شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپلەر ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش چارىلىرى(1)

بۇ ساھەنىڭ ھۆرمەتلىك ئۇستازلىرى ۋە يول باشچىلىرىغا ئاددى بىر شەرقىي تۈركىستانلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن بىر تەشكىلاتتىن كۈتىدىغان ئارزۇلىرىمنى، ئۈنۈملۈك ۋە نەتىجىلىك بىر تەشكىلاتنىڭ قانداق بولۇشى ۋە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىگە دائىر خۇسۇسىي تەسەۋۋۇرلىرىمنى سۇنۇشتىنلا ئىبارەتتۇر.

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپلەر ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش چارىلىرى

 

مىركامىلجان قەشقەرى

ئەسلىدە بۇ، سىياسىيون، ئۇستا تەشكىلاتچى ۋە ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسسىلىرى تەتقىق قىلىپ يول سېزىپ چىقىشى كېرەكلىك مۇھىم بىر تېما، ئەمما شۇنداقتىمۇ ھالىمغا باقماي، بۇ ھەقتە سۆزگە چىقىپ قىلىشىمدىكى مەقسىتىم پەقەت، بۇ ساھەنىڭ ھۆرمەتلىك ئۇستازلىرى ۋە يول باشچىلىرىغا ئاددى بىر شەرقىي تۈركىستانلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن بىر تەشكىلاتتىن كۈتىدىغان ئارزۇلىرىمنى، ئۈنۈملۈك ۋە نەتىجىلىك بىر تەشكىلاتنىڭ قانداق بولۇشى ۋە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىگە دائىر خۇسۇسىي تەسەۋۋۇرلىرىمنى سۇنۇشتىنلا ئىبارەتتۇر. چۈنكى يۈرىكىدە شۇ ۋەتەن، شۇ مىللەت ۋە شۇ ئۈممەت ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ چوغ يېنىپ تۇرغان ھەر قانداق كىشىنىڭ بۇ ھەقتە چوقۇم ئويلىغانلىرى، تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە كېچە-كېچە باش قاتۇرۇپ يىغىلىپ قالغان قەلب سۆزلىرى، ئۇلارغا دەۋالماقچى بولغان، يەتكۈزمەكچى بولغان پىكىر، تەلەپلىرى بولىدۇ. ئىنشائاللاھ بۇ ھەقتە تەييارلاپ كەلگەن بۈگۈنكى تېمام، ھەم مېنىڭ، ھەم مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان قېرىنداشلارنىڭ، ھەم بارلىق ئاددى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تەشكىلاتلاردىن كۈتۈۋاتقان ئارزۇلىرىغا ئەينەك بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

قېنى ئەمىسە ئالدى بىلەن چەتئەلدىكى تەشكىلاتلىرىمىز دۇچ كېلىش ئالدىدا تۇرغان خەۋپلەردىن باشلايلى!

چەتئەلدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىتلىرىمىزنىڭ تۇتۇلۇپ كېتىش، تاقىلىپ كېتىش ياكى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىن قوغلاپ چىقىرىلىش خەۋپى بارمۇ؟ يوق. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى قانۇن دائىرىسىدە قۇرۇلغان ۋە قانۇنلۇق پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئەڭ ئېغىر خەۋپلەرگە دۇچ كېلىۋاتقىنى قوراللىق تەشكىلاتلار. ئۇلار تۇرۇۋاتقان شەرت – شارائىتى ۋە چۇغراپىيەلىك ئورنىغا كۆرە، ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشنىڭ يوللىرى ۋە تاكتىكلىرىنى ئاللا بۇرۇن ئويلاشقان بولۇشى مۇمكىن. بىزنىڭ ئۇلار ھەققىدە توختىلىشقا ھەققىمىزمۇ يوق، چۈنكى ئۇلارنى بىلمەيمىز.

ئۇنداقتا چەت ئەللەردىكى سىياسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تەشكىلاتلار زادى قانداق خەۋپكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ؟ خىتاينىڭ ئىغۋاگەرچىلىكى، چەتئەللەرگە ئورۇنلاشتۇرىۋەتكەن پىتنىكەشلىرى، ئىچكى نىزا، بىر–بىرىنى ياراتماسلىق ۋە ئۆزئارا دۈشمەنلىك… قاتارلىقلارمۇ؟

ياق، بۇلار خەۋپ ئەمەس، بەلكى ھەر دائىم مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئەمما ئەتراپلىق ئىنتىزام – تەرتىپ ۋە تەربىيە پىروگراممىسى بىلەن ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدىغان مەسىلىلەر ھېسابلىنىدۇ.  ئەسلىدىكى ئەڭ چوڭ خەۋپ بولسا، تەشكىلاتنىڭ نىشانسىز خىزمەت قىلىشى، خىزمەت پىروگراممىسىنىڭ بولماسلىقى، مۇھىمى روشەن بىر يېتەكچى ئىددىيەنى ئاساس قىلغان ئىچكى تاشقى تەربىيە پىروگراممىسىنىڭ بولماسلىقى، نەتىجىدە بىر  ئىزىدا توختاپ قىلىشىدىن  ئىبارەتتۇر.

چەتئەللەردىكى 60 يىللىق تەشكىلاتچىلىق تارىخىمىز قىسمەن ئىجابىي نەتىجىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا شۇنداق بولۇپ كەلدى. يولى ۋە مەنزىلى روشەن يېتەكچى ئىددىيە ۋە خىزمەت پىروگراممىسى ئەتراپىغا ئەمەس، بەلكى شەخسلەرنىڭ نوپوزى ئەتراپىغا توپلاشقان بولغاچقا، تەشكىلاتلارنىڭ تەقدىرى ۋە كەلگۈسىمۇ ئەشۇ نوپوز ساھىپلىرىنىڭ ئېگىز – پەس قىسمىتىگە تەقدىرداش بولۇشتىن قۇتۇلالمىدى. بۇ تارىخىي ساۋاقلار تېخىچە يەكۈنلەنمىگەنلىكتىن مانا ھازىرمۇ ۋەتەندىكى خەلققە يېتەكچىلىك قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، بەلكى يەنە بۇرۇنقىدەكلا ئۆز نوپوزى ۋە ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە بولۇپ يۈرۈدىغان تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ سانى ئاشماقتا. بەلگىلىك بىر قانچە تۈرلۈك ئىشتىن باشقا قىلىدىغان ئىشى يوق ياكى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان بولغاچقا، قىلىپلىشىپ ئەنئەنىلەشكەن بىر قانچە پائالىيەتنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن ئۆزىنى بەزلەپ كەلمەكتە. بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى يەنىلا تەشكىلاتچىلىققا جىددىي قارىماسلىققا بېرىپ تاقىلىدۇ. شۇڭا بىرىنچى بولۇپ بۇ يەردىن ھەر قايسى تەشكىلات ۋەكىللىرى ۋە خادىملىرىغا تەشكىلات ئىشىنىڭ ئىنتايىن يۈكسەك جىددىيەت، سەمىمىيەت ۋە دائىم تىپىرلاپ تۇرىغان تىنىمسىز روھ تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكچىمەن. تەشكىلات قۇرغانلىق ئۇلۇغ خىزمەت قىلىۋەتكەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۇلۇغ خىزمەتنى ئەمدى تېخى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا نىيەت قىلغانلىق ۋە تۇنجى قەدەمنى بېسىشقا تەمشەلگەنلىك ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتمەكچىمەن. شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەككى، ئەلەملەرنىڭ ئۈلگىسى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىسلامىي ھەرىكەت مېتودىنى ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت مەزلۇم ئۈممەتنىڭ ئازاتلىق ھەرىكىتى بىلەن بىر گەۋەدىلەشتۈرۈپ، يولى ۋە مەنزىلى روشەن بىر يېتەكچى ئىددىيە ياراتماي ۋە ئۇنى ئۆزىمىزگە مۇكەممەل شەكىلدە ئۆزلەشتۈرمەي تۇرۇپ بىر قەدەممۇ ئالغا باسالمايمىز. خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش دەۋانىڭ غېمىدە كېچىلىرى ئۇيقۇسىز، تەپەككۈرلۈك سەجدىلەردىن باش كۆتۈرمەيدىغان، دەۋانى بىر قەدەم بولسىمۇ ئىلگىرىلىتىش ئۈچۈن ھېلى ھەبەشىستان (ئېفوفىيە)گە ھەيئەت ئەۋەتسە، ھېلى ئۆزى تائىفقا چىقىپ،  ئاياقلىرىنىڭ يارىلىنىشىغا پەرۋاسىز ئىزدىنىدىغان… ئۆزى قۇتقۇزماقچى بولۇۋاتقان خەلقنىڭ چالما – كېسەك، تىل – ھاقارەتلىرىگە قىيداش ياكى غەزەپ – نەپرەت بىلەن ئەمەس، كۆيۈم – شەپقەت، دۇئا ۋە تىلەكلەر بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇپ، يەنە باشقا يول چارىلەرنى تىنماي ئىزدىنىغان ھارماس ئىرادە، داۋاملىق تىپچەكلەپ تۈرىدىغان ئىنتىلىشچان پىكىر سەزگۈرلىكى، تەپەككۈر ۋە تەسەۋۋۇر تېرەنلىكى، جۈملىدىن ئىخلاس ۋە پىداكارلىق پەيدا قىلماي تۇرۇپ داۋانى ئالغا ئىلگىرىلىتىشتىن قەتئىي سۆز ئاچالمايمىز. ئاللاھ ھەممىمىزگە غايە بىلەن رەھبەر ۋە مەقسەت بىلەن ۋاستە ئوتتۇرىسىدىكى  ئىنچىكە تەڭپۇڭلۇقنى ئايرىيالايدىغان پاراسەت، ھەمدە تىنماي تىرىشچانلىق كۆرسىدىغان ھەقىقىي ئىخلاس ۋە لاياقەت ئاتا قىلسۇن. ئامىن!

دەرۋەقە ھەر قانداق بىر كۈرەش ئۈچۈن تەرتىپ ئىنتىزام ئىنتايىن مۇھىم. ئەمما ئىش تەشكىلاتنى تەرتىپ – ئىنتىزاملىق شەكىلدە قۇرۇپ چىقىش بىلەنلا تامام بولمايدۇ، ئۇنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پائال ھالغا كەلتۈرۈشنىڭ چارىسىنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بىز بۇ كونكرېت چارە – تەدبىرلەر ئۈستىدە ئەتراپلىق توختىلىشتىن ئىلگىرى «ئۈنۈمى يۇقىرى ھەرىكەت ياكى تەشكىلات قانداق بولىدۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاپ تېپىپ چىقايلى!

دەرۋەقە، يالغۇز ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولمايدىغان ئىشلارنى توپلىشىپ ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ تەرتىپلىك ھالدا بىر يەرگە جەم بولۇشى، تەشكىللەنگەنلىكى، يەنى تەشكىلاتلانغانلىقى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا ئاجايىپ پەۋقۇلئاددە بىر كۈچ ـ قۇدرەت (سېنېرگىيە) پەيدا بولىدۇ. بۇنى ئاددى مىسال بىلەن چۈشەندۈرگەندە، (1+1) قوشقاندا نەتىجىسى (2) ئەمەس، بەلكى (11) بولىدىغان بولىدۇ. چۈنكى تەشكىللىنىش يالغۇز ئۇلارنىڭ تالانت، ئىقتىدارلىرىنى بىر-بىرىگە قوشۇشلا ئەمەس، بەلكى قوشۇش بىلەن بىرگە ھەسسىلەپ كۆپەيتىش رولىنىمۇ ئوينايدۇ. ئەگەر ناۋادا بىر مۇنچە كىشىلەر بىر يەرگە توپلاشقان تۇرۇپمۇ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمىسا ياكى ئۇلاردىكى 10 كىشىنىڭ بىرلەشمە ئىقتىدارى باشقا 5 – 10 كشىنىڭ ئىقتىدارى بىلەن ئوخشاش سەۋىيەدە تۇرۇۋاتقان بولسا، ئۇ چاغدا بۇ، تەشكىلاتنىڭ پائال ئۈنۈملۈك بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئۇنداقتا قېنى ئەمدىلىكتە «تەشكىلاتنىڭ پائال ۋە ئۈنۈملۈك بولۇشى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟» دېگەن نۇقتىغا قاراپ باقايلى.

«تەشكىلاتنىڭ پائال ۋە ئۈنۈملۈك بولۇشى» تەشكىلاتنىڭ غايىسى ۋە نىشانىنى تېخىمۇ تېز سۈرئەت ۋە تېخىمۇ ياخشى دەرىجىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئەگەر تەشكىلات قۇرۇلۇپ، ئىشخانىلىرىمۇ ئېچىلىپ، مەسئۇللارنىڭمۇ تېگىشلىك ۋەزىپىلىرى بەلگىلىنىپ بولغان تۇرۇقلۇق، كۆزلىگەن نىشاندا ئىلگىرىلەش كۆرۈلمىسە، بىز ئۇنى «تەشكىللىنىشى جايىدا، ئەمما پائاللىقى ۋە ئۈنۈمى يوق تەشكىلات» دەپ ئاتايمىز. مانا بۇلاردىن ئەمدى بىز  «مۇنتىزىم تەرتىپلىك تەشكىلات قۇرۇلىدىغان، ئەمما بىر ئىزىدا تۇرۇپ قالىدىغان، پائاللىقى ۋە ئۈنۈمى بولمايدىغان ئەھۋاللارمۇ بار» دېگەن خۇلاسىنى چىقىرالايمىز.

   دېمەك تەشكىلات ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. بىرسى مۇئەييەن بەلگىلىك ئىشلارنى ئۆز پىتى ساقلاپ كىلىۋاتقان تەشكىلات بولۇپ، ئۇنى بىر ئىزىدا تۇرىدىغان توختاق تەشكىلات دېيىشكە بولىدۇ. يەنە بىرسى پائال تەشكىلات بولۇپ، ئۇ تەشكىلاتنى ھەرىكەتكە سېلىۋاتقان، ئالغا ئىلگىرىلىتىپ تەرەققىي قىلدۇرىۋاتقان، سەۋىيەسىنى بارغانچە يۇقىرى كۆتۈرىۋاتقان بولىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەرمۇ «مەۋجۇت ھالىتىنى ساقلاپ قالىدىغان تەشكىلات» ۋە «تەرەققىي قىلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان تەشكىلات» دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ.

شۇنىسى ئېنىقكى، پائال، كۈرەشچان تەشكىلاتلار تۇرغۇن ھالىتىنى ساقلاپ قالسا بولمايدۇ. بەلكى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ھەرىكەت قىلىپ، مەلۇم مەنزىلگە يېتىشى، مەلۇم غايىنى ئىشقا ئاشۇرىشى لازىم. شۇڭا ئۇنداق تەشكىلاتنىڭ ئىچىدە ئۈزلۈكسىز تەرەققىيات ھەرىكىتى بولىدۇ، ھەمدە يەنە ئىلگىرىلىگەن قەدەملىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مەۋجۇت ھالىتىنى ساقلاش، يەنى نوپوزىنى قوغداش ھەرىكىتىمۇ بولىدۇ. ئەمما نوپوزىنى ساقلاش ھەرىكىتى نىسپىي بولىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى ئالغا ئىلگىرىلەش، كۆزلىگەن مەنزىلگە يېتىشتىن ئىبارەت بولىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە بىر تەشكىلات ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ۋە بەلگىلىك رايوندىكى تەسىر كۈچىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈنلا ھەرىكەت قىلسا، ئۇنداقتا ئۇ ھەرىكەتچان، پائال تەشكىلات بولۇشتىن چىقىپ، بىر ئىزدىكى قاتمال تەشكىلاتقا ئايلىنىپ قالغان بولىدۇ.

مانا بۇ چۈشەندۈرۈش بىلەن ھازىر «پائال ئۈنۈملۈك تەشكىلات»نىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ۋە ھەرىكەت شەكلىنى مەلۇم دەرىجىدە ئايدىڭلاشتۇرۇۋالغان بولدۇق. ئەمدى بىز «بىر تەشكىلىي ھەرىكەتنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ پائال ۋە ئۈنۈملۈك ھالغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟» دېگەن ئەڭ باشتىكى نېگىزلىك مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىز لازىم.

دېمىسىمۇ ھەرىكەتنى پائال ۋە ئۈنۈملۈك ھالغا كەلتۈرۈشنىڭ نۇرغۇنلىغان تەرەپلىرى، يوللىرى ۋە يۆنىلىشلىرى بولىدۇ. بىز بۇ يەردە پەقەت نۇقتىلىق ئاساسلىرى ئۈستىدىلا توختىلىمىز.

1 ـ تەشكىلات، نىشانغا يېتىشتىكى  بىر ۋاستە.

يەنى بىرىنچى بولۇپ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىش، تەشكىلاتنىڭ ھەرگىزمۇ مەقسەت ۋە غايىگە ئايلىنىپ قىلىشىغا يول قويماسلىق، بەلكى دەل ئەكسىچە ئەسلىدىكى غايە ۋە نىشانغا يېتىشنىڭ بىر ۋاستىسىغا ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىش لازىم. دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان تەشكىلاتلار دائىم دېگۈدەك دۇچ كېلىپ تۇرىۋاتقان خەۋپلەرنىڭ بىرسى دەل مۇشۇ. نەتىجىلىك شەكىلدە كېڭىيىپ، تەرەققىي قىلىپ كېتىۋېتىپ، ئاخىرىدا تەشكىلاتنىڭ ئۆزى ئەسلىدىكى غايىگە ئايلىنىپ قالىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇئەييەن بىر غايىنى ۋە نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان تەشكىلات، ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىزمەت تەلەپ قىلىدىغان، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە خىزمەت قىلىشىنى ۋە باش ئېگىشىنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. نەتىجىدە قول ئىلكىدىكى ئىمكانىيەتلەر، ۋاقىت، ئىقتىدار، ئىقتىساد قاتارلىقلارنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى ئەسلىدىكى غايە ۋە نىشاننى ئالغا ئىلگىرىلىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇت نوپوزى ۋە ھالىتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشكە باشلايدۇ.

ئەلۋەتتە تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە نوپۇزىنى ساقلاشمۇ مۇھىم بىر تەقەززا، ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بەزى ئىمكانلارنى سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بىراق بۇ ھەرگىزمۇ ئەسلى خىزمەت ئەمەس. ئوتتۇرىدىكى بۇ تاناسىپ كۈچەيگەنسىرى ئەسلىدىكى غايىنى ئاساس قىلغان تەشكىلىي ھەرىكەتنىڭ ئۈنۈمى ئاجىزلىشىپ كېتىشكە باشلايدۇ. دەسلەپتە ئازغىنە بىر قانچە كىشى بىر يەرگە جەم بولۇپ مەلۇم بىر خىزمەتنى قىلىشقا باشلىغاندا ئاجايىپ ياخشى ئۈنۈم مەيدانغا كېلىدۇ، بۇ ھەرىكەتنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ، نەچچە يۈزلىگەن ۋە مىڭلىغان كىشىگىچە يەتكەندە بولسا، كىشىلەرنىڭ تەشكىلاتتىن كۈتكەن خىزمەتلىرىنىڭمۇ زورىيىشىغا ئەگىشىپ تەنقىدلەرمۇ كۈچىيىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەشكىلات تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە خىزمەت قىلىش ۋە ھەرىكەتنى تېخىمۇ كېڭەيتىشتىن ئىبارەت نۇقتىلىق  ۋەزىپىسىنى تاشلاپ، تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇت نوپوزىنى ساقلاشقا ۋە مۇستەھكەملەشكە مەركەزلىشىپ قالىدۇ. نەتىجىدە ھەرىكەتنىڭ ئۈنۈمى ۋە نوپوزى تۆۋەنلەپ كېتىشكە يۈزلىنىدۇ.

بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە خادىملىرى چوقۇم يۇقىرىقى نۇقتىنى ئەستە تۇتىشى، ھەر دائىم قول ئىلكىدىكى ئىمكانىيەتلەرنىڭ (يەنى، ئىقتىساد، ۋاقىت، كىشىلىك ئىقتىدار، ئاكتىپلىق ۋە ئادەم كۈچى قاتارلىق ۋاستىلەرنىڭ) قانچىلىك قىسمىنىڭ تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇت ھالىتىنى ساقلاپ قىلىشقا، يەنە قانچىلىك قىسمىنىڭ تەشكىلاتنى ئالغا ئىلگىرىلىتىپ غايىگە يېتىش سۈرئىتىنى تېزلاشتۇرۇشقا ئىستىمال قىلىنىۋاتقانلىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ تۇرۇشى، دائىم مۇشۇ مۇھىم نۇقتا ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىشى لازىم. بۇ مەيلى كېچىك، مەيلى چوڭ، مەيلى يېزا ناھىيە، مەيلى شەھەر، دۆلەت ۋە رايون خاراكتېرلىك ھەتتا خەلقئارالىق تەشكىلاتلارمۇ ئەڭ دەسلەپ ئەھمىيەت بەرمىسە، بىرىنچى ئورۇنغا قويمىسا بولمايدىغان مۇھىم ئىش.

بۇ نۇقتىدا تەشكىلاتنىڭ قول ئىلكىدىكى ۋاستىلەرنى توغرا ئىشلىتىش ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى كۆپىنچى ھاللاردا ئىستېمالنىڭ يۆنىلىشى ۋە تەڭپۇڭلىقى ھېس قىلىنماستىن بۇزۇلۇپ كېتىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ، شۇڭا بۇ نۇقتىدا ئىنتايىن سەگەك بولۇش ۋە ھەر دائىم نەتىجىسىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇپ تۇرۇش لازىم. ئەگەر يولغا چىققاندا بىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ قالمىسۇن دېگەننى ئويلاپ دىققەت قىلساق، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ۋەقەلەردىن ساقلىنىپ قالالايمىز، ئەگەر يولدا پەرۋاسىزلىق قىلىپ، سەگەك بولمىساق، كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرگە يولۇقۇپ قېلىشىمىز تۇرغانلا گەپ. بۇ ناھايىتى ئاددى بىر مىسال.

مەسىلەن، مەلۇم جايغا يېتىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغىنىمىزدا ئاپتوموبىلنىڭ شوپۇرى بولمىسا، كۆزلىگەن جايغا يېتىپ بارالمايمىز. ئاپتوموبىلدا يولۇچىنىڭ ئولتۇرغان بولۇشىمۇ شەرت، ئاپتوموبىلدا بېنزىن بولۇشىمۇ لازىم، ئېلېكتىر تولۇق قاچىلانغان بولمىسا يەنە بولمايدۇ. ئەمما شۇنداق بىر ھەقىقەتمۇ باركى، ئاپتوموبىلنىڭ ئېھتىياجلىق ھەممە نەرسىسى تۇلۇقلانغان، يولۇچىمۇ ئولتۇرۇپ بولغان، شوپۇرنىڭ قولى رولدا، پۇتى مايغا بېسىۋاتقان، ئاپتومۇبىلنىڭ موتۇرىمۇ بولۇشىغا ئاۋاز چىقىرىپ، گۈرۈلدەۋاتقان، ماي كۆيدۈرۈپ ئىس چىقىرىۋاتقان، لېكىن ئاپتوموبىل ئۆز ئورنىدا قىمىر قىلماستىن تۇرغان ئەھۋاللارنىمۇ ئۇچرىتىمىز. ئېنىقكى، بۇنداق ئاپتوموبىل قوزغالمىسا، جايىدا تۇرۇپ ھەر قانچە ماي كۆيدۈرۈپ موتۇرىنى گۈرۈلدەتكىنى بىلەن بىر قەدەممۇ ئالغا باسالمايدۇ. كۆزلىگەن يۆنىلىشكە قاراپ توغرا خوتقا سېلىنمىغۇچە ئاپتوموبىل ھەرىكەت قىلالمايدۇ. بۇ ئاددى مىسالنى ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىنىشقا توغرا كېلىدۇ.

شۇنىڭدەك بىرەر جەمئىيەت ياكى تەشكىلاتنىڭمۇ مەيلى قانچىلىك ئەزاسى ۋە ئىمكانىيىتى تولۇق بولغان بولسۇن، مەيلى قولىدىكى ۋاستىلىرىنىڭ ھەممىنى قانچىلىق ھەرىكەتكە سىلىۋاتقان ۋە ئىستېمال قىلىۋاتقان بولسۇن، بۇلاردىن قەتئىي نەزەر ئەگەر ئۇ كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلمەيدىكەن، ھەرگىزمۇ پائال كۈرەشچان تەشكىلات بولغان بولمايدۇ، بەلكى ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاۋاتقان بىر ھەرىكەتكە ئايلانغان بولىدۇ.

مەن بۇ يەردە تەشكىلاتنىڭ ئەمەلىي تەقەززالىرىنى ۋە ئېھتىياجلىرىنى رەت قىلىۋاتقىنىم يوق،  بەلكى قولىدىكى ئىمكانىيەت ۋە ۋاستىلارنى ئىشلىتىشنىڭ تاناسىپى، تەڭپۇڭلىقى، يۆنىلىشى ۋە مۇھىملىقىنى تەكىتلەشكە تىرىشىۋاتىمەن.

مانا بۇلار «پائال ۋە ئۈنۈملۈك تەشكىلات»قا نىسبەتەن سەل قاراشقا بولمايدىغان، دائىم ئىنچىكىلىك بىلەن ھېساپلاشنى تەقەززا قىلىدىغان بىرىنچى نۇقتىلىق ئاساس.

 داۋامى بار.

http://uyhewer.biz/ug/news/577

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …