خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ چەت ئەلدىكى مەسچىتلەرگە قەدەر سىڭىپ كىرىشى

ئەركىن ئاسىئا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلىمىنىڭ ئىختىيارى مۇخبىرى ھاجى قۇتلۇق قادىرى خەۋىرى 2015-02-18

 

D-MOSCHEE10

توكيو مەسچىتى ئىمامى: «ئىككى نەپەر خىتاي ئايال دىپلوماتى مەسچىتىمىزگە ئۇيغۇرلارنى كۆزىتىشكە كەلدى»

tokyo-meschiti-imam-muhemmed-305.jpg

توكيو مەسچىتى ئىمامى مۇھەممەد جۈمە نامىزى خۇتبىسىدە. 2015-يىلى، ياپونىيە.

RFA/Qutluq

توكيو مەسچىتى ياپونىيەدىكى تارىخىي ئۇزۇن مەسچىتلەردىن بىرى بولۇپ، ئۇزۇن يىللاردىن بىرى ياپونىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ مەسچىتتە تۈرلۈك سىياسىي ۋە دىنىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.

يېقىندىن بۇيان توكيو مەسچىتىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى پائالىيەتلەر شۇنداقلا بۇ مەسچىتتە دىنىي بىلىم ئېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىشى توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

13-فېۋرال جۈمە كۈنى رادىئويىمىزنىڭ ياپونىيەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان توكيو مەسچىتى ئىمامى مۇھەممەد توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىككى نەپەر ئايال دىپلوماتىنىڭ يېقىندا مەسچىتكە كېلىپ، يالغاندىن ئۆزلىرىنىڭ ئىسلام دىنىي بىلىملىرىنى ئۆگەنمەكچى بولغانلىقىنى،شۇنداقلا بۇ مەسچىتتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى بىلەن بىرلىكتە دەرس ئاڭلاش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى يەنى خىتاي دىپلوماتلىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەشكە كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان توكيو مەسچىتى تۈرك ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ دىرېكتورى، مەسچىت ئىمامى مۇھەممەد راشىت ئالاس توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ مەخسۇس ئىككى نەپەر ئايال دىپلوماتنى مەسچىتكە ئەۋەتىپ، بۇ يەردە قۇرئان كەرىم ئۆگىنىۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ۋە ئىسلامىي ئىلىم-تەھسىل قىلىۋاتقان ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات ئىگىلىمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسچىت ئىمامى مۇھەممەدنىڭ دېيىشىچە، ئۆتكەن يىلى رامزان ئېيىدا مەزكۇر مەسچىتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس ۋەز ئېيتىش ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، مەسچىتنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەسچىت جامائىتىگە ئەتراپلىق مەلۇمات بەرگەن.

ئىمام مۇھەممەدنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىلنىڭ بېشىدا مەسچىتتە ئىككى يۈز ئەللىك كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن، شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن مەخسۇس مەۋلۇت ئوقۇتۇلغان. يەنە يېقىندىمۇ يۈز ئەللىك كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان شېھىتلىرىغا ئاتاپ مەۋلۇت ئوقۇلغان.

توكيو مەسچىتى ئىمامى مۇھەممەد، مەسچىتتە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىغا ئۆزىنىڭ قۇرئانغا ھافىز ئايالىنىڭ دەرس بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە بولسا مۇستافا ئىسىملىك يىگىتنىڭ قۇرئاندىن ساۋاق بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، توكيو مەسچىتىدە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ قۇرئان كەرىمىدىن ساۋاق ئېلىشى، ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ دىنىي تەلىم-تەربىيە ئۆگىنىشى باشلىنىپ،ئۇزۇن ئۆتمەيلا توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىككى نەپەر ئايال دىپلوماتى مەسچىتكە زىيارەتكە كەلگەن.

مەزكۇر دىپلوماتلار ئىمام مۇھەممەدتىن ئۆزلىرىنىڭ قۇرئان كەرىم ۋە ئىسلامىي بىلىملەردىن ساۋاق ئالماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،مەسچىتتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دەرسىگە قاتنىشىپ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئوقۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىراق، ئىمام خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ بۇ تەكلىپىنى چىرايلىقچە رەت قىلغان ۋە شۇنداقلا ئىككى نەپەر دىپلوماتنىڭ مەسچىتكە كېلىش مەقسىتىنى، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ مەسچىتتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى كۆزىتىشتىن ئىبارەت جاسۇسلۇق ھەرىكىتى دەپ چۈشەنگەن.

ئىمام مۇھەممەد بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر مەسچىتنىڭ جامائىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئايال دىپلوماتلىرىنىڭ مەسچىتكە كېلىپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىمەكچى بولغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/tokyo-meschit-02182015153704.html

EE

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …