2013-08-26
بىز ھەممىمىز مۇسۇلمانلىق سۈپىتىمىز بىلەن چوڭ بىر ئىسلام ئائىلىسىگە مەنسۇپمىز. بىزنىڭ بۇ ئائىلىمىز «ئۈممەت»دەپ ئاتىلىدۇ.
بىز شۇ ئۈممەت بىلەن پەخىرلىنىمىز ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بىزنى شۇ ئۈممەتنىڭ قاتارىدىن قىلغانلىقىغا مىڭلاپ شۈكۈر ئېيتىمىز. چۈنكى بىز مۇشۇ ئۈممەت سايىسىدا ئىنسانلارغا قۇلچىلىق قىلىشنىڭ، ھەر خىل تەبىئەت كۈچلىرىگە چوقۇنۇشنىڭ خارلىقىدىن قۇتۇلۇپ، ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ تائالاغا قۇلچىلىق قىلىشتەك شەرەپكە ۋە ئەزىزلىككە ئېرىشتۇق. بۇ ئورۇندا ئىككىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ:«بىز ئىسلام بىلەن ئىززەت تاپقان بىر قەۋممىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئىسلامدىن باشىقىسىنى تىلىمەكچى بولساق، چوقۇم خارلىققا مەھكۇم بولىمىز» دېگەن مەشھۇر سۆزى يېتەرلىك.
شۇنداقتىمۇ ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز قەۋمى ۋە ئۆز مىللىتىنى باشقىلاردىن بەكرەك سۆيۈشىنى، ياردەمنى ئەڭ ئاۋۋال شۇلارغا قىلىشىنى ۋە ھەممىدىن ئاۋۋال شۇلارنىڭ غېمىنى يېيىشىنى توسمايدۇ. چۈنكى ئىسلام دىنى ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىگە ۋە مەنپەئەتىگە تامامەن ئۇيغۇن بىر دىندۇر. ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىدىكى ئۆز مىللىتىگە بولغان سۆيگۈ – مۇھەببەتنى ئۇلارنىڭ قەلبىگە سالغان زاتمۇ ئاللاھ تائالادۇر. بۇنداق بولغان ئىكەن، ھەقلىق رەۋىشتە ئۆز مىللىتىنى سۆيۈش، ئۆز مىللىتىنىڭ غېمىنى يېيىش ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش تامامەن جائىزدۇر، ھەتتا بەزى شارائىتلاردا زۆرۈردۇر. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا:«ئائىلەڭدىكىلەرنى نامازغا بۇيرۇغىن ۋە ئۆزۈڭمۇ ئۇنىڭغا چىداملىق بولغىن» ۋە «يېقىن تۇغقانلىرىڭنى ئاگاھلاندۇرغىن» دېگەن ئەمىرلىرىدە ياخشىلىقنى ئەڭ ئاۋۋال ئۆز يېقىنلىرىدىن باشلاشقا بۇيرۇغان. بىر مىللەتنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىلىرى ئۇنىڭ ئۆز ئەھلى ۋە ئۆز مىللىتىدۇر. بۇنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ.
ئابدۇلئەھەد ھافىز بىلەن سۆھبەت
ئىستىداتلىق ئالىم، سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسىى تۈرك بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئۇستاز ئابدۇلئەھەد ھافىز مىللەتچىلىك ھەققىدە مۇنداق دېدى:
– ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى بىر ئاتا ۋە بىر ئانىدىن ياراتقاندىن كېيىن، ئۆز ھېكمىتى بىلەن ئۇلارنى ھەرخىل قەبىلە، ھەرخىل مىللەت قىلىپ يەر شارىغا تارقاتتى.«)ئەي ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن (ئىبارەت) بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆز – ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق» شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ قەلبىگە ئۆز قەۋمىنى ـ ئۆز مىللىتىنى سۆيىدىغان تۇيغۇ يەرلەشتۈردى. شۇ سەۋەبتىن ھەربىر مىللەت ۋە ھەربىر قەۋم ئۆز مىللىتىنى سۆيىدۇ ۋە باشقىلاردىن كۆرە ئۆز قەۋمىنى ئۆزىگە يېقىن ھېس قىلىدۇ. مىللىتىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئەيىبلىنىشىگە، كەمسىتىلىشىگە ۋە بوزەك قىلىنىشىغا چىداپ تۇرالمايدۇ. بۇ ھېس ـ تۇيغۇ پۈتكۈل ئىنسانلاردا مەۋجۇت بولغان ئورتاق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تائىپقا چىققاندا مۇشرىكلاردىن شۇنداق چىدىغۇسىز ئەزىيەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىن، ئاللاھ تائالاغا دەردىنى ئېيتىپ دۇئا قىلغاندا، ئاللاھ تائالا تاغقا مۇئەككەل پەرىشتىنى ئەۋەتكەن. پەرىشتە كېلىپ ئىككى تاغنى مۇشرىكلارنىڭ ئۈستىگە تاشلايمۇ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ياق، چۈنكى مىنىڭ قەۋمىم بىلمەيدۇ» دېگەن. مانا بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز قەۋمىنى سۆيىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
يەنە ساھابە كىراملاردىن تۇفەيل ئەددوسى دېگەن كىشى مۇسۇلمان بولغاندا قەۋمى ئۇنى ناھايىتى قاتتىق ئۇرۇپ قېينىغان، بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئاغا قول كۆتۈرگەندە، ساھابىلەر دەۋس قەبىلىسى ھالاك بولدى، دېيىشكەن. تۇفەيل مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇ ۋاقىتتا قەۋمىمنىڭ ھالاك بولۇشىدىن قاتتىق قورقۇپ كەتكەن ئىدىم. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەۋمىمنىڭ ھىدايىتى ئۈچۈن دۇئا قىلغان ئىكەن.» بۇمۇ تۇفەيلنىڭ ئۆز قەۋمىنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن ھەر قانداق نەرسىنىڭ چەك ـ چېگرىسى بولغاندەك، مىللەت ۋە قەۋم سۆيگۈسىنىڭمۇ چەك ـ چېگرىسى بولۇشى لازىم. ئەمما ئىنسانلار بۇ چەك چېگرىنى ئايرىيالمىسا، ئۆز مىللىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن دەپ دەۋا قىلىپ، باشقا مىللەتلەرنى كۆزگە ئىلماسلىقتەك، كەمسىتىشتەك يامان ئادەت مەيدانغا كېلىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئىنسانلار قەبىلىۋازلىق قىلىپ بىر ـ بىرى بىلەن ئۇرۇشىدىغان، ھەق ـ ناھەق بولۇشىغا قارىماستىن، قارغۇلارچە ئۆز مىللىتىنىڭ تەرىپىنى تۇتۇپ، بىر ـ بىرىنى ئۆلتۈرىدىغان ئىشلار كېلىپ چىقىدۇ. ئىسلام دىنى پۈتكۈل ئىشلارنى ئىنسان تەبىئىتىگە ئەڭ ئۇيغۇن شەكىلدە رەتكە سالغىنىدەك، بۇ مىللەتچىلىك مەسىلىسىنىمۇ ئىنساننىڭ يارىتىلىش تەبىئىتىدە بار بولغان مىللەت سۆيگۈسىنىمۇ يوققا چىقارماستىن، مىللەتچىلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان يۇقىرىقىدەك زىيان – زەخمەتلەرگىمۇ يول قويماستىن ناھايىتى مۇۋاپىق شەكىلدە ھەل قىلغان. ئىسلام دىنى دۇنيادا مەۋجۇت بولغان بارلىق مىللەت ۋە قەبىلىلەرگە كەلگەن ئالەمشۇمۇل بىر دىن. بۇ دىن ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى ۋە ئۆزگىچىلىكلىرىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە، بارلىق ئىنسانلارنىڭ ھۆرمەتتە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەسلىنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەممىڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەن ۋە ئادەم ئەلەيھىسسالام بولسا تۇپراقتىن يارىتىلغان» دېگەن. ئىسلام يەنە كىشىنىڭ قايسىبىر مىللەتتىن بولۇشى ئۇنىڭغا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىك بەرمەيدىغانلىقىنى، پەزىلەت ۋە ئالاھىدىلىكنىڭ پەقەت ياراتقۇچىسىنى تونۇپ، ئۇنىڭغا قۇلچىلىق قىلىشتا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك بولىدىغىنىڭلار ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلاردۇر.» پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇنجى ۋە ئەڭ ئاخىرقى ھەجنى قىلغان ۋاقتىدا، ئەرەپاتتا تۇرۇپ، ئوقۇغان ۋىدا خۇتبىسىدە مۇنداق دېگەن: «ئەي ئىنسانلار! ئۇنۇتماڭلاركى، سىلەرنىڭ رەببىڭلار بىر، ئاتاڭلار بىردۇر. ئەرەبنىڭ ئەجەمدىن، ئەجەمنىڭ ئەرەبتىن ئارتۇقچىلىقى يوق، قىزىل تەنلىكنىڭ قارا تەنلىكتىن، قارا تەنلىكنىڭ قىزىل تەنلىكتىن ئارتۇقچىلىقى يوق. ئارتۇقچىلىق پەقەت تەقۋالىقتىدۇر.»
ئىسلام دىنى ئىنسانلارنى قەبىلىۋازلىق، مەھەللىۋازلىق، يۇرتۋازلىق ۋە تار مىللەتچىلىك ئىللىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنى ئەڭ ئالىي تۇيغۇ ۋە يۈكسەك غايىدە بىرلەشتۈرگەن. ئۇ بولسىمۇ، ئىسلامىي قېرىنداشلىق تۇيغۇسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنى «بىر ئۈممەت» دەپ ئاتىغان. بۇ ئۈممەتنىڭ ئەزالىرىنىڭ تىللىرى باشقا، رەڭگى باشقا، مىللىتى باشقا، ياشايدىغان يەرلىرى باشقا، ئەمما ئەڭ ئالىي غايىسى بىر، يۈزلىنىدىغان قىبلىسى بىر، يولباشچى پەيغەمبىرى بىردۇر. «ئەي ئىنسانلار! بۇ سىلەرنىڭ ئۇممىتىڭلار ھەقىقەتەن بىر ئۈممەتتۇر. مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلارمەن، ماڭىلا قولچىلىق قىلىڭلار.» ئاللاھ تائالا يەنە مۇسۇلمانلارنى ھەممە بىردەك ئاللاھنىڭ دىنىغا مەھكەم ئېسىلىپ ئايرىلماسلىققا چاقرىپ مۇنداق دېگەن:«)ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئاغامچىسىغا مەھكەم ئېسىلىڭلار، ھېچ ئايرىلماڭلار»،«مۆمىنلەر ھەقىقەتەن ئۆز – ئارا قېرىنداشلاردۇر.»
مۇسۇلمانلار ھەممىسى ئۆز – ئارا قېرىنداش بولغان ئىكەن، ھېچبىر مىللەتنى، ھېچبىر قەۋمنى ياكى ھېچبىر جامائەتنى كەمسىتىشكە، مەسخىرە قىلىشقا بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا بىزگە بۇ ھەقتە تەلىم بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئىمان ئېيتقانلار! بىر قەۋم يەنە بىر قەۋمنى مەسخىرە قىلمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغان قەۋم مەسخىرە قىلغۇچى قەۋمدىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئاياللارمۇ ئۆز – ئارا مەسخىرە قىلىشمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغۇچى ئاياللار مەسخىرە قىلغۇچى ئاياللاردىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن، بىر ـ بىرىڭلارنى ئەيىبلىمەڭلار، بىر ـ بىرىڭلارنى يامان لەقەم بىلەن چاقىرماڭلار، ئىماندىن كېيىن پىسقى بىلەن ئاتاش دەپ ئاتاش نېمىدېگەن يامان! (مۇنداق گۇناھلاردىن) تەۋبە قىلمىغانلار ھەقىقەتەن زالىملاردۇر.»
يۇقىرىقىلاردىن مۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇ، مىللەتچىلىكنى ئىككى قىسىمغا ئايرىپ چۈشىنىش كېرەك: بىرى ئىجابىي يەنى ئىسلامغا ئۇيغۇن بولغان مىللەتچىلىك، يەنە بىرى سەلبىي يەنى ئىسلام مەنئى قىلغان مىللەتچىلىك.
ئىجابى مىللەتچىلىك
ئىجابىي مىللەتچىلىكنى تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىلەشكە بولىدۇ:
1.ئەڭ ئاۋۋال ئۆز مىللىتىنىڭ غېمىنى يېيىش، ياخشىلىقنى، ياردەمنى ئاۋۋال ئۆز مىللىتىدىن بولغان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا قىلىش. بۇنىڭ شەرتى باشقا مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەققىنى ئېلىۋالماسلىق.
2. ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرى ئۆز مىللىتىدىن بولغان مۇسۇلمانلارنى باشقا مۇسۇلمانلاردىن بەكرەك سۆيۈشى. بۇنىڭ شەرتى باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر يامان كۆرمەسلىكتۇر.
3.ئۆز مىللىتىدىن بولغان مۇسۇلمانلارغا خىزمەت ۋە ياردەم قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇشى. بۇنىڭ شەرتى باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا ھەقسىزلىق قىلماسلىقتۇر.
4.ئۆز مىللىتىنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىدىن، قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىدىن پەخىرلىنىشى، كىشىلەرنى ئىشلەشكە، تىرىشىشقا، ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە تەرغىب قىلىش ئۈچۈن مىللىتىنىڭ ئۆتمۈشتىكى غەلىبىلىرىنى ئەسلىتىشى ۋە تارىخىي شەخسلىرىنى مەدھىيىلىشى.
سەلبىي مىللەتچىلىك
ئىرقچىلىق، باشقا مىللەتلەرنى كەمسىتىش بولۇپ بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئەسەبىيەت» دەپ ئاتىغان ۋە ئۇنىڭ ئىسلامغا پۈتۈنلەي زىت كېلىدىغان جاھىلىيەتنىڭ قىلىقى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، مۇسۇلمانلارنى ئۇنىڭدىن مەنئى قىلغان.
سەلبىي مىللەتچىلىكنىڭ بەزى كۆرۈنۈشلىرى ۋە ئۇنىڭ زىيانلىرى
1.مەن پالانى مىللەتتىن، دەپ ئۆز مىللىتىنى ماختاپ، باشقا مىللەتلەرنى سۆكۈش. بۇ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىدىغان، بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك قىلىقتۇر. چۈنكى بىراۋنىڭ ئۆز مىللىتىنى ئۈستۈن كۆتۈرۈپ، باشقا مىللەتلەرنى يەرگە ئۇرۇشى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا دۈشمەنلىكنى پەيدا قىلىدۇ.
2. ئۆز مىللىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن دەپ قاراپ، باشقا مىللەتلەرگە تەكەببۇرلۇق قىلىش. چۈنكى كىبىرلەنگەن كىشى باشقىلارنى كۆزىگە ئىلمايدۇ، باشقا مىللەتلەرنى كەمسىتىدۇ. بۇنداق قىلىش مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا چوڭ توقۇنۇشلارغا يول ئاچىدۇ.
3. ئۆز مىللىتىدىن بولغان مۇسۇلمان ئەمەسلەرنى باشقا مىللەتتىن بولغان مۇسۇلمانلاردىن ئۈستۈن كۆرۈش.
4.ھەقسىز ھالدا ئۆز مىللىتىنىڭ تەرىپىنى تۇتۇش. بۇنداق قىلىش ھەقسىزلىك ۋە زۇلۇمدۇر. ھەدىس قۇدسىيدا ئاللاھ تائالا: «ئى بەندىلىرىم! مەن زۇلۇمنى ئۆزۈمگە ھارام قىلدىم، سىلەرمۇ بىر ـ بىرىڭلارغا زۇلۇم قىلماڭلار» دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئادەم گەرچە كاپىر بولسىمۇ، ئۇنىڭ دۇئاسىدىن ھەزەر قىلىڭلار، چۈنكى زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئادەم بىلەن ئاللاھنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەردە يوقتۇر.( پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى بىراۋنىڭ ھەقسىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، شۇ زالىمغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ماڭسا، ئۇ ئىسلامدىن چىقىپ كېتىدۇ.» يەنە مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى بىر زالىمغا ھەقنى يوقىتىش ئۈچۈن ياردەم قىلسا، ئۇ ئاللاھتىن ۋە پەيغەمبەردىن ئادا جۇدا بولغان بولىدۇ.»
5.ئەسەبىيەتكە ئېسىلىۋېلىش ۋە ئۇنىڭغا چاقىرىش. بۇ دىنىمىزدا قاتتىق مەنئى قىلىنغان، ئىنسانىيەتچىلىككىمۇ ياتمايدىغان يامان ئىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«كىمكى ئەسەبىيەتكە چاقىرىدىكەن، ئۇ بىزدىن ئەمەس، كىمكى ئەسەبىيەت ئۈچۈن ئۇرۇشىدىكەن، ئۇ بىزدىن ئەمەس، كىمكى ئەسەبىيەت ئۈستىدە ئۆلىدىكەن، ئۇ بىزدىن ئەمەس» دېگەن.»
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/islam-we-milletchilik-08262013221547.html