ئامېرىكىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز

ئامېرىكىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز

ئىنسانى قەدىر – قىممىتىنى ئىزدەۋاتقان، ئىنسانلىقى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان، دۇنيادىكى ئەڭ رەزىل، ئەڭ ۋەھشى، ئەڭ ھىلىگەر دۈشمەن – خىتاي دۆلىتىنىڭ ستراتېگىيىسى بويىچە قىرغىن قىلىنىۋاتقان، دۇنيادىكى ئەڭ يېقىن قېرىنداش خەلقلەر تەرىپىدىنمۇ ئۆلۈمگە ئىتتىرىلىۋاتقان، دۇنيادىكى ئەڭ نامرات دۆلەتلەر تەرىپىدىنمۇ كەمسىتىلىۋاتقان ئۇيغۇرىستان خەلقى، 2020. يىلى 17. ئىيۇن، دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولغان ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئەپەندىنىڭ نەزىرىگە ئېلىندى .《ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى سىياسىتى قانۇنى》2020. يىلى 17. ئىيۇن پرېزىدېنت دونالد ترامپ ئەپەندىنىڭ ئىمزا قويىشى بىلەن، رەسمى كۈچكە ئىگە بولدى. پرېزىدېنتنىڭ بۇ قارارى بىلەن ئۇيغۇرىستان خەلقىنىڭ بېشى كۆككە تاقاشتى. ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ قەدىرسز ئەمەسلىكىنى، دۇنيانىڭ ئەڭ غالىب پرېزىدېنتىنىڭ ئەمەلى ھەرىكىتى ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم تونۇپ يەتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ قەدىرلىك مىللەت ئىكەنلىكىنى، دۇنيا خەلقى ھەيرانلىق ئىلكىدە تەھلىل قىلىۋاتقان مىنۇتلاردا، خىتاي دۆلىتى ئۇلىدىن تەۋرىنىپ كەتكەنلىكىنىمۇ، غۇللاپ چۈشىدىغاندەك، لاغىلداپ تىترەشلىرىنىمۇ يوشۇرالمىدى .

كېيىنكى قەدەمدە 《ئۇيغۇرىستان مۇستەقىللىق قانۇن لاھىيىسى》نىڭ، ئاق سارايغا سۇنىلىشىنى ۋە ئۇنىڭ تەستىقتىن ئۆتىشىنى، ئۇيغۇرىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىقتىن بەھرىمەن بولىشىغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياردەمدە بولىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

نۆۋەتتە《ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى سىياسىتى قانۇنى》نىڭ تەستىقتىن ئۆتۈپ، ئىجرائاتقا كىرگەنلىكى مۇناسىۋەت بىلەن، ئامېرىكا خەلقىگە، ئامېرىكا سېناتورلىرىغا، بارلىق كوڭگرېسس ئەزالىرىغا، جۈملىدىن پرېزىدېنت دونالد ترامپ ئەپەندىگە چەكسىز مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 17. ئىيۇن كۈنىنى 《ئۇيغۇر – ئامېرىكا دوستلۇق كۈنى》- دەپ قوبۇل قىلىنىشنى تەشەببۇس قىلىمىز.

بۇ قانۇننىڭ لاھىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئاخىرىغىچە ئىزچىل قوللىغان مارك روبىئو ئەپەندىمگە ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچى سەپداشلىرىغا، ئۇيغۇرىستان خەلقى نامىدىن ئالاھىدە رەخمەت ئېيتىمىز. مەزكۇر قانۇننىڭ قايتا تىرىلىشىگە سەۋەپچى بولغان، قانۇننىڭ تەستىقلىنىشى ئۈچۈن يۈز مىڭ كىشىلىك ئىمزا توپلاشقا سەپەرۋەرلىك قىلغان، يەنە شۇ قانۇننىڭ يورۇق كۆرۈشىگە ھەيدەكچى بولۇپ، ئاق ساراينىڭ ئالدىدا ئىككى يىل نامايىش قىلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى سالىھ خۇدايار ئەپەندىگە رەھمەت ئېيتىمىز

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى دائىمى كومىتېتى

18.06.2020

 

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …