( پوۋېست )
سۈبھى
(ئىزاھات : بۇ ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى خىيالى بىر توقۇلمىدىن ئىبارەت. ئەگەر پېرسۇناژلارنىڭ خارەكتېرى رېئاللىقتىكى بەزى بىر ئادەملەرنىڭ خارەكتېرىگە ئوخشاپ قالغان بولسا، بۇ پۈتۈنلەي تاسادىپىيلىق )
4 – قىسىم
سېلىم ئىنتايىن چارچىغان ئىدى . ئۇنى چارچاتقان ئالەمشۇمۇل نەرسىلەر ۋە ياكى خەلقئارالىق چوڭ سورۇنلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە ئائىت ، مۇرەككەپ مۇنازىرىلەر ئەمەس، بەلكى ئادەملەر مىللەت بولۇش سۈپىتىدە بىلىشكە تېگىشلىق بولغان ئاددى چۈشەنچىلەرنىڭ ، يەنى بايراق ، نامايىش، تەشكىلاتچىلىق ۋە جامائەتچىلىك – قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ رەت قىلىنىشى، شەخسىيەتچىلىك، پىتنە – پاسات ، نەچچە مىڭ كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى قانداقتۇر بىر« ئاكاڭ قارىغاي » دىن قورقۇش پىسخىكىسى ئىدى . چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئۆز- ئۆزىنى تولۇق ھالەتتە قانداقتۇر بىر غايىۋى روھى ئىسكەنجىدىن تولۇق قۇتۇلدۇرۇپ بولالمىغان ئىدى . ئۇلاردا روھ بىلەن سەۋىيەنىڭ يوقۇرى كۆتۈرۈلىشى تەتۈر تاناسىپ بولۇپ ، بىلىم قۇرۇلما ئۆرلىگەنسىرى روھى دۇنياسىدىكى ۋەتەن مىللەت ئۇقۇمى خۇنىكلىشىپ ، ئۆز مەنپەئەتى ۋە خوشاللىقلىرى ئۈچۈن ياشاش ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى . نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر زىيالىلىرى گەرچە ئۆزلىرى غەرپتىكى يوقۇرى مەرتىۋىلىك ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ئۇلار يەنىلا خىتاي كومۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا ياشاپ كەلمەكتە ئىدى . ئۇنىڭ چارچىشىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئادەملەرنىڭ بايراق ئۇقۇمى ۋە بايراققا بولغان ھۆرمەت ساداقەتنىڭ يوق بولۇشى، بايراقنى رەت قىلىشى . ھەر قەدەمدە ئۇچراپ تۇرىۋاتقان ماۋۇ بايراقنى ئاسمىغان بولسا، بۇ بايراقنىڭ شولىسى مېنىڭ بېشىمغا چۈشمىگەن بولسا – دېگەندەك باراقنى سىلكىيدىغان سۆز ئىبارىلەر ئىدى.
ئەي ئادەملەر! – سېلىم ئۆزىنىڭ ئادەملىكى ئۈچۈن ئادەملەر تەرىپىدىن ياسالغان تەقلىدى جىنازىنىڭ ئارقىسىدىن ئادەملەرگە كۆرۈنمەي، چىۋىن سىياقىدا كېتىۋېتىپ شۇنداق خىتاپ قىلدى : بايراق ئادەتتىكى بىر لاتىنىڭ پارچىسى ئەمەس، بىر بايراققا ساھىپ بولماقمۇ قولاي ئەمەس . شۇنداق ، بايراقنىڭ بىر پارچە كېرەكسىز لاتىغا ئوخشاپ قالىدىغان چاغلىرىمۇ بار . يەنى بىر مىللەت ئۆز بايرىقىنى كۆتۈرۈپ ماڭالمىغاندا، بايرىقىنى ئاسماندا لەپىلدىتەلمىگەندە ئۇ بىر پارچە لاتا بولۇپ قالىدۇ! ئاتا – بوۋىلىرىمىز قانچە يىللار مۇقەددەم ئۇرۇشلاردا بايراق قوللانغان . ئەگەر بىلگەن ئادەم ۋە بىلگەن مىللەت ئۈچۈن بايراق – خوشاللىق ۋە ئىپتىخاردۇر. بايراق كۆكسىمىزگە تېڭىشقا، كۆك ئاسماندا غۇرۇر بىلەن لەپىلدىتىشكە تېگىشلىك نەرسىدۇر ئەسلىدە . يەنە بىلگەن ئادەم ئۈچۈن بايراق ۋەتەن ۋە مىللەت سۆيگۈمىزنى پۈتۈنلەشتۈرىدىغان، ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان نەرسە ئىدى . تىبەتلەر ۋە باشقا مىللەتلەر ئەگەر ئىگىز بىر تاغ ئۈستىگە بىر بايراق، بىر تۇغ قادالغان بولسا ھەممە ئۆيلىرىدىن چىقىپ، ئەشۇ ئوخشاش نىشانغا قاراپ مېڭىپ، ئەشۇ بىر تۇغ، بىر بايراق ئاستىغا ھېچقانداق بۇيرۇقسىز توپلىنالايدۇ ! – ئۇ خىتاپ قىلىپ شۇ يەرگە كەلگەندە، كىچىككىنە چىۋىن بەدىنىنىڭ تىكەنلىشىپ ۋە قورۇلۇپ ، قاتتىق بئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى – يۇ، يەنە خىيالغا پاتتى- ھەي …… ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىرى ۋە مەسىلىلىرىنىڭ ھەل بولىدىغىنىغا بەك ئۇزاق ۋاقت بار. چۈنكى بىز تېخىچە بايراق مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلالمايۋاتىمىز. خۇلاسە چىقارغندا بىر مىللەتنىڭ غۇرۇرى ، ئىپتىخارى ۋە ئار نومۇسىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ئىنتايىن ئىپتىدائى ۋە كۈلكىلىك ۋەزىيەتتە تۇرىۋاتىمىز. بۇنى ئوخشۇتۇشقا توغرا كەلسە ئەينى چاغدا تۈركلەر يۈرۈش قىلىپ، ياۋرۇپالىقلارنىڭ دەرۋازىسىنى چەككەندىمۇ ، ياۋرۇپالىقلارنىڭ : پەرىشتە ئەرمۇ ئايالمۇ- دېگەندەك تۇترىقسىز مۇنازىرىلەرنى قىلىپ، بېخوت ھالەتتە ئۇخلاپ ياتقانلىقىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئەسلى بىزنى پۈتۈنلاشتۈرىدىغان ، بىزنى غەۋغا ، ئورۇنسىز مۇنازىرىلەردىن ئۇزاقتا تۇتىدىغان ، مىللەتنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ھەقىقى يوللىرىنى ئويلاندۇرىدىغان نەرسە بايراق ئىدى . تۇپراققا ۋە مىللەتكە چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن باغلايدىغان نەرسىمۇ ئەنە شۇ بايراق ئىدى . بايراققا سۆيگۈ ۋە ھۆرمەت بىلەن قارىمىغان، ئۇنى سىلكىشتۈرگەن، ئۇنى كۆرگەندە ۋۇجۇدىغا تىترەك ۋە قورقۇنۇچ كىرىدىغانلار، يولىدىن ئېزىپ قالغان بىر كېمىنىڭ كاپىتانىغا ئوخشايدۇ. ئۇلار شۇنداق ئېزىپ قالىدۇكى ھەتتا ئالىم بولۇپ خىتايغا بارسىمۇ ، خىتاي ئۆزىدىكى ئالىملىرىنىڭ جىقلىقىدىن ئۇلارنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمايدۇ . ئۇ سەۋەپ، بۇ سەۋەپ بىلەن تاشلىنىدىغان يېرى ئاخىردا تۈرمە بولىدۇ .
سېلىم چىۋىن خىيال سۈرۈپ شۇ يەرلەرگە كەلگەندە بىر تۈرك شائىرىنىڭ : بايرىقىمغا سالام قىلماي ئۆتكەن ئۇچار قۇشنىڭ ئۇۋىسىنى بوزىمەن – دېگەن مىسرالىرى كۆڭۈل ئىكرانىدىن غىل- پال ئۆتۈپ كەتتى . بايراق دۆلەت ۋە مىللەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ . رەڭ ۋە شەكلى جەھەتتىن شۇ مىللەتنىڭ سىمۋۇلى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بايراق بىر دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ مۇستەققىل ھۆرلىكىگە، بىر مىللەتنىڭ شان – شەرىپى ، غۇرۇرى ، ئىپپەت – نومۇسىغا ۋە شۇ مىللەتنىڭ تارىخى كەچمىشىگە ۋەكىللىك قىلغانلىقى ئۈچۈن بايراققا ھۆرمەت بىلدۈرۈلىدۇ. دۇنيادىكى مىللەتلەر دىن ، ئىرىق ، مەدىنيەت ۋە تىل جەھەتتىن ئوخشاشمىسىمۇ ئەمما ئۆز بايرىقىنىڭ مۇقەددەسلىكىگە بولغان چۈشەنچىسى جەھەتتىن تامامەن ئوخشايدۇ . ئادەتتە ۋەتەن ، مىللەت ۋە بايراق ئۇقۇمى ئۆز – ئارا خۇددى تەن بىلەن جاندەك يۇغۇرلۇپ كەتكەن بولۇپ، ۋەتەنسىز بايراقنى، بايراقسىز نە ۋەتەن، نە مىللەتنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا تۈرك مىللەتچىلىرىدىن كۇنتاي : « بايراقلارنى بايراق قىلغان ئۈستىدىكى قاندۇر . ئەگەر تۇپراق ئۈچۈن ئۆلگەنلەر بولسا ئۇ ۋەتەندۇر» – دەپ يازغان . بايراقنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ ئىپەكتىن ياكى ماتادىن ياسالغانلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى شۇ بايراقنىڭ ھەقلىق ئىگىلىرى بولغان مىللەتنىڭ قەدىر قىممىتى بىلەن ئۆلچىنىپ كەلمەكتە.
سېلىم چىۋىن مۇقەددەس ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ھەققىدە يەنە مۇنداق تەپەككۈر قىلاتتى : بايراقنى ئەڭ دەسلەپ يەھۇدىلار ۋە ئىرانلىقلار قوللانغان ئىكەن . تۈرك تارىخى ماتېرياللىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلارمۇ بۇندىن قانچە مىڭ يىللار ئىلگىرى ئۇرۇشلاردا بايراق كۆتۈرۈپ ماڭغان مىللەت ئىدى . قارخانىلار سۇلالىسىنىڭمۇ ئۆزلىرىنىڭ توققۇز ئوغۇزغدىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئۈستىگە توققۇز تۇغنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن قىزىل بايراق ئىشلەتكەنلىكى مەلۇم . ئۇندىن باشقا بايراق يەنە تۈركى تىللار دىۋانىدا « باتراك » تەلەپپۇزىدا قوللۇنۇلۇپ، بىر قەۋمنىڭ، ۋە بىر تۇپراقنىڭ سىمۋۇلى – دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. تۈركلەر تارىختا بايراق ئۈچۈن ئەڭ كۆپ شېھىت بولغان مىللەتلەرنىڭ بىرى . كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردە « ئامان » بولۇڭ – كەلىمىسى قوللانغاندا ئۇلار قايتۇرۇپ- ۋەتەن ئامان بولسۇن – دەپ ، جاۋاپ بېرىشنى مىللەت ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرغان. تۈرك شائىرلىرىمۇ بايراق ھەققىدە ئىنتايىن نادىر شېىرلارنى يازغان بولۇپ، تۈرك شائىرى ئارىف نىجات ئاسا بايراق ناملىق شېىرىدا: « بايرىقىمغا مېنىڭ كۆزۈم بىلەن باقمىغاننىڭ گۆرىنى قازىمەن، بايرىقىمغا سالام بەرمەي ئۆتكەن ئۇچار قۇشنىڭ ئۇۋىسىنى بۇزىمەن» دېيىش ئارقىلىق ئۆز بايرىقىغا بولغان سۆيگۈ ۋە مەسئۇليىتىنى ئىپادىلىگەن . سېلىمنىڭ چىۋىن بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆرۈش سېزىمى ئادەملەرنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلىنىپ كەتكەن ئىدى . ئۇ ھەر نەرسىنى ، ھەتتا ئارقا تەرەپلىرىنىمۇ ئىنتايىن ئېنىق كۆرەلەيتتى . شۇ ۋەجىدىن ئۇ ئۆزىنىڭ تەقلىدى جىنازە نامىزىدا نېمىلەرنىڭ بولىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇرىۋاتاتتى. ئۇ ئۆز مۇراسىمىغا قاتنىشىۋاتقان بىرقانچە كىشىلەرنىڭ توختىماي نەگىدۇر بىر يەرلەرگە ئۇچۇر يوللاۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالدى. بۇلارنىڭ بىرى ۋاققاس ئىسىملىك تاقىر باش ئىدى . ئۇ زالغا ئەتتىگەن سائەت يەتتىدە كەلگەن بولۇپ ، قولىدىن تېلېفون چۈشمىدى . سېلىم ئاستا ئۇچۇپ بېرىپ ئۇنىڭ مۇرىسىگە قونۇپ، ئۇنىڭ تېلېفونىدا يوللىنىۋاتقان ئۇچۇرلارنى كۈزەتتى . ۋاققاس : نەزىرگە ئامېركىدىن تاھىر قارىم، دىلشات، تەلئەت ۋە پاتىمە قاتارلىقلار كەلدى – دەپ ئۇچۇر يوللىدى قارشى تەرەپكە. قارشى تەرەپتىن دەرھال ئىنكاس كەلدى – بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەينى چاغدا بىز تۇتۇش بۇيرىقى چىقارغان مىللى بۆلگۈنچىلەر. ۋاققاس يەنە توختىماي يېزىشنى داۋاملاشتۇردى . تاھىر قارىم دېگەن سېلىمنىڭ ئەڭ يېقىن ئاغىنىسىكەن نامىزىنى شۇ چۈشۈردى . قارشى تەرەپتىن : سېنىڭ بۈگۈنكى ئۇچۇر يوللاش ۋەزىپەڭ تۈگدى . ھازىر يېنىڭغا قارا ئەتلەس كۆينەك كېيىۋالغان بىر خانىم كېلىپ ساڭا سالام قىلىدۇ، ۋەزىپىنى شۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بەر- دەپ جاۋاپ كەلدى . دەل شۇ ئەسنادا زالغا قارا ئەتلەس كۆينەك، بېشىغا چىمەن دوپپا كېېيىۋالغان ئوتتۇز بەش ياشلار چامىسىدىكى بىر خانىم كىرىپ كەلدى، ئۇ ئۇيغۇر ئۆرپ – ئادەتلىرى بويىچە تاۋاق قىلىپ كەلگەن ئىدى . خانىم مۇراسىمدىكى خانىملار بىلەن بىر قۇر سالام سائەت قىلىشىپ بولغاندىن كېيىن، سېلىمنىڭ خانىمىغا ئېسىلىپ ئىچ-ئىچىدىن شۇنداق ئېسەدەپ يىغلىدىكى زالدىكى كىشىلەرمۇ قايتىدىن مۇسىبەتكە چۆمۈلدى . ئۇ سېلىمنىڭ خانىمىغا ئىنتايىن مىھرىبانلىق كۆرستەتتى. ئۇنىڭغا تەسەللى ۋە ئېلھام بەرمەكتە ئىدى . ئۇ خانىم گەپ ئارىسىدا يەنە : مەن ۋەتەندىن كەلگىلى ئىككى ھەپتە بولدى ، غۇلجىغىمۇ بارغان ئىدىم . سېلىمنىڭ ئاكىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ، سېلىمدىن ئەنسىرمەڭلار شۇنداق ياخشى تۇرىۋاتىدۇ- دېگەن ئىدىم . ئۇلار تېخى سېلىمگە مەندىن بىرمۇنچە نەرسە ئەۋەتكەن ئىدى- دېدى ئىنتايىن ئېچىنغان قىياپەتتە. سېلىمنىڭ خانىمىمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن، شۇنداق بىر كېلىشمەسلىك بولدى ئاللانىڭ قۇدرىتى بىلەن، كاشكى سېلىمنىڭ جەسىدىنى بولسىمۇ قولىمىزغا ئالالىغان بولساق ئازراق تەسكىن تاپقان بولاتتۇق . بۇ ئىشتا چوقۇم خىتاينىڭ قولى بار- دېدى بېشىغا چىگىۋالغان ئاق ياغلىقىنىڭ ئۇچى بىلەن مۇنچاقتەك تۆكىلىۋاتقان كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ . ئەتراپتىكى ئاياللارمۇ بىردەك : بۇ ئېنىقلا، سېلىمنىڭ ئۆلۈمىدە خىتاينىڭ قولى بار ئەلۋەتتە -دېيىشتى غۇلغۇلا قىلىشىپ . قارا ئەتلەس كۆينەكلىك خانىم ئاياللار سورۇنىدا بىر ئاز ئولتۇرغاندىن كېيىن : مەن خالاجايغا بېرىپ كېلەي – دېدى ۋە دەرھال ۋاققاسنىڭ ئالدىغا كېلىپ سالام قىلدى. بۇ – مەن ئىشقا چۈشتۈم دېگەن مەنانى بىلدۈرەتتى . ۋاققاسمۇ خانىمنىڭ سالىمىغا جاۋابەن باش لىڭشىتىپ قويدى . سېلىم چىۋىن ئۆزىنىڭ بۇ جىنازە نامىزىدا تەخمىنەن يەتتە كىشىنىڭ توختىماي ئۇچۇر يوللاپ ، جىنازە نامىزىدا نېمىلەرنىڭ بولىۋاتقانلىقىنى مىنۇت ، سېكۇنتىغىچە قارشى تەرەپكە بىلدۈرۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالدى . قارشى تەرەپ خىتاي بېخەتەرلىك ئىدارىسى بولۇپ، ئۇلار يەتتە كىشى يوللىغان ئۇچۇرنى سېلىشتۇرۇپ باھالاۋاتماقتا ئىدى . خىتاي بېخەتەرلىك ئىدارىسى سېلىمنىڭ تەقلىدى جىنازە نامىزىدا نېمىلەرنىڭ بولىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتقان پوزۇتسىيەسىنى، شۇنداقلا ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ۋەدە بەرگەن كىشىلەرنىڭ بۇ جەرياندا قانچىلىك ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچىدە يىگىرمە تۆت سائەت ئۇچۇر ئىگەللەش مەركىزى قۇرغان ئىدى . بۇ يەنە ئۇيغۇر جاسۇسلارنى سىنايدىغان ياخشى بىر پۇرسەت ئىدى .سېلىم ئاستا ئۇچۇپ كېلىپ قارا ئەتلەس كۆينەكلىك چوكاننىڭ مۇرىسىگە قونىۋالدى. ئەتلەس كۆينەك ئۇچۇر يوللاشقا باشلىدى:
كىشىلەر سېلىمنىڭ قازاسىدا خىتاينىڭ قولى بار دەۋاتىدۇ- دەسلەپكى ئۇچۇرىدا.
– شۇنداقمۇ؟ قارشى تەرەپتىن دەرھال جاۋاپ كەلدى.
: بۇ ۋەقەنى بۇ دۆلەتنىڭ بېخەتەرلىك ئىدارىسىغا مەلۇم قىلىمىز دەۋاتىدۇ.
– دەرھال بۇنىڭغا توسالغۇ بولۇڭلار ! – قارشى تەرەپتىن جىددى رەۋىشتە بۇيرۇق كەلدى ۋە – سېلىم يوق قىلىندى ئەمما ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە بىر سېلىمنىڭ چىقىپ قېلىشىغا قاتتىق توسالغۇ بولۇشىڭىز كېرەك ! شۇ چاغدىلا جوڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ سىزگە قىلغان غەمخورلىقىنى ئاقلىيالايسىز- دېدى كېسكىن تەكىتلەپ.
: توسقۇنلۇق قىلىشقا مەن ئاجىزلىق قىلامدىمكىن 007 ئەپەندىم – دېدى ئۇ جاۋابەن .
-ماشىنىڭىزنى يېڭىلىدىڭىزمۇ؟
: ھەە يېڭىلىدىم.
-بىز سىزنى يەنە مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيمىز ، دەرھال بۇ دۆلەتتىكى شەرقى تۈركىستانچى ئاكتىپ ئايىمگۈلنىڭ قولى بىلەن، ئۇنىڭ ئۆيىگە ئۇيغۇرلارنى توپلاپ – بىز باشقىلارغا بىر ئۆمۈر سائەتلىك مەدىكارچىلىقتا ئىشلەپ ئۆتۈپ كېتىمىزمۇ، ھەممىمىز بىرلىشىپ مەبلەغ چىقىرىپ ، بىر تىجارەت قىلمايمىزمۇ، خىتايدەك بىر چوڭ ئىقتىسادى دۆلەتتىن دۇنيا پايدىلىنىۋاتقان يەردە بىزمۇ تېگىشلىك نېسىۋىمىزنى ئالايلى – دېگەندەك ئۇسۇللار بىلەن تەشۋىق قىلىپ، كىشىلەرنى سودا – تىجارەتكە يۈزلەندۈرۈڭ.
: 007 ئەپەندىم، ئايىمگۈل دېگەن بەك يامان خوتۇن ئۇ، ئۆتكەندە بىر تويدا ئۇنىڭغا بۇ تەكلىپنىڭ بىر ئۇچىنىلا چىقارغان ئىدىم . مېنى تىللاپ كەتتى، گېپى بەك سېسىق خوتۇن ئۇ، جادۇگەر، يەتتە قات يەرنىڭ ئاستىدا يىلاننىڭ كۈشەۋاتقانلىقىنى سېزىۋالىدىغان خوتۇن ئۇ – دېدى دۇدۇقلاپ. سېلىم شۇ مىنۇتلاردا قارا ئەتلەس كۆينەكلىك خانىمنىڭ بەدەنلىرى غال- غال تىترەۋاتقانلىقىنى سەزدى ھەمدە – ھە ، بۇنى ئايىمگۈل تازىمۇ قاتتىق ئەدەپلىۋېتىپتۇدە، ئايىمگۈل ھەقىقەتەن مىللەتچى ئايال جۇمۇ ، خائىنلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلىدۇ – دەپ ، پىچىرلىدى .
-دەرھال توردا تىللاپ سېسىتىۋېتىڭ، ھەممە يەرگە تېلېفون قىلىپ، بارغان يېرىڭىزدا ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ ئۇنى ساراڭغا چىقىرىشقا تىرىشىڭ، ئىمكانىيەت بولسا تۆھمەت چاپلاپ ئائىلىسىنى بۇزىۋېتىڭ- دېدى قارشى تەرەپ يول كۆرسىتىپ.
: 007 ئەپەندىم باشقا ھەرقانداق ئىش بولسا مەن قىلاي ، ئەمما ئايىمگۈلنى جايلاشنى باشقىلارغا تاپشۇرغان بولسىڭىز، مەن ئۇ خوتۇنغا راستىنلا تەڭ كېلەلمەيمەن. ھەم ئۇ خوتۇن مېنى سەن سىياسەت ۋە باشقا جاماەت ئىشلىرىغا ئارلىشىمەن دېمەي رەستۇران ئېچىپ لەڭمىنىڭنى سات، بولمىسا مەن سېنى بۇ دۆلەتنىڭ بېخەتەرلىك ئىدارىسىگە پاش قىلىپ چېگرادىن قوغلاپ چىقارغۇزىۋېتىمەن، ئاقىۋىتىڭ بابۇر مەخسۇتتىنمۇ يامان بولىدۇ – دەۋاتىدۇ. ئۇ خوتۇن مېنىڭدىن سەل گۇمان قىلىۋاتقاندەك تۇرىدۇ – دېدى يىلىنىپ.
-ئاساسلىق قىبلىنامىڭىز نېمە؟ ئېيتىپ باققان بولسىڭىز ! – قارشى تەرەپتىن ئۇچۇر كەلدى يەنە. قارا ئەتلەس كۆينەكلىك خانىم جاۋاپ يوللىدى : چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسىدىكى بايراق، شەرقى تۈركىستان دېگەن نامنىڭ ئەسلىدىكى دۆلەت ئۇقۇمىنى ۋە نامايىش دېگەن ئۇقۇملارنى پاك پاكىز يۇيۇش، ھېچ بولمىغاندا بىر مەزگىل كونترول قىلىپ تۇرۇش – دېدى ئۇ، ۋەزىپىسىنى چۈشەندۈرۈپ. – ياخشى – دېدى، قارشى تەرەپ جاۋاپ قايتۇرۇپ ۋە – بۈگۈن چۈشتىن كېيىن بۇ جىنازە نامىزىدا نېمىلەر بولدى بىزگە ھەر مىنۇت سەكۇنتلىرىغىچە مەلۇم قىلىپ تۇرىسىز. ئۇچۇرلارنى بىز ئۈگەتكەن تېخنىكا بويىچە يۇيۇپ تۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەتتا يولدىشىڭىزمۇ ھازىرچە بىلمىسۇن- دېدى ئاگاھلاندۇرۇپ . شۇ ئەسنادا ۋاققاسقا بىر تېلېفون كەلدى. بۈگۈن بىر كۈن ۋاققاسنى ئىنچىكە كۈزىتىپ تۇرغان سېلىم بىر تەپتىن قارا ئەتلەس كۆينەكلىك خوتۇننىڭ قارشى تەرەپكە يوللاۋاتقان ئۇچۇرلىرىنى كۆزىتىۋاتقان بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن كۆزى ۋاققاستا ئىدى. ۋاققاس – ئالو – دېگەنچە دەرھال ئورنىدىن تۇردى – دە سىرىتقا چاپتى . سېلىم قارا ئەتلەس كۆينەكلىك ئايالنىڭ مۇرىسىدىن ئايرىلىپ، ۋاققاسنىڭ تاز بېشىغا قونىۋالدى- دە، ئۇنىڭ بىلەن قارشى تەرەپ ئوتتۇرسىدا بولۇۋاتقان دىئالوگلارغا دېققەت قىلىشقا باشلىدى . ۋاققاس پالاقلاپ يۈگۈرەپ ماشىنىسىغا چىقتى . ئۇنىڭ تاز بېشىدا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن گەپ تىڭشاپ ئولتۇرغان سېلىم چىۋىنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ماشىنىغا چىقتى .
: ئەمدى گەپ قىلىڭ لىڭ لىڭ سى ئەپەندىم- دېدى ۋاققاس يانچۇقىدىن قول ياغلىقىنى چىقىرىپ ، تەر تەپچۈرەپ تۇرغان يۈز-كۆز بويۇنلىرى ۋە تاز بېشىنى سۈرتكەچ . سېلىم چىۋىنمۇ بۇ ئەسنادا چەبدەسلىك بىلەن ئورۇن ئالماشتۇردى – دە ۋاققاسنىڭ تېلېفونىنىڭ ئۈستىگە قونۇۋالدى. ۋاققاسنىڭ لىڭ لىڭ سى ئەپەندىم دەۋاتقىنى خىتاي بېخەتەرلىك ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شۆبىسىدە ئىشلەۋاتقان مەخسۇس بۇ دۆلەتتە ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئەھۋاللار ھەققىدە ئۇچۇر ئىگەللەيدىغان 004 ئىسىملىك ئۇيغۇر جاسۇس ئىدى . قارشى تەرەپتىن : سەن بېخەتەر جايدىمۇ؟- دېگەن ئاۋاز كەلدى. — شۇنداق ، مەن بېخەتەر جايدا، سىرتقا چىقتىم . ھازىر ماشىنامنىڭ ئىچىدە، قېنى سۆزلەڭ 004 ئەپەندىم -دېدى ئۇ قارشى تەرەپنى خاتىرجەم قىلىپ. قارشى تەرەپ سۆزلەشكە باشلىدى : 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن بىر قىسىم بۆلگۈنچى ۋە ئەسەبى كۈچلەر مالايسىيانى پانالىنىدىغان جاي قىلىۋالدى. ئورگىنىمىز يېقىندا بىر يىغىن ئېچىپ ، بۇندىن كېيىنكى جاسۇسلۇق ىستىراتېگىيەرىمىزنى مالايسىياغا قارىتىشنى قارار قىلدۇق. ھازىر ئۇ يەردە ناھايىتى ئىشەنچىلىك ۋە كۆپ خىل سىناقلاردىن ئۆتكەن بىر جاسۇسىمىز خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. بۇ جاسۇسىمىزغا ياردەملىشىش ئۈچۈن سېنىڭمۇ مالايسىياغا بېرىشىڭنى قارار قىلدۇق . – ئەمما 004 ئەپەندىم مېنىڭ بۇيەردە ئائىلەم ۋە خىزمىتىم بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دۆلەتتە جاسۇسلۇق قىلىپ خېلى پىشىپ قالدىم، مالايسىيا مەن ئۈچۈن يات بىر دۆلەت، ھەم ئۇ يەرگە بارسام ھەقلەر مەندىن گۇمان قىلىپ قالامدىكىن . : سەن ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بول، مەركەزدە ئېچىلغان دۆلەت بېخەتەرلىكى يىغىنىنىڭ خۇلالىسى ۋە بابۇر سەتچىلىكىدىن كېيىن ئورگىنىمىز جاسۇسلارنىڭ ئورنى ۋە ۋەزىپىسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشنى قارار قىلدۇق . شۇڭا سەن كېلەر ھەپتە مالايسىياغا يولغا چىقىسەن. ئەتىدىن باشلاپ تەييارلىقلىرىڭنى قىل . ئائىلەڭ ۋە بالا چاقىلىرىڭ مۇشۇ دۆلەتتە قالىدۇ . ھازىرچە ئىككى يىللىق ۋەزىپە بىلەن بارىسەن . سالاھىيىتىڭ سودىگەر بولىدۇ. يەنى – ۋەتەننى ھارام يىمەكلىكلەر قاپلاپ كېتىپتۇ ، ئۇيغۇر بولۇش سۈپۈتۈم بىلەن ۋىجدانىم چىدىمىدى ، شۇڭا مالايسىياغا بېرىپ، ۋەتەنگە ھالال يىمەكلىكلەر كىرگۈزۈش ئىشىنى قىلماقچىمەن – دەيسەن، تۈگەيدۇ. مالايسىياغا بارىدىغان ئائىرۇپىلان بېلىتىڭ، تۇرىدىغان جايىڭ ۋە ئالدىڭغا چىقىدىغان ئادەم ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بىرقانچە كۈن ئىچىدە ساڭا يەتكۈزۈلىدۇ. – چۈشەندىم 004 ئەپەندىم، چۈشەندىم -دېگەن گەپنى ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي تەكرارلايتتى ۋاققاس ھەمدە – بۇ دۆلەتتىكى ئىشلارنى قانداق قىلىمىز؟ سورىدى ئۇ خوجايىنىغا قۇللۇق بىلدۈرگەندىن كېيىن . : بابۇر ۋەقەسى ۋە گېرمانىيەدە يۈز بەرگەن بىرقانچىلىغان ئۇششاق جاسۇسلارنىڭ پاش بولۇپ قېلىش ۋەقەسىدىن كېيىن دۆلەت بېخەتەرلىك ئىدارىمىز قارار چىقىرىپ، جاسۇسلارنىڭ ئورنى ۋە ۋەزىپىسىنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشنى قارار قىلدى. بۇ دۆلەتتىكى ئىشلار ئۈچۈن ئەتلەس كۆينەكلىكنى ۋەزىپىلەندۈردۇق. ھەمدە سېلىم ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن بۇ دۆلەتتىكى شەرقى تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ يىلتىزىغا پالتا چېپىلغان بولىدۇ – دېدى قارشى تەرەپ. – ئەمما 004 ئەپەندىم ، ھېلىقى ئايىمگۈل دېگەن ھازازۇل خوتۇنغا تەڭ كەلمەك بەك تەس. ئۇ سېلىمنىڭ ۋاقتسىز ئۆلۈمىدە خىتاينىڭ قولى بار، سېلىم بۇ دۆلەتتىكى بىردىن بىر ھۆكۈمەت ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، شۇنىڭدەك كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىلەن ئالاقە قىلالايدىغان ئېقتىدارلىق ئادىمىمىز ئىدى – دەپ داۋراڭ سېلىپ يۈرىدۇ. ئۇ ئايىمگۈل دېگەن خوتۇن يەنە بۈگۈن سېلىمنىڭ تەقلىدى جىنازە نامىزىدىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپتۇ. ئۇ يەنە بۇ دۆلەتتىكى دۆلەت بېخەتەرلىك ئىدارىسىغا خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ۋە سىڭىپ كىرىش ھەرىكەتلىرىدىن ھەزەر ئەيلەش، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق دېموكراتىك دۆلەتتىمۇ خىتاي تەھدېدىدىن قۇتۇلالمايۋاتقانلىقى ھەققىدە چوڭ ھەجىملىك بىر دوكلات سۇنماقچى ئىكەن. : ئايىمگۈل دېگەن خوتۇندىن سەن ئەنسىرىمە ! – دېدى قارشى تەرپ پىلاننى چۈشەندۈرۈپ – ئۇنى توردا تىللاپ پىسخىك ھۇجۇم قىلىپلا باش كۆتۈرەلمەس قىلىۋېتىمىز. يېقىندا مەلۇم بىر تۈركۈم ئاياللار ئارقىلىق ئۇنىڭغا تۆھمەت چاپلاپ يولدىشىدىن ئاجراشتۇرۇپ ، ئائىلىسىنىڭ كۈلىنى كۆككە سورىۋېتىمىز. سېنىڭ مالايسىياغا بارغاندىن كېيىن بىز يېزىپ ئەۋەتكەن ئايىمگۈلنى سېسىتىش ئۇچۇرلىرىنى ئۇيغۇر ئامېركا جەمىيتىنىڭ تو ر بېتىدىكى مۇنازىرە مەيدانىغا يوللاش ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆز ئۈستۈڭگە ئالىسەن . ئۇندىن باشقا بىز تەربىيەلىگەن ئۇيغۇرچىنى سۇدەك بىلىدىغان بىر قانچە خەنزۇ يولداشلار بار . ئۇلارمۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئايىمگۈلنى سېسىتىپ ، ئەڭ رەزىل يازمىلارنى يازىدۇ. تۆت كۈندە ئايىمگۈل دېگەن خوتۇننىڭ خېيى ئاسمانغا قاراپ ، ئاۋازى ئۆچۈدۇ. بۇنداق پىسخىك ھۇجۇم قىلىش تاكتىكىسى ئورگىنىمىز تەرىپىدىن كۆپ سىناقلاردىن ئۆتكەن. – 004 ئەپەندىم، مالايسىيادىكى ۋەزىپەم نېمە بولىدۇ؟ – سورىدى ۋاققاس قارشى تەرپتىن . : ئۆگۈنلۈككە – چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە سەن تۇرىۋاتقان شەھەردىكى دەۋلىتىمىز كونسۇلخانىسىنىڭ خادىمى ۋاڭ شۇې سەن بىلەن كۆرۈشىدۇ. كېچىكىپ قالماي ۋاقتىدا بار. ۋاڭشۇې ساڭا مالايسىيادا نېمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىڭنى ئۇختۇرىدۇ ۋە مائاش مۇكاپات پۇللىرىڭنى بېرىدۇ. ئەمما مەن ساڭا مالايسىيادا قىلىدىغان ئىشلىرىڭ ھەققىدە قىسقىچە ئۇچۇر بېرىپ ئۆتەي . سەن مالايسىياغا بارغاندىن كېيىن ئاساسلىقى ئۇيەردىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىش بېجىرىش ئىشخانىسى ئەتراپىدا يۈرۈپ، بۇ يەرگە سىياسى پانالىق تىلەش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇرلارنى بىزگە مەلۇم قىلىسەن . ئۇلارغا تىل ۋە باشقا جەھەتلەردىن ياردەم قىلغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ ، بىزگە ئۇلار ھەققىدە ئۇچۇر يوللايسەن . بىرلا شەرت شۇكى ئىنتايىن سەگەك بولۇشۇڭ كېرەك . بابۇر ماخسۇت سەتچىلىكىدەك ئىككىنچى بىر سەتچىلىكنىڭ چەتئەللەردە كۆرۈلۈپ قېلىشىنى ھۆكۈمىتىمىز ئەسلا خالىمايدۇ . يەنە بىر تەرەپتىن سەن ياشاۋاتقان ئۇ دۆلەتتىكى بېخەتەرلىك ئىدارىلىرىنىڭ كۆزى بىزدە . ئەگەر ئازراقلا چاندۇرۇپ قويساڭ سېنى جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىپلەپ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشى مۈمكىن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايىمگۈل دېگەن خوتۇننىڭ ئۇ دۆلەتتىكى بېخەتەرلىك ئىدارىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بارغانچە قويۇقلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇ دۆلەتتە بىز قۇرغان مەخپى تەشكىلات – شىنجىاڭ توڭشىاڭخۇينىمۇ بۇ خوتۇن پاش قىلىۋەتتى . بۇ خوتۇننى ئۇ دۆلەتتىكى بېخەتەرلىك ئىدارىسى ئىشقا ئالىدىكەن دېگەن مىش- مىش گەپلەرمۇ بار. ئەگەر بۇ خوتۇن بۇ ئىشقا ئېلىنىپ قالسا بىرىنچى ھۇجۇم نىشانى سەن بولىسەن . شۇڭا بىز سېنىڭ ئورنۇڭنى ئالماشتۇرۇشنى قارار قىلدۇق . سېنىڭ بۇ دۆلەتتە ئېلىپ بارغان، ئۈچنى يوق قىلىش ۋە ئۈچنى يۇيۇش ھەركىتىڭدىن مەركىزى كومىتېت ئىنتايىن مەمنۇن بولدى . ساڭا يېقىندا ھەيران قالارلىق مۇكاپات بار – دېدى ئۇ، مۇغەمبەرلەرچە كۈلۈپ . ۋاققاس بولسا – باش ئۈستىگە 004 ئەپەندىم، دۆلەتنىڭ پۈتۈنلىكى ئۈچۈن بۇ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم – دېدى يەنە بىر چېتىم قۇللۇق بىلدۈرۈپ.
ۋاققاسنىڭ تاز بېشىدا ئولتۇرۇپ بولۇنغان گەپ – سۆزلەرنى تولۇق ئاڭلىغان سېلىم چىۋىن نۇرغۇنلىغان سىرلارنىڭ تېگىگە يەتكەندەك ،كاللىسىدا چىگىش بولۇپ كېلىۋاتقان نۇرغۇنلىغان سواللارغا جاۋاپ تاپقاندەك بولدى. ۋاققاسنىڭ تەر باسقان تاز بەشى ۋىلىلداپ پارقىراپ، قانداقتۇر چەت خىلۋەت بوستانلىقلاردا، ناگان-ناگاندا ئۇچراپ قالىدىغان كىچىك- كىچىك كۆلچەكلەرنى ئەسلىتەتتى. قارشى تەرەپتىكى 004 دېگەن جاسۇسنىڭ ئۈچنى يوق قىلىش ۋە ئۈچنى يۇيۇش دىگىنى شەرقى تۈركىستان دېگەن نامنىڭ ئەسلىدىكى دۆلەت ئۇقۇمىنى يوق قىلىش ، شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق بايرىقىنى يوق قىلىش ۋە نامايىشنى يوق قىلىش ئىدى . سېلىم چىۋىن ۋاققاسنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ دۆلەتتىكى ياشلارنى يىغىپ پۇتبول كوماندىسى قۇرغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى چۈشۈنۈپ يەتمەكتە ئىدى.
ۋاققاس بۇ يىل ئەللىك ياشتا . ئۇنىڭ ئاۋاق ۋە ۋىجىك بەدىنى خۇددى شوراپ تاشلىۋەتكەن شوخۇلىنى ئەسلەتسە، قورۇق بېسىپ، پۈرلىشىپ كەتكەن يۈزلىرى يامغۇر يۈزى كۆرمىگەن شورلۇق يەرلەرنى ئەسلىتەتتى.
سېلىم ئۇزۇندىن بۇيان ۋاققاسنىڭ بۇ دۆلەتتىكى بېنورمال ھەركەتلىرىدىن، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ كىرىمى بىلەن چىقىمىنىڭ تازا ماس كەلمەيۋاتقانلىقىدىن گۇمان قىلغان ئىدى. سېلىمنىڭ سەكسىنىنچى يىللاردىلا گۇاڭجۇ، شاڭخەيلەرنىڭ دەرۋازىسىنى چەككەن، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە قاتراپ يۈرۈپ پۇل تاپقان سودىگەر ئاغىنىلىرىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ۋاققاس خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ئوغۇرلۇق، ئاق تاماكا سودىسى قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللانغان ئىكەن . ئۇ ناھايىتى نۇرغۇن ئاق تاماكا بىلەن تۇتۇلۇپ قېلىپ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئەمما ئارىدىن ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي كىشىلەر ئارىسىدا ۋاققاس چەتئەلدە ئىكەن – دېگەن گەپ، سۆز تارقالغان ئىدى . دېگەندەك ۋاققاس بۇ دۆلەتكە خاتىرجەم كېلىپ يەرلەشكەن . كىشىلەر ئۇنىڭدىن ۋاققاس سېنى ئىچكىردە تۈرمىدە دەپ ئاڭلىغان ئىدۇق، قانداق چىقتىڭ دەپ سورىسا ئۇ ناھايىتى مەمەدانىلىق بىلەن پۇل خەجلەپ چىقتۇق ، خىتايدا پۇل بولسا نېمىنىنى قىلغىلى بولمايدۇ – دەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويغان ئىدى.
ۋاققاس قارشى تەرەپكە باشقا بېخەتەر بىر ۋاقتتا ئالاقىلىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ خوشلاتى – دە ، ئالدىراشپ سالدىراپ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى گۈپپىدە ياپقانچە سىرتقا چىقتى . ئۇنىڭ تاز ۋە تەر بېسىپ كەتكەن بېشىنى سېلىم چىۋىن نىجاسەت بىلەن تولدۇرۇپ قويدى ۋە ئاخىرىدا نەشتىرىنى شۇنداق قاتتىق سانجىپ ۋاققاسنىڭ بېشىنى چېقىۋالدى . ئۇ ئاغرىققا چىدىماي تاز بېشىنى تاتلىماقتا ئىدى. بۇ مىنۇتلاردا سېلىم چىۋىن ئۇنىڭ مۈرىسىدە ئولتۇرۇپ، ئاللاغا دۇا قىلدى : ھەي ئۇلۇق ئاللا خائىن، ساتقۇن مۇناپىقلىرىنى پەرقلەندۈرەلمەي، بىلەلمەي ئۇلار بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ تاماق يەيدىغان بېخوت ئادەملىكتىن، ھېچ بولمىغاندا كىمنىڭ خائىن ساتقۇنلىقىنى بىلگەن، ئاران ئۈچ ھەپتە ياشىيالايدىغان بىر چىۋىنگە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىڭ ئۈچۈن مىڭ مەرتىۋە شۈكرى.
سېلىم چىۋىن خىياللار قاينىمىدا غەرق بولغان ئىدى. تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كۆزى تاۋۇتنىڭ ئالدىنقى ئوڭ تەرىپىنى مۇرىسى بىلەن كۈتۈرۈپ كېتىۋاتقان، كۆز ياشلىرىنى توختىماي سۈرتىۋاتقان قەدىناس ئاغىنىسى تاھىر قارىمغا چۈشۈپ قالدى . تاھىر قارىم بېشىغا كونىراپ كەتكەن بىر كەپكە شەپكە كېيىۋالغان ئىدى. شەپكە سەل كونىراپ قالغىنىغا ۋە ئۇنىڭ بېشىغا سەل چىڭ كېلىپ قالغىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ناھايىتى مىھرى ئىسسىقلىقى بىلەن ئادەمنىڭ ھېس تۇيغۇلىرىنى سەكسىنىنچى يىللارغا سۆرەپ كېتەتتى . سېلىم بىر قاراپلا ئۇنىڭ بېشىدىكى شەپكىنى تونىدى . بۇ شەپكىنى ئالى مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا، يازلىق تەتىلگە غۇلجىغا كېلىپ تاھىر قارىم بىلەن سېلىم ئىككىسى، ئۈچ دەرۋازىدىكى 10- ماگىزىندىن سېتىۋالغان ئىدى. ئۇ چاغلاردا سېلىمنىڭ رەنا بىلەن ئارلىشىۋاتقان چاغلىرى ئىدى. رەنا داۋاملىق سېلىمگە مۇشۇ شەپكىڭىز سىزگە بەك يارىشىدۇ .چوقۇم ساخلاڭ . كەلگۈسىدە سىزگە ئوخشاش قاملاشقان بىر ئوغلىمىز تۇغۇلغاندا ئۇنىڭغا كەيگۈزىمىز – دەيتتى ناز بىلەن قىزىرىپ تۇرۇپ. بۇنداق چاغلاردا ، بولۇپمۇ رەنا ئۇنى ماختىغان چاغلاردا ئۇ ئىنتايىن خوشال بولۇپ كېتەتتى. رەنا ئېسىگە كېلىشى بىلەن ئۇنىڭ كونا يارىسىغا سۇ سېپىلگەندەك بولدى. ئۇ شۇ مىنۇتلاردا قاتتىق بىر ئۇلۇغ كىچىك تىندى ۋە – رەنا سېنى مەن قەلبىمدە ساخلىدىم. مېنى كەچۈر. ئەگەر مەندە ئازراق ۋەتەنپەرۋەلىك ۋە مىللەتچىلىك روھى بار دەپ قارالسا بۇ سەندىن كەلگەن . بېشىمنىڭ ئۈستىدە يېرىڭ بار – دېدى . ئۇ ھەر قېتىم رەنانى يادىغا ئالغاندا ئىنتايىن جاسارەتلىنىپ كېتەتتى . ھەمدە قانداقتۇر تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگۈسىز بىر سېغىنىش ئوتى ئۇنى چىرمىۋالاتتى . چۈنكى ئۇ رەناغا ئاشىق بولغان، سۆيگەن ۋە بۇ سۆيگۈنى ھازىرغا قەدەر ساخلاپ ۋە توشۇپ كەلمەكتە.
لەۋ-ئىنسان ئەزالىرى ئىچىدىكى ئەڭ يالقۇنلۇق ئەزا. ھايات قايناملىرى ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان تۈرلۈك، تۈمەن ئاجايىپ – غارايىپ ۋەقەلەر، مۇھەببەت قامۇسى ئىچىدىكى كۆيۈپ كۈل بولۇشلار، قەلبنىڭ پۇچۇلىنىشى، ئادەمنىڭ بىردىنلا كۆيگەن چوغقا ئايلىنىشىدەك سىھىرلىك ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە، ئوخشاشمىغان جىنىسقا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەشۇ يالقۇنلۇق لەۋنىڭ ئۇچرىشىشى سەۋەپ بولغان.
لەۋ – ئىنسان جىسمىنىڭ ماتورى . ئاھ …………لەۋلەر، يالقۇنلۇق لەۋلەر . ئىنسانلار نۇرغۇنلىغان مۇھەببەت داستانلىرىنى بىر – بىرلىرىنىڭ قۇلاقلىرىغا شىۋىرلىشىپ ئېيتىشىدۇ. ئەمما لەۋ ھازىرغا قەدەر نامسىز قەھرىمان بولۇپ كەلمەكتە.
سېلىم يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە خىيال سۈرۈپ، ئادەملەر توپى ئارىسىدا بىردە ئۇ ئادەمنىڭ يېڭىگە، بىردە بۇ ئادەمنىڭ چاپىنىنىڭ پېشىگە قونۇپ كېتىۋاتماقتا ئىدى . مەلۇم بىر نەرسە ھەققىدە ئويلانماق ۋە تەپەككۈر قىلماق روھنىڭ ئۆز – ئۆزى بىلەن سۆزلىشىشى دىمەكتۇر. سېلىم چىۋىننىڭ تەقلىدى جىنازىسى ئۇنىڭ قەدىناس ئاغىنىلىرى تەرىپىدىن ھۆرمەت ۋە ئېكرام بىلەن توشۇلۇپ، زاراتكالىققا بارىدىغان مېيىت ماشىنىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. سېلىم چاققانلىق بىلەن ئاستا ئۇچۇپ تاھىر قارىمنىڭ شەپكىسىنىڭ ئۈستىگە قونۇۋالدى- دە، تاھىر قارىم بىلەن بىرلىكتە تەقلىدى جىنازە سېلىنغان ماشىنىغا چىقتى . جىنازە سېلىنغان ماشىنا ئىچىدە تاھىر قارىمدىن باشقا سېلىمنىڭ قەدىناس ئاغىنە ۋە ساۋاقداشلىرىدىن دىلشات، تەلئەت ۋە پاتىمە شۇنداقلا سېلىم بىلەن ئەينى ھېس تۇيغۇ ۋە پىكىرنى ئورتاقلاشقان بىر قانچە يېقىنلىرىمۇ بار ئىدى. ئۇلار يول بويى ئىچىدە ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر- دەپ تەكبىر ئېيتىپ ئولتۇراتتى . تاھىر قارىم بولسا توختىماي قۇرئان تىلاۋەت قىلاتتى.
( داۋامى بار)