ئەيزىيونىڭ جاسۇسلىق دوكلاتى توغرىسىدا مۇلاھىزە (1)

     پۈتۈن مەۋجۇتلىقى مۇستەملىكە مىللەت خەلقىنىڭ  قېنى بىلەن مۇنقەرزلىككە بوغۇلغان ، زالىم، مۇستەبىت خىتاي  ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئاتالمىش «  دۆلەت بېخەتەرلىكى » ئۈچۈن  قانچە ئون يىل  جان – جەھلى بىلەن خىزمەت كۆرسىتىپ، تېخى يېقىندىلا  « ئىنسانى خىسلەتنى ئىزدىنىشكە تىرىشىۋاتقان » ئەي زىيۇ ناملىق بىر« سابىق » خىتاي جاسۇسىنىڭ پاش قىلىش  دوكلاتى  چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئارىسىدا قاينام تاشقىنلىق  پەيدا قىلدى.

     ياپونىيەدە مۇھاجىر بولۇپ ياشاۋاتقان  دوكتۇر  ھاجى قۇتلۇق قادىرى  ئەپەندىنىڭ  كېيىنكى ئىككى ھەپتىدىن بېرى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا خەۋەر تەرىقىسىدە  يوللاۋاتقان  ئەي زىيۇنىڭ مەزكۇر  دوكلاتىدا  پاش قىلىنىۋاتقان ئىنتايىن ئاز ساندىكى  ، ئىسمى  يوشۇرنسىمۇ لېكىن  بەلگىلىك  سۈپەتلىرى، ياشاۋاتقان دۆلەت ۋە شەھەر تەۋەلىكلىرى  تىلغا ئېلىنىش ئارقىلىق مۇھاجىر قېرنداشلىرىمىزغا تولىقى بىلەن ئاشكارىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر جاسۇسلىرى  توغرىسىدا بەزەن  ئۇيغۇر توربەتلىرىدە  كەسكىن مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلماقتا. « بۇنىڭ ئارقىسىدا بىر شۇملۇقنىڭ شەپىسى بار» – دېگەندەك ئىھتىيات تۈسىنى ئالغان پىكىرلەرمۇ ئاز ئەمەس. نوقۇل قىلىپ ئېيتقاندا  ئەي زىيۇنىڭ  پاش قىلىش دوكلاتى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ئەمىنلىكى، ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ مەنىۋى، ماددى كۇچىگە ئىھتىياجلىق ھالدا  ئۆز پائالىيتىنى داۋام ئەتتۈرۈپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرىستان دەۋاسىنىڭ  بۇنىڭدىن كېيىنكى بېخەتەرلىكى نوقتىسىدىن  ئەلۋەتتە پايدىلىقتۇر. لېكىن « ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھېچقانداق بىر خىتاي راست گەپ قىلمايدۇ، ئەگەر بىرەر خىتاي راست گەپ قىلىپ قالسا، بۇ ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ يالغانچىلىق قىلغىنىدۇر! » دېگەن تارىخى يەكۈننى ئىھتىيات تەرىقىسىدە نەزەردە تۇتقىنىمىزدا، جەزمەنكى  ئەي زىيۇنىڭ مەزكۇر دوكلاتىغا ئىنتايىن ھۇشيارلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

     يېرىم ئەسىرگە يېقىن خىتايلار بىلەن ئىجتىمائى، سىياسى، مەمۇرى جەھەتلەردە ئىزچىل مۇئامىلىدە بولغان، چارەك ئەسىر تەيۋەندىكى خىتاي  دۆلىتى بىلەن غەيرى  رەسمى دىپلۇماتىيە ئورنىتىپ ھېچقانداق ئىجابى نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن، چەتئەلدىكى  مۇھاجىر « شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ لىدەرى » مەرھۇم ئەيسا ئەپەندىنىڭ ھايات خۇلاسىسىدىن قارىغاندىمۇ خىتايلاردىن  ياخشىلىق  كۈتەلمەيمىز.  ئۇ ئاخىرقى ئۆمرىدە « شەرقى تۈركىستانلىق  ئۈچۈن  ئەڭ ياخشى  بىر خىتاي  – گۆردىكى ئۆلۈك خىتايدۇر! » دەپ ئالەمدىن ئۆتكەن  ئىدى.

     يوقۇرقىدەك بىر قاتار  زۆرۈرى نوقتىلارنى  نەزەردە  تۇتۇپ،  ئەي زىيۇنىڭ  مەزكۇر دوكلاتلىرى ئۈستىدە، بولۇپمۇ  بۇ دوكلاتنىڭ  ۋەتەن سىرتىدىكى مۇھاجىر قېرنداشلىرىمىزنىڭ  ئارىسىدا قانداق  شەكىلدە  رول ئويناش ئىھتىماللىقى توغرىسىدا  ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئوسمانجان تۇرسۇن بىلەن ئابدۇرەھىمجان ، ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تور  تېلىۋىزىيە  پروگراممىسىدا ئىككى كىشىلىك ئوچۇق سۆھبەت ئېلىپ بارغان ئىدى. مەزكۇر سۆھبەتنىڭ  1 – بۆلۈمى  كۆپچۈلۈككە تەقدىم قىلىندى. داۋامى  كېيىنكى  ھەپتىلەردە دېققىتىڭلارغا سۇنىلىدۇ.

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى تەشۋىقات بۆلۈمى

مىيونخىن 2013 . 08. 26

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …