ئەي زىيۇ: «مەن ما مۇستافا دېگەن يالغان ئىسىم بىلەن مەككىگە جاسۇسلۇققا باردىم»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىر

2013-08-12

hej-musulman-mekke-305.jpg

ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ھەرەمگە كەلگەن مۇسۇلمانلار ئەرەفاتتا تۇرماقتا. 2012-يىلى 25-ئۆكتەبىر، سەئۇدى.

8-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلانغان خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ۋە خىتاي ئىشلىرى بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ياپونىيەدىكى يېپىق يىغىندا ئەسلى ئۆزى خىتاي پۇقراسى، ئىلگىرى خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭ ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلغان، كۆپ قېتىملىق ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان ۋە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنى چەتئەلگە جاسۇسلۇققا ئەۋەتكەن، ھازىر شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بىرىدە ياشاۋاتقان ئەي زىيۇ تەخەللۇسلۇق خىتاينىڭ «مەن ما مۇستافا دېگەن يالغان ئىسىم بىلەن مەككىگە جاسۇسلۇققا باردىم» سەرلەۋھىلىك دوكلاتى يىغىن ئەھلىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتتى.

ئەي زىيۇ دوكلاتىدا مۇنداق دېدى:
-2001-يىلى 11-سېنتەبىر ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك نازارىتىدىن ئالغان ئىشەنچلىك ئۇچۇرىدا «ئافغانىستاندىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ غوللۇق ئەزالىرى ئافغانىستاندىن قېچىپ سەئۇدى ئەرەبىستانغا توپلاندى» دېگەن ئۇچۇر بىلەن 1998-يىلى پوسكام سەيلى يېزىسىدىكى ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىپ ساقچىلارنى ئۆلتۈرۈش دېلوسىغا چېتىشلىق گۇماندارلارنىڭ ھازىر مەككىدە ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئاخباراتنى تاپشۇرۇپ ئالدى. بۇنىڭ بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى بىلەن دۆلەت جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بىرلىكتە بىر گۇرۇپپا تەشكىللەپ مەككىگە بېرىش پىلانىنى تۈزدى. مېنى يۇقىرىدىن مەككىگە بۇ خىزمەتنى بېجىرىپ كېلىشكە بەلگىلىدى. مەن بۇيرۇققا بىنائەن بىر قىسىم قىسقا ئايەتلەرنى يادلىدىم. ناماز ئوقۇشنى، ئىسلام دىنىنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىنى ئۆگەندىم، ھەتتا مۇسۇلمان ئەركەكلەرگە ئوخشاش بولۇش ئۈچۈن بېيجىڭدىكى دوستلۇق دوختۇرخانىسىدا خەتنە قىلىندىم. شۇنداق قىلىپ 2002-يىلى 2-ئايدا مەملىكەتلىك ئىسلام دىنىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئەمەلىيەتتە دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خادىمى ئابدۇرەھىم بىلەن ئۈرۈمچىگە باردىم. بىزنى ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ نازىرى، شىنجاڭ سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ شۆمېن ئالاھىدە كۈتۈۋالدى. بىز ئۈرۈمچىدە بىز بىلەن بىرلىكتە مەككىگە خىزمەتكە بارىدىغان گۇرۇپپا ئەزالىرى بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشتۇق. ئۇلار جەمئىي تۆت كىشى بولۇپ ھەممىسىلا ئۇيغۇر ئىدى. ئۇلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قادىر، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ ساقچىسى ئىسمائىل، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت بىخەتەرلىك نازارىتىنىڭ خادىمى ئايشەم ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى ئىشلار، مۇھاجىرلار ئىشخانىسىنىڭ ئەرەب تىلى تەرجىمانى ئەركىن قاتارلىقلار ئىدى.

ئەي زىيۇ سەپەرگە چىقىشتىن ئىلگىرىكى خىزمەت تەقسىماتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-ئۈرۈمچىدىكى خىزمەت تەقسىماتىمىز مۇنداق بولدى، مەن گۇرۇپپىنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل بولدۇم. ئابدۇرەھىم ماڭا ياردەمچى بولدى. قادىر مەككە، مەدىنە، رىياد قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچى ۋە تىجارەتچى قۇلاقلىرىدىن ئۇچۇر توپلاشقا مەسئۇل بولدى. ئايشەم سەئۇدى ئەرەبىستانغا ياتلىق قىلىنغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاياللىرىدىن يەنى ئۆزىنىڭ قۇلاقلىرىدىن ئۇچۇر ئىگىلەشكە بەلگىلەندى. ئىسمائىل گۇماندارلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مەسئۇل بولدى. ئەركىن سۆھبەت خاتىرىسى يېزىشقا ۋە ئاخبارات توپلاشقا قويۇلدى. شۇنداق قىلىپ بىز ئۈرۈمچىدىن ھەج ئۆمەك بىلەن بىرلىكتە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددەھ شەھىرىگە يېتىپ باردۇق.

ئەي زىيۇ مەدىنىدە ئۆزىنىڭ گۇرۇپپىسىدىكى بۇ كىشىلەرنىڭ ئېلىپ بارغان پائالىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-جىددەھدىن مەدىنىگە يېتىپ بېرىپ، ھەج ئۆمىكى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان ئادەتتىكى ياتاققا چۈشتۇق. ياتاقتا دەم ئېلىۋاتسام، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قادىر كەچتە ئۆزىنىڭ مەدىنىدە تۇرۇشلۇق كونا قۇلىقى خخ ئىسىملىك بىر تىجارەتچىنىڭ بىزنى زىياپەتكە تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئايشەم زىياپەتكە ئۆزىنىڭ قاتنىشالمايدىغانلىقىنى، كەچتە ئۆزىنىڭ مەدىنىدىكى ئۆزىگە خىزمەت قىلىۋاتقان خخ ئايالنىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەي زىيۇ دوكلاتىدا مەدىنىدىكى خخ ئىسىملىك قۇلاقنىڭ مېھماندارچىلىقىدىكى سۆھبەتنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دېدى:
-بىزنى ياتاققا خخ ئىسىملىك قۇلاقنىڭ ئىككى ئادىمى لىنكولىن ماركىلىق ئىككى ئاپتوموبىل بىلەن ئالغىلى كەلدى. بىز ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان سوۋغاتلىرىمىز ئېلىپ تۆتىمىز ئىككى ئاپتوموبىلىغا بۆلۈنۈپ ئولتۇرۇپ، خخ قۇلاق ئورۇنلاشتۇرغان رېستورانغا باردۇق. رېستوران ئالدىغا يېتىپ بېرىش بىلەنلا خخ قۇلاق ئاپتوموبىلدىن چۈشۈۋاتقان قادىرنى قۇچاقلاپ كۆرۈشۈپ كەتتى. رېستوران خورمازارلىق ئىچىگە سېلىنغان كاتتا رېستوران بولۇپ، داستىخاندا توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممە نەرسە بار ئىدى. داستىخاندا بىزگە ھەم دوست بولۇپ بىر قانچە ئۇيغۇرمۇ بىرگە ئولتۇردى. بىز تۆتىمىز بەھۇزۇر داستىخاندىكى تائاملاردىن ھوزۇرلانغاندىن كېيىن، مەن ئاستاغىنا قىلىپ، قادىرنىڭ پۇتىغا تېپىپ قويدۇم، بۇ دېگەنلىك «ئۆزىمىزنىڭ گېپىمىزگە كېلەيلى،يەنى قۇلاقنىڭ سۆزىنى ئاڭلايلى» دېگەن مەنادا ئىدى. قادىر قانداقتۇر بىر نېمىلەرنى دەپ خخ قۇلاقنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىغاندىن كېيىن، خخ قۇلاق بىزنى رېستوراننىڭ ئايرىم خانىسىغا باشلاپ كىردى. بىز تۆتىمىز شۇنىڭ بىلەن ئايرىم خانىدا خخ قۇلاقنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى يەنى مەدىنىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە بۇ يەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى بايانلىرىنى ئاڭلاشقا باشلىدۇق. بىزنىڭ سۆھبىتىمىز كېچە سائەت ئىككىگە قەدەر داۋاملاشتى. بىز خخ قۇلاق بىلەن خوشلىشىپ، ياتاققا قايتىشقا تەمشىلىۋاتقاندا خخ قۇلاق ئۆزى يىغىپ قويغان چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ئائىت تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى ۋە كىتاب، ژۇرناللاردىن ئىككى ساندۇقنى ئاپتوموبىلنىڭ ئارقىسىغا سېلىپ قويدى. بىز ئىككى ساندۇق ماتېرىيالنى ئېلىپ، ياتاققا قايتتۇق.

ئەي زىيۇ دوكلاتىدا مەككىدە ئېلىپ بارغان مەخپىي ھەرىكىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-بىز مەككىگە بارغاندىن كېيىن، قادىرنىڭ رىياد، جەددەھ، تائىف ۋە مەككىدىكى بارلىق قۇلاقلىرى مەككىگە يىغىلىپ قادىرنى كۈتۈپ تۇرغان ئىكەن.بىز ئۇلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشتۇق. ھەر كۈنلۈكى دېگۈدەك زىياپەت سۆھبەتلەر داۋاملىشىپ تۇردى.

ئەي زىيۇنىڭ دوكلاتى ئاخىرلىشىش بىلەن تەڭ، ياپونىيەلىك بىر ئەپەندى ئۇنىڭدىن سوئال سوراپ:
-خىتاي كوممۇنىستلىرى نېمە ئۈچۈن سىزدەك ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمايدىغان كىشىنى ئۇيغۇر جاسۇسلىرىغا مەسئۇل قىلىپ مەككىدەك مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس يېرىگە جاسۇسلۇققا ئەۋەتىدۇ؟-دەپ سوئال سورىدى. ئەي زىيۇ كۈلۈپ تۇرۇپ:
-خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۆزىگە سادىق بولغان ئۇيغۇر جاسۇسلىرىغىمۇ ئىشەنمىگەنلىكتىن يەنىلا مەندەك خىتايلارنى ئەۋەتىدۇ،‏-دەپ جاۋاب بەردى.

ئاخىردا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەككىدىكى ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەزىزى بۇ خىلدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

[haiku url="https://uyghuristan.org/wp-content/uploads/2013/09/mustafa.mp3" title="ئاۋازلىق ھۆججەت"]

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/xitay-jasus-08122013125648.html

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى تۈرك تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىقتا.

2015-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن ئالىمجام مۇھاممەد ۋە نۇرەخمەت قاراجىم ،گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھرىدە پائالىيەت …

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى

ياپونىيەدىكى داڭلىق گېزىتلەردىن سانكەئى شىنبۇن گېزىتىنىڭ كەچلىك گېزىتى ئورنىدا تارقىتىلىدىغان ئاممىۋى گېزىت يۇكان فۇجى گېزىتىدە،مەركىزى …