شەرقى تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى خىتايغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ باردى

مۇشۇ ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 10- كۈنىگىچە گېرمانىيەدە ئارگېنتىنا دۆلىتىنىڭ ساھىپخانلىق قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزىلگەن فرانكفۇرت خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسى دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلىرىدىن كەلگەن 100،000 لىغان كىشىنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشىغا نايىل بولدى.بۇ يىلقى يەنى 2010-يىللىق نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ئۇيغۇر ئەدبىياتى ساھەسىدىكىلەرگە ئۇزاق يىللاردىن بېرى تونۇشلۇق بولغان، لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ دۇنياۋىي مەشھۇر يازغۇچىسى مارىيو ۋارگاس لوساغا بېرىلگەنلىكى فرانكفۇرت خەلقارا يەرمەنكىسىنى تېخىمۇ قاينام-تاشقىنلىققا چۈمدۈرگەنىدى. شەرقى تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى بۇ قېتىمقى فرانكفۇرت خەلقارا كىتاپ يەرمەنكىسىنى مىللىي داۋايمىزنى كۈچلەندۈرۈشنىڭ مۇھىم پۇرسىتى دەپ بىلىپ، شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ھەر تۈرلۈك ھەققانىيەتسىزلىكلەرنى ئاڭلاتتى. شۇ ئارقىلىق شەرقى تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئېرقىي ۋە كۇلتۇرال قىرغىنچىلىقنى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئالدىدا پاش قىلدى. شەرقى تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى ياۋروپانىڭ دۇنياغا ئېچىۋىتىلگەن ئەڭ چوڭ دەرۋازىسى ھېساپلىنىدىغان فرانكفۇرت شەھەرىدە قۇرۇلغان 4 يىلدىن بېرى، چەكلىك ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئىچكىي ۋە تاشقىي بۇزغۇنچىلىقلارغا باش ئەگمەي، ۋەتىنىمىز ۋە مىللىتىمىزنىڭ دەرت-ھەسرەتلىرىنى خەلقارا جامائەتچىلىككە ۋە خەلقارالىق تەشكىلاتلارغا ئاكتىپلىق بىلەن ئاڭلىتىپ، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرىتىدىكى خەلقىمىزنىڭ قىزغىن ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە.

شەرقى تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى بۇ قېتىمقى فرانكفۇرت خەلقارا كىتاب يەرمەنكىسىنى مىللىي داۋايىمىزنى
ئاڭلىتىشنىڭ مۇھىم بىر پۇرسىتى دەپ قاراپ، بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن ئەستايىدىل تەييارلىق قىلغانىدى. شەرقى تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە دۇنيادا مەتبەچىلىكنى تۇنجى قېتىم كەشىپ قىلغان، بىر خەلقنىڭ، نىمە ئۈچۈن 21-ئەسىرگە كەلگەندىمۇ مەتبەچىلىكنىڭ قۇدرىتى بەس-بەستە نامايان قىلىنىدىغان، ئەقىل-پاراسەتنىڭ نۇرى پارلايدىغان مۇشۇنداق بىر خەلقارالىق پائالىيەتكە دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا رەسمىي شەكىلدە قاتنىشالمايدىغانلىقىنى خەلقارا جامائەتچىلىككە ئاڭلىتىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.
شەرقى تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى بۇ پائالىيەتكە ئالاھىيدە تەييارلىق قىلغان بولۇپ، ئۇلار ھازىرلىغان يايمىغا شەرقى تۈركىستان تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ ئەسەرلىرى، ھۆر دۇنيادا قۇرۇلغان تەشكىلاتلار تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان گېزىت-ژورنال، كىتاب، VCD ، تەشۋىقات كارتلىرى ۋە قوللانمىلار تىزىلغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن قىزىقىشىنى قوزغىدى. پائالىيەت سورۇنىغا قادالغان، شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسىنىڭ سىمىۋولى بولغان ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، „شىنجاڭ ئەمەس شەرقى تۈركىستان!“ ۋە  «شەرقى تۈركىستانغا مۇستەقىللىق!» قاتارلىق مەزمۇندىكى پىلاكاتلار پائالىيەت مەيدانىنى تېخىمۇ جانلاندۇردى.
شەرقى تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى بۇ پائالىيەتتە شەرقى تۈركىستان مىللىي داۋاسىنىڭ پەقەتلا كىشلىك ھوقۇق ۋە ئىنسان ھەقلىرى داۋاسى بولۇپلا قالماي ئەكسىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىللىرى تەرىپىدىن 61 يىل بۇرۇن مۇستەملىكىگە ئۇچرىغان بىر دۆلەتنىڭ قايتا قۇرۇلۇش داۋاسى ئىكەنلىكى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان ھالدا بايانات ئېلان قىلدى. بۇ بايانات ئۇيغۇرچە، ئېنگىلىزچە، گېرمانچە ۋە تۈركچە تىللاردا ھازىرلانغان بولۇپ، نىشانلىق ئوبىكتىپلارغا 1000 پارچىدىن ئارتۇق تارقىتىلدى.شۇ ئارقىلىق خەلقارادا خىتاي تەشۋىقاتلىرى ۋە تەسلىمچى كۈچلەر سەۋەبىدىن شەكىللىنىپ قالغان بىر قاتار خاتا چۈشەنچىلەرگە تۈزىتىش ۋە ئىزاھات بېرىلدى.
P1100277.jpg
شەرقى تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەت مەيدانى گېرمانىيە دولقۇنلىرى، ئەل-جەزىرە، خەلقارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتى قاتارلىق داڭلىق مېدىيا ئورۇنلىرى تەرىپىدىن زىيارەت قىلىندى. ئۇلار سورىغان ھەر-تۈرلۈك سۇئاللارغا قايىل قىلارلىق جاۋاپ بېرىلدى. پائالىيەت مەيدانىنى زىيارەت قىلغانلارنىڭ ئىچىدە، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن بۇ پائالىيەتكە ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان پروفېسسورلار، داڭلىق يازغۇچىلار، پارلامېنت ئەزالىرى، ستۇدېنتلار بار بولۇپ، ئۇلارغا شەرقى تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇماتلار بېرىلدى.

بۇ پائالىيەتكە شەرقى تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ بىر قىسىم غوللۇق ئەزالىرى قاتناشتى. پالىيەت پىلان ۋە پروگرامما بويىچە ئىككى كۈن ئېلىپ بېرىلدى. ئەتتىگەن سائەت 09:00 دا باشلانغان پروگرامما كەچ سائەت 18:00 گىچە داۋاملاشتى.(كۈرەش.ئاتاخان)

شەرقى تۈركىستان كۇلتۇر مەركىزى

2010-يىلى 11-ئۆكتەبىر  فرانكفۇرت

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى تۈرك تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىقتا.

2015-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن ئالىمجام مۇھاممەد ۋە نۇرەخمەت قاراجىم ،گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھرىدە پائالىيەت …

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى

ياپونىيەدىكى داڭلىق گېزىتلەردىن سانكەئى شىنبۇن گېزىتىنىڭ كەچلىك گېزىتى ئورنىدا تارقىتىلىدىغان ئاممىۋى گېزىت يۇكان فۇجى گېزىتىدە،مەركىزى …