( پوۋېست )
سەھەر
1 – بۆلۈم
كاناداغا كەلگىنىمگە بۈگۈن بىر ھەپتە بولدى. بۇ فېۋرالنىڭ جاندىن ئۆتكۈدەك تازىمۇ ئاچچىق سوغۇق كۈنلىرى ئىدى . مەن قارنى ۋە سوغۇقنى ياخشى كۆرىمەن. قار كۆرۈپ ، سوغۇق كۆرۈپ چوڭ بولغان كىشىلەر قەيسەر، مەرت ۋە مەردانە بولىدۇ. خۇددى ماڭا ئوخشاش . ئۆزىنى ماختاۋاتىدۇ – دەپ كۈلمەڭلار . ئاللاھ مەرت ۋە مەردانە ئادەملەرگە دۇنيانىڭ نەرىدە بولسۇن ، ئۇ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى بېرىدۇ . مەن تۇغۇلغان ئاشۇ خىلۋەت شەھەردىمۇ قار كۆپ ياغاتتى ھەم قاتتىق سوغۇق بولاتتى . كانادادىمۇ شۇنداقكەن . ئۇنداق بولۇشى كانادا بىلەن مېنىڭ ئانا شەھرىمنىڭ ئوخشاش مېردىان سىزىقىغا توغرا كەلگەنلىكىدىن بولسا كېرەك . مەن – كاناداغا كېلىپ ئۇ قۇتۇپتىن بۇ قۇتۇپقا سەكرەپ كەتتىم – دەپ پۇشايمان قىلمايمەن . ھەرقانچە سەكرىسەممۇ يەنىلا قار لەپىلدەپ ياغىدىغان، قاتتىق سوغۇق بولىدىغان بىر دۆلەتكە چۈشۈپتىمەن . نېمىلا دېگەن بىلەن مەن تۇغۇلغان شەھەر بىلەن ئوخشاشلىقى بار ئىكەن.
سەھەر ئويغانسام ، سىرىتتا قار لەپىلدەپ يېغىۋاتقان ئىكەن . دەرىزەمنىڭ يېنىغا كېلىپ قارنى تاماشا قىلدىم . ۋەتەندە كىشىلەر قارنى تەسۋىرلەپ : پاختەكتەك- تورغايدەك يېغىۋاتىدۇ – دەيتتى . مەن قارنى باشقا بىر نەرسىگە ئوخشۇتۇپ باقماقچى بولدۇم – يۇ بىراق دەماللىققا كاللامغا بىر نەرسە كەلمىدى. يېغىۋاتقىنى ئاپپاق قار. ئەمما بۇ يەنىلا كانادانىڭ قارى بولغاچقا ئۆزەنىڭ قارىمدەك ھېس قىلالمايۋاتاتتىم . ئىچكى دۇنيارىمدا – بۇ قار مېنىڭ قارىم ئەمەس خەقنىڭ قارىدەك بىرخىل ياتسىراش ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى . شۇنىڭدىن قارىغاندا ھەرقانداق ئادەمدە يات نەرسىلەرنى ئۆگەيلەش ھېسسىياتى بولىدىغان ئوخشايدۇ . مېنىڭ شەھرىممۇ مانا مۇشۇنداق ئاپپاق لىباسقا پۈركەنگەنمىدۇر؟ – دەپ، ئۆز ئۆزەمگە سوئال قويۇپ، يەنە ئۆز ئۆزەمگە – چوقۇم مۇشۇنداق قارغا پۈركەندى – دەپ جاۋاپ بېرىپ دېگەندەك ، كانادادىكى قار بىلەن پىچىرلاشماقتا مەن . فېۋرال ئايلىرىدا مېنىڭ شەھرىمدىكى پۈتكۈل دەل – دەرەخ ، ئايۋان – ساراينىڭ ئۆگزىلىرىدىن تارتىپ پۈتۈن يەر – زېمىن ئاپپاق تون كېيىپ، ئاپپاق قار بوۋايلارنى ياساپ، رەھىمسىز قاتتىق سوغۇق ئېلىپ كەلگەن يوقۇتۇشلار ئۈچۈن ماتەم تۇتىدۇ . فېۋرالدا مەن تۇغۇلغان ئەشۇ خىلۋەت شەھەردىكى قارلارنى دەسسىسىڭىز زىمىندىن غىچ- غىچ قىلغان سادا كېلىدۇ . بۇ ، فېۋرالنىڭ رەھىمسىز ئاچچىق سوغۇقى سەۋەبىدىن زىيان تارتقانلارغا زىمىننىڭ قايتۇرىۋاتقان ھېسداشلىق چۇقانىدۇر.
لەپىلدەپ يېغىۋاتقان كانادانىڭ قارى مېنىڭ خىياللىرىمنى تولىمۇ ئۇزاقتا قالغان ، مەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئاشۇ ئۈزۈم باراڭلىق قورۇغا باشلاپ كىردى . – قىش كۈنلىرى دادامنىڭ قار تازىلىشىغا ياردەملىشەتتىم . قورۇغا دۆۋىلەنگەن قارلارنى زەمبىلگە ئۇسۇپ دادام بىر تەرىپىدىن، مەن بىر تەرىپىدىن كۆتۈرۈپ ئاچىقىپ ، قورۇرىمىز ئالدىدىكى ئۆستەڭگە تۆكەتتۇق . شۇنداق چاغلاردا دادام مېنى – ئوغۇل بالىدەك قىزىم ، خەير ….. ئوغۇل بالا بولۇپ قالغان بولساڭ جىق ئشلارنى قىلاتتىڭ- دەپ ، ماختايتتى .
مەن يەنە كانادانىڭ تورونتو شەھرىگە جايلاشقان بۇ بىنانىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدىكى ، ئايلىقىنى 1200 دوللارغا ئىجارىگە ئالغان ئۆيۈمنىڭ دەرىزىسىدىن پەسكە قارىدىم . يەنىلا كىشىلەرنىڭ قولىدا كۆرگىنىم- بەزىلىرىنىڭ قىسقا ، بەزىلىرىنىڭ ئوتتۇرھال ، بەزىلىرىنىڭ تازىمۇ ئۇزۇن تۇرا كەلگەن ، ئاغزى مەھكەم ئېتىكلىك – تىمخورتون ماركىلىق كارتون ئىستاكان ئىدى . بۇ مەنزىرنى تورونتوغا كەلگەن تۇنجى كۈنى ئايرۇدۇرۇمدىن ئۆيگە كەلگىچە بولغان جەرياندىمۇ، كېيىنكى كۈنلىرى سىرىتقا سودا سېتىققا چىققاندا، ماگىزىن ۋە يوللاردىمۇ كۆپ ئۇچراتقان ۋە – بۇ نېمە ئىشتۇر – دەپ ، ھەيران بولغان ئىدىم . ھازىرمۇ ھەيرانلىقىم داۋاملاشماقتا . دەرىزىدىن پەسكە تىكىلىپ خېلىغىچە قاراپ تۇردۇم ۋە – بۇ ئەڭگىلىز دېگەن خەق ساراڭمۇ نېمە . جاق- جاق سوغۇقتا قولىنى يانچۇقىغا سالماي ، نېمىشقا كارتون قەغەز كۆتۈرۋالىدىغاندۇر – دەيتتىم پىچىرلاپ . بىردىنلا ئىچىمگە جىن كىردى . ئەجەبا ھەممە ئادەم كۆتۈرۋالىدىغان، تىمھورتون ماركىلىق بۇ كارتون ئىستاكاننىڭ نېمە ۋە قانداق نەرسە ئىكەنلىكىگە بولغان قىزىقىش مېنى بۇ قارلىق سەھەردە ناتونۇش تورونتو كوچىلىرىغا سۆرەپ چىقماقچى بولدى.
مەن ئاستا ياتاق ئۆيۈمگە كىردىم. يولدۇشۇم يېرىم كېچىگىچە ئوبامانىڭ سايلام رىقابىتى جەريانىنى ، ئاندىن تۈركىيەنىڭ – كۇرتلار ۋادىسى پۇسۇ- ناملىق فىلىمىنى كۆرگەن بولغاچقا، ھازىر شىرىن ئۇيقۇدا ئىدى . مەن كېچىلىك كىيمىمنى ئالماشتۇردۇم- دە ، قىزىم ۋەتەنگۈل بىلەن ئوغلۇم تۇپراقجاننىڭ ياتاق ئۆيىگە كىردىم . ئۇلار سەھەرنىڭ تاتلىق ئۇيقۇسىغا غەرق بولغان ئىدى . ئەسلىدە ۋەتەندىكى ۋاقتىمىزدا ئوغلۇمنىڭ ئىسمى ئادىلجان ، قىزىمنىڭ ئىسمى دىلارە ئىدى . چەتئەللەردە كۆپ سەرگەردان بولۇپ يۈرۈپ ، ۋەتەن ۋە تۇپراققا ھەسرەت نادامەتتە قالغانلىغىمىز ئۈچۈن ئوغلىمىز بىلەن قىزىمىزنىڭ ئىسمىنى ئەنە شۇنداق ئالماشتۇرىۋەتكەن ئىدۇق.
مەن ئۈستۈمگە پەلتۇرۇمنى، پۇتۇمغا ئۆتۈگۈمنى كەيدىم- دە ، ئاستا شەپە چىقارماي ئۆيدىن چىقتىم . بېنادىن سىرىتقا چىقىشىم بىلەن بۇرنۇمغا سوغۇق ئەمما ساپ قىش ھاۋاسى ئۇرۇلدى . سەھەر بولغىنىغا قارىماي تورونتو كوچىلىرى ئادەم بىلەن لىق تولغان ئىدى . مەن يەنىلا ئۆزەم قىزىققان ۋە ئارقىسىدىن ئەگەشتۈرگەن- تىمخورتوننىڭ نېمىلىكىنى ، نەدىن كېلىدىغانلىقىنى بىلىش ھەلەكچىلىكىدە – ھەي قىزىق ئىش ، ئۇ نەرسىنى ھەممىلا ئادەم كۆتۈرىۋالىدىكىنە ، خۇددى ئاچارچىلىق يىللىرىدا گوڭشېدىن تارقىتىلغان سېرىق جىڭمومىدەك- دەپ ، غۇدۇراپمۇ قوياتتىم ئىچىمدە . بىر بېسىپ ، ئىككى بېسىپ تورونتو كوچىلىرىنىڭ پىيادىلەر يولىدا ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن كېتىۋاتىمەن . بىر ئېغىزمۇ ئېڭگىلىزچە بىلمەيمەن . ئۇنى ئاز دەپ قايتىشتا ئۆيۈمنى تېپىپ كېلىشىمنىڭ ئۆزىمۇ بىر مەسىلە . شۇڭلاشقا ئۆيۈم جايلاشقان بېنادىن چىقىپلا ئوڭغا بۇرۇلۇپ ئۇدۇل ماڭدىم . چۈنكى قايتقاندا سولغا بۇرۇلۇپ ئۇدۇل ماڭسام ئۆيۈمنى تېپىپ كېلەلىشىم ئېنىق . ھەر ئېھتىمالغا قارىشى بىزنىڭ بېنانىڭ ئۇدۇلىدىكى چوففەە تىمە دىگەن چوففەە ساتىدىغان دۇكاننى بەلگە قىلىۋالدىم . مېڭىۋاتىمەن ، مېڭىۋاتىمەن ۋە ئويلاۋاتىمەن. بۇنداق سەھەردە بۇ كوچىدا، بۇ تورونتودا ،بۇ ئونتارىو ئۆلكىسىدە بەلكى پۈتۈن بۇ كانادادا كوچىدا كېتىۋاتقان بىردىن بىر ئۇيغۇر مەندۇرمەن دەپ . مەن يەنە ئىچىمدە – ھەي ! ئۇيغۇر دېگەن يامان مىللەت جۇمۇ، دۇنيانىڭ ئۇ چېتىدىكى كانادا ! ئۇيغۇرلار سېنى تېپىپ كېلەلىدى ! – دەپ، كاناداغا خىتاپمۇ قىلىپ قوياتتىم .
ھەي ي ي………..ھايات ! مەن بۇندىن ئىككى يىل بۇرۇن ۋەتەندىكى ئەشۇ خىلۋەت شەھرىمدە ئىدىم . مانا بۈگۈن دۇنيانىڭ يەنە بىر چېكىسىدە يۈرۈپتىمەن . مەن بۇ يەردە قاق سەھەردە يېڭى بىر كۈننى، يېڭى بىر قۇياشنى كۈتۈۋېلىۋاتىمەن . ئەمما مېنىڭ شەھرىمنىڭ خەلقى ھازىر قاراڭغۇ ئۇزۇن بىر كېچىنىڭ ھازىرلىقىدا. قەيەردە تاڭنىڭ ئاتىدىغانلىقىغا شۇنداقلا، قەيەردە قاراڭغۇ كېچىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىغا ئادەملەر قارار بېرەلمەيدۇ. يەنە شۇنداقلا تاڭ ئېتىش سائېتى ۋە نۆۋىتى كەلگەندە ھېچقانداق بىر قۇدرەتلىك كۈچمۇ تاڭنىڭ يورۇشىنى ۋە قۇياشنىڭ كۆتۈرىلىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ. قار ۋە يامغۇرمۇ شۇنداق . قىش زىمىستانلىرىدىن دېرەك بېرىدىغان ئاپپاق قار بىلەن، باھارغا سىمۋۇل يامغۇر يازغۇچىلار قەلىمىدە بىر – بىرىگە تۈپتىن زىت ئىككى سىمۋۇللۇق ئۇقۇم .ئەمما قار ۋە يامغۇر ياغىمەن دېسە ھېچكىم ئۇنى توختىتالمايدۇ ئەلۋەتتە . ئادەم ئاپېرىدە بولغاندىن تارتىپ قار قىش – زىمىستاننى چىللاپ ، يامغۇر باھارنىڭ سادىق ئەلچىسى بولۇپ يېغىپ كېلىۋەردى. يامغۇرنىڭ باھار ئەلچىلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئەمىلىنى تارختا كېلىپ كەتكەن، قامچا پۇلاڭلاتقان ، ئەمدىلىكتە ئىلغار تېخنىكىسىنى پۇلاڭلىتىۋاتقان ھەرقانداق بىر قۇدرەتلىك كۈچمۇ ئېلىپ تاشلىۋېتەلمىدى . قار بىلەن يامغۇرنىڭ بىرى خەيرگە بىرى شەررىگە ۋەكىللىك قىلىش قانۇنيىتى دۇنيا يارالغاندا شۇنداق يارالغان، ھازىرمۇ شۇنداق، دۇنيا ئاخىرلاشقاندىمۇ ھەم شۇنداق ئاخىرلىشىدۇ.
بەس بەستە لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قار مېنى روھلاندۇرغان ئىدى . مەن ئۆز – ئۆزەم بىلەن پاراڭلىشىپ يوقۇردىكى تەپەككۈرلىرىمنى قىلىپ، يولنىڭ ئوڭ چېتىدە تىمىسقىلاپ مېڭىپ تىمخورتون ماركىلىق ھېلىقى كارتون ئىستاكاننىڭ زادى نەدىن چىقىدىغانلىقىنى ئىزدەپ كېتىۋاتىمەن . بەزىدە بېشىمنى كۆتۈرۈپ بېنالارغا قاراپمۇ قويىمەن. ئۆيۈمدىن ئۇزاقلاشقانسىرى كۆڭلۈمنى ئازراق تەشۋىش ۋە ئەندىشە قاپلاشقا باشلىدى . بۇ ئەڭگىلىزلەرنىڭ گەپ سوراپ قېلىشىدىن خۇدا ساخلىسۇن . نو – دەپلا قاراپ تۇرىدىغان گەپ . يولدا بىرەر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇشتىن تېخىمۇ ئەنسىرەيمەن . چۈنكى تىلىم يوق . شۇنداق بولغىنىمغا قارىماي ماڭا كىم قويۇپتۇ ئىز قوغلاشنى! مەن يا رازۋىتچىك ھولمىس ئەپەندى بولمىسام . تۇرۇپ خىيالىمغا تۈركىيە – تاڭ ئاتماس جانلىق شەھەر ئىستانبۇل كېلىپ قالدى. ئىستانبۇل بىلەن تورونتو ھېسسىيات جەھەتتىن تۈپتىن ئوخشاشمايدىغان شەھەر. تورونتو جىمجىت تىمتاس، شاۋقۇن – سۈرەنسىز ، ھەممە ئادەم جىمجىت ئۆز يوللىرىغا راۋان . بىر قولىدا تىمخورتون يەنە بىر قولىدا گېزىت . ئاپتۇۋۇز، تىرەنۋاي ۋە پويىزلاردا ھەممە ئۆز- ئۆزى بىلەن ياكى گېزىت ئوقۇۋاتقان ۋە ياكى گېزىتلەردىكى سۆز تېپىش ئويۇنلىرىغا قەلەم بىلەن بەلگە قويىۋاتقان . مەندەك يېڭى كەلدى ئاخۇنلارنىڭ بىر مەزگىل جېنى سىقىلىپ قالىدۇ بۇ شەھەردە . بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا تورونتو قايسۇ بىر ئۇيغۇرچە ناخشىدا تىلغا ئېلىنغان – قالماق بۇتىدەك يارىم- دېگەن ئوخشۇتۇشقا بەك چۈشىدۇ . ئەمما ئىساتنبۇل ئۇنداق ئەمەس . ئىستانبۇل دېگەن چاغدا، كۆز ئالدىڭغا گۈزەللىكى بىلەن ئەرلەرنى مەسخۇش، ئاياللارنى ھەسەتخورلۇققا مۇپتىلا قىلىدىغان، گۈزەل ۋە مۇڭلۇق ئاۋازى بىلەن ناخشا ئېيتسا قۇشلارمۇ ئۇچۇشتىن توختاپ تىڭشايدىغان ناز – كەرەشمە ، رومانتىك ۋە ھېسسىياتقا باي بىر گۈزەل جانان كۆز ئالدىڭدا نامايەن بولىدۇ.
ئىستانبۇل خىيالىمغا كېلىشى بىلەن كۆڭلۈم بۇزۇلغاندەك بولدۇم . ھەر ھالدا ئىساتنبۇلدا ۋەتەنسىزلىكنىڭ دەردى بەك بىلىنىپ كەتمىگەن ئىدى . ھەر كۈنى جامىلەردىن كۆتۈرىۈلىۋاتقان ئەزان ئاۋازى يۈرىكىڭنى لەرزىگە سالىدۇ . ئەتراپىڭدىكى ھەممە نەرسە ساڭا يېقىن ، تونۇش . يىگەن نېنىڭ ، ئىچكەن سۈيۈڭ ھالال . يولدا كېتىۋاتقان بىر ئايالنى ھەي ئابلا (ھەدە) دەپلا تۇتىۋېلىپ – پالانى يەر قەيەردە- دەپ ، ئۇيغۇرچە سورىساڭمۇ، سېنى قولۇڭدىن يېتىلەپ ئاپىرىپ قويىدۇ.
شۇنداق ئەبجەش خىياللارنى سۈرۈپ كېتىۋېتىپ، يولنىڭ سول تەرىپىدىكى ئىگىز تۈۋرۈككە ئېسىلغان ئېلان تاختىسىدىكى – تىمخورتون دېگەن يوغان خەتكە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى . خەتنىڭ ئەتراپىدا يەنە كىشىلەر قوللىرىدا كۆتۈرىۋېلىشقان ئاشۇ كارتۇن ئىستاكانلار ھەمدە مۇشۇلار يەيدىغان بىرمۇنچە نەرسىلەرنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن ئىدى. ھە ، ئاخىر تاپتىم – دېدىم ھاياجانلىنىپ ۋە سۈرئىتىمنى سەل تېزلەتتىم . ئەجەپ قاتتىق سوغۇق بولغىنىغا قارىماي كانادانىڭ قارلىرىدىن، بىزنىڭ يۇرتىمىز دىكىدەك غىچ-غىچ قىلغان ئاۋاز چىقمايدىكىنە – دەيتتىم ئۆز- ئۆزەمگە . ئارقىدىن يەنە : بەلكىم تۇپراققا كۆمۈلگەن شېھىتلىرى يوق بولغاچقا ، بۇ ۋەتەننى ئاسانلا قولغا ئېلىپ قالغان بولغاچقا شۇنداقتۇر بەلكىم – دەيتتىم ئۆزە مگە جاۋاپ بېرىپ . شۇ تاپتا مەن ۋەتىنىمدىكى قارلارنى دەسسىسە چىقىدىغان غىچ – غىچ ئاۋازلاردىنمۇ غۇرۇرلانغاندەك بىر ھېسسىياتقا چۆمۈلمەكتە ئىدىم.
ئاخىرى مەنزىلىمگە يېتىپ كەلدىم . ئەمما تىمخورتون يولنىڭ ئۇ تەرىپىدە، مەن يولنى كېسىپ ئۆتۈشۈم كېرەك. قايتىشتا ئېزىقىپ قالماسلىقىم ئۈچۈن تۆت ئەتراپقا سىنچىلاپ قاراپ، دوقمۇشتىكى دۇكان ۋە ئالاھىدە نەرسىلەرنى بەلگە قىلىۋالدىم . شۇنداق قىلىپ باشقىلار قاتارىدا تىمخورتوننىڭ ئىشىكىنى ئاستا ئېچىپ ئىچىگە كىردىم . بۇرنۇمغا گۈپپىدە مىزىلىك كوفى پۇرىقى كەلدى . بىلدىمكى كىشىلەرنىڭ سەھەردە، چۈشتە ۋە كەچتە قولىدىن چۈشۈرمەي كۆتۈرۈپ يۈرگىنى كافى ئىكەن . تىمخورتون دېگەن سۆز ھەم كافى ماركىسى ھەمدە كافى خانا ئىكەن . دۇكاننىڭ ئىچى كافى ئۈچۈن ئۆچرەتتە تۇرغان ئادەملەر بىلەن مىغىلداپ كەتكەن ئىدى . مەنمۇ ئەشۇ ئادەملەر قاتارىدا ئۇچرەتتە تۇردۇم . نېكىت پلىيز! نېكست پلىيز!- يەنى كېيىنكى خېرىدار مەرھەمەت !- دەپ ، ۋاقىرايتتى پىركازچىك قىز ناھايىتى تېزلىكتە . مەن ئۇچرەتتە تۇرغاچ تىمخورتوندا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۈزۈتۈشكە باشلىدىم. تەزگاھنىڭ ئىچى ناھايىتى كىچىك بولغىنىغا قارىماي، ناھايىتى نۇرغۇن ئادەملەر ئىنتايىن تېزلىكتە، خۇددى چۈمۈلىلەردەك چېپىپ يۈرۈپ، كافى، چاي ۋە يەنە قانداقتۇر بىرنېمىلەرنى تەييارلاش بىلەن ئاۋارە ئىدى . ئۇلار قۇلاقلىرىغا مىكرافۇن تاقىۋالغان بولۇپ ، توختىماي كىملەردۇر بىرلىرى بىلەن سۆزلىشىپ تۇراتتى . ئۇلارنىڭ قوللىرى توختىماي بىر نەرسە ياساپ، ئېغىزلىرى توختىماي سۆزلەپ تۇراتتى . قارشى تەرەپتە بىر دەرىزە بولۇپ، ماشىنا ئۇ يەرگە كېلىپ توختۇشى بىلەن ، خىزمەتچىلەر چاققانلىق بىلەن كافى قاتارلىق نەرسىلەرنى ئەشۇ دەرىزىدىن شوپۇرغا ئۇزۇتۇپ بېرەتتى . بۇ ھەرىكەتلەر ئىختىيارسىز ھالدا مەن كىچىك ۋاقتىمدا كۆرگەن – چارلىز چاپلىن دېگەن كىنونى ئەسلەتتى . ئادەملەرنىڭ بۇنداق تېز ھەرىكەت قىلغىنىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم بولغاچقا ، سەل بېشىم قايغاندەك بولدۇم . ھەم ھەيرانلىق ھەم قىزىقىش ئىچىدە ئۆچىرىتىمنىڭ كېلىپ قالغانلىقىنى بىلمەي قاپتىمەن . پىركازچىك قىزنىڭ – ئە چەسە مېې !- دېگەن يېقىملىق ئاۋازى بىلەن ئېسىىمنى يىغدىم . قىز ماڭا يېقىملىق كۈلۈمسىرەپ، نېمە ئالىدىغانلىقىمنى سوراۋاتاتتى . مەن خېلىلا ھودۇقۇپ ، تەمتىرەپ تۇرۇپ ئاغزىمغا ئوڭاي كەلگىنى بويىچە – كافى – دېدىم . پىركازچىك قىز بىرنېمىلەرنى سورىدى . مەن نېمە دېيشىمنى بىلمەي جىممىدە تۇرۇپ قالدىم . قىز ماڭا چوڭ كىچىك كارتون ئىستاكانلرنى كۆرسەتتى . مەن يېس ، يېس – دەپ قاراپلا تۇردۇم . پىركازچىك قىز يەنە ئۈستىگە X L يېزىلغان كارتون ئىستاكاننى كۆرسەتتى . يەنە يەس دىدىم . قىز يەنە بىرنېمىلەرنى دىۋىدى يەنىلا يېس- دەپ قاراپ تۇردۇم. ئاخىرى كافى دەملەۋاتقان بىر ياش يىگىت ئۇزۇن X L ۋە تىمخورتون دېگەن خەتلەر يېزىلغان ئاغزىلىرى مەھكەم يېپىقلىق قۇتىنى ماڭا ئۇزارتتى . مەن – تساڭكيوۇ – دەپ كافى قۇتىسىنى قولۇمغا ئالدىم . مېنىڭ بىلىدىغىنىم ئېڭگىلىزچىدىكى پەقەت – يېس ، نو ، تسانكيوۇ – ئىدى. قولۇمغا كافىنى ئېلىپ، بىر ئورۇندۇقنى تېپىپ ئولتۇرىۋالغىچە، بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. ئۇھ – دېدىم مەن پەلتۇرۇمنى سېلىپ ئورۇندۇق ئۈستىگە ئارتقاندىن كېيىن . ھوش ….كانادا ! سېنىڭ تىمخورتونىڭنىمۇ تېپىۋالدۇق – دېدىم ئۆز – ئۆزەمگە پىچىرلاپ . ئارقىدىن يەنە – قانچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىن سېنى تېپىپ كەلگەن يەردە ،تىمھورتونىڭنى تاپماق قانچىلىك ئىشتى – دەپ ، ئۆزەمچە مەغرۇرلىناتتىم . ئەمدىكى مەسىلە تىمخورتوننىڭ ئۈستىگە مەھكەم يېپىلغان پلاستىك ئاغزىنى قانداق ئېچىش ئىدى . مەن ئەتراپىمدىكىلەرگە قاراپ يۈرۈپ ئاران تەستە ئىستاكان ئۈستىدىكى ئېچىش بەلگىسى قىلىپ قويغان يەردىكى سىزىقلار بويىچە ئىچىدىغان يەرنىمۇ تېپىۋالدىم . ئېغىزنىڭ سەل ئوشۇقچە يىرتىلىپ كەتكىنىنى ۋە كافىلىرىمنىڭ ئازراق تۆكۈلۈپ كەتكىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا تىمخورتوننىڭ ئاغزىنى نەتىجىلىك ئېچىۋالدىم – دەپ قارىساممۇ بولىدۇ . مەن ئۆز – ئۆزەمگە : نېمە بولاتتى بۇنچىلىك يىرتىلىپ كەتكەنگە، بۇنىڭ ئاغزىنى تۇنجى قېتىم ئېچىشىم تۇرسا – دەپ تەسەللى بېرەتتىم . ھەمدە ئەتراپىمغا بىر قارىۋېتىپ يەنە ئۆز- ئۆزەمگە : بۇ يەردە ھېچ ئۇيغۇر بولمىغاندىن كېيىن زاڭلىق قىلىدىغان ، بۇ ئېڭگىلىزلارنى يا مەن تونۇمىسام – دەپ ئۆزەمنى غالىپ كۆرسۈتۈشكە تىرىشاتتىم.
ئەمدى نۆۋەت تىمخورتوننى ئىچىشكە كەلدى . ئاستا ئاۋايلاپ كافىنى ئاغزىمغا ئالدىم- دە، ئاچچىق ۋە قىرتاق بىر سېزىم تۈپەيلىدىن پۈركىۋەتكىلى تاسلا قالدىم . غۇرۇرۇم ۋە نۇمۇسۇم كۈچلۈك كېلىپ، چىداپ تۇرۇپ يۇتۇۋەتتىم- دە ، خۇددى زەھەر يۇتۇۋالغاندەك قىينالدىم . ئەسلىدە بۇ سۈتسىز، شېكەرسىز ، قېرىق قارا كافى ئىكەن . پركازچىك قىز نېمىلا دېسە مەن يېس، يېس دەۋەرگەنلىكىمنىڭ تەمىنى تېتىماقتا ئىدىم .
شۇنداق قىلىپ مەن تىمخورتوننىڭ ئىچىدە، كانادالىق خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىۋاتقان پىركازچىكلارنىڭ مەشغۇلات جەريانىنى كۈزۈتۈپ ، ئالاھەزەل بىرەر سائەتكە يېقىن ئولتۇردۇم . بۇ يەردە مەن ھاياتىمدا ھېچ كۆرۈپ باقمىغان ھەيران قالارلىق سۈرئەت ۋە تېزلىك بار ئىدى . تۇيۇقسىز كاللامغا – مەن بۇ يەردە ئىشلىيەلەمەنمۇ – دېگەن سوال كەلدى. ئارقىدىنلا – مۈمكىن ئەمەس – دەپ جاۋاپ بەردىم ئۆز- ئۆزەمگە . چۈنكى ھازىرقى مېنىڭ سەۋىيەم بىلەن تىمخورتوننىڭ سەۋىيەسى ئوتتۇرسىدا بەك ئۇزۇن بىر مۇساپە تاشلىنىپ ياتاتتى . جاۋاپنى بېرىپ بولغاندىن كېيىن ۋۇجۇدۇمدا تۇغما بار بولغان – بىر نەرسىگە قىزىقىپ، كىرىشىپ قېلىش پىسخىكىسى مېنى يەنە غىدىقلىغىلى تۇردى . ئارقىدىنلا ئۆز-ئۆزەمگە يەنە – ياق ئۇنداق ئەمەس ، چوقۇم بۇ يەردە ئشلىيەلەيمەن . مۇشۇ لار كىرىپ ئىشلىگەن يەرگە مەن نېمىشكە كىرەلمەيدىكەنمەن – دەيتتم قەتئى نىيەتتە . مەن ئەتىدىن باشلاپ ئەڭگىلىزچە 2- تىلىم – دەيدىغان مەكتەپكە بېرىپ تىل ئۈگۈنۈشنى باشلاش قارارىغا كەلدىم ۋە ئورنۇمدىن تۇرۇپ پەلتۇرۇمنى كەيدىم- دە تىمخورتوندىن ئايرىلدىم.
ئۆيگە قايتىش سەپىرىمدە ۋۇجۇدۇمنى تىمخورتوندا ئىشلەش ئىشتىياقى قاپلىۋالدى . ئۆزەمدىن نۇرغۇن سوئاللارنى سورايتتىم ۋە يەنە ئۇنىڭغا ئۆزەم جاۋاپ بېرەتتىم . قاراپ تۇر چوقۇم ئىشلەيمەن بۇ يەردە ، چوقۇم – دەپ كېتەتتىم ئۆزلۈكىمدىن مەدەتلىنىپ . يولدا كېتىۋېتىپ يەنە تىمخورتوندىن ئىبارەت ئوقۇرى ئىگىز بىر ئاتقا قىزىقىپ قالغانلىقىمنى يولدۇشۇمغا دېمەسلىك قارارىغا كەلدىم . چۈنكى ئۇ مېنى : خۇشتارمەن، كىرىشىپ قالىدىغان – دەپ زاڭلىق قىلىدۇ . ھاياتىمدا كۆپ نەرسىلەرگە قىزىقىپ ، خۇشتار بولۇپ ، كىرىشىپ قالغان . بۇ كىرىشىشلەر شۇنداق مۇستەھكەم ئىدىكى يولدۇشۇم مېنى تارتىپ چىقىرىمەن دەپمۇ كۇچى يەتمىگەن . بۇنداق كىرىشىشلەرنىڭ بىرى كاناداغا كېلىش ئىدى .
ۋەتەندىكى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىگىدەك كىرىشىپ قالغان چاغلىرىم بولسا بۇندىن ئون بەش – يىگىرمە يىللار ئىلگىرى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدا پروگرامما كۆتۈرە ئېلىشقا كىرىشىپ قېلىش بولغان ئىدى. ئىدارە رەھبەرلىكىمىز ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ باشقۇرىشىدا يېرىم سائەتلىك مەخسۇس پروگرامما ئاچىدىغانلىقىنى، بۇنى خىزمەتچى خادىملارغا ھۆددىگە بېرىدىغانلىقىنى ، بۇ ھەپتىدە بىر قېتىم كۆرسۈتۈلىدىغان پروگرامما بولىدىغانلىقى، يىللىق ھۆددىگە ئېلىش سوممىسىنىڭ ئوتتۇز مىڭ يۈۋەن بولىدىغانلىقىنى، پروگراممىنىڭ ئىچىدە بەش مىنۇتلۇق ئېلان ۋاقتى بېرىلىدىغانلىقىنى ، شەخسلەر ، شۇنداقلا ئىدارە – جەمىيەت ، كارخانىلارنى تونۇشتۇرۇش پروگىراممىسى بولىدىغانلىقى ۋە تونۇشتۇرۇلغان ئورۇنلاردىن پۇل ئېلىنىدىغانلىقى ، كۆتۈرە ئالغۇچىنىڭ مۇئاشى بىر يىلغىچە تۇتۇپ قېلىنىدىغانلىقى، ئەگەر ۋەزىپىنى ئورۇنلىسا بىر يىللىق مۇئاشىنى تولۇق بەرگەندىن باشقا ، ئاشۇرغان قىسمىنى ھۆددىگە ئالغۇچى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندە زال ئىچىدە غۇل غۇلا كۆتۈرۈلگەن ئىدى . چۈنكى بۇندىن ئون بەش يىل ئاۋال ئوتتۇز مىڭ يۈۋەن پۇل دېگەننىڭ ھازىرقى ئۈچ يۈز مىڭ يۈۋەندەك قىممىتى بار ئىدى . قانداقلا بولمىسۇن مەن بۇ پروگراممىغا قىزىققان ھەم كىرىشىپ قالغان ئىدىم. شۇنداق قىلىپ مەن ئۇ پروگراممىنى ئوتتۇز مىڭ يۈۋەنگە كۆتۈرە ئېلىپ – ئابرال ئىتەكلىرىدە – دەپ ئىسىم قويغان ئىدىم . ئىدارىدىكى ئەرلەر ئارقامدىن : بەك بېشى يوغان پوچى خوتۇن جۇمۇ بۇ – دەپ ھەيران قالسا ، يولدۇشۇم – قاراپتۇر، سەن بۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىيالماي ، يىل ئاخىرىدا مۇكاپاتىڭ ئۇياقتا تۇرسۇن مۇئاشىڭنىمۇ ئالالمايسەن ، ئىدارەڭدە يۈگرەيدىغان نى- نى ئەرلەر تۇرسا ، ساڭا كىم قويدى پروگرامما ھۆددىگە ئېلىشنى – دەپ ، مېنى ھەم قورقۇتاتتى ھەم سوۋۇتاتتى. مەن ئابرال ئىتەكلىرىنى بەش- ئالتە ئايچە ماڭغۇزۇپ بېقىپ ، بۇ ئىشنىڭ بولىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم . كۆپلىگەن يايلاق، قىشلاقلارغا بارساق قازاق قېرىنداشلىرىمىز ئالدىمىزغا چىقاتتى . ئۇلارغا – ئۇيغۇرچە ، قازاقچە ئىككى قانالدا ئاڭلىتىمىز – دېسەك پۇلنى جىق ئالغىلى بولاتتى. شۇڭلاشقا قايتىپ كېلىپ ، بىرىنجى قىلىدىغان ئىشىم قازاق تەھرىر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى نۇرلانبەگ بىلەن كۆرۈشۈش بولدى . ۋە قازاق تەھرىر بۆلۈمىنىڭ قازاقچە مەخسۇس پروگىراممىسىنى ئون بەش مىڭ يۈۋەنگە يىللىق كۆتۈرە ئالىدىغانلىقىم ھەققىدە تەكلىپ بەردىم . نۇرلانبەگ بۇ رەقەمنى ئاڭلاپ ، قۇلۇقىغا ئىشەنمىگەندەك : ئون بەش مىڭ يۈۋەن ! دېگىنىچە كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ قېتىپلا قالدى . چۈنكى قازاق تەھرىر بۆلۈمىدىكى بىر قازاق بۇ پروگراممىنىڭ يىللىقىنى بەش مىڭ يۈۋەنگە كۆتۈرە ئېلىپمۇ ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىيالمايۋاتقان ئىكەن . بۇ دەل- ئاق مۆشۈك ، قارا مۆشۈك چاشقان تۇتقان ياخشى مۆشۈك – دېگەن تەشۋىقاتلار ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان يىللار بولغاچقا، مەنمۇ شۇ تەشۋىقاتنىڭ تەسىرىدە، بىر تەرەپتىن چاشقان تۇتالايدىغان ياخشى مۆشۈك بولۇش خىيالىدا بولغان بولسام ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرچە پروگراممىلارنى سەرخىللەشتۈرىمەن دەپ ئويلىغان ئىكەنمەن .
ھەي ! ئاخماق ئىكەنمەن شۇ چاغلاردا . بۇ ئىشلارغا كىرىشىپ قالغىچە، ئەڭگىلىزچە ئۈگۈنۈشكە كىرىشىپ قالغان بولسامچۇ كاشكى، ياكى بولمىسا كاناداغا كېلىشنىڭ يوللىرىغا بالدۇرراق كىرىشىپ قالغان بولسامچۇ دەپ پۇشايمان قىلىمەن ھازىر.
سەل بېشى يوغان، ئاقساقالراق ئايال بولغانلىقىم ئۈچۈنمىكىن، ئۇلار مەن ئىشلىگەن پروگراممىلاردىن ئەندىشە قىلىپ، نازارەت قىلىدىغان ئادەملەرنى كۆپەيتىۋەتكەن ئىدى.
ئابرال ئىتەكلىرىنى بۆلۈم باشلىقى، مۇئاۋىن باش مۇھەررىر ئۈستىدىن كۆرۈپ نازارەت قىلغاندىن باشقا، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاخبارات ۋاستىلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم زېرىكمەي ، تېرىكمەي ت ۋ ئىستانسىسىغا كېلىپ، ئۈستىدىن كۆرۈپ سىياسى مەسىلە يوقلىقىغا جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن تارقىتىشقا رۇخسەت قىلاتتى . بۇنداق كۈنلەردە يولدۇشۇم ماڭا : سەن نېمانداق خۇشتارمەن بىر ئايال ھېي سەن، ئىدارەڭگە كىرسەم تارقىتىش بۆلۈمىدە سېنى قوشقاندا تۆت ئادەم ئوتتۇرۇپ پروگرامماڭنى كۆرۈپ كېتىپسىلەر . ئاۋۇ ئۈچى توختىماي سېنى سوراققا تارتىدىكەن . ئەيەرنى چىقار ، مەيەرنى چىقار – دەپ چىقىرۋېتىدىكەن . جاپانى سەن تارتىپ ئىشلەپ ئالدىغا ئەكىلىپ بەرسەڭ ، ئۆز ئىرادىسى بويىچە ئۇنى شاللاپ ، بۇنى شاللاپ چىقىرۋېتىپ ، يوقىلاڭ بىرنەرسىلەرنى بېرىدىكەن . ئۇنىڭدىن ئالە پروگرامماڭنى ، كىمگە ئىشەنچە قىلساڭ شۇنىڭغا بەر – ، دەپ ، تاشلاپ بەرسەڭ بولمامدۇ خۇشتارمەنلىك قىلغىچە – دەيتى يولدۇشۇم ماڭا خاپا بولۇپ .
مەن يوقۇرقىدەك خىياللارغا بەنت بولۇپ ، ئۆيۈمگە يېقىن قالغانلىقىمنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن . ھەي ي ي … شۇنداق بىچارىچىلىكلەر ئىچىدىمۇ ياشاپتۇق ھە شۇ يەردە ! دىدىم ئۆز- ئۆزەمگە. ئارقىدىنلا يەنە – ۋەتەن بولغاچقا كۆتۈرۈپ كەتتۇق – دە، ئانا ۋەتەننىڭ يەنە باشقىچە سېھرى كۈچى بار – دەيتتىم ، يىنىك ئۇھ تارتىپ.
( داۋامى بار)