ئەي زىيۇ: تۈركىيىدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىمىزگە ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالدۇق

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلۇق
2013-08-16
sultanahmet-305.png

سابىق خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭ ئىشلىرى ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلغان ئەي زىيۇ تەخەلۇسلۇق خىتاي جاسۇسى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتىغا ئاساسەن بەرگەن «تۈركىيىدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىمىزگە ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالدۇق» ناملىق يازما دوكلاتىدا،خىتاينىڭ تۈركىيىدە جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ئۈچۈن رېستوران ئېچىش جەريانى ۋە مەقسىتى توغرىسىدا توختالغان.ئەي زىيۇ دوكلاتىدا تۈركىيىدىكى جاسۇسلۇق رېستورانىنىڭ ئېچىلىشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

– تۈركىيىدە بىز 90 – يىللاردا بىر رېستوران ئاچقان ئىدۇق. ئۇ رېستوران خوجايىنىنىڭ ئايالى ئۇيغۇر، ئۆزى خىتاي ئىدى. گۈلى ئەسلى ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتىدە ئولتۇرۇشلۇق،تولىمۇ گۈزەل، كېلىشكەن قىز ئىدى. بىز ئۇنى مەخسۇس تەربىيىلەپ، تۈركىيىگە يولغا سېلىش ۋە ئۇ يەردە مەخسۇس جاسۇسلۇق ھەرىكىتىمىز ئۈچۈن بازا قۇرۇش نىيىتىدە ئەتىراپلىق پىلان تۈزىدۇق. قىز ئانا تىلىغا، خىتاي تىلىغا راۋان ئىدى. خىتاي يىگىت بولسا ئۇيغۇر، قازاق تىللىرىنى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان ئىدى. قىز دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۇلۇغ دەپ بىلگەنلىكتىن، بىزنىڭ مەسلىھەتىمىز بويىچە خىتاي يىگىت بىلەن توي قىلدى. بىز ئۇلارنى شۇنداق قىلىپ دەسلەپتە ئوتتۇرا ئاسىياغا يولغا سالدۇق. بۇ ئىككىسى ئوتتۇرا ئاسىيادا يەنى ئالماتادا مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن تۈركىيىگە باردى. تۈركىيىنىڭ ساياھەت رايونلىرىدا دەسلەپتە كىچىكرەك ئاشخانا ئاچتى كېيىن، ئۇلار قىزنىڭ تۈركىيىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، ھەشەمەتلىك خىتايچە رېستوراندىن بىرنى ئاچتى. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ تۈركىيىدىن ئىگىلەيدىغان ئاخباراتىمىز ئەتىراپلىق بولدى. بۇ رېستورانت ھازىرمۇ بار.

ئەي زىيۇ دوكلاتىدا تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر جاسۇسلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ مۇنداق دېدى:

– تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر جاسۇسلار تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ. بىرىنچىسى، خىتاي كونسۇلخانىسىغا بىۋاستە جاسۇسلۇق قىلىدىغان جاسۇسلار بولۇپ، بۇ خىلدىكى جاسۇسلار ۋاقتى – ۋاقتىدا كونسۇلخانا بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇچۇر بېرىپ تۇرىدۇ. ئىككىنچى خىلدىكى جاسۇسلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى بىخەتەرلىك تارماقلىرىغا يەنى ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلارغا بىۋاستە قارايدىغان جاسۇسلار بولۇپ، ئۇلار ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئارقىلىق ئۇچۇر يوللايدۇ. ئۈچىنچى خىلدىكى جاسۇسلار بېيجىڭغا بىۋاستە قارايدىغان جاسۇسلاردۇر.

بىرىنچى خىلدىكى جاسۇسلارغا كونسۇلخانا بىۋاستە ھەق بېرىدۇ، ئۇلار ئېلىپ كىرگەن پاسپورتلارغا تىزدىن ۋىزا بېرىلىدۇ. ئايلىق قۇلاقلىق ھەققى ئادەتتە ئىككى – ئۈچ يۈز دوللار بولۇپ، ھېيت – ئايەم، بايرام كۈنلەردە ئۇلارنى كونسۇلخانا مېھمان قىلىپ قويىدۇ ۋە سوغا بېرىدۇ. ئۈچ يىلدا بىر قېتىم خىتاينى ھەقسىز زىيارەت قىلىش ساياھەت پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. ئىككىنچى خىلدىكى جاسۇسلار بولسا چېگرىدىن ئېلىپ كىرگەن ۋە ئېلىپ كېتىلمەكچى بولغان ماللىرىغا باج كەچۇرۇم قىلىنىدۇ. ئۈچىنچى خىلدىكىلەر بولسا مەركىزى ھۆكۈمەت ئۇلارغا خىتاينىڭ بانكىلىرىدىن ئۆسۈمسىز قەرز بېرىش، خىتاي ئىچىدە شىركەت قۇرۇشىغا ماسلىشىپ، شىركەت قۇردۇرۇش، قۇرۇلغان بۇ شىركەتلەر ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلاش قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولىدۇ. ئۈرۈمچىدە 90 – يىللاردىن كېيىن تا ھازىرغىچە قۇرۇلغان تۈركىيە پۇقراسى ئۇيغۇرلارنىڭ شىركەتلىرى ئاساسەن جاسۇسلۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن ھەمكارلىشىپ قۇرۇلغان شىركەتلەر. مەسىلەن: ئۈرۈمچىدىكى يېڭى شەھەر تەرەققىيات رايوندىكى xxxx ھەمكارلىق شىركىتى، xxx بۈركۈت سودا سارىيى، xxx كېيىم – كىچەك شىركىتى، xxx بېلىق مەھسۇلاتلىرى شىركىتى دېگەنلەر بىزنىڭ شىركەتلىرىمىزدۇر.

ئەي زىيۇ بېيجىڭ ئولىمپىكتىن ئىلگىرى تۈركىيىدە ئېلىپ بېرىلغان خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:

– بىز بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك يىغىنىنى ئامان – ئېسەن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تۈركىيىدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكىتىمىزگە كۆپلەپ مەبلەغ سالدۇق. تۈركىيىدىكى خەتەرلىك دەپ قارالغان ۋە بېيجىڭ ئولىمپىكىگە ئادەم تەشكىللەپ، بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئېھتىمالى بار دەپ قارالغان تەسىرى كۈچلۈك شەخىسلەرنىڭ 24 سائەتلىك ھەرىكىتىنى كۆزىتىش ئۈچۈن، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ۋە تۈركىيىدىكى بارلىق ئۇيغۇر جاسۇسلىرىغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئۇلار توغرىسىدا ئىگىلىگەن بارلىق ئۇچۇرلارنى بىزگە ۋاقتىدا يوللاشقا بۇيرىدۇق. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت بىخەتەرلىكى ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرى تۈركىيىگە خىتاينىڭ شىركەت پاسپورتى بىلەن ۋىزىسىز كىرىش شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، ساپاكويدىكى xx قۇلاقنىڭ ئۆيىدە، زەيتۇن بۇرنۇدىكى ئاكا – ئۇكا قۇلاق xx لەرنىڭ ئۆيلىرىدە بىمالال يېتىپ قوپۇپ يۈرۈپ، ئەتىراپلىق توپلانغان ئۇچۇرلارنى مەركەزگە يوللاپ تۇردى. بۇندىن باشقا تۈركىيىدىكى نوپۇزلۇق ئۇيغۇر دوختۇرلىرىدىن xx ئەپەندىلەر خىتاي كونسۇلخانىسىدا، ئۆزلىرىنىڭ دوختۇرخانىلىرىدا ۋە ھەتتا ئۆيلىرىدە بولسۇن، بىزگە كېرەكلىك ئۇچۇرلارنى بېرىپ تۇردى. ئەنقەرەدىن بولسا بىرىنچى قوللۇق ئەتىراپلىق سىستىمىلىق يېزىلغان xx خانىمنىڭ ۋە xx ئەپەندىنىڭ يوللىغان ئۇچۇرلىرىغا ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمايمىز. ئىستانبۇلنىڭ ياۋروپا بۆلىكىدە ئولتۇرىدىغان xx ئەپەندى ۋە xx خانىملارمۇ ئەلۋەتتە ماختاشقا تېگىشلىك تۈركىيىدىكى قۇلاقلىرىمىز دەپ قارايمەن.

ئەي زىيۇ دوكلاتىدا تۈركىيىدىن يىلدا تەشكىللىنىپ خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ساياھەتكە بارىدىغان تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىقى خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ قۇلاقلىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

– ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخانىمىزگە خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىن يوللىغان تىزىملىككە ئاساسەن تۈركىيىدىكى قۇلاقلىرىمىز خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ساياھەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ساياھەت جەريانىدا ئۇلار بىلەن جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرى ئايرىم كۈنلەردە سۆھبەتتە بولىدۇ. كەچلىكى ئۇلارغا ئالاھىدە زىياپەت بېرىلىپ، ھاراق – شاراپ قويۇلۇپ، ئاخىرى ئۇلارنىڭ ھوجرىسىغا بىردىن خىتاي قىزلىرى ھەمراھلىققا كىرگۈزۈلىدۇ. بۇ ئۆمەكنىڭ ئىچىدە ھەتتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىلىقى ئۈچۈن ئافغانىستاندا قورال تۇتقان xxx ئەپەندىلەرمۇ بار.

ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك بۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/turkiyediki-jasusluq-08162013232710.html

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى تۈرك تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىقتا.

2015-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن ئالىمجام مۇھاممەد ۋە نۇرەخمەت قاراجىم ،گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھرىدە پائالىيەت …

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى

ياپونىيەدىكى داڭلىق گېزىتلەردىن سانكەئى شىنبۇن گېزىتىنىڭ كەچلىك گېزىتى ئورنىدا تارقىتىلىدىغان ئاممىۋى گېزىت يۇكان فۇجى گېزىتىدە،مەركىزى …