تىمخورتوندا ئىشلىگەن ئايال (3)

( پوۋېست )

سەھەر

images

3 – بۆلۈم

كاناداغا كەلگىنىمگە بىر يىلدىن ئاشتى. ھازىر ئەن گىلىزچە 2-تىلىم چوڭلار مەكتىۋىنىڭ 5-يىللىغىنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرماقتىمەن.
ئەمما تىمخورتون ئاتلىق بۇ كانادانىڭ 1-نومۇرلۇق تېز مۇلازىمەت رېستۇرانىدا ئىشلەش نىيىتىمدىن ۋاز كەچكىنىم يوق.بەزى كۈنلىرى تىمخورتوننىڭ ئالدىغا كېلىپ قاراپ تۇرىمەن. بەزى كۈنلىرى ئىچىگە كىرىپ، خېرىدار بولۇپ كوفى ئىچكەچ، ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ئىشلىرىنى كۈزىتىمەن. ھازىر مەن بۇ تېز مۇلازىمەت دەرياسىدا مۇشۇلارغا ئوخشاش ئاقالارمەنمۇ؟ دىگەن سوئال ۋە ئۇنىڭغا يەنە ئۆز -ئۆزەمگە بېرىدىغان جاۋاپ بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ قالدىم.
ھەي ئىنسان ئەتىكى كۈنىنىڭ قانداق بولىدىغانلىغىنى بىلمەسلىك بىلەن نەقەدەر ئاجىز-ھە! بىر مىنۇت، بىر دەقىقە ئىچىدە ھاياتىڭ ۋە تەغدىر قىسمەتلىرىڭدە غايەت زور ئۆزگۈرۈش يۈز بېرىشى مۈمكىن. مەن بىر يىلنىڭ ئالدىدا يەنە بىر قارشى قۇتۇپتا ياشايدىغان،ۋەتىنى، ئۆي ماكانى،خىزمىت ئىۋە يۈز ئابرويى بار ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى ئىدىم. ۋەتەن بەرگەن خوجايىنلىق روھى بىلەن ۋەتەن تۇپراقلىرىدا سەن خۇددى شوخ ئارغىماقسەن. ھەرقانداق بىر ھۆكۈمراننىڭ ئۈستۈڭدە پۇلاڭلاتقان ھۆكۈمرانلىق قامچىسى سېنىڭ بۇ ۋەتەننىڭ ھەقدار ئىگىسى ئىكەنلىگىڭدىن ئىبارەت بۇ يۈكسەك روھى مەرتىۋەڭنى ئاجىزلىتالمايدۇ. چۈنكى ۋەتەن ئالدى بىلەن ساڭا تەئەللۇق زىمىن. ئانا تىلىڭ سېنى ۋەتەن زىمىنلىرىدا تەختىراۋانلاردا كەزدۈرگەن،سېنى چوڭ سۆزلەتكەن، سېنى سەن قىلغان يەنە بىر كوزۇرۇڭ. ئىنسان نەرسىلىرىنىڭ قەدرىگە قولدىن كەتكەندە بەكرەك يېتىدۇ. كانادانىڭ تورونتو شەھرىدە ئەڭىلىزچىنى كىكەچلەپ سۆزلەپ يۈرگەن شۇ مىنۇتلاردا، ۋەتەن ۋە ئانا تىلنىڭ نەقەدەر سۆيۈملۈك ۋە قىممەتلىك نەرسە ئىكەنلىگىنى، ھاياتىمنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىدىنمۇ بەكرەك ھىس قىلماقتا ئىدىم.
شۇنداقلا مەن مەريەمگۈل ئابدۇراخمان،ھۆكۈمرانلار تەرىپىدىن تامغا قىلىپ بېسىۋېتىلگەن مالىيامۇگۇلى ئابۇدۇرېخېمان ناملىق غەلىتە ۋە ئىچىمنى بەك پۇشۇرىدىغان بۇ سۆرەم پالاز ئىسمىم بىلەن بىرلىكتە،بىر كۈندە ئۆزگۈرۈپ كەتكەن تەغدىرىمگە تەن بېرىپ، ئانا ۋەتىنىمدىن تولىمۇ ئۇزاقتا بولغان بۇ 2-بىر قۇتۇپقا ماسلىشىش ئۈچۈن، يات ۋەتەن، يات تىل، يات مەدىنيەت، يات ئۆرپ ئادەت ئىچىدە تاۋلانماقچى بولدۇم. يىغىنچاقلىغاندا، ھاياتنىڭ بۇ ناتونۇش دەرياسىدا ئۇ قىرغاقتىن بۇ قىرغاققا ئۇرۇلۇپ سوقۇلىدىغانلىغىم ئېنىق.
شۇنداق قىلىپ مەن ئىنتايىن ئاددى قىلىپ تۈزۈلگەن ئەڭىلىزچە تەرجىمھالىمنى كۆتۈرۈپ،يازنىڭ پىجغىرىن ئىسسىقلىرىدا ئاپتۇۋۇز بىلەن تورونتو شەھرىنىڭ بارلىق بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىدىكى تىمخورتونلارغا بېرىپ،كېكەچلەپ يۈرۈپ سىلەر ئادەمگە ئېھتىياجلىقمۇ؟ بۇ مېنىنمگ تەرجىمىھالىم دىگەنچە تەرجىمھالىمنى تارقاتتىم. قەيەرگىلا بارماي تەرججىمىھالىمنى قولىغا ئالغان ھەرقانداق بائاشلىق تەرجىمھالىمغا بىر، ماڭا بىر قارايتى. ئەجەبا نەردە خاتا قىلدىم دەپ ئويلايتىم ئىچىمدە. مەن ئاخىرقى بىر تەرجىمىھالىمنى بىر تىمخورتونغا بەرگەن ۋاختىمدا،ئاللىقچان كەچ كىرىپ سائەت 8 لەرنى كۆرسۈتۈپ تۇراتتى.ئەتراپىم ناتونۇش ھەر خىل مىللەتلەرنىڭ ئەبجەشمىسى .قوسقۇمنىڭ ئېچىپ ئۈچەيلىرىمنىڭ تارتىشىۋاتقانلىغىنى،ئۇسساپ كالپۇكلىرىمنىڭ قۇرۇپ كەتكەنلىگىنى ھىس قىلدىم . ئالدىمدا تۇرغا تىمخورتوننىڭ باشلىغى تەرجىمھالىمغا بىر ھازا قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن ،مەنى ئولتۇرۇپ تۇرۇشقا بۇيرۇپ ،ئىچىگە كىرىپ كەتتى.كاللامدا بىردە خوشاللىق بىردە ئەنسىرەشتىن ئىبارەت 2 خىل سەزىم ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى.بۇ خانىم مېنى ئىشقا ئالغانمىدۇ؟دەپ ئويلايتتىم ئىچىمدە.بىر دەمدىن كېيىن بۇ خانىم قولىدا بىر پەتنۇسنى كۆتۈرگەن ھالدا چىقىپ، مەن ئولتۇرغان ئۈستەلگە كەلدى.خانىم ئىنتايىن مېھرىبان ۋە يېقىملىق ھالەتتە ئوتتۇرىھال چوڭلۇقتىكى ئىككى شەكەر ،ئىككى قايماقلىق كوفى بىلەن ئوتقا قاخلىنىپ س“رىق ماي سۈرۈلگەن bagel.
(گىردىگە ئوخشاپ كېتىدىغان نان)نى ماڭا تەڭلىدى.يېڭى دەملەڭەن كوفىدىن چىققان مەزىلىك پۇراق بىلەن سېرىق ماي سۈرۈلگەن ئىسسىق باگەل بۈگۈنكى بىر كۈنللۈك ھاردۇغۇمنى چىقىرىشىمغا يېتەرلىك ئىدى.
kخانىم ،ئىسمىم Julisa دومىنىكان  جۇمھۇريىتىدىن 15 ياش ۋاختىمدا كاناداغا كەلگەنمەن . بۇ تىمخورتوندا باشلىق بولۇپ ئىشلەۋاتقىنىمغا 5 يىل بولدى ،سېنىڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىگىم ئۈچۈن ئىنتايىن خوشالمەن دىدى ماڭا يېقىملىق ھالدا قول ئۇزۇتۇپ ، مەنمۇ ئۇنىڭغا بىر خىل ھودۇقۇش ۋە تەمتىرەش ئىچىدە قولۇمنى ئۇزاتتىم ۋە سىنىپتا تولا تەكرارلىغان مەنمۇ خوشالمەن يەنى metoo دىگەن سۆزنى بىرىنجى قەتىم ئىشلىتىۋالدىم.سېنىڭ ئىسمىڭ نىمانداق ئۇزۇن قەيرلىكسەن دەپ سورىدى باشلىق خانىم يەقىملىق ھالەتتە كۈلۈمسىرەپ .كىملىگىمنى چۈشەندۈرۈش جەھەتتە يەنە باش قەتىنچىلىقتا قالدىم .سومكامنى ئاختۇرۇپ يۈرۈپ دۇنيا خەرىتىسىنى چىقاردىم ھەمدە zhonggoni كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ تۇرۇپ west part of china دىدىم ئىنجىقلاپ يۈرۈپ. ok ok دىدى خانىم ئىللىق كۈلۈمسىرەپ كۆزلىرىمنىڭ ئىچىگە تىكىلىپ قارىغانچە، ئەمما سەن ھىچ خىتايغا ئوخشىمايسەنغۇ ؟ دىدى. مەن ئۇيغۇر google google دىدىم مەن بىر پارچە قەغەزگە google ئىزدەش ماتورىنىڭ ئىسمىنى يېزىپ، باشلىق خانىم چۈشەندى ۋە دەرھال كومپىيۇتورىنى چىقىرىپgoogleدىن ئۇيغۇرنىڭ كىم ئىكەنلىگىنى تاپتى ۋە ok ok مەن چۈشەندىم دىدى ئاندىن تەرجىمىھالىمغا قاراپ تۇرۇپ ناھايىتى ئۇزۇن سۆزلەپ كەتتى. بۇ خېنىم ئىنتايىن تېز سۆزلەيتتى گەرچە خانىمنىڭ پۈتۈن سۆزلىگەنلىرىنى تولۇق چۈشۈنۈپ كەتمىسەممۇ ئەمما، دەۋلەتنىڭ ياردەم پۇلىغا تايىنىۋالماي ئىشلەيمەن دەپ ئىش ئىزلەپ يۈرگىنىڭگە بارىكاللا ئەمما، تىمخورتونغا كىرىپ ئىشلەش ئۈچۈن ئەڭىلىزچەڭنى يەنىمۇ ياخشىلىشىڭ كېرەك چۈنكى سەن خەرىدارلارنىڭ نىمە دەۋاتقانلىغىنى تولۇق چۈشۈنىشىڭ كېرەك دىگەن سۆزلىرىنى چۈشەندىم. قايتىش ئالدىدا ئۇ مېنىڭ قوللىرىمنى مىھرىبانلىق بىلەن چىڭ سىقتى بۇ قول سىقىشلارغا چوڭقۇر ئىنسانى ھىسداشلىق نەقەدەر چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن-ھە!ئۇ يەنە مېنىڭ تولۇق چۈشۈنۈشۈم ئۈچۈن بىر پارچە قەغەزگە بىرنىمىلەرنى يېزىپ بەردى مەن ئاللا ئاللا بۇ خەقنىڭ 5- سىنىپىنى تۈگەتسەممۇ يەنىلا ئەڭىلىزچەڭنى ياخشىلا دەيدىغۇ بۇ ئاداش دەپ غۇدۇرغانچە قەغەز قەلەملىرىمنى كۆتۈرۈپ تىمخورتوندىن چىقىپ كەتتىم. بىر كۈن كەچكىچە يول يۈرۈپ قاتتىق چارچىغان ئىدىم. پۇت قوللۇرۇمنىڭ سىقىراپ ئاغرىۋاتقانلىغىنى ھىس قىلدىم. ئاران دىگەندە ئاپتۇۋۇز بېكىتىگە كېلىۋالدىمدە، بۇ يەردىكى ئورۇندۇققا ئۆزۈمنى تاشلىدىم مەن خۇددى سۇسىز قالغان گۈلدەك سولاشقان ئىدىم. كاللامدىكى مەلۇم تومۇرلاردىن، غۇلجىدىكى قورالىرىمدا، ئىشخانىلىرىمدا ۋە ئاياللار ئولتۇرۇشلىرىمىزدا قاقاقلاپ كۈلگەن، غۇلجا كوچىلىرىغا ھۆسۈن بەرگەن مەغرۇر قىياپەتلىرىم شۇنداقلا ئىلى دەرياسى بويلىرى، جەلىيۈزنىڭ ئۈرۈكلۈك باغلىرىدا بولغان چاقچاق سورۇنلىرىدىكى پاراققىدە كۈلۈشلەر پاراتتىن ئۆتكەندەك بولدى. مەن ھەلىقى تەرجىمان ئىنىمىزغا تەلىفۇن قىلدىم. تەرجىمان ئۆزىنىڭ پويىزدا ئىكەنلىگىنى يەنە يەرىم سائەت ئىچىدە ئاپتۇۋۇزغا ئالمىشىپ ئەشۇ مەن تۇرغان بىكەتكە كەلىدىغانلىغىنى ۋە شۇ يەردە ساخلاپ تۇرۇشۇمنى ئەيتتى. تەرجىمان ئىنىمىز يەتىپ كەلدى. مەن ئۇنىڭغا ئىش ئىزلەش ئۈچۈن ھازىرلىغان تەرجىمھالىم بىلەن تىمھورتوننىڭ باشلىغى يېزىپ قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويغان قەغەزنى كۆرسەتتىم تەرجىمان يىگىت تەرجىمھالىمغا قاراپ ھىقىراپ كۈلۈپ كەتتى. ئۇ بېشىدىكى شەپكىسىنى ئېلىپ تىزىغا قويۇپ بارماقلىرى بىلەن چېچىنى تاتلىغانچە يۈزلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ تۇرۇپ، ھەدە تەرجىمھالىڭىز بەك ئاددىغۇ……….. بۇ تەرجىمھال بىلەن تىمخورتونغا كىرىشىڭىز سەل تەس ئەڭ ياخشىسى سىز زاۋۇتلاردىن ئىش ئىزلەپ باقسىڭىز بولامدىكىن دىدى.ئاندىن ئۇ يەنە باشلىق خانىم يېزىپ بەرگەن ئەگرى بۈگرى خەتلەرگە كۆز يۈگۈرتۈپ بۇ ئايال سىزنى ئاۋال تىمخورتوندا قاچا يۇيىدىغان ئىشقا ئالالايمەن ئەگەر خالىساڭ دەپتۇ دىدى. قاچا يۇيۇشمۇ؟ دىدىم مەن جىئىددى تەلەپپۇزدا تەرجىمان يىگىتكە قاراپ، ۋەتەندە مەن ئالى ئۇنۋان ئېلىش ئالدىدا تۇرغان كاتتا زىيالى ئىدىم ئۇكام، مەن قايناپ سۆزلەشكە باشلىدىم تەرجىمان يىگىتمۇ قايناپ جاۋاپ بېرىشكە باشلىدى. ئۇنداق ئالى پالى ئۇنۋانلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ كېتىڭ ھەدە بۇ دىگەن كانادا. ئارىنى بىر ئاز سۈكۈنات قاپلىغاندىن كېيىن يەنە كەسكىن ۋە سوغۇق مۇنازىرە داۋام قىلدى. ھازىرچە قاچا يۇيۇپ تۇرۇپ ئاندىن ئاستا ئاستا تىمخورتوندا پىركازچىك بولسىڭىز بولىدىغۇ ھە دىدى تەرجىمان يىگىت. ياق ياق مەن ھەرگىز قاچا يۇمايمەن ھەرگىز. ئۇنداقتا، بۇنداق بىر ئاددى تەرجىمھال بىلەن ئىش ئىزلەپ يۈرمەڭ، تەرجىمھالىڭىز تولىمۇ كۈلكىلىك ئىكەن. ئارىنى يەنە سۈكۈنات قاپلىدى . مەنىڭ ئاۋازىمنى بولىشىچە قويۇۋەتىپ ۋاقىتاپ يىغلۇغۇم بار ئىدى .مەن يېرىلىپ كەتىش ئالدىدا تۇرغان بىر ئەينەك شىشىگە ئوخشاپ قالغان ئىدىم. ياش كۆز چاناقلىرىمدا پىلدىرلاپ قالغان ئىدى. ئىچىمدىن بىر ئاۋاز ئەي ئايال يىغلاشتىن قورقما، زىھنىڭنى بىھۇدە خوراتقان ئاچكچىق زەرداپلار ۋە چۈشەنچىلەر كۆز ياشلىرى بىلەن پاكلانسۇن، ئەگەر ئايال كۆزىدە ياش يوق بولسا ئۇنداقتا روھ كۆك ئاسمانغا ۋە زىمىنغا ساھىپ بولالمايدۇ، ئەگەر كۆزدە ياش يوق بولسا چارە يوللىرى تاقالغان بولىدۇ دىمەكتە ئىدى. تەرجىمان يىگىت سومكىسىدىن كومپىيۇتورىنى چىقىرىپ بىر نەرسىلەرنى ئىزلىدى ۋە قەغەزگە بىر نەرسىلەر يېزىپ ماڭا تەڭلىدى. ھەدە سىز مۇنداق قىلىڭ، مانا بۇ يەرگە بارسىڭىز سىزنىڭ تەرجىمھالىڭىزنى ئۆلچەملىك، ئىش ئىزلەشكە مۇۋاپىق قىلىپ چىقىرىپ بېرىدىغان كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس خادىملىرى بار، ئۇلار ھەقسىز سىزگە ياردەم قىلىدۇ دىدى قەغەزنى ماڭا ئۇزۇتۇپ. مەن روھسۇز ھالەتتە قولۇمنى قەغەزگە ئۇزاتتىم. بىز يوللىرىمىزغا راۋان بولدۇق. مەن بۈگۈنكى تورونتو شەھرىنى قىدىرىپ ئىش ئىزلەشتىن، خۇددى سىبىريەگە سۈرگۈن قىلىنغان سىياسى مەھبۇسلاردەك قەدەملىرىمنى تەستە ئاللاتتىم ئەمما، ئۇ سىياسى مەھبۇسلارنىڭ قەدەملىرى قانچىكى ئېغىر بولسا بولسۇنكى ، كاللىلىرى ھامان ئويغاق، مىللىتىنىڭ سىياسى تەغدىرى ئۈچۈن ھەركەت قىلىۋاتقىنىغا ئوخشاش، مەنىڭمۇ بىر نەرسىگە كىرىشىپ قالىدىغان كاللام، قانداق قىلىپ تىمخورتونغا كىرىپ ئىشلەش كېرەكلىگى ھەقىدە توختىماي ئىشلىمەكتە ئىدى
İنسان ئاجىز ۋە چارىسىز قالغان چاغلىرىدا ئۇنى كەچمىشلىرى ۋە ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس نەرسىلىرى غىدىقلايدۇ. بۈككىدە ماھەللىلەر، مەھەللىلەرنى بويلاپ ئاققان ئۆستەڭلەر، دەريا بويىغا تۇتاشقان چىغىر يوللار، ئالمىلىق باغلار، شاخنىڭ ئۇچىغا چىقىۋېلىپ ئىرغىتىپ چۈشۈرىدىغان ئۈجمىلەر، ئاستىڭدا دەستىخان تۇتۇپ سەن ئېغىتقان ئۈجمىلىرىڭگە پانالىق بەرگۈچى بالىلىق دوستلۇرىڭ، تاڭ ئېتىش بىلەن كۆزۈڭنى ئاچساڭ دېرىزەڭنىڭ تۈۋىدە كونا قېرى نەشپۈت دەرىخى، مەي باغلاپ پىشقان نەشپۈت ۋە لاكلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تېلى شاخنىڭ ئەڭ ئۇچىدا ساپ سېرىق سارغىيىپ قاراپ تۇرغان، خەپ ئاشۇنى قولغا چۈشۈرىمەن دىگەندەك بالىلىق پىلانلىرى بىلەن كۆزۈڭنى مەجبۇرى ئېچىپ ئورنۇڭدىن تۇرىسەندە ئاناڭ بىلەن داداڭنىڭ ئوتتۇرسىدا ئولتۇرۇپ، ئاناڭ ئۆز قولى بىلەن نان چىلاپ بەرگەن ئەتكەن چاينى ئىچىسەن داداڭ ماختايدۇ سېنى پاھ پاھ مەنىڭ قىزىم بەك سەھەرچى بولۇپ كەتتى ھە. شۇ دادا سەنىڭ سەھەر تۇرغان ئۆينىڭ بەركىتى بولىدۇ دىگەن گېپىڭنى ئاڭلاپ دەيسەن، ئاناڭ بىلەن داداڭ خوشال بولۇپ كۈلىدۇ ئەمما كۆزۈڭ شاخنىڭ ئۇچىدا قاچانمۇ بۇ يىغانە ئارزۇلۇق نەشپۈتنى قولغا چۈشۈرەرمەن
ئەگەر نەشپۈت شېخىنى ئېغىتساڭ سارغىيىپ پىشقان ئەڭ ئاخىرقى تەۋەرۈك نەشپۈت يەرگە چۈشۈپ پوككىدە يەرىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن نەشپۈت شاخلىرىغا يامىشىشىڭ كەرەك. ۋاي ئانام، قىز بالىمۇ شۇنداق بولامدۇ چۈشۈڭ شاختىن يىقىلىسىز قولۇم قوشما ۋە ۋە ئاناڭنىڭ ۋاقىراشلىرى، سېنىڭ بۇ ۋاقىراشلارغا پەرۋا قىلماي ئۈستىگە، يەنى قامەتلىك نەشپۈت دەرىخى ئۈستىدىكى ئەشۇ نەشپۈتنى ئوۋلاش ئۈچۈن يۇقىرى ئۆرلىشىڭ، شۇنداق بۇ خارەكتىر، يەنى كىرىشىپ قېلىش خارەكتىرى كىچىگىمدە، قورۇرىمىزدىكى ئۈرۈك، شاپتۇل، ئالما ۋە تاش ئالمىلارنىڭ كۈزدە، ئەڭ ئاخىرقى شاخ ئۇچىدا قالغانلىرىنى قانداق قىلىپ شاخنىڭ ئۇچىغا چىقىپ ئۆز قولۇم بىلەن ئېلىشقا كىرىشىپ قالغان بولسام، بۈگۈن كانادادىمۇ تىمخورتوندا ئىشلەشكە شۇنداق كىرىشىپ قالغان ئىدىم
كانادا ئەلبەتتە مەنىڭ جەننىتىم ئەمەس. كانادادا مەن خۇددى جەننەتتە يىيىش مەنئى قىلىنغان مىۋىنى يەپ قويۇپ ئاللانىڭ غەزىۋى بىلەن زىمىنغا پالانغان ئادەم ئەلەيھىسالامدەك، ھەر ۋاقت ئاللادىن مېنى ئۆز جەننىتىمدىن ئايرىما دەپ تىلەۋاتقان بىر دۇئاچىمەن. سېنىڭ جەننەت قارىشىڭ بىلەن مەنىڭ جەننەت قارىشىم ئوخشىمايدۇ. ئىلى باغلىرىدا، سەھرالىرىدا، ياشاۋاتقان بىر ئانىنى كاناداغا ئەكىلىپ ئەڭ ئەسىل مىھمانخانىلارد ياتقۇزساڭمۇ ئەمما، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ بىر چىنە ئەتكەن چېيىنى بەرمىسەڭ ئۇ ئۆزىنى جەننەتتە ھىس قىلمايدۇ. بىر كانادالىقنى ۋەتەن باغلىرىدا بوستانلىقلىرىدا، قوي سويۇپ قانچە مىھمان قىلساڭمۇ ئەمما، ئۇنىڭ پىززا سىنى بەرمىسەڭ ئۇ ئۆزىنى جەننەتتە ھىس قىلمايدۇ. چەنلوڭخاندىن ئىبارەت بۇ سەلتەنەتلىك ئىمپىراتور ئوردىسىدىكى ئىپارخان غا نىسبەتەن ئۇ يەر جەننەت ئەمەس ئىدى. ئۇ ھەر كۈنى ماڭا يۇرتۇمنىڭ يوپۇرمىغى كۈمۈشرەڭ، مىۋىسى ئالتۇن رەڭ بولغان جىگدىسىنى كەلتۈر دەپ يىغلايتى. جەننەت ئىككى خىلدۇر، ماددى جەننەت ۋە مەنىۋى جەننەت. ماددى جەننىتىڭ بولۇپ مەنىۋى جەننىتىڭ بولمىسا سەن جەننەتتە بولمىغان بولىسەن
مەنىۋى جەننەت ياپىلاق تىلدا شاۋقۇن سۈرەنسىز جىمجىتلىق ۋە تىنىچلىق شۇنداقلا، ھۆر ئەركىنلىك دىمەكتۇر مەنىۋى جەننەتنى ماددى جەننەتسىز ئىزلەپ تاپالمايسەن. ماددى جەننەت دىمەك پۇل جەننىتى دىمەكتۇر. پۇل جەننىتى دىمەك كۈچ جەننىتى دىمەكتۇر. كۈچ جەننىتىڭنى بارلىققا كەلتۈرمەي تۇرۇپ مەنىۋى جەننىتىڭنى بەرپا قىلالمايسەن. ئەگەر سېنىڭ ماددى جەننىتىڭ بولمىسا، مەنىۋى جەننىتىڭ ماددى جەننىتى يەنى كۈچ جەننىتى بارلار تەرىپىدىن دەسسەپ چەيلەڭەن، خارلانغان بولىدۇ. ماددى جەننەت يەنى كۈچ جەننىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ساڭا توساق ۋە توزاقلار كۆپ قۇرۇلغان بولىدۇ. بۇ چاغدا ساڭا ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۆز ئۆزەڭنى ساخلاپ قېلىش. بۇنداق چاغلاردا سەن يىراقلارغا كەت. ھەتتە ئۇ سېنىڭ ۋەتىنىڭ بولسىمۇ تاشلاپ يىراقلارغا كەت. ۋەتەندىن كەتكەنلىك كەچكەنلىك ئەمەس. قەدىر قىممىتىڭ دەپسەندە قىلىنغاندا تالانت ۋە ۋىجدانىڭ ئاياق ئاستى قىلىنغاندا، سەندىن ساپاسىز بىرى ساڭا باشلىق بولغاندا، قىلچە ئىككىلەنمەي ئائىلە ۋە بالا چاقىلىرىڭنى ئېلىپ دەرھال ئۇزاقلاش.ئەگەر ئۇنداق قىلمىغىنىڭدا كونا ئەخلەتخانىغا تاشلاپ قويۇلغان ھايۋاننىڭ باش سۆڭىگىنى قۇرۇت قوڭغۇزلار تاتىلاپ ئوينىغاندەك ئەھۋالغا دۇچار بولىسەن. ھەق سۆزلەيمەن ئادالەتنى ياقىلايمەن دەپ ئاۋارە بولما يېتەركى كەت بىر كۈنى يىراقلاردىن ھەق ئادالەتنى قۇچاغلاپ ئانا يۇرتۇڭغا قايتىسەن ئەگەر سەن كېلېلمىسەڭ بالاڭ نەۋرە چەۋرەڭ كېلىپ قۇتۇلدۇرىدۇ بۇ زىمىننى
شۇنداق غەرپ دۇنياسى رەھىمسىز دۇنيا ئەمما تەغدىرىڭنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن چارە ئىزلەپ باق.مەن تەغدىرىمنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىمخورتوننى تاللىدىم. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى مەن بۇ تىمخورتوندا تازىمۇ جىق تاۋلىنىدىغاندەك تۇرىمەن. يېتەركى تاۋلىناي پولات ئەلبەتتە تاۋلانغاچقا پولاتتۇر. تاغ ئۈستىدىكى قارىغاي سوغۇق ۋە بوران چاپقۇندا تاۋلانغاچقا مۇستەھكەم مەغرۇر ۋە مەزمۇتتۇر. شۇڭا ھەركىم تالىشار قارىغاينى مۇستەھكەم ئۆي سالماق ئۈچۈن.
كەينىمگە ئۆرۈلۈپ ۋەتەڭە باققان ۋاختىمدا ياخشى مۇئاشلىق خاتىرجەم خىزمەت، ئوتتۇرھال قورۇ جاي ئاھ كۈلكە چاخچاققا لىق تولغان سورۇنلار، تەمبۇر دۇتتارلىق كوچا ناخشىلىرىڭ، ئىلى دەرياسىنىڭ نەرە تارتىشلىرى، تارىخ ۋە مەدىنيىتىڭنى چىڭ قۇچغلاپ، بىر بىرىگە گىرەلىشىپ ۋەتەن زىمىنىنى قوغداپ ياتقان مەھەللىلەر، يۇرت جامائەت،ھەر دائىم روھى دۇنيارىمنى غىدىغلىماقتا. مەن ۋەتەن زىمىنىدا خۇددى تۈرۈلۈپ- تۈرۈلۈپ قىرغاق ئانىنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئۇرىدىغان، ئەركە دەڭىز دولقۇنى ئىدىم. ئاسماندا لەرزان پەرۋاز قىلىپ، گۈلدۈر- گۈلدۈر چاقماقلىرى بىلەن بارەۋەر قەيەرلەرگىدۇ يامغۇر سۈيىنى قۇيۇۋېتىپ زىمىننى سەگىتىپ گۈل گىياھلارنى كۈلدۈرۈپ، يۈزلەرنى جىلۋىلەندۈرۈپ، ھەسەن ھۈسەنلەرنى پارلىتىۋەتىدىغان، كۆك ئەركىسى ئاق بۇلۇت ئىدىم گەرچە بۇلار مەنىڭ روھى دۇنيارىمنى ئۈزلۈكسىز غىدىغلاپ تۇرسىمۇ، ئەمما مەن يەنلا تىمخورتوننىڭ ئاددى بىر ئىشچىسى بولۇشنى تاللىدىم
ئاھ ئانا ۋەتەن كەتكەنلىك كەچكەنلىك ئەمەس. مەن پەقەت تاللاشقا تېگىشلىك بىر يول بولسا كانادانى ۋە تىمخورتوننى تاللىدىم ئەمما ماڭا تېپىلغىنى قاچا يۇيۇش ئىشى ئىدى.
(داۋامى بار)

 

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …