8 – ئاينىڭ 8 – كۈنىدىن باشلانغان خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ۋە خىتاي ئىشلىرى توغرىسىدىكى يېپىق يىغىندا ئەي زىيۇ تەخەللۇسلۇق خىتاينىڭ «بىز مىسىرغا ئىككى ئۇيغۇر ئۆسمۈرنى جاسۇسلۇققا ئەۋەتكەن ئىدۇق» دېگەن دوكلاتى يىغىن ئەھلىنىڭ يۈرەك تارىنى چەكتى.
ئەي زىيۇ دوكلاتىدا بۇ ئىككى ئۆسمۈرنىڭ مىسىرغا نېمە سەۋەبتىن جاسۇسلۇققا ئەۋەتىلگەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
– مىسىردىكى ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئۇيغۇر بالىلارنىڭ سانىنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىشى خىتاي دۆلىتىنى بىرئاز ئەندىشىگە سېلىپ قويدى. بۇنىڭ بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشقا ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خەلقئارا ئىسلام تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىۋاتقان ئىقتىسادىي ياردەم پۇللارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تولۇق ئىگىلەش ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا مەخپىي ئادەم ئەۋەتىشكە توغرا كەلدى. شۇنىڭ بىلە بىز، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت بىخەتەرلىك نازارىتىنىڭ پىشقەدەم خادىمى ئۇلمايىتقا بۇ ئىشنى بېجىرىشنى تاپىلىدۇق. ئۇلمايىت شۇ چاغدا بېيجىڭدا ئاشخانا ئېچىۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئېچىۋاتقان «تيانشان دوستلۇق ئاشخانىسى» ئەمەليەتتە دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بېيجىڭدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە تولۇق ئاخبارات ئىگىلەش ئۈچۈن ئاچقان ئاخبارات توپلاش مەركىزى ئىدى.
ئەي زىيۇ مىسىرغا جاسۇسلۇققا ئەۋەتىلگەن ئىككى ئۆسمۈر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
– 1995 – يىلى بېيجىڭغا ئۈرۈمچىدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەمدىلا تۈگەتكەن بىر قىز ئۆسمۈر ئاتىسى بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىندى. ئۇ قىز ئەسلىدە ئۇلمايىتنىڭ خوتۇنىنىڭ تۇققىنى بولۇپ،ئۇلمايىتنىڭ بىزگە دېيىشىچە، ئۇ، بۇ قىزنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىگە ئۆزىنىڭ كاپالەتلىك قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى ئۇلمايىتنى كومپارتىيىگە سادىق، ئىشەنچىلىك كادىر دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشىنەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىز بۇ قىزنى ۋە ئاتىسىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مېھمانخانىسىنىڭ ئىككىنچى نۇمۇرلۇق ياتاق بىناسىغا ئورۇنلاشتۇردۇق.
ئەي زىيۇ قىزغا تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
– قىزغا ئاساسلىق سالام خەت شەكلىدە ھەپتىدە بىر پارچە پوچتا ئارقىلىق خەت يوللاپ تۇرۇش، خەتتىكى مەزمۇندا بىر ھەپتە جەريانىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىچىدە بولۇۋاتقان گەپ – سۆزلەرنى تولۇق ئىگىلەپ توغرىسى بىلەن يېزىش، چەت دۆلەتلەردىن كىملەرنىڭ بۇ مەكتەپكە كېلىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئىگىلەشتەك ۋەزىپىلەر تاپشۇرۇلدى. لىپاپىغا پەقەت «بېيجىڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان تاغام ئوسمانجانغا تېگىدۇ» دەپلا ئادېرىس يېزىش تاپشۇرۇلدى. چۈنكى خەت مىسىردىن بېيجىڭغا كېلىش بىلەنلا پوچتا ئورۇنلىرى بۇ ئادېرىسقا كەلگەن چەتلەرنى بىزگە تاپشۇرۇپ بېرەتتى.
ئەي زىيۇ بىر يىلدىن كېيىن يەنى 1996 – يىلى ئۇ قىزنىڭ بېجىرگەن خىزمەت نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ قىزنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئىنىسىمۇ ئۇلمايىتنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن بېيجىڭغا كەلتۈرۈلۇپ، بېيجىڭ ئارقىلىق مىسىرغا ئوخشاش ۋەزىپە بىلەن ئوقۇشقا يولغا سېلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئەي زىيۇ دوكلاتىدا «بۇ ئىككى ئۆسمۈر مىسىردا تۇرۇپ بىزنىڭ خىزمىتىمىزگە ياخشى ماسلاشقانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئاتىسى بىلەن ئانىسىنى بىز تۈركىيىگە ساھاياھەتكە ئەۋەتتۇق. بېيجىڭدىكى ئۇلمايىت كۆرسەتكەن خىزمىتى ئۈچۈن مىنىستىرلىق تەرىپىدىن كۆپ قېتىم مۇكاپاتلاندى» دېدى.
ئەي زىيۇ ئاخىرىدا ئىككى نەپەر ئۆسمۈرنىڭ 2000 – يىلى ۋە 2001 – يىللىرى ئارقا – ئارقىدىن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلار ۋەزىپە ئۈچۈن چەتئەلگە چىقىرىلىش ئالدىدا «قايتىپ كەلگەندە ياخشى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرىمىز» دېگەن ۋەدىلەرگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئەي زىيۇ دوكلاتىدا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنى دىنىي ئوقۇش بولسۇن ۋە ياكى پەننىي ئوقۇش بولسۇن، چەتئەلگە چىقىرىپ ئوقۇتۇش ئارزۇسى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغانلىقتىن، كۆپلىگەن كىشىلەر ئۆزلىكىدىن ئەمەس، بەلكى قانۇن ئورگانلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرىي ھالدا جاسۇسلۇققا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەي زىيۇ ئۆزى بىۋاستە، ئۆزىنىڭ بېيجىڭدىكى ئىشخانىسى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى قانۇن ئورگانلىرى تەرىپىدىن بېيجىڭ ئارقىلىق يالغۇز ئىسلام ئەللىرىگىلا ئەمەس، بەلكى باشقا دۆلەتلەرگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۆزىتىشكە ئەۋەتىلگەن ئۇيغۇر جاسۇسلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى، ئۇلارنىڭ ئىسىم – فامىلىسىنى ۋە ئارخىپلىرىنى تۇرغۇزغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇندىن باشقا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن ئۆزى بىۋاستە قاتناشقان بارىن ۋەقەسى، ئىلى ۋەقەسى توغرىسىدىكى يازما ماتېرىياللارنى تەييارلىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئەي زىيۇنىڭ دوكلاتىدىن كېيىن، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ياش قۇرامىغا يەتمىگەن ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبۇرىي ھالدا باشقىلار تەرىپىدىن جاسۇسلۇققا سېلىنىشىنىڭ ئۆزى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى قوغداش ئەھدىنامىسىگە تۈپتىن خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.
يىغىن ئەھلى بىردەك خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى مەجبۇرىي ھالدا جاسۇسلۇققا سېلىشتىن ئىبارەت رەزىل قىلمىشىنى خەلقئاراغا ئاشكارىلاش ۋە خىتاينى خەلقئارالىق سوتقا تارتىشقا چاقىرىق قىلدى.
ئاخىرىدا ئۇزۇن يىللار مىسىردىكى ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلىم تەھسىل قىلغان، ھازىر ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى، تەتقىقاتچى ئابدۇجېلىل تۇران زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مىسىر ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر بالىلار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
[haiku url=»https://usercontent.one/wp/uyghuristan.org/wp-content/uploads/2013/09/ikki_osmur.mp3″ title=»ئاۋازلىق ھۆججەت»] http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/misirdiki-jasusluq-08132013212357.html