ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى ئۇيغۇر-تۈرك مەدىنىيەت بايرىمىدا
2015-يىلى 14،13-ئىيۇن كۈنلىرى ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى گېرمانىيەنىڭ مىيونخېن شەھرىدە 6 تۈرك تەشكىلاتى بىلەن بىرلىشىپ،ھەمكارلىق ئاساسىدا چوڭ ھەجىمدە مەدىنىيەت تونۇشتۇرىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى
پائالىيەتكە 5 مىڭ ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان بولۇپ گېرمان تۈركلەرنى ئاساس قىلغان ھەر مىللەت خەلقىگە ئۇيغۇر مەدىنىيىتى تۇنۇشتۇرىلغان.
شۇنداقلا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى كەڭ تۈردە پاش قىلىنغان
ھەمدە شۇنىڭغا ئائىت 2000 مىڭ دانە تەشۋىقات ماتەريالى تارقىتىلغان
ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى تەشۋىقات بۆلىمى