جىددى چاقىرىق

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇرىستانلىق قىرىنداشلار، ئىككىن كۈندىن بۇيان 《ئىلھام توختى ئىنىستىتۇتى》 ناملىق بىر گۇرۇھ، چەتئەللەردە ئىلھام توختى ئىدىىيىسىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ۋە قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئېلان قىلىغان بايانات ئوتتۇرىغا چىقىپ، بارلىق ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا كەسكىن غۇل – غۇلا قوزغىدى . كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ غەزىپىنى ئۆرلەتكەن مەزكۇر بايانات، بىر قانچە يىلدىن بۇيان《ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇش گۇرۇپپى》شەكلىدە پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان بىر جەمئىيەت كوللېكتىپىنى ئۆزگەرتىپ 《ئىلھام توختى ئىنىستىتۇتى》قىلىپ قۇرۇپ چىققانلار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغانلىقى مەلۇم.

مەزكۇر باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە : 《خىتايدىكى ئۇيغۇر ۋە خەنسو قاتارلىق مللەتلەرنىڭ ئىناق- ئىتتىپاق، باراۋەر تىنچ ياشاش مۇھىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئىلھام توختىنىڭ يولىدىن مېڭىىش، ئىلھام توختىنىڭ تىنچلىق پەرۋەر ئىدىيىسىنى قانات يايدۇرۇش》تىن ئىبارەت، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئايرىلماي بىللە ياشاشنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ قانداقتۇر ئىلھام توختىنىڭلا يېڭى كەشىپ قىلغان ئىدىېئولوگىيىسى بولماستىن ، گومىنداڭچى ۋە گۇڭسەنداڭچى خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى خەلقىمىزگە زورلاپ تېڭىپ كەلگەن ۋە خەلقىمىز تەرىپىدىن رەت قىلىنغان ئەكسىيەتچى، زوراۋان سىياسەتنىڭ غوللۇق پىرىنسىپلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ ئىدىيە چەتئەلدىكى بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ – مەيلى دىنى جەمئىيەتلەر بولسۇن، ئىجتىمائىي، ئىنسان ھەقلىرى دەۋاگەر تەشكىلاتلىرى بولسۇن، ئەلۋەتتە بىزگە ئوخشاش مۇستەقىللىق كۈرىشى قىلىپ كېلىۋاتقان تەشكىلاتلار بولسۇن بىردەك رەت قىلىنىدىغان، تۈپتىن خاتا ئېقىمدۇر. چۈنكى بۇ ئىدىيە ۋەتىنىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى خىتايغا تاپشۇرغان ساتقىنلىق بولۇپ، 30 مىلىيوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرىستان خەلقىنىڭ مىللى ئىرادىسىگە خىلاپ قىلمىشتۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن، پېشقەدەم رەھبەرلەرنىڭ بىرى، سابىق 《شەرقى تۈركىستان( ئۇيغۇرىستان )مىللى قۇرۇلتىيى》نىڭ رەئىسى، ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇش ھەيئىتىنىڭ رەھبىرى ھۆرمەتلىك ئەنۋەرجان ئەپەندىمنى، نۆۋەتتىكى خاتا قەدىمىدىن قايتىشقا چاقىرىمىز.

30. 04. 2020

مىيونخىن

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى دائىمى كومىتېتى

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …