تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ: مەرھۇم كۈرەش كۈسەننىڭ ھاياتىدىن ئەسلىمىلەر(2)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان ماقالىسى
2013-07-13
kuresh-kosen-yashliq-305.png

كۈرەش كۈسەننىڭ ياشلىق مەزگىلى، 1990-يىل

RFA/Qutlan

ھايات رىيازەتلىرى كۈرەش كۈسەننىڭ ئائىلىسىنى كۇچا دىيارىدىن تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئىلى ۋادىسىغا ئاپىرىپ تاشلايدۇ. ئۇلار ئۈرۈمچىدىن غۇلجىنىڭ چولۇقاي يېزىسىغا چۈشۈرۈۋېتىلگەن تاغىسىنىڭ قېشىغا پاناھ تارتىپ بېرىپ ياشاشقا باشلايدۇ.

بالىلىق دەۋرىنىڭ بىغۇبار چاغلىرىنى ئوقۇش بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمگەك ۋە تۇرمۇشنىڭ قاتتىقچىلىقلىرىدا ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان كۈرەش كۈسەن ئىلى يېزىلىرىدا ئۆسۈپ چوڭ بولىدۇ. بىر يىلدىن كېيىن دادىسى كۇچادىكى رېجىمدىن بوشۇنۇپ يوشۇرۇنچە غۇلجىغا كېلىدۇ ھەمدە ئائىلىسى بىلەن جەم بولىدۇ. دادىسى سۇلتان ئەپەندى قولى چېۋەر، تىرىشچان كىشى بولغاچقا كوممۇنا (خەلق گوڭشەسى) قارىمىقىدىدىكى چوڭ ئەترەتنىڭ كوللېكتىپ ئاشخانىسىدا ئاشپەز بولۇپ ئىشلەيدۇ. بوشىغان چاغلىرىدا تېبابەتتىن خەۋىرى بولغاچقا خەلق ئىچىدە «يالاڭئاياق دوختۇر» بولۇپ كېسەل كۆرىدۇ. ئاپىسى تۇغۇت ئانىسى بولۇپ مەھەللىدە تېزلا كۆزگە كۆرۈنىدۇ.

ئىلى يېزىلىرى كۈرەش كۈسەننىڭ ھاياتىدا ئۇنتۇلماس خاتىرىلەرنى قالدۇرىدۇ. يېزا تۇرمۇشى ئۇنىڭغا جاپا – مۇشەققەت بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ھاياتنىڭ گۈزەللىكلىرىنىمۇ ھېس قىلدۇرىدۇ. ئۇنىڭ بالىلىق قەلبىدىكى سەنئەتكە بولغان ئىشتىياق دەل مۇشۇ مەزگىللەردە جۇش ئۇرىدۇ. دادىسى سۇلتان ئەپەندى سەنئەتكە قىزغىن مۇھەببەت قويغان، قولىدىن دۇتار – تەمبۈر چۈشمەيدىغان كىشى بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ناھايىتى تېزلا يەرلىك سەنئەتكارلارنىڭ يوشۇرۇنچە يىغىلىش سورۇنىغا ئايلىنىدۇ. بولۇپمۇ قەرەللىك ھالدا يوشۇرۇنچە ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان ئىلى مەشرەپلىرى كۈرەش كۈسەننىڭ بالىلىق قەلبىگە ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ئۇرۇقىنى تېرىيدۇ.

1974 – يىلىغا كەلگەندە ئۇلارنىڭ ئائىلىسى يەنە ئىلى ۋادىسىدىن كۇچاغا قايتىپ كېلىدۇ. چۈنكى نوپۇسسىز ياشاش ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە بارغانسېرى چوڭلاپ كېتىۋاتقان بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشىغا قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. نوپۇسى بولمىغاچقا ئىلى يېزىلىرىدا بالىلىرىنى مەكتەپكە بېرەلمىگەن بۇ ئائىلە ئاخىرى يەنە كۇچاغا قايتىپ كېلىدۇ. لېكىن دادىسى ۋاقىتلىق ئىلىدا قېلىپ قالىدۇ. ئەمدىلا 15 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان كۈرەش كۈسەن كۇچاغا كېلىپمۇ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. چۈنكى ئائىلىسىنى بېقىشنىڭ ئېغىر يۈكى ئۇنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىدۇ. كۇچاغا كەلگەن دەسلەپكى چاغلاردا كۈرەش كۈسەن بالا تامچى، لايچى ۋە گىلەم توقۇغۇچى بولۇپ ياللىنىپ ئىشلەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىرىنى تولۇقلايدۇ.

1986-يىلى يازدا كۈرەش كۈسەننىڭ دادىسى ۋە سىڭلىسى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوختۇرخانىسىدا چۈشكەن سۈرىتى
1986-يىلى يازدا كۈرەش كۈسەننىڭ دادىسى ۋە سىڭلىسى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوختۇرخانىسىدا چۈشكەن سۈرىتى

گىلەمچىلىك كارخانىسىدا ئىشلەۋاتقان مەزگىللىرىدە سۇ تۆكۈلۈپ يىرتىلىپ كەتكەن گىلەم خەرىتىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قايتا سىزىپ چىقىشى بىلەن ياش كۈرەش كۈسەننىڭ تالانتى نامايان بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ گىلەمچىلىك كارخانىسىنىڭ ئاددىي بىر بالا ئوقۇغۇچىسىدىن خەرىتە – نۇسخا سىزىش ئىشخانىسىغا رەسمىي مائاشلىق خادىم بولۇپ تاللىنىدۇ. بىر مەزگىل ئۈرۈمچىگە بېرىپ خەرىتە سىزىش بويىچە دىپلوم ئېلىپ كېلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ سەنئەتكە بولغان ئىشتىياقى سەۋەبلىك كۇچادىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ سەنئەت مۇسابىقىلىرىگە سىرتتىن قاتنىشىپ نەتىجىگە ئېرىشىدۇ ھەمدە ئەل ئىچىدە تونۇلۇشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى تالانتىنى بايقىغان كۇچا ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى ياش كۈرەش كۈسەننى تەكلىپ بىلەن ئىشلىتىدۇ. دەل شۇ مەزگىللەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىدىن بىر گۇرۇپپا كىشىلەر كۇچاغا كېلىپ خەلق ئىچىدىن ياش تالانت ئىگىلىرىنى تاللايدۇ. كۈرەش كۈسەن ئۆزىنىڭ ناخشا ئېيتىش ۋە مۇزىكا جەھەتتىكى ئالاھىدە ماھارىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىگە تاللىنىدۇ. بۇ ئىش ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە ئاجايىپ زور خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ. زور ئۈمىد ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچ بىلەن ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىققان كۈرەش كۈسەن بىر كۈندىن كېيىن يۈك – تاقلىرىنى سۆرەپ روھى چۈشكەن ھالدا ئۆيىگە قايتىپ كېلىدۇ. بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇ ئىشتىن ھاڭ – تاڭ بولىدۇ. قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن كۈرەش كۈسەن ئائىلىسىدىكىلەرگە يىغلاپ تۇرۇپ ئەھۋالنى ئېيتىدۇ. ئۇ ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقىپ بۈگۈرگە يېتىپ بارغاندا كۇچا ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن تېلېفون كېلىپ، «ئائىلىسىنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى پاك ئەمەس» دېگەن سۆز بىلەن ئۆيىگە قايتۇرۇلىدۇ.
http://www.rfa.org/uyghur/yoruq-sahillar/kuresh-kosen-07132013181304.html
(داۋامى بار)

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

تىمخورتوندا ئىشلىگەن ئايال (5)

  پوۋست: ئاپتورى: سەھەر تىمخورتون بارلىق كانادادا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كانادالىقلار ئۈچۈن، تولىمۇ ئاددى ۋە كۆڭۈللۈك …

ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زۇلۇم تەسۋىرى

‏بەزىلەر دىيىشەر دىھقان بولماق تەس ‏بەزىلەر ئېيتىدۇ موللام بولماق تەس ‏زىيالى قاخشايدۇ سودگەرمۇ بەس ‏مەن …