دىن ۋە ئەقىدە توغرىسىدا چۈشەنچە (1 ـ باپ)

دىن ھەققىدە  يۈزەكى  چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن مۇراجىئەت قىلىنغاندا تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىنىشى  مۇمكىن :  ياراتقۇچى قۇدرەتلىك ئىلاھقا ئىشىنىش،   قىلغان ياخشى ئەمەلى ئۈچۈن ئىلاھ تەرەپتىن مۇكاپاتلىنىدىغانلىقىغا ، يامان ئىش ۋە گۇناھى ئۈچۈن جازالىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىش، ئىلاھقا سېغىنىپ ئىبادەت قىلىش، ئىلاھى قائىدە ـ نىزامغا بويسۇنۇش…ھالال، ھارام، گۇناھ، ساۋاپ ئىتىقادى بولۇش…  قاتارلىق ھەم ئىبادەت ھەم  ئەقىدىۋى ئۆلچەملەرنى ئۆزۈگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن قۇرۇلما _ دىن دەپ تەرىپلىنىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،  ئىتىقاد بىلەن ئىبادەتنىڭ  يۇغۇرۇلمىسىدىن ھاسىل بولغان، يىلتىزى   ئىنسان قەلبىنىڭ  چوڭقۇر قاتلاملىرىدا  ئورناپ مىۋىسى ئىنسان گەۋدىسى ئارقىلىق يورۇق كۆرگەن، ئەسلا ۋاز كېچىلمەس قىممەتكە ئايلانغان مەنىۋى قۇرۇلما _ دىن دەپ شەرەپلىنىدۇ. دىن ئىسان روھى بىلەن جىسمىنىڭ بىرىكىشى، قەلب قىزغىنلىقى بىلەن بەدەن پائالىيتىنىڭ مۇجەسسەملىنىشى جەريانىدا  ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. شۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا  مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئىلاھقا ئىشىنىپ ئەمما دىنى بەلگىلىمىلەرنى تونىمىغانلقى ، ئىتىراپ قىلمىغانلىقى ئۇنىڭ دىندار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمىگىنىدەك، ئەكسىچە دىنى بەلگىلىمىلەرنى تونۇپ، قوبۇل قىلىپ لېكىن ئىلاھقا ئشەنمىگەنلىكىمۇ ئۇنىڭ دىندار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ.
ساماۋى دىن ئۈستىدە توختالغاندا يوقۇرىدا كۆرسۈتۈلگەن تەرىپتىن باشقا يەنە  _  ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىدىغانلىقغا ئىشىنىش، ماددى دۇنيا ئاخىرلىشىپ قىيامەت بولۇدىغانلىقىغا ئىشىنىش، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە تولۇق بويسۇنۇپ  ياخشى ئەمەل قىلغانلارنىڭ جەننەتتە مەڭگۈ قېلىشىغا ئىشىنىش، گۇنا ـ مەئسىيەت قىلىشتىن باش تارتمىغانلار، قىلغان گۇنالىرىغا تەۋبە قىلىشنى خالىمىغانلار دوزاققا كىرىدىغانلىقى شۇنىڭدەك   ئاللاھقا ئىنكار قىلغانلار، پەيغەمبەرگە، ئاللاھنىڭ دىنىگە، ئاللاھ نازىل قىلغان مۇقەددەس كىتاپلارغا  ئىنكار قىلغانلار دوزاقتا مەڭگۈ قالىدىغانلىقىغا  ئىشىنىش _  قاتارلىق ئىنتايىن مۇھىم  ئەقىدىلەر ساماۋى دىننىڭ قىسقىچە تەرىپلىرىدۇر.
ساماۋى دىن _  تۈپ ماھىيىتىدىن ئېيتقاندا  پۈتۈن ئالەمنى، بارلىق مەۋجۇداتلارنى، كائىنات ۋە تەبىئەتلەرنى يارىتىپ بارلىققا كەلتۈرگۈچى، ئىرادە قىلىپ تەرتىپلىگۈچى، ئەقىلنى، روھنى، جىسىمنى بىرلەشتۈرۈپ  ئىنسانى قىممەتنى ئىجات قىلغۇچى ئاللاھنىڭ، پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە يوللىغان ۋەھى ئىرادىسىدۇر.  دىن ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋە پەيغەمبەرنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئىنسانىيەتكە تەقدىم قىلىنغان ھىدايەتتۇر.
يەر يۈزىگە ئىنسانىيەت قەدەم باسقان تولىمۇ ئىپتىدائى دەۋرىدە  شۇ  زاماندىكى ئىنسانى ئەقىل، تەپەككۇر، ئاڭ، تەسەۋۋۇر قابىلىيەت ھەزىم قىلالىغۇدەك ئۆلچەم بىلەن ئىنسانلارغا يول كۆرسەتكەن ئاللاھ  ۋەھى ئارقىلىق مۇقەددەس دىنى يول يورۇق، قائىدە ئەھكاملارنى نازىل قىلغان. زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئىنسانلارنىڭ  ھېسسى بىلىشى، ئەقلى چۈشەنچىسى تاكاممۇللىشىش جەريانىدا كىشىلىك مەنپەئەت قىزىقىشى، ئۆزچۈلۈك خاھىشى، نەپسانىيەتچىلىكى كۈچلۈنۈپ، ئاللاھنىڭ  بۇيرۇقلىرىدىن چېكىنىش، ئاللاھنىڭ چەكلىمىلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈش كەيپىياتلار  تەدرىجى كۆرۈلگەن ۋە دەۋرىمۇ دەۋر  راۋجلانغان.  ھەتتا ئىنسانلارنىڭ كىشىلىك خاھىشلىرى راۋاجلىنىپ شۇ يەرگە يەتكەن ئىدىكى، ئاللاھ نازىل قىلغان دىنى قائىدە ـ ئەھكاملاردىكى ئۇلارنىڭ  كىشىلىك ئارزۇ، كىشىلىك مەنپەئەت خاھىشلىرىنى كاپالەتلەندۈرمەيدىغان بەلگىلىمىلەرنى بۇزۇپ، ئۆزلىرىنىڭ خاھىشلىرىگە ئويغۇنلاشتۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن ئېلان قىلىشقىچە جۈرئەت قىلغان.  نەتىجىدە بارا، بارا  ئاللاھ نازىل قىلغان مۇقەددەس دىنغا يانداش  تەقلىدى دىنلار  ئىختىرا ـ ئىجات قىلىنىشقا باشلىغان. ھەتتا ئىنسانلار شۇ قەدەر  ھەددىدىن ئاشقانكى، ئۆزلىرى ئىختىرا قىلغان تەقلىدى « دىن » لىرىنى ئاللاھ نازىل قىلغان مۇقەددەس دىندىن ئۈستۈن تۇتۇشقان ۋە  ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈشكىچە جاسارەت كۆرسۈتۈشكەن.
ئىنسانلارنىڭ ئەقىل تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشىگە  ئەگىشىپ ناچار خاھىشلىرى  ھەددىدىن ئاشقان ۋە ئومۇمى جەمئىيەتتە تېخىمۇ ناچار كەيپىيات، تۈزۈتۈش ئىمكانسىز  بۇزۇقچىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىقلار، ئەخلاقسىز ئادەتلەر ئەۋجىگە چىققان، دىنى جەھەتتە باتىل، ئازغۇنلۇق باش كۆتەرگەن، ئىجتىمائى جەمئىيەت تەرتىپسىز، كىشىلەر قالاق ـ قاشاق، تۈزۈملەر  زوراۋان، ئادالەتسىز  ۋەزىيەت شەكىللەنگەن ۋە تۈزۈتۈش تەبىئى تەقەززا قىلىنغان پەيتلەردە  ئاللاھ ئىنسانلارنى توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان ۋەھى ھىدايەتلىرىنى دەۋرىمۇ دەۋر پەيغەمبەرلەرىگە نازىل قىلىپ، ئىنسانىيەت توغرا يولغا يېتەكلەنگەن.  ئىنسانىيەت جەمئىيىتى بوزۇلۇپ ۋايىغا يەتكەن ھەربىر دەۋردە ئاللاھ  تېخىمۇ كەسكىن، تېخىمۇ كۈچلۈك ھىدايەت، ۋەھى ئىنتىزامىنى نازىل قىلىپ شۇ دەۋرنى يېتەكلەشكە، ئىنسانلارنىڭ ئەقىدە ـ ئىتىقاتلىرىنى تۈزۈتۈشكە پەيغەمبەرنى ۋەزەپىلەندۈرگەن. لېكىن  ئاللاھ نازىل قىلغان مۇقەددەس دىن بىلەن    ئىنسانلار  ئىختىرا قىلىغان باتىل دىنلار  يەنىلا پارالېل  مەۋجۇت بولۇپ  تۇرغىنىدەك، دىنغا ئىشەنگۈچى بىلەن ئىنكار قىلغۇچىمۇ پارالېل ياشاپ كەلدى.
سۆيۈملۈك، ھېكمەتلىك ئاللاھ  بىزنى مۇقددەس ئىسلام دىنى  بىلەن مۇكاپاتلىغان ئىكەن، بىزمۇ ئۆزۈمىز  مەنسۇپ بولغان دىنىمىزنى قەدىرلەيمىز ۋە ئاللاھغا  ھەمدۇ ـ سانا ئېيتىمىز!
نۆۋەتتە تەپسىلى توختۇلۇپ ئۆتمەكچى بولغىنىمىز مۇقەددەس دىنىمىز  ئىسلامدىكى ئەقىدىۋى چۈشەنچىلەر بولۇپ، باشقا دىنلار ئۈستىدە  ئىزاھات بېرىش ھاجەتسىزدۇر.
يىغىنچاقلاپ « ساماۋى دىن » دەپ تىلغا ئېلىنىپ كېلىۋاتقان ئەمما _ ئىسلام، يەھۇدىي ۋە  خىرستىيان قاتارلىق ئايرىم ناملار بىلەن تونۇلغان دىنلارنىڭ ئەسلى مەنبەسى ۋە ماھىيەتلىرى پەقەتلا ئىسلامدىن ئىبارەت بىرلا مۇقەددەسلىك ئىدى.  يوقۇرىدا قىسمەن بايان قىلىنغىنىدەك، ئاللاھ نازىل قىلغان مۇقەددەس دىنى بىرلىكنى  ئىنسانلار ئۆز خاھىشلىرىچە پارچىلاپ، ئۆز خاھىشلىرىچە بۇرمىلاپ، ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان ۋە ياخشى كۆرگەن ناملار بىلەن ئاتاپ ، شۇنىڭدەك ئەقىدە ۋە ئىبادەت قائىدىلىرىگە ئۆز خاھىشلىرىچە شەكىل ۋە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈىش ئارقىسىدا  ئايرىم دىنلار شەكىللەندۈرۈلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئاتەشپەرەستلىك، بۇتپەرەستلىك، تەبىئەت ھادىسىلىرىگە، جانلىقلارغا چوقۇنغۇچى تۈرلۈك باتىل دىنلارمۇ  ساماۋى دىنغا قىسمەن  تەقلىت ھالدا  ئىختىرا قىلىنغان. پەقەت قۇرئان ئارقىلىق بىزگە يېتىپ كەلگەن، بىز ئۇنىڭ نۇرى بىلەن شەرەپلەنگەن،    ئەسلى ماھىيتى، نامى، سۈپەت ۋە شەكىللىرى بىلەن  ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە سادىق، قىيامەتكىچە مەڭگۈ ئۆزگەرتىلمەس مۇقەددەس ساماۋى دىن _  ئىسلام دىنىدۇر.
____________________
  قەلىبلەرنى ئىدارە قىلغۇچى، ئەقىللەرنى  تەسەررۇپ قىلغۇچى ئاللاھ  ھەممىگە قادىركى، تۆرەلمىگە بىر نەپەستە جان ئاتا قىلغىنىدەك، كىر باسقان كۆڭۈللەرنى يورۇتۇپ، ئازغۇن ئەقىللەرنى ھىدايەت نۇرى بىلەن چاقنىتىپ، زاۋاللىققا يۈزلىنىۋاتقان مىللىتىمىز  ئەۋلاتلىرىدىن دىنغا سادىق بىر قوشۇننى ئىنئام قىلسا نەقەدەر  دەرمان تاپاتتۇق!

مەنبەسى : ئازاتلىق تورى

 

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ئىسلام ۋە مىللەتچىلىك

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان 2013-08-26 بىز ھەممىمىز مۇسۇلمانلىق سۈپىتىمىز بىلەن چوڭ بىر ئىسلام ئائىلىسىگە مەنسۇپمىز. بىزنىڭ …

ئىسلام

ئىسلام ئەينى ۋاقىتتا ئەقىدەدۇر، ئەينى ۋاقىتتا ئىبادەتتۇر، ئەينى ۋاقىتتا ئىسلاھاتتۇر، ئەينى ۋاقىتتا سىياسەتتۇر، ئەينى ۋاقىتتا …