شەرقى تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇردى

شەرقى تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بېرى ھەر يىلى خەلقىمىز ئىپتىخارلىق ئىچىدە ياد ئىتىپ كېلىۋاتقان جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى خاتىرلەپ كەلگەنىدى. بۇ يىلمۇ ئەجداتلىرىمىزدىن مىراس قالغان بۇ ئەنەنىنى جۇمھۇرىيەت بايرىمى سۈپىتىدە خاتىرلەپ، ئۇنىڭ شەرىپىگە مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇردى.
يىغىن رىياسەتچىسى يىغىننىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن  گوللاندىيەدىن كېلىپ بۇ يىغىنغا قاتناشقان  دىنىي زات ئىسا قارىم   ئىككى جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىكى شېھىتلىرىمىزىڭ روھىغا ئاتاپ ۋە يىغىننىڭ خەيىرلىك بولىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈپ، قۇرئانى كەرىم تىلاۋەت قىلدى.
قۇرئانى كەرىم تىلاۋىتىدىن كېيىن يىغىن قاتناشقۇچىلىرى مەرھۇم ئىنقىلاپچى، ئوت يۈرەك شائىر ۋە كومپازىتور كۈرەش كۈرسەن ئەپەندى   ئىجات قىلغان  ئىستىقلال مارشى ئىھتىرام ۋە سۈكۈت ئىچىدە ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

22424477elvi8t3k3i32im.jpg

شەرقى تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئوسمانجان تۇرسۇن يىغىننىڭ  ئېچىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى مۆھتىرەم رابىيە قادىر خانىمنىڭ سالامىنى،  شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى مۆھتىرەم ئەھمەت ئىگەمبەردى ئەپەندىنىڭ  يىغىننى تەبرىكلەپ يوللىغان تېلىگراممىسىنى شۇنىڭدەك ئستانبۇلدىكى  شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىدىن مۆھتىرەم دىنى زات  ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ، د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەيتجان تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە شۇنىڭدەك فىنلاندىيە، شىۋىتسىيە، نورۋېگىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى قېرىنداشلارنىڭ تىلەك ۋە سالاملىرىنى يىغىن ئەھلىگە يەتكۈزدى.
تەشكىلات رەئىسى ئوسمانجان تۇرسۇن يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى ھەمدە  ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ تارىخھى ئەھمىيتي، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلۇش دەۋرىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى، مىللىي دەۋايىمىزنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرى ھەققىدە، بولۇپمۇ خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ تۈرلۈك ۋەھشى زۇلۇملىرى ئۈستىدە  ئەتراپلىق توختالدى.
بۇ يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ئەزالىرى قاتناشقاندىن باشقا، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت مېنىستىرلىكىنىڭ مەسۇلى، شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ سابىق رەئىسى كۈرەش ئاتاخان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كوممېتىتىنىڭ مەسۇلى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن، گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن دىنىي زات ئىسا قارىم، مۇئاۋىن رەئىس سادىقجان سەلەي ۋە فرانسىيەدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ۋەكىلى قۇربانجان قاتارلىقلارمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى زىيالى كۈرەش ئاتاخان « شەرقى تۈركىستاندا دۆلەت قۇرۇش ئىدىسى » دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. ئۇ شەرقىى تۈركىستان دېگەن كەلىمە قەيەردىن كەلگەن، ئۇنىڭ قانداق مەنىللىرى بار، تارىختا بۇ تۇپراقلاردا  قانداق دۆلەتلەر قۇرۇلغان، كېيىنكى ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىز تەقدىرىدىكى ئوخشاشلىقلار ۋە  تارىخىي ئارقا كۈرۈنىشى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرىستان (قەشقەرىيە)دۆلىتى بىلەن بولغان مەنىۋىي، ئېتنىك، سىياسىي مۇناسىۋەتلىرى  قاتارلىق تېمىلاردا ئەتراپلىق مۇلاھىزە ئېلىپ باردى.
گوللاندىيەدىن كەلگەن دىنىي زات  ئىسا قارىم  « قانداق قىلغاندا دەۋايىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ» دېگەن مەسەلىدە پىكىر بايان قىلدى. ئۇ ئاساسلىقى خەلقىمىزنىڭ دىنىي، مىللىي ھېسىياتى بىلەن ئوينۇشىشنىڭ ياخشى ئاقىۋەت كەلتۈرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە   دۈشمەنلەر ۋەتىنىمىزنىڭ بىر ماڭدام يېرىنى بېسىۋالغانلىقى نۇمۇسىمىزنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىدۇر ئۇنى ئازات قىلىش نامازدەك پەرىز _ دەپ، تەكىتلىدى.

گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سادىقجان سەلەي «  دىنى ساھەدىكى  قېرىنداشلىرىمىز  بىلەن سىياسى تەشكىلاتلار ئوتتۇرسىدا دەۋايىمىزدا ھەقىقى بىرلىكنى رېئاللىققا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قايسى خىزمەتلەرنى كونكىرىت ئىشلىشىمىز كېرەك » دېگەن تېمىدا  تىمىدا مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. ئۇ پىكرىدە دەۋايىمىز تەركىۋىدىكى سىياسەتچىلەرنىڭ ئەخلاقى-پەزىلىتىنىڭ زەئىپ بولۇشى دىنى ئىتىقادىنىڭ سۇسلىقىدىن  بولىۋاتىدۇ _ دەپ بايان قىلدى.ئۇ يەنە _  سىياسەتنى دىن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش كېرەك، سىياسەتنى دىندىن ئايرىش شەرقى تۈركىستاندەك بىر رايوندا ياشىغان خەلقلەرنىڭ مىللى ھەركىتىگە ماس كەلمەيدۇ، ئەسلىدە دىن مىللى ھەركىتىمىزنى، مىللى ھەركىتىمىز دىننى چەتكە قاقمايدۇ _ دېدى.

فرانسىيەدىن كەلگەن قۇربانجان مىللى دەۋايىمىز ھەققىدە ئۆزىنىڭ پىكىرىنى بايان قىلدى.ئۇ بىزنى ھېچقانداق بىر دۆلەت ئازات قىلىپ بەرمەيدۇ، ئۇنى مانا بىز ئۆزىمىز ئازات قىلىشىمىز كېرەك. مەلۇم بىر قېلىپقا چۈشۈۋېلىپ، خەلقىمىزنىڭ ئۆلە تىرىلىشى بىلەن كارى بولماي ياشاش، نامايىش قىلىش، يىغىن ئېچىش، ۋەرەقە تارقىتىش، غەرىپكە ئەرىز قىلىش بىلەن ۋەتەن ئازات بولمايدۇ _ دېدى. ئۇ يەنە « مىللىتىمنى تونۇتىمەن » دېگەن گەپنى ئويلاپ قىلىىش كېرەك، ئۇيغۇرنى، شەرقى تۈركىستاننى دۇنيا ئەسلىدە تونۇيتتى، بىز ئۆزىمىزنى تونۇشتۇرىمىز  دەپ، يەنە بىر قېتىم ئۇنتۇلدۇردۇق. بۇنىڭدا دەۋا ئېلىپ بېرىشتىكى جانلىق بولمىغان يولىمىز ئاساسىي سەۋەپ بولدى.

شەرقى تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرېھمجان  شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ مۇھاجىرەت تارىخى ھەققدە توختتۇلۇپ  ياقۇپ بەگ دەۋرىدىكى قەشقەرىيە دۆلىتى، ئىلى سۇلتانلىقى شۇنىڭدەك  بىرىنچى، ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن كېيىنكى سۈرگۈنلەر، 1962-يىللاردىكى كۆچ كۆچلەر توغرىسىدا تەپسىلى بايانلاردا بولدى. ئۇ يەنە مىللى لېدىرلىرىمىزدىن  رابىيە قادىر خانىم ۋە ئەخمەت ئىگەمبەردى قاتارلىقلار ھەققىدە ئىجابى پىكىرلەردە بولدى. ئۇ يەنە پىكرىنىڭ ئاخرىدا مۇنۇلارنى بايان قىلىپ : « ۋەتەن ئىچىدىكىلەر ۋەتەننى    ۋەتەن سىرىتىدىكىلەر ئازات قىلىدۇ  _  دەپ، ۋەتەن سىرىتىدىكەر بولسا  ۋەتەننى  ۋەتەن ئىچىدىكىلەر  ئازات قىلىدۇ» _ دەپ ئۈمۈت باغلىدى، لېكىن ئەمەلىيەت باشقىچە بولۇپ ئىسپاتلاندى ، يەنى ۋەتەن ئىچىدىكىلەرنىڭمۇ، سىرىتىدىكىلەرنىڭمۇ يالغۇز  ئازات قىلالمايدىغانلىقىنى شەرقى تۈركىستان خەلقى تونۇپ يەتتى، مىللىتىمىز ئىنتايىن ئېغىر ھۇدقۇشقا دۇچ كەلدى. ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئومۇمى خەلقىمىز « ئەمدى نېمە قىلىش كېرەك؟ » _ دېگەن سۇئالغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ نىڭ پىكرىچە ۋەتەن سىرتىدىكىلەرنى ئومۇمى يۈزلۈك يېتەكلىيەلەيدىغان كۈچلۈك بىر سىياسى پارتىيەنىڭ قۇرۇلۇشى ھەممىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئاخرىدا يىغىن قاتناشقۇچىلىرى يوقۇردا ئېلىپ بېرىلغان مۇھاكىمىلەر ۋە مىللى دەۋايىمىزنى كۈچلەندۈرۈش ھەققىدە ئەركىن بەس مۇنازىرە ئېلىپ باردى .مۇنازىرە جەريانىدا شەرقى تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش سەۋەبى بىر قېتىم ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، ھەممە بىردەك مۇھاجىرەتتىكى شەرقى تۈركىستانلىق قېرىداشلىرىمىزنى بىر تۇتاش يېتەكلەيدىغان، ۋەتىنىمىزنىڭ ئۈزۈل كېسىل مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان سىياسى پارتىيەگە ئىھتىياجلىق بولۇۋاتقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
دىنى زات ئىسا قارىم  ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاننىڭ تېز ئارىدا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇپ، مىللىتىمىزنىڭ ھۆرلۈككە ئېرىشىشى ئۈچۈن دۇئا قىلدى.

يىغىن  ئەتتىگەن سائەت 11:00 دە باشلىنىپ ئىتتىپاقلىق، قېرىنداشلىق ، بىرلىك كەيپىياتى ئىچىدە كەچ سائەت 21:00 بىلەن  غەلبىلىك ئاخىرلاشتى.
13.11.2010
شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتى تەشۋىقات بۆلۈمى

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى تۈرك تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىقتا.

2015-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن ئالىمجام مۇھاممەد ۋە نۇرەخمەت قاراجىم ،گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھرىدە پائالىيەت …

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى

ياپونىيەدىكى داڭلىق گېزىتلەردىن سانكەئى شىنبۇن گېزىتىنىڭ كەچلىك گېزىتى ئورنىدا تارقىتىلىدىغان ئاممىۋى گېزىت يۇكان فۇجى گېزىتىدە،مەركىزى …