زاكوسكا «يۈرەك»

Blutiges Hirn im Beutel Halloween Deko

ئاپتور: ئەلسۆي

ئۇكام، سەن تېخى ياش ئىكەنسەن، ھايات يولى تېخى ئالدىڭدا. بىر ئۇچۇم بۆلگۈنچى ئونسۇرلارنىڭ ئالدامچى تەشۋىقاتىغا ئىشىنىپ ئۆزەڭنى بۇنداق نابۇت قىلمىغىن. ھازىر دۇنيادا جۇڭگو دېسە ھەممە ئادەم ۋاي دەپ ھۆرمىتىڭنى قىلىدۇ. بۇنداق بىر ئۇلۇغ دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولۇش شەرەپلىك ئىش. ۋاڭ دۈيجاڭ ھەققانىي ئادەم، بىز ئۇيغۇرلارنى ئوبدان چۈشىنىدۇ. كىچىكىدىن ئۇيغۇرلار بىلەن ئويناپ چوڭ بولغان، خوتۇنىمۇ ئۇيغۇر.   خاتا تۇتۇلۇپ قالغان ئۇيغۇر بالىلارنى مۇشۇ ئادەم قويىۋەتكەن. سەن تولا ئاخماقلىق قىلما بالا. ئۆزەڭنى كىنولاردىكى قەھرىمان دەپ چاقلاپ قالدىڭمۇ نېمە؟ ئۇنداق…
– مەن ئۇيغۇر، جۇڭگولۇق ئەمەس! جۇڭگولۇق بولىمەن دەپمۇ بولالمايمەن، قېنىم، دىنىم، دىلىم  ئۇلاردىن  ئېنىق ئايرىلغان! ئاغزىڭنى يۇم مۇناپىق!…- يىگىت زەردە بىلەن يوغان قورساق ئۇيغۇر ساقچىغا قاراپ يۈزىگە تۈكۈرمەكچى بولدىيۇ، تۇيۇقسىز تەگكەن مۇشت ئۇنىڭ مۇناپىققا تۈكۈرۈشكە تەمشەلگەن كالپۇكىنى يېرىۋەتتى.
– جىيايىلې ئىشاكې! مەن ساڭا كەنچا نۆۋەت دىدى ھا! سەن كېچىكې، بۇ دۇڭ سىر، دەپ سېنى كىينامىسۇڭ دېدى شۇ. مەن ساڭا نىما دېدى، داجا دوۋشى جۇڭگورېن، دېسا «مەن جۇڭگورېن ئاماس»  دېدۇ؟ كاندا بۇ شىياڭ خۇا بالاڭ سەن؟! …- يىرتىق كۆز خىتاي ساقچى شالاڭچاچ پىشانىسىدىن چوشقا مېيىدەڭ پارقىراپ تۇرغان سېمىز مەڭزىنى بويلاپ ئېقىۋاتقان تەرىنى ئالقىنىغا ئەرتكەچ، ئۇيغۇر يىگىتنىڭ يېنىغا يېقىن كېلىپ شۇ گەپلەرنى ئېيتقان يىگىتنىڭ كۆزىگە قارىدى.
– جۇڭگولۇق دېگەنلىك دەۋزاق ئەھلىمەن دېگەنلىك، ھۇ ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان، ۋاپاغا جاپا قىلىدىغان ھايۋان خىتاي! مۇبارەك تىلىمنى دەپسەندە قىلىپ سۆزلىمەي يوقال كۆزەمدىن!..- يىگىت يېرىلغان كالپۇكىدىن ئېقىۋاتقان قاننى يەرگە تۈكۈرۈپ ئۇنىڭ كۆزىگە زەردە بىلەن تىكىلىپ قارىغان شۇ گەپلەرنى ئېيتىۋاتاتتى. يىگىت ئەمدىلا يىگىرمە ياشلار چامىسىدىكى سەل قارامتۇل بالا ئىدى. ئۇنىڭ ئوتتەك لاۋۇلداپ تۇرىدىغان كۆزلىرى ھەرقانداق ئادەمگە تىكىلسە تىكىلگەن ئادەمگە بىر خىل خۇدۇكسىنىش ۋە ئەيمىنىش ھىسسىياتى تۇغدۇراتتى.
– ھەي ياشلىق، ھەي ئاخماقلىق! قانداق بالا سەن ئۇكام؟ نېمانداق غەرەز ئۇقمايسەن؟ ياخشىلىققا يامانلىق قىلىدىغان نېمىكەنسەن جۇمۇ! – ئۇيغۇر ساقچى خۇددىي ئۇنىڭغا ئېچىنغان نەزەردە قارىغان شۇ گەپلەرنى ئېيتقان ئۇنىڭ يېنىدىن ئىككى- ئۈچ مېتىر يىراقتىكى ئورۇندۇققا بېرىپ خىتاي ساقچىنىڭ ئۇزاتقان تاماكىسىنى ئېلىپ تۇتاشتۇردى.
– ياخشىلىق – يامانلىقنى ئوڭ تەتۈر قىلىدىغان ئىمانى تەتۈر مۇناپىق! سەنمۇ ئىنسان بولدۇڭمۇ؟! قانچە يۈزلىگەن ياشلارنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلغانغا ۋە قىيناپ ئۆلتۈرگەنگە شاھىت بولغانسەن؟! ئۆزەڭدىن نېمە ئۈچۈن دەپ سوراپمۇ باقمىدىڭمۇ؟ ئەركىنلىك ۋە ئىنسانلىق قەدىر-قىممەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنەمسەن؟! مېنى ۋەمەندەك ياشلارنى نېمە جىنايەت ئۈچۈن تۇتۇشتۇڭ؟ ئادالەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟ ياق، چۈنكى جۇڭگو دېگەن سۆز ئادالەتكە يات! جۇڭگو دېگەن سۆز ئىنسانلىققا يات! جۇڭگو دېگەن سۆز بىزنى ئىنساندەك ياشاش ھوقۇقىمىزدىن، ئاچا-سىڭىللىرىمىزنى ئىپپىتىدىن، دىلىمىزنى ئىمانىدىن، مىللىتىمىزنى روھىدىن ، ۋىجدانىمىزنى جېنىدىن ئايرىدى!  ياق، مەن جۇڭگولۇق ئەمەس! مەن ئۇيغۇر!…
– ۋو كەن تاشى ئې دۇ دې مىنزۇ ڧىن ليې ڧىنزى، كوڭبۇ ڧىنزى! داسى تا سۈەنلې! (تەرجىمىسى: مېنىڭچە ئۇ زەھەرخەندە مىللىي بۆلگۈنچى، تېرورچىكەن! ئۆلتۈرۈپلا قۇتۇلايلى!)- دەپ تاماكىسىنى يەرگە تاشلاپ ئېسىل خۇرۇم ئايىقى بىلەن يىمىردى خىتاي ساقچى.
– شو دې خاۋ دۈيجاڭ! تا شى گې مىنزۇ بەيلەي! گەي سى! (توغرا دېدىڭىز كوماندىر، ئۇ ھەقىقەتەن مىللىي مۇناپىقكەن! ئۆلۈمگە لايىق!)- يوغان قورساق ئۇيغۇر ساقچى خىتاينىڭ ئارقىسىدىن سوڭدىشىپ سوراقخانىدىن چىقىپ كەتتى.  ئۇيغۇر ياشلارنى تولا ئۇرۇپ، قىيناپ ئۆلتۈرۈپ كۆزلىرى پىشىپ كەتكەن، ئۇيغۇر قىزلىرىغا باسقۇنچىلىق قىلىپ، ئاستا-ئاستا قىيناپ ئۆلتۈرۈپ خۇما بولۇپ قالغان ئىككى خىتاي ھەربىي خۇددىي قاسساپ قوي بوغۇزلىغىلى ماڭغاندىكى يېنىڭ كەيپىياتتا بالىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا تۇياقلىرىنى تەككۈزۈشكە باشلىدى….
قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكى نامەلۇم، ئۇنىڭ كىشەنلەنگەن قولىدىن تامچىلىغان قانلار بېغىر-بېغىر بولۇپ ئۇيۇپ، پارقىراق تۆمۈر كىشەندىن خۇددىي زىمىستاندا دەرەخنىڭ شاخلىرىدا ساڭگىلاپ قېتىپ قالغان مۇز چوكىلاردەك قېتىپ قالغانىدى.  ئۇنىڭ «يولۋاس ئورۇندۇق» قا يالىڭاچلىنىپ بەنت قىلىنغان جىسمى ئۇيۇپ قارىدىغان قانلار بىلەن يېڭى ئاققان قانلار بىرلىشىپ ساق جايىنى كۆرگۈسىز ھالەتكە يەتكەنىدى.  پۇتلىرى ئورۇندۇققا ئورۇنلاشتۇرغان كىشەن بىلەن كىشەنلەنگەن بولۇپ، كىشەننىڭ چىڭلىقىدىن ئوشۇقىنىڭ تېرىسىگە پېتىپ كەتكەنىدى. كىندىكىنىڭ سەل ئۈستى تەرىپى ئېگىزلىكىدە جايلاشقان تۆمۈر تاختىغا ئاۋاق بېلىكىگە سېلىنغان كىشەن ئىككى ھالقىلىق قىسقا زەنجىر چېتىقلىق ئىدى.  ئۇ ھاياتمۇ ئۆلۈكمۇ؟ ئۇنىڭ بېشى ئارقىغا ساڭگىلىغان ھالىتى ئۇنى گويا باغلاپ قويۇلغان مۇردىغا ئوخشىتىپ قويغانىدى. ئۇنىڭ بېشى ماغدۇرسىزلىقتىن ئارقىغا ساڭگىلىغان بولماستىن، بەلكى تۆمۈر راشاتكىلىق كىچىك دېرىزىدىن كۆرۈنۈپ قالغان قاراڭغۇ چۈشىۋاتقان كۆك ئاسماننى كۆرۈش ئۈچۈن ساڭگىلىغان ئىدى. خىتاي ھەربىي ئۇنىڭ چېچىدىن تۇتۇپ، بېشىنى ئالدىغا زەردە تارتىپ ئۈستۈردى. تاڭ! قىلغان ئاۋاز بىلەن ئۇنىڭ بۇرنىدىن   ۋە يۈزىدىن يەنە قان ئېقىشقا باشلىدى.
– خا خا خا خا ، شو نى شى جۇڭگورېن جيۇۋ راڭ نى خو جې! (تەرجىمىسى: مەن جۇڭگولۇق دېسەڭ سېنى ھايات قويىمىز؟!) – قىزىقارلىق ئويۇن ئويناۋاتقاندەك خۇشال بولۇپ قېلىپىغا پاتماي قېلىۋتقان خىتاي ھەربىي خۇددىي چامباش كىنولاردىكى ئارتىستەك پۇتىنى كۆتۈرۈپ ،ھەربىيچە كۆك لاتا ئايىقى بىلەن يىگىتنىڭ يۈزىنى ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە تىرەپ دەسسەپ سورىدى.
– ھايۋان قەۋمىنىڭ ئەڭ پەسكەش توڭگۇزى! ئاكاڭ قارىغاي ئۇيغۇر، ئوغۇزنىڭ نەسلى! خىتايدەك چوشقىنىڭ كۈچىكى ئەمەس! ….- ئۇنىڭ گېپىنى چۈشەنمىگەن خىتاي يىگىتنىڭ ئاغزىغا بىر قانچىنى كۈچەپ تەپتى. ياندا تۇرغان خىتاي كۈندە تەكرارلىنىدىغان بۇ «ئويۇن» دىن زېرىكتى بولغاي، ئۇنىڭ يېنىغا تاماكىسىنى تۇتاشتۇرغاچ كېلىپ:
– سۈەنلې، گەي چۈ چى ڧەنلا، نوڭ سى تا سۈەنلا! گوۋرىدې چىيەنتو! (تەرجىمىسى: بولدىلا، تاماق ۋاقتى بولۇپ قالدى، ئۆلتۈرىۋېتەيلى بولدى! قاغىشتەككۈر ئۇيغۇرنى!) ..- دېدى. يىگىتنى ئۇرۇپ ھارغان يەنە بىر خىتاي ئۇيغۇر يىگىتنىڭ كۆزىنى سۇغۇرۇپ ئالغاچ:
– نەينەي دې چىيەنتو! شو رېن خۇا، دوڭ ۋۇ دې يۈيەن ۋو بۇ دوڭ! (ئاناڭنى چىيەنتو! ئادەم گېپى قىل، ھايۋاننىڭ تىلىدا كاپشىساڭ چۈشەنمەيمەن!)-  دەپ جان تالىشىۋتقان يىگىتنى كىشەنلەردىن بوشاتتى- دە، پىشقان ماھارەت بىلەن ماغدۇرسىز يىگىتنىڭ قولىنى قارست قىلىپ  سۇندۇرۇپ ئارقىغا قىلىپ، پۈتۈن بەدىنى قانغا بويالغان يىگىتنى تىرىڭ پېتىنى كۆكرىكىنى يېرىپ يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ ئالدى. تېخى جېنى چىقىپ بولمىغان بالا دۈپۈلدەپ تۇرغان ئۆز يۈرىكىنى كۆرۈپ تۇرۇپ جان ئۈزدى. ئىككى خىتاي ھەربىي خۇددىي ئادەتتىكى ئادەملەر ئىشتىن چۈشكەندە بولىدىغان  كەيپىياتتا قان تامچىپ تۇرغان يۈرەكنى يانچۇقىدىن چىقارغان سۇلياۋ خالتىغا سېلىپ:
– زوۋ، بەن جيۇۋ چى جۇ شىن!(تەرجىمىسى: يۈرە، ھاراققا زاكوسكا قىلىپ «چوشقا» يۈرىكى يەيمىز)… –  دېگىنىچە سوراقخانا ئىشىكىدىن چىقىپ، قاراڭغۇلۇققا سىڭىپ كەتتى. يىگىتنىڭ جەسىدى قانغا بويالغان، كۆزى ئۇچۇق ھالدا يەردە يېتىپ قالدى، ھىلال ئاينىڭ يۇلتۇزنى قۇچاقلىغىنىچە قاراڭغۇ بۇلۇتلارنى ئىتتىرىپ ئۆتۈپ پەسكە قارىغاندىكى سىماسىدىن تۆكۈلگەن ئاپئاق نۇر تۆمۈر رىشاتكىلىق دېرىزىدىن كىرىپ يىگىتنىڭ ئۈستىگە تاشلاندى …

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

تىمخورتوندا ئىشلىگەن ئايال (5)

  پوۋست: ئاپتورى: سەھەر تىمخورتون بارلىق كانادادا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كانادالىقلار ئۈچۈن، تولىمۇ ئاددى ۋە كۆڭۈللۈك …

ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زۇلۇم تەسۋىرى

‏بەزىلەر دىيىشەر دىھقان بولماق تەس ‏بەزىلەر ئېيتىدۇ موللام بولماق تەس ‏زىيالى قاخشايدۇ سودگەرمۇ بەس ‏مەن …