گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى ۋەكىللىرى گوللاندىيە پارلېمېنت ئەزاسى بىلەن كۆرۈشتى

0

9-مارت گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى ۋەكىللىرى گوللاندىيە پارلېمېنت ئەزاسى ھارري ۋان بوممەل بىلەن كۆرۈشتى. ھارري ۋان بوممەل گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىگىنىڭ باياناتچىسى شۇنداقلا سوتسىيال دېمۇكىراتلار پارتىيەسىنىڭ ياۋروپا پارلېمېنتىدىكى تۇرۇشلۇق ۋەكىلى،ھەم ئەزاسى. ئەتىگەن سائەت 10:30 دە باشلانغان قوبۇل قىلىش 2 سائەت داۋاملاشقان بولۇپ سۆھبەت جەريانىدا بولۇپمۇ 2014-يىلى ۋەتىمىز ئۇيغۇرىستاندا يۈز بەرگەن قانلىق باشتۇرۇشلار ئۈستىدە تەپسىلى بايان قىلىش بىلەن بىرگە سىياسى پانالىق مەسىلىلىرى ھەل بولماي كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ۋە ئۆتكەن ئىككى يىل ئىچىدە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن زۇلۇم ۋە ئۆلۈم جازالىرىنىڭ خەتەرلىك ئاقىۋەتلىرى توغرۇلۇق تەپسىلى مەلۇمات بەردى. شۇنداقلا گوللاندىيە ھۆكىمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇر ئاتالمىش سىياسى جىنايەتچىلىرىنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى ئىگەللەش ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشىنى ئۆتۈنىشتى.شۇنداقلا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىلھام توختى،ھەمدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم پەرزەتنلىرىنىڭ تىزراق تۇرمىدىن قويۇپ بېرىلىشىگە كۆڭۈل بۆلىشىنى تەلەپ قىلىپ ،تەييارلاپ كەلگەن ماتېرياللىرىنى تاپشۇرۇشتى.

1

سۆھبەتنىڭ ئاخىرىدا ھارري ۋان بوممەل ئەپەندى گوللاندىيە پارلېمېنتىنىڭ رابىيە خانىمنى قوبۇل قىلىش ئارزۇسى بارلىغىنى، ۋە «گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى»نىڭ خىزمەتلىرىنى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ قوللايدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى تەشۋىقات بۆلىمى

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ

ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن، 12. نويابىر ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق …

مۇراجىئەت

مۇراجىئەت ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، تۆۋەنچىلىك بىلەن سىلەرگە بۇ ئىلتىماسنى سۇنىۋاتىمىز. خەۋىرىڭىز بولغاندەك، ۋەتەن سىرتىدا چوڭ- كىچىك …