2012-يىلى 5-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتى گېرمانىيەنىڭ مىيونخىن شەھرىدە غۇلجا قىرغىنلىغىنىڭ 15-يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن سىياسى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىن ھەر دائىمدىكىدەك ئاۋال قۇران تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى .يىغىن تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئالىمجان مەمەتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئالىمجان مەمەت يىغىننىڭ كۈنتەرتىۋىنى ئالدىن بىلدۈرۈش جەريانىدا بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
بۇنىڭدىن توپ توغرا 15-يىل بۇرۇن ۋەتىنىمىز ئۇيغۇرىستاننىڭ غۇلجا شەھرىدە ئۇيغۇر ياشلىرى ئابدۇخېلىل ۋە ئابدۇمەجىت قاتارلىق مۇجاھىد قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېتەكچىلىگىدە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارىتا ئاللاھ بىر كېلىمىسىنى شۇئار قىلغان لوزۇنكىنى كۆتۈرۈپ ئۈزىنىڭ ئىنسانچە ياشاش ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ خىتايلار تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان گەرچە بۇ مۇجاھىد قېرىنداشلىرىمىز قانلىق باستۇرۇلغان بولسىمۇ ئەمىلىيەتتە ئۇيغۇرىستان خەلقىنىڭ مۇستەملىكىگە باش ئەگمەيدىغانلىغىنى ھەقىقى قۇللۇق قىلىشقا تىگىشلىكى بىر ئاللاھ ئىكەنلىگى ئىسپاتلاپ ئۇيغۇرىستان خەلقىنىڭ يېقىنقى زامان ئىنقىلاپ تارىخىدا شانلىق سەھىپە ياراتقانلىغىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىغا رەئىس ئوسمانجان تۇرسۇن ئەپەندىنى تەكلىپ قىلدى.
ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ باش رەئىسى ئوسمانجان تۇرسۇن يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىدا ئاساسلىق قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھۆرمەتلىك يىغىن ئەھلى، قىممەتلىك تەشكىلات ئەزالىرىمىز، ئەزىز مىھمانلار، مەن شۇنى كېسىپ ئېيتىمەنكى، ھەربىر ئۇيغۇرستانلىق شۇ تۇپراقنىڭ ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ۋەتىنىمىزگە تاجاۋۇزچى خىتايلار بېسىپ كىرگەن كۈندىن باشلاپ بۇ تاجاۋۇزچىلارنى بۇ تۇپراقتىن قوغلاپ چىقىرىشنى ئۈزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى دەپ بىلگەن . ھەم شۇ يولدا بىر كۈنمۇ توختاپ قالماي تاجاۋۇزچىلارغا قارشى كۈرەش ئېلىپ بارغان،.خىتاينى تاجاۋۇزچى مىللەت دەپ ئۇنىڭغا مەيلى قايسى يۇسۇندا قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسۇن، يەنى شۇ مۇستەملىكىنى قوبۇل كۆرمەي ئۈزىنىڭ ئىنسانچە ياشاش ھەق –ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىپ ، تارىختا قۇرۇلغان مۇستەقىل دۆلىتىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىكەن بۇنداق قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ھەر زامان مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ خىتتايغا قارشى كۈرەش قىلىشىمىز لازىم. ھەرگىز پىكرىمىز ھەمدە بۇ پىكىرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانى يەنى ئۇسۇلىمىزنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا قاراپ بىرسى-بىرسىمىزنى چەتكە قاقىدىغان ،ھەتتا دۈشمەن كۆرىدىغان خاتالىقلاردىن ساقلىنىشىمىز كېرەك چۈنكى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىدىن قوغدايدىغان زىمىنىمىز بىر، ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان دۆلىتىمىز بىر ،دۈشمىنىمىز بىر تۇرۇپ ئىددىيەنىڭ، ھەركەتنىڭ، ئوخشىماسلىغى قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆزارا دۈشمەن گە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىق كېرەك
ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ ئايلىق سىياسى سۆھبەت يىغىنىغا قەدەم تەشرىپ قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ مۇ’ئاۋىن تەپتىشى نۇرمەمەت روزىئاخۇن ، ئاساسلىق قىلىپ غۇلجا ھەركىتىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولغان ئامىللارنى كۆرسۈتۈپ مۇنداق دىدى.نۇرغان ئالى مەكتەپنى پۈتتۈركەن ئۇيغۇر ياش زىيالىلىرىنىڭ ئىششىز قېلىشى چىگرانى ئېچىۋېتىش باھانىسىدە نۇرغۇن تىجارى ئۇرۇنلارنىڭ خىتايلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىپ تىجارەتچى ياشلارنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ۋەيران بولىشى، شۇنداقلا ئىجتىمائىي جەھەتتە ياشلارنىڭ چۈشكۇنلۈككە چۈشۈپ ئىچىملىك چېكىملىككە بېرىلىپ كېتىشى نەتىنجىسىدە بىر قىسىم ئويغاق ياشلارنىڭ تەشەببۇسى بىلەن مەشرەپ قۇرۇلغان. كېيىن مەشرەپ پۇتبول مۇسابىقىسى ئورۇنلاشتۇرغاندا خىتايلار پۇتبول مەيدانىغا سۇ قويۇپ بۇزۇۋەتكەن،ياشلار نىمە ئۈچۈن پۇتبول مەيدىنىڭ بۇزۇلغانلىغىنى سۈرۈشتە قىلغاندا بىر نەچچە ياشلارنى ناھەق قولغا ئالغان.كېيىن بۇ ئىش كېڭىيىپ 5-فېۋرال نامايىشقا ئايلانغاندا قانلىق باستۇرغان
ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ ئايلىق سىياسى سۆھبەت يىغىنىغا قەدەم تەشرىپ قىلغان سىياسى پائالىيەتچى،سىياسى ئوبزورچى ، جورنالىست پەرھات يورۇڭقاش ئەپەندى غۇلجا ئىنقىلاۋى ئۈستىدە تەپسىلى توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نەزىرىدە بۇ ئىنقىلاپ ھەرگىزمۇ دائىرىسى مەلۇم بىر رايون بىلەنلا چەكلەن گەن ۋە قارغۇلارچە ئېلىپ بېرىلغان ئىستىخىيىلىك ھەرىكەت ئەمەس، بەلكى ئۇ، پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يەرلىك خەلققە قاراتقان مىللىي زۇلمىغا، مىللىي كەمسىتىشىگە، سىياسى، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمايى جەھەتلەردىكى ئادالەتسىزلىكىگە قارشى كورسەتكەن ئورتاق ئىنكاسى ۋە نارازىلىقىدىن ئىبارەت. < 5 – فېۋرال > ھەركىتىنىڭ ئىشتىراكچىلىرى پەقەت نوقۇل ھالدا غۇلجا خەلقىنىڭ ئارزۇ – ئىستەك ۋە تەلەپلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۇرىكىدىكى ئورتاق دەردىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئىدى، بۇ ئىنقىلاپتىن بۇيان ھەر يىلى < 5 – فېۋرال > كۈنىنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىنتايىن موھىم ۋە ئەھمىيەتلىك كۈن تەرىقىسىدە خاتىرلىنىپ كېلىنىۋاتقانلىقىمۇ، < 5 – فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابى > نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي روھىنىڭ ۋە زۇلۇمغا ئەسلا تىز پۈكمەيدىغان قەيسەر ھەم كۈرەشچان ئىرادىسىنىڭ سىموۋۇلىغا ۋە شەرقىي تۈركىستان ئومومىي مىللىي ھەرىكىتىنىڭ مەشىلىگە ئايلانغانلىقىنى ئېنىق شەرھىلەپ تۇرماقتا
.مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا < 5 – فېۋرال > ۋەقەسى، تۈركىيەدە بىرقانچە يىلدىن بۇيان تۇرغۇنلۇق ھالىتىدە تۇرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا جانلىنىش ئېلىپ كېلىش بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا، ۋاقىتلىق بولسىمۇ بىر مىللىي مەركەزنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا بىۋاستە سەۋەپچى بولغان ئىدى، بۇ ۋاقىتلىق مىللىي مەركەز، 98 – يىلى 12 – ئاينىڭ 19 – كۈنى 10 نەچچە دۆلەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن رەسمىي ھالدا چەتەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان رەسمىي ئالى ئورگانغا ئايلانغان ئىدى. ئەينى چاغدا بۇ مىللىي مەركەز تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتىمۇ، ئۇنىڭ < 5 – فېۋرال > غۇلجا ھەرىكىتىنىڭ تۇرتكىسىدە قۇرۇلغانلىقى ئېنىق قەيت قىلىنغان ئىدى.
< 5 – فېۋرال > غۇلجا ھەرىكىتى پەقەت تۈركىيەدىكىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان پۈتۈن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا بىۋاستە تەسىر كورسەتكەن ۋە ئۇلارغا جانلىنىش ئېلىپ كەلگەن ئىدى.
مەسىلەن، < 5 – فېۋرال > قىرغىنلىق يۈز بېرىپ 3 كۈندىن كېيىن، يەنى 2 – ئاينىڭ 8 – كۈنى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئاساسلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھىساپلانغان < ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى >، < ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقى >، < شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلاۋىي مىللىي بىرلىكسەپى > قاتارلىق تەشكىلاتلارمۇ بىرلەشكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، مەخسۇس بىرلىكسەپ قۇرۇپ چىقىپ، شۇ ئاساستا ئورتاق ھەرىكەت ئېلىپ بارغان، شۇنداقلا 98 – يىلى تۈركىيەدە شەكىللەن گەن بىرلىكسەپ بىلەن ئورتاقلىشىپ < شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەركىزى > نى ۋۇجۇتقا كەلتۇرگەن ئىدى.
ئەينى چاغدىكى رەسمىي ستاتىسكىلاردا، < 5 – فېۋرال ھەرىكىتى > يۇز بېرىپ بىر ئاي ئىچىدە چەتەللەردىكى ئۇيغۇرلار تۇركىيە، ئامېرىكا، ئاۋىستىرالىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، شىۋىتسىيە،قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە خىتايغا قارشى 15 قېتىم نامايىش ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ، چەتەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالدىنقى 5 يىل ئىچىدە ئېلىپ بارغان ئومومىي نامايىشلىرىنىڭ سانىغا تەڭ ئىدى. بۇ خىل نامايىشلار تاكى بۈگۈن گە قەدەر ھەر يىلى < 5 – فېۋرال > كۈنى ئىزچىل تۇردە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
ئۇندىن باشقا يەنە < 5 – فېۋرال > ھەركىتىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا تارىختا ھېچ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۆپلەپ تىلغا ئېلىنىشقا باشلىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈنتەرتىبىدە ئالاھىدە يەر ئېلىشقا باشلىغانلىقىمۇ بىر ئەمىلىيەت ئىدى. مەسىلەن، خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەرىپىدىن 99 – يىلى مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان چوڭ ھەجىملىك دوكلاتىدا، < 5 – فېۋرال > قىرغىنچىلىقىغا دائىر دەلىل – ئىسپاتلارنىڭ ئاساسلىق سالماقنى ئىگەللىگەنلىكىمۇ، بۇ نۇختىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.
دىمەك، خۇددى بەزى ئۇيغۇر سىياسىيونلىرىنىڭ باھا بەرگىنىدەك، غۇلجا خەلقىنىڭ قېنى بىكارغا ئاققىنى يوق، غۇلجا خەلقى ئۆزىنىڭ ئىسسىق قېنى ئارقىلىق پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يۇرەك ساداسىنى دۇنيا جامائەتلىچىكىگە كۇچلۇك شەكىلدە تۇيغۇزۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتەللەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ كۇچۇيىشى ۋە زورىيىشى ئۈچۈنمۇ بىۋاستە موھىم رول ئوينىغان ئىدى.
ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ ئايلىق سىياسى سۆھبەت يىغىنىغا قەدەم تەشرىپ قىلغان ياۋروپا شەرقى تۈركىستان بىرلىگى دىني ئىشلار بۆلىمىنىڭ باشلىغى ھەبىبۇللا قارىم ئاساسلىق قىلىپ مۇنداق دىدى: 5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلاۋىدا شېھىت بولغانلاردىن بىز ئەنسىرىمەسلىگىمىز كېرەك ئەمما بىز ئۈزىمىزدىن ئەنسىرىشىمىز كېرەك .ئۇلار ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچىنى ئادا قىلىپ ئۇ دۇنياغا كەتتى. ئەمما بىز نىمە ئىش قىلىۋاتىمىز دىگەن پىكىر ئۈستىدە كۆپرەك ئويلۇنۇپ شۇ شەھىتلەرنىڭ يولىدىن ئۈلگە ئېلىپ بىزمۇ شېھىتلىك مۇقامىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەركەت قىلىشىمىز كېرەك
.ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ ئايلىق سىياسى سۆھبەت يىغىنىغا قەدەم تەشرىپ قىلغان مىيونخېن ياشلار مەشرىپىنىڭ ۋەكىلى ئۆمەرجان ئىمىن قىسقا قىلىپ مۇنداق دىدى.مەن ئالدى بىلەن ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ 5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابىنىڭ 15-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن بۇ ئايلىق سىياسى سۆھبەتگە مېنى تەكلىپ قىلغانلىغىغا ھەم بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغانلىغىغا كۆپ رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە بۇندىن كېيىن مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان سىياسى سۆھبەت يىغىنلىرىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلىرىمىز قاتنىشىدىغان تېخىمۇ رىئالنى مەسىلىلىرىمىزنى سىياسى ئانالىز قىلىدىغان يىغىن بولىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتى تەشۋىقات بۆلۈمى
گېرمانىيە _ مىيونخىن