مىيونخىن شەھەر باشلىقى ئېتنىك خەلق ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشتى

 

(خەۋەر)

مۇشۇ  ئاينىڭ 1- كۈنى   مىيونخىن شەھرىنىڭ شەھەر  باشلىقى خىرىستىئان ئودې ئەپەندى « ۋىېزىيون تەلىم-تەربىيە  مەركىزى » دە مىيونخىن شەھرىدە ياشىاۋاتقان كۆچمەنلەر دىن ھال سوراش پائالىيتىگە قاتناشتى .
image.jpeg

( ئوڭدىن 1- ئالىمجان مەمەت، 2 – مىيونخىن شەھەر باشلىقى خىرىستىئان ئۇدې)

خىرىستىئان ئۇدې 1993 – يىلى 12- سىنتەبىردە  مىيونخىن شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلانغاندىن بېرى  ھەر قېتىملىق  شەھەر باشلىقى سايلىمىدا  كۈچلۈك رىقابەتچىلىرىنى يېڭىپ،  ئۇدا  يىگىرمە يىل  مىيونخىن شەھرىگە باشلىق بولۇپ كەلگەن ئىدى.
گېرمانىيەنىڭ باۋارىيە ئۆلكىسى  خىرىستىئان  سوتسىئال  بىرلىكى  پارتىيەسىدىن ئىبارەت بىرلا پارتىيە ھۆكۈمرانلىق  قىلىدىغان، خىرىستىئان سوتسىئالىستلار  رىقابەتسىز  باشقۇرىدىغان ئۆلكە بولۇپ، بۇ ئۆلكىنىڭ پايتەختى بولغان مىيونخىن شەھرىگە سوتسىئال دېموكراتلار پارتىيەسىدىن كېلىپ چىققان خىرىستىئان ئۇدې ئەپەندىنىڭ  شۇنچە ئۇزۇن يىل شەھەر باشلىقى بولىشىدىكى تۈپ سەۋەپ –  يۈزەكى  قاراشتا  ئۇدې ئەپەندىنىڭ ئىقتىدارلىقى، مىيونخىن خەلقى ئۈچۈن سان- ساناقسىز ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرىشى … قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئالاھىدىلىكى، تىرىشچانلىقى تىلغا ئېلىنسىمۇ، لېكىن يىغىپ ئېيتقاندا  گېرمان خەلقىنىڭ ساپاسى ۋە گېرمانىيە دۆلىتىنىڭ دېموكراتىيەدە ھەقىقەتەن ۋايىغا يەتكەنلىكىنى  دەلىللەپ بېرىدىغان  ئىسپات دېيىشكە ھەقلىقمىز.

ئېيتىشلارغا قارىغاندا شەھەر باشلىقى ياش چەكلىمىسى پىرىنسىپى بويىچە  خىرىستىئان ئۇدې ئەپەندىنىڭ  ياش – قورامى مۇناسىۋىتى بىلەن  كېلەركى سايلامدا شەھەر باشلىقى كاندېداتلىقىدىن چېكىنىدىكەن .

شەھەر باشلىقىنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە خىرىستىئان ئۇدې ئەپەندى مىيونخىن شەھرىدە ياشاۋاتقان ئېتنىك مىللەت ۋە خەلقلەرنىڭ  مەدەنى پائالىيەتلىرىگە مېھمان بولۇپ  قاتنىشىدۇ. بولۇپمۇ شەھەر باشلىقى ئىدارىسىگە قاراشلىق تۈرلۈك تەشلىكلات ۋە ۋەقپىلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە قەرەللىك ، يىلدا  بىر قانچە قېتىم  ئويۇشتۇرىلىدىغان ، ئېتنىك خەلقلەر بىلەن ئۇچرىشىش پائالىيىتىگە قەدەم تەشرىپ قىلىپ، ئۇلار نىڭ  ۋەكىللىرى بىلەن بېۋاستە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ ۋە تەلەپلىرىنى كۆرۈپ چىقىشقا ۋەدە بېرىدۇ.

2014 – يىلى 1- مارت ئۆتكۈزۈلگەن  ئاممىۋى ئۇچرىشىشتا  شەھەر باشلىقى خىرىستىئان ئۇدې ئەپەندى  تۈرك ، ئەرەپ ، كۈرت، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن  ئالاھىدە ئايرىم پىكىرلەشتى. نۆۋەتتىكى پائالىيەتكە   ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىدىن  ئالىمجان مەمەت  قاتناشقان بولۇپ ، شەھەر باشلىقى خىرىستىئان ئودې ئەپەندىگە مىيونخىندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ  ئەھۋالىنى قىسقىچە بايان قىلدى . بولۇپمۇ كېيىنكى ئون  بەش يىلدىن بېرى مەخسۇس مىيونخىن شەھرىنى نىشان قىلىپ  كەلگەن، ئەمما مۇھاجىرلار ئىدارىسى تەرىپىدىن نېمىشكىدۇر  ئىزچىل ھالدا مەجبۇرى  تارقاقلاشتۇرۇلۇش سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنوپۇسىنىڭ مىيونخىن شەھرىدە سۈنئى ھالدا ئۆسۈشىگە ئېغىر توسقۇنلۇق قىلىنىش ئەھۋاللىرىنى  گەۋدىلىك  يەتكۈزدىى. شۇنىڭدەك مىيونخىن شەھرىدىكى ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەۋلاتلىرىنىڭ  ئوقۇش، ئالى مەكتەپلەرگە  كىرىش، يوقۇرى  دەرىجىدە بىلىم تەھسىل قىلىش نىسبىتىنىڭ پەۋقۇلئاددە  يوقۇرى ئىكەنلىكى، ياش ئەۋلاتلارنىڭ  ئىجتىمائى، قانۇنى مەسىلىلەردىمۇ باشقا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا  ساپاسىنىڭ پەۋقۇلئاددە يوقۇرى ۋە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرنىمۇ تەپسىلى ئاڭلاتتى .

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى تەشۋىقات بۆلۇمى

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

مۇراجىئەت

مۇراجىئەت ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، تۆۋەنچىلىك بىلەن سىلەرگە بۇ ئىلتىماسنى سۇنىۋاتىمىز. خەۋىرىڭىز بولغاندەك، ۋەتەن سىرتىدا چوڭ- كىچىك …

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …