ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن قىلىپ، ئاسسمىلاتىسيە قىلىپ تولۇق يوقىتىش پىلانىنى ئىجرا قىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بۇ ۋەھشى، قانخور جىنايىتىنى چەتئەلدىكى ھەر بىر ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇرىستانلىق تونۇپ يەتتى. خىتاينىڭ جازاسىغا ئۇچرىمىغان ئۇيغۇر قالمىدى. ھەر بىر دىيانەتلىك ئۇيغۇرستانلىقنىڭ يۈرىكى قىساس بىلەن ئۆرتەنمەكتە. بىز خىتاي دۆلىتىگە قارشى چىقىشنى خالىساقمۇ، خالىمىساقمۇ، قارشى ھەرىكەت قىلساقمۇ، قىلمىساقمۇ خىتاي دۆلىتى ئايرىپ باھالىمىدى. ئۇيغۇرلا بولىدىكەن دۈشمەنلىك تىزىمىغا كىرگۈزۈپ، يوقىتىش نىشانى قىلدى. دۇنيانىڭ قانداقلا يېرىدە ياشايلى، بىزنى يوقاتماقچى. 《يېتىپ ئۆلگۈچە ئېتىپ ئۆل!》- دېگەن چاقىرىق، ھەممىمىزنى سىلكىمەكتە. دۈشمەن بىزنى قورال كۈچىگە تاينىپ يوقاتماقتا. بىز ھازىرچە قەلەم كۈرىشىگە تاينىپ، ئۆزىمىزنى قوغدىماقتىمىز. قەلەم كۈرىشىدىن چەكلەنمىگەن مۇددەتتە، بىز بۇ كۈرەشنى توختاتماسلىقىمىز لازىم. بىزنىڭ ئالدىنقى سەپ ئۇرۇش بازىمىز نۆۋەتتە قەلەم كۈرىشىدۇر. بۇنى ھەر بىر ئۇيغۇرىستانلىق ئوبدان بىلىدۇ. قەلەم كۈرىشى يالغۇز بىزنىڭلا ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭمۇ ئەڭ كۆپ قوللىنىدىغان ۋە غەلىبە قازىنىۋاتقان ئۇرۇشلىرى قەلەم كۈرىشىدىن ئىبارەت، قان ئاققۇزمايتۇرۇپ جاننى ئالىدىغان كۈرەش مېتودى بولۇپ قالدى.

قانخور خىتاي دۆلىتىنىڭ ئاخىرىقى تۆت يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇرىستان خەلقىنى ئومۇمى يۈزلۈك جازالاش، يوقىتىش جىنايىتىنى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئۆزىنىڭ ئىمكانىيەت دائىرىسىدە پاش قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، نۇرغۇن تەرەپلەردىن يېتەرسىز، قانائەتلىنەرلىك بولمىغان ھەم ئاممىۋى سەپەرۋەرلىكى بەكلا تۆۋەن بولۇپ كەلگەن ئىدى . ئۇنىڭ يېنىدا يەككە پائالىيەتچىلەر، تەشكىلسىز تەشۋىقاتچىلار بارلىققا كېلىپ، دۇنيا ئاخباراتىنى، تەتقىقاتچىلارنى، سىياسەتچىلەرنى ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن نۆۋەتتىكى ئىرقى قىرغىنچىلىققا شاھىت قىلدى .

قەلەم كۈرىشى ساھەسىدە، نۇرغۇنلىغان ئاكتىپ ياشلارنىڭ مەيدانغا چىقىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان، تەشۋىقات كۈرىشىنى ھەقىقى بىر تەشكىلى ئورگان شەكلىدە، سىستېملىق، كۆپ تەرپلىك، كۆپ تىللىق ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقان، شۇنداقلا يەككە پائالىيەتچىلەرنىڭ، يەككە تەشۋىقاتچىلارنىڭ پىداكارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، سەپەرۋەرلىك قىلىۋاتقان《ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى》گۇرۇپپى، بىزنىڭ نۆۋەتتىكى قەلەم كۈرىشىمىزدە ئالدىنقى سەپ بازىمىز ھالىغا كەلدى . ئالدىنقى سەپ ئارمىيەلىرى ھەر قانچە كۈچلۈك، قوراللىرى خىل بولسىمۇ، ئۇلار ئارقا سەپ بازىسىغا يۆلەنمەي ئالغا باسالمايدۇ. يېقىندا 《ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى》گۇرۇپپىنىڭ قۇرغۇچىسى، پىداكار دوستىمىز تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىيان، ئاگېنتلىقنىڭ ماددى جەھەتتىن ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولىۋاتقانلىقى توغرىسىدا، ئاممىۋى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا مۇراجىئات يوللاپتۇ. ھازىرغىچە ئۆز ئىمكانىيىتى بىلەن ۋە يېقىن دوستلارنىڭ قوللىشى بىلەن، كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى قىلىپ، ساناقسىز تەشۋىقات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. بىراق خىتاي دۆلىتىنىڭ جازاسىدىن ھەر بىر ئۇيغۇر ئامان قالمىغان ئىكەن، ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىشمۇ ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئارمانىدۇر. بىز ئۆز قولىمىز بىلەن دۈشمەننىڭ كۆكسىگە خەنجەر سېلىپ، قىساسىمىزنى ئالالمىساقمۇ، ئالدىنقى سەپتە پىداكارلىق كۆرسىتىپ، خەنجەر تۇتقان جەڭچىلەرگە بىر يۇتۇم سۇ يەتكۈزۈپ بېرەلىسەك، شۇ جەڭدە، غەلىبىدە بىزنىڭمۇ بىر ئۈلۈش ھەسسىمىز بولىدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز – گېرمانىيەدىكى《ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى》ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا 1500 ئويرو ياردەم بېرىشنى ماقۇل كۆردۇق. ھەر بىر تەشكىلات ۋە ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلارنىڭ ئاز- كۆپ دېمەي، ياردەمدە بولىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن :
ئوسمانجان تۇرسۇن
ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى

15.10.2020

گېرمانىيە مىيونخىن

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ

ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن، 12. نويابىر ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق …

مۇراجىئەت

مۇراجىئەت ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، تۆۋەنچىلىك بىلەن سىلەرگە بۇ ئىلتىماسنى سۇنىۋاتىمىز. خەۋىرىڭىز بولغاندەك، ۋەتەن سىرتىدا چوڭ- كىچىك …

جاۋاب يېزىش