ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى ھەمكارلىغىدىكى ئۇيغۇر-تۈرك مەدىنىيەت بايرىمى

2015-يىلى 14،13-ئىيۇن كۈنلىرى ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى گېرمانىيەنىڭ مىيونخېن شەھرىدە 6 تۈرك تەشكىلاتى بىلەن بىرلىشىپ،ھەمكارلىق ئاساسىدا چوڭ ھەجىمدە مەدىنىيەت تونۇشتۇرىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

 

IMG-20150615-WA0008

پائالىيەتكە تۈركىيەدىن كېلىپ قەدەم تەشرىپ قىلغان تۈركىيە پارلېمېنت مىللەت ۋەكىللىرى،تۈركىيەنىڭ مىيونخېن كونسولى،جورنالىستلار،پائالىيەتنى  ئۇيۇشتۇرغۇچى تۈرك دەرنەك مەسۇللىرى، ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتى ھەيەتلىرى، ئۇيغۇرستان چېدىرى ئالدىدا خاتىرە سۆرەتكە چۈشتى.
تۈركىيەدىن كەلگەن سىياسەتچىلەر، ئۇيغۇرستان دىگەن نامدىن مەمنۇن بولۇشقان ھالدا، شۇنداقلا تەشكىلاتىمىزنىڭ ئۇيغۇرستاننىڭ مۇستەققىللىقنى تەلەپ قىلىدىغان ۋە شۇ يولدا كۈرەش قىلىدىغان غايىسىنى بىلگەنلىرىدە، 《 ئەۋۋەل ئاللاھ مەدەتكارىڭزدۇر، ئاندىن قالسا سەۋەبىنى ھەممىمىز بىرلىكتە قىلىمىز. ئۇيغۇرستاننىڭ قۇتۇلۇش دەۋاسى يالغۇز سىزلەرنىڭلا ئىشىڭىز ئەمەس. سىزلەر يالغۇز ئەمەس!》دىيىشىپ، ئۇيغۇرلاردىن پەخىرلىنىدىغانلىقلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلەشتى.

IMG-20150614-WA0066

پائالىيەتكە مىھمان بولۇپ قەدەم تەشرىپ قىلغان مىيونخېندىكى تۈرك مىللەتچىلىرى،پىشقەدەم مىللەتچى،ئۇيغۇرلارنىڭ سۈيۈملۈك دوستى،رابىيە قادىر خانىمنىڭ پىداكار قوللىغۇچىسى ئىسمائىل بەگ ( سولدىن 3 – كىشى)نىڭ ھەمرالىقىدا ئۇيغۇرستان چېدىرىنى زىيارەت قىلدى ۋە رابىيە ئانامغا تۈرك مىللەتچى ئوغۇللىرىنىڭ ئوتلۇق سالامىنى يەتكۈزۈڭلار دېيىشىپ، خانىمنىڭ چېدىرىمىزغا ئېسىلغان كالىندار سۆرىتىنى يالداما سۈپىتىدە ئېلىپ كېتىشتى.

IMG-20150614-WA0078

IMG-20150614-WA0067

پائالىيەتنى بىرگە ئويۇشتۇرغان بىر قىسىم دەرنەك مەسۇللىرى ھەم ئىسمائىل بەگ ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ مەسۇللىرى بىلەن بىرگە ئۇيغۇرستان چەدىرى ئالدىدا خاتىرە سۆرەتكە چۈشتى.

IMG-20150614-WA0075

مىھمانلار ئۇيغۇرىستان چېدىرى ئىچىگە ئېسىلغان ئۇيغۇر دۆلەتچىلىگىگە ئائىت تارىخى رەسىملەر ۋە بىر تۈركۈم يازما ۋەسىقىلەرنى كۆرمەكتە

unnamed

تۈرك سىياسەتچىلىرى ۋە جورنالىستلىرىغا ئۇيغۇرىستاننىڭ دۆلەتچىلىك تارىخى توغرىسىدىكى يازما ماتېرياللار، توغرىسىدا،ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى ئىجرائىيە كومىتىتى رەئىسى ئالىمجان مۇھەممەت چۈشەنچە بەرمەكتە

4

تۈرك سىياسەتچىلىرى ۋە جورنالىستلىرىغا ئۇيغۇرىستاننىڭ دۆلەتچىلىك تارىخى توغرىسىدىكى رەسىملەر توغرىسىدا،ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى ئىجرائىيە كومىتىتى رەئىسى ئالىمجان مۇھەممەت چۈشەنچە بەرمەكتە

 

IMG-20150614-WA0079

پائالىيەتنى بىرگە ئۇيۇشتۇرغان تۈرك دەرنەكلىرىنىڭ ياش رەھبەرلىرى ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ بايرىقى ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشنى شەرەپ بىلمەكتە

IMG-20150614-WA0080

مىيونخېندىكى ئۈلكۈچۈ تۈرك تەشكىلاتى ياشلار كومېتىتىنىڭ مەسۇللىرى ،ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى بايرىقى ئالدىدا تەشكىلاتىمىزنىڭ مەسۇللىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە

IMG-20150614-WA0083

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ مەسۇللىرى ۋە بىر قىسىم پىداكارلار دوستلار خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە

IMG-20150614-WA0081

تۈرك تېلىۋىزىيە مۇخبىرلىرى ئۇيغۇرىستان چېدىرىنى زىيارەت قىلىپ تەشكىلاتىمىزنىڭ ئىجرائىيە كومىتىتى مۇدىرى ئالىمجان مەمەت بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى تەشۋىقات بۆلىمى

 

 

 

 

 

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

مۇراجىئەت

مۇراجىئەت ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، تۆۋەنچىلىك بىلەن سىلەرگە بۇ ئىلتىماسنى سۇنىۋاتىمىز. خەۋىرىڭىز بولغاندەك، ۋەتەن سىرتىدا چوڭ- كىچىك …

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …