شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپلەر ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش چارىلىرى (2)

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپلەر ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش چارىلىرى (2)

ئىنساننىڭ ئەقلىگە تەشكىلات رەھبىرىنىڭ كىملىكى ۋە سالاھىيىتى كېلىشكە باشلايدۇ. چۈنكى رەھبەر تەشكىلاتنىڭ موتورى، ئۇنىڭ يۈكۈگە ئوخشاشلا جاۋاپكارلىقىمۇ ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ. شۇڭا تۆۋەندە بىر رەھبەردە كەم بولسا بولمايدىغان ئەمما ئەسۇسكى بىزنىڭ تەشكىلات رەھبەرلىرىمىزدە ئاز تېپىلىدىغان ئىنتايىن مۇھىم، نۇقتىلىق خۇسۇسىيەتلەر ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپلەر ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش چارىلىرى (2)

مىركامىلجان قەشقەرى

دېمىسىمۇ تەشكىلاتتىن سۆز ئېچىلغان ھەر قانداق چاغدا بىرىنچى بولۇپ ئىنساننىڭ ئەقلىگە تەشكىلات رەھبىرىنىڭ كىملىكى ۋە سالاھىيىتى كېلىشكە باشلايدۇ. چۈنكى رەھبەر تەشكىلاتنىڭ موتورى، ئۇنىڭ يۈكۈگە ئوخشاشلا جاۋاپكارلىقىمۇ ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ. شۇڭا تۆۋەندە بىر رەھبەردە كەم بولسا بولمايدىغان ئەمما ئەسۇسكى بىزنىڭ تەشكىلات رەھبەرلىرىمىزدە ئاز تېپىلىدىغان ئىنتايىن مۇھىم، نۇقتىلىق خۇسۇسىيەتلەر ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

رەھبەرلىك سالاھىيىتى

بۇ نۇقتىدا، بىر كىچىك بالىنىڭ قۇشى ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتايىن ئۇ بالىنىڭ ئۆيىگە زىيارەتكە بېرىپ، تەزىيە بىلدۈرگەنلىكىنى قەتئىي ئۇنتۇماسلىق لازىم. چۈنكى بۇ كېچىك ۋەقە داھى ۋە رەھبەرلىكنىڭ ئەڭ كاتتا سىرى، قەلبلەرنى فەتھى قىلىشنىڭ ئەڭگۈشتەر ئاچقۇچى ۋە ئەڭ ئاددى چۈشۈنۈشلۈك ئۆلچىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  ئۆزى يېتەكچى بولماقچى بولغان رايون ۋە خەلقنىڭ ئۇزاق يېقىن، كېچىك چوڭ ھەممە كىشىلىرى ۋە ھال – ئەھۋاللىرىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇپ تۇرۇش، قىسقىسى دائىم شۇ خەلقنىڭ دەردىدە يېنىپ تۇرىدىغان بىر بىقارار يۈرەكنىڭ ئىگىسى بولۇش ئالەملەرنىڭ رەھبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى ۋە بىزگە قالدۇرغان ئەڭ كاتتا ئۈلگىلىك مىراسى ھېسابلىنىدۇ.

دېمەك رەھبەر بولىدىغان كىشى بارلىق ئىشلاردىن ئەنە شۇنداق تولۇق مەلۇماتلىق بولۇشقا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. بىرىنچى بولۇپ قەيەردە زادى نېمە ئىش قىلماقچى ئىكەنلىكىمىزنى، ئاندىن ئىش قىلماقچى بولغان يەردە مەيلى يېزا، مەيلى شەھەر، قانچىلىك كىشى بار؟ قانچىلىك ئەر قانچىلىك ئايال؟ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قانچىلىك مۇددەتكىچە قايسى كۈنتەرتىپنى قانداق يارىتىش لازىم؟ ئۇلارنى ئۆزىمىزگە تارتىش ۋە خىزمەتكە ياراملىق ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن نېمەلەرنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ؟ ۋە قاچانغىچە قىلىش كېرەك؟ دېگەنلەردىن  ئېنىق خەۋەردار بولۇشى لازىم. رايوندىكى دۈشمەننىڭ تەسىرى، تەشۋىق ئۇسۇللىرى نېمىلەردىن ئىبارەت؟ قايسى كوچىدا كىملەرنىڭ قانچىلىك تەسىرى بار؟  قانچىلىك دوختۇر، قانچىلىك ئوقۇتقۇچى ۋە باشقا كەسىپتىكىلەر بار؟ مانا بۇلار ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە بولۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. بۇلارنى بىلگەندىلا ئاندىن پىلانلىق بىر شەكىلدە رايوننىڭ يېتەكچىلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇغىلى بولىدۇ. ياكى رايونغا يېتەكچى بولايدىغان كىشىلەرنى بەلىگلەپ ئالدىنقى ئورۇنغا چىقارغىلى بولىدۇ. خۇددى پاكىستانلىق ئاتاقلىق سىياسىيون پىروفېسسور خۇرشىد ئەھمەت دېگەندەك، «تەشكىلاتنىڭ مۇنەۋۋەر كىشىلىرىنىڭ شۇ رايوندىكى ئورنى ۋە نوپوزىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى ۋە شۇ ئارقىلىق 30 يىللىق مۇساپىنى 3 يىلدا بېسىپ بولغىلى بولىدىغان بولىدۇ».

مەسىلەن گېرمانىيە 1970 – يىلىدىلا تۈركىيەنىڭ قەيسىرى شەھىرى ھەققىدە ئىنچىكە مەلۇمات توپلاپ، قەيسەرىنىڭ ھەر قايسى رايون، كوچا، مەھەللىرىدىكى شەخسلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئېتىقاد، پىكىر، پىسخىئولوگىيەلىرى ۋە  جەمئىيەتتىكى تەسىرلىرىنى پىششىق ئىگىلەپ، بىر – بىرلەپ ئارخىپ تۇرغۇزۇپ بولغان. جۇملىدىن پۈتۈن قەيسەرى جەمئىيىتى ۋە خەلقىنىڭ سوسسىئولوگىيەلىك خەرىتىسىنى چىقىرىپ بولغان. تۈركىيە تېلېۋىزىيەلىرى تېخى يېقىندا گېرمانىيە ئارخىپلىرى خەلققە ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن بۇ ھەقتە ئانالىز پروگراممىلىرىنى تارقاتتى. پروگراممىغا قاتناشقان پىروفېسسور دوكتور مەھمەت چەلىك ئانالىزىدا «دېمەك، سەن قانداقلا دۆلەتنى قوچۇيمەن دېسەڭ، بىرەر ئىش چىقارماقچى ۋە دۈشمەنلىرىڭنى بىر – بىرىگە  چۈشۈرمەكچى بولساڭ،  ياكى مەلۇم رايوندىكى خەلقنىڭ ئېڭىنى يېتەكلەپ، ئۆز غايەڭگە ئۇيغۇن چۇشەنچە ۋە كۆز قاراش پەيدا قىلماچى بولساڭ، سەنمۇ مۇشۇ ئىستىخبارات ۋە مەلۇماتلارنىڭ ھەممىنى تولۇق ئېگەللىمىسەڭ بولمايدۇ» دېگەن ئىدى. بۇنىڭدىن بىز ۋە رەھبەرلىرىمىز زادى قانداق ساۋاققا ئىگە بولىشىمىز لازىم؟ رەھبەرلىرىمىزنىڭ ۋەتەندە ئۆزى ھەرىكەت قىلماقچى بولغان رايوندىكى كىشىلەر ھەققىدە زادى قانچىلىك مەلۇماتى بار. ۋەتەن ئۇ ياقتا تۇرسۇن، چەت ئەلدە ئۆزى ياشاۋاتقان رايوندىكى ھەتتا ئەتراپىدىكى پايپىتەك بولۇپ يۇرىۋاتقان كىشىلەر ھەققىدە زادى قانچىلىك مەلۇماتقا ئىگە؟ بۇ تولىمۇ سوغۇققانلىق ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىنىشقا تېگىشلىك جىددى بىر سوئال.

يېغىپ ئېيتقاندا، مۇھاجىرەتتىكى ھەر قايسى تەشكىلات ۋە شەخىسلىرىمىزنىڭ چىقىشالماسلىقى، خىتاي بىر چەتتە قىلىپ، ئۆزئارا دۈشمەن بولۇپ يۈرىشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرىدىن بىرسى دەل مۇشۇ خىل مەلۇماتسىزلىقتىن ئىبارەت دېسەكمۇ ئاشۇرۋەتكەن بولمايمىز.

ئەمدى تەكىتلەشكە تېگىشلىك ئاددى ئەمما تولىمۇ مۇھىم ئىشلاردىن بىرسى شۇكى، تەشكىلات مەسئۇللىرى دائىم ئەڭ ئالدىدا، ئەڭ ئاكتىپ، ئەڭ ئۈلگىلىك ئىش قىلىشنى ئۇنتۇماسلىقى، خەندەك غازىتىدا پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن قانداق تەر تۆكۈپ ئىشلىگەنلىكىنى دائىم كۆز ئالدىغا تۇتىشى لازىم.

تەشكىلات مەسئۇلىنىڭ ئىشى ئەتراپىدىكىلەرنىڭ قابىلىيەتلىرىنى ئىشقا سېلىش، ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرگە ئۇلاردىكى خىزمەت قىزغىنلىقى ۋە ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇش بولىشى لازىم. رەھبەر بولغان كىشى ئەگەر ئىخلاس، مېھرى – شەپقەت ۋە كۆيۈمچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئەتراپىدىكىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈشنى بىلىدىغانلا بولسا، تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

ئىجتىھات قابىلىيىتى پەيدا قىلىش

بۇلاردىن باشقا يەنە تەشكىلات رەھبىرى ۋە ئەزالىرىدا «ئىجتىھات قابىلىيىتى» پەيدا قىلىش تولىمۇ زۆرۈر. ئۇنداقتا تەشكىلىي جەھەتتىكى ئىجتىھاد دېگەن زادى نېمە؟

ئىجتىھاد، دۇچ كەلگەن يېڭى ھالەت ۋە ۋەزىيەتلەرگە كۆرە، دەرھال يېڭى پوزىتسىيە بەلگىلەپ چىقىش ھەمدە كېتىپ بارغان يولدا تېزدىن بۇرۇلۇش پەيدا قىلىپ، يېڭى قەدەملەرنى تاشلاش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە ئەنئەنىۋىي شەكىلدە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەمما ھەرىكەتكە پايدىسى بولمايۋاتقان ئىشلاردىن دەرھال ۋاز كېچىش جاسارىتى بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى ئىنسانلار ئادەتلەنگەن كونا ئىشلاردىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدىغان، پايدىسز بولسىمۇ كېچىك-كېچىك ئىشلاردا چىش-تىرنىقى بىلەن چىڭ تۇرىۋالىدىغان خاراكتېرگە ئىگە. بىراق ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەكلىك بولغان، يەنە نۇرغۇن يوللارنى باسمىسا بولمايدىغان تەشكىلات  بولسا، يولدا نۇرغۇن يېڭى ئەھۋاللارغا ئۇچرايدۇ، يېڭى بېكەتلەردە توختايدۇ. يېڭى-يېڭى مۇھىتلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا قائىدە – پىرىنسىپ، قىممەت قاراشلىرىنى ۋەزىيەتكە كۆرە ئۆزگەرتەلمىسە، يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ياساپ، يېڭى ۋەزىيەتلەرگە تاقابىل تۇرالىغۇدەك سالاھىيىتى يېتىلمىگەن بولسا، توختىغان يېرىدە توختاپ قالىدۇ ۋە سەپەرنى داۋاملاشتۇرالمايدۇ. شۇڭا ئىجتىھاد «يېڭىلىق يارىتىش روھى» كىشى، جەمئىيەت، مىللەت ۋە دۆلەتلەرگە نىسبەتەنمۇ ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.

جاۋاپكارلىق تۇيغۇسى

ئۆز خەلقىگە باشلامچى ۋە يېتەكچى بولۇشتەك بۇنداق ئېغىر، مۇقەددەس ۋەزىپىگە ئاتلانغان كىشىلەرنىڭ جاۋاپكارلىق تۇيغۇسى ئەڭ يۇقىرى پەللىدە بولۇشى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ھەر بىر كىشى ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە قارىتا جاۋاپكاردۇر» (يەنى، يالغۇز ئۆز ئەمىلىگىلا ئەمەس، تەۋەلىكىدىكى ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭمۇ ئەمەللىرىگە جاۋاپكاردۇر) دېگەن ھەدىسىنى ھەر كۆرگىنىمىزدە پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز لەرزىگە كېلىپ، كۆزىمىزگە ئۇيقۇ كىرمەيدىغان بولالىشى لازىم. خۇددى خۇلافائىي راشىدىنغا ئوخشاش جاۋاپكارلىق تۇيغۇسىنى ھەر ئەسلىگىنىدە ، «قۇش بولۇپ كەتسەمچۇ؟! ئاھ كاشكى تۇپراق بولۇپ كەتسەمچۇ؟!» دەپ نالە قىلىپ، ئۆز ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى ھېس قىلالايدىغان، «مەن تۇرىۋاتقان شۇ زەيتۇنبۇرنىدىكى، شۇ نىيۇ يوركتىكى قېرىنداشلىرىمنىڭ ئەمەللىرىدىن مەنمۇ جاۋاپكارلىققا تارتىلىمەن، بۇلارغا ئەگەر مەن تونۇپ يەتكەن شۇ ھەقنى يەتكۈزمىسەم، ئۇلارنىمۇ شۇ مەزلۇم ئۈممەتنى خىتاينىڭ زۇلمىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت  ئەڭ مۇقەددەس دىنىي ھەم مىللىي ۋەزىپىنى تونۇتۇپ، سەپكە قاتمىسام، يالغۇز بۇلارنىلا ئەمەس، ۋەتەندىكىلەرنىمۇ مۇشۇ سەپنىڭ ئاۋانگارتلىرىغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشمىسام، قىيامەتتە ئۇلارنىڭ قولى مېنىڭ ياقامدا بولىدۇ. ئۇلارغا قارىتا ئەڭ دەسلەپ مەن جاۋاپكارلىققا تارتىلىمەن» دېگەننى تەسەۋۋۇر قىلىپ كېچىسى ئارامىدا ياتالمايدىغان، ئىچ-ئىچىدىن سىقىلىپ، تېپىرلاپ،  ئۆي – ئۆي چېپىپ، ئۇلارنىڭ ئېڭىنى ئېچىشقا تىرىشىدىغان بىر روھقا ئىگە بولۇشىمىز لازىم. مانا شۇنداق تىنىمسىز روھقا ئىگە بولغىنىمىزدا ئاندىن بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىشى ئالغا باسىدۇ، كۆزلىگىنىمىزدەك ئۈنۈم بېرىدۇ. ئەمما بۇ روھنى تىرىك تۇتۇش، دائىم ھاياجانلاندۇرۇپ تۇرۇشمۇ ئاسان ئەمەس، ھەممە ئىشنىڭ بىر يولى، بىر ئۇسۇلى بولغانغا ئوخشاش مەسئۇلىيەت ئېڭىمىزنى، جاۋاپكارلىق تۇيغۇمىزنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرۇشنىڭمۇ يوللىرى، بۇنىڭمۇ ئۆزىگە لايىق ئوزۇقى بولىدۇ، ھەر كۈنى ئەشۇ مەنىۋى ئوزۇق بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇپ، ئۇنى جانلاندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆھبىتىدىكى تۇيغۇلىرىنى ئۆيىگە بارغىنىدا يوقۇتۇپ قويۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان ھەنزەلە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ «بۈگۈن مەن مۇناپىق بوپتىمەن، سۆھبەتتە باشقا ئۆيدە باشقا، ئىككى يۈزلۈك ئەبلەخ بوپتىمەن» دەپ ۋاقىراپ كوچىغا چىقىپ كەتكىنىگە ئوخشاش، بىزنىڭمۇ ئۆز-ئۆزىمىزنى ھېساپقا تارتىپ تۇرۇشىمىزغا، كۈندىلىك ھېس – تۇيغۇ،  ئوي-پىكىرلىرىمىزنى كۆزدىن كەچۈرۈپ تۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. جاۋاپكارلىق روھىمىزنىڭ بىردىن بىر مەنبەسى بولغان قۇرئان كەرىمنى ئوقۇغىنىمىزدا ۋە «وَلَنَسْأَلَنَّالْمُرْسَلِينَ» (پەيغەمبەرلەرمۇ جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ) دېگەن ئايەتلەرنى كۆرگىنىمىزدە، «پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش ئاللاھنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك بەندىلىرى جاۋاپكارلىققا تارتىلىدىغان يەردە مەنچۇ؟!» دېگەننى ئويلاپ، ئىچىۋاتقان ئىشمىزنى يېرىمىدا تاشلاپ، دەرھال بىر قېرىندىشمىزنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ «كەل قېرىندىشىم، بىر دەم بولسىمۇ ئاخىرەت، ۋەتەن، مىللەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىمىزنى سۆزلىشەيلى، نېمە قىلالايمىز بىرلىكتە ئويلىشايلى» دېيىشكە ئالدىرايدىغان بولالىشىمىزغا، جۈملىدىن ھەر كۈنى روھىمىزنى ئوزۇقلاندۇرۇش بىلەن بىرگە مەلۇم شەكىلدە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

بۇ جەھەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ھاياتىدىن ھەر ئەسلىگىنىمىزدە مەسئۇلىيەت ئېڭىمىزنى قايتىدىن ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىدىغان ئىنتايىن قىممەتلىك بىر ۋەقەنى ئەسلىتىپ ئۆتمەكچىمەن. بەلكىم ئوقۇغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆپ ھاللاردا ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى چاقىرىتىپ كىلىپ، قۇرئان تىلاۋەت قىلدۇرۇپ ئاڭلايتتى. بىر قېتىم يەنە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ بېرىۋىتىپ، «فَكَيْفَ إِذَا جِئْنَا مِن كُلِّ أمَّةٍ بِشَهِيدٍ وَجِئْنَا بِكَ عَلَى هَؤُلاء شَهِيدًا» «قېنى ئويلىغىنكى، بىز ھەر بىر ئۈممەتتىن بىر گۇۋاھچىنى كەلتۈرگەن ۋە ئۇلارغا سېنى گۇۋاھچى قىلىپ تۇرغۇزغان چېغىمىزدا قانداق بولماقچى؟» دېگەن ئايەتكە كەلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «بولدى قىلغىن! ئى ئابدۇللاھ بولدى قىلغىن!» دەپ توۋلاپ كېتىدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەرھال بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىغىنىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار قۇيۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ.

دېمەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامدەك بىر زاتنىڭ قىيامەت كۈنى گۇۋاھلىققا تارتىلىدىغانلىقى ئويلىغىنىدا يۈرەك باغرى مۇمدەك ئېرىپ تارام تارام ياشلىرى قويۇلۇپ كەتكەن يەردە، بىزنىڭ قانداق بولۇشى لازىملىقىنى، ئەشۇ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئۈچۈن بىزلەر نەچچە كېچە، نەچچە ئاي ياش تۆكسەكمۇ ئازلىق قىلىدىغانلىقىنى ئويلىشىمىز لازىم. بۇ ۋەقەنى ھەر قېتىم ئەسكە ئالغىنىمىزدا مۇسئۇلىيەت ۋە جاۋاپكارلىق تۇيغۇلىرىمىز قايتىدىن جانلىنىپ، پائالىيەت روھىمىز ھەرىكەتكە ئۆتۈشى لازىم. ئىنشائاللاھ مانا مۇشۇنداق مەنىۋىي ئوزۇقتىن ئايرىلماي، ھەر كۈنى بىر قېتىم ئەسلەپ تۇرۇشنى ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇش دەستۇرىمىزغا ئايلاندۇرغان چېغىمىزدا تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ خىزمەتلىرىمۇ كۈنسىرى ئالغا باسىدىغان بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە ئىنايىتىگە ئېرىشىپ، ئاخىرقى غەلىبىنى چوقۇم قولغا كەلتۈرەلەيدىغان سالاھىيەتكە ئىگە بولىمىز.

ئەمدى تەشكىلاتنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، پائال ھالغا كەلتۈرۈشنىڭ كونكرېت چارە – تەدبىرلەر ئۈستىدە توختىلىمىز.

داۋامى بار.

http://uyhewer.biz/ug/news/583

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …