىدە ئاشۇ ۋەتەننى سۆيگەنلەرنىڭدۇر. ۋەتەننى سۆيۈش بولسا خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىنى قوبۇل قىلىش بىلەن، خىتايغا خىزمەت كۆرسىتىش بىلەن ئەمەس، بەلكى بەدەل تۆلەش بىلەن ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ۋەتەنگە بېرىپ- كېلىۋاتقانلارنىڭ ئۇ ۋەتەندە ھەققى يوق! خىتايغا تەسلىم بولغانلارنىڭ، خىتايغا خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنىڭ ۋەتەندە ھەققى يوق! ۋەتەننى ساتقان خائىنلارنىڭ ۋەتەندە ھەققى يوق!

سىز ۋەتەن ئۈچۈن بەدەل تۆلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىكىنى لەختە قىلدىڭىز! ئەپۇ سورىشىڭىز كېرەك!

ھۆرمەت بىلەن ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى دائىمىي كومىتىتى گېرمانيە

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

مۇراجىئەت

مۇراجىئەت ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، تۆۋەنچىلىك بىلەن سىلەرگە بۇ ئىلتىماسنى سۇنىۋاتىمىز. خەۋىرىڭىز بولغاندەك، ۋەتەن سىرتىدا چوڭ- كىچىك …

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

جاۋاب يېزىش