ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى ۋەكىلى 5 ـ نۆۋەتلىك « قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى » دا

 

ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇن – تۈزۈملىرىدىن داۋايىمىز ئۈچۈن

پايدىلىنىشنىڭ يوللىرى توغرىسىدا

( خەلقئارا شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئويۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان 5 ـ نۆۋەتلىك « قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى » دا ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرەھىمجاننىڭ سۆزلىگەن نۇتقىدىن پارچە)

بىرىنچى جۇمىۇرىيتىمىز ( 1934 ـ يىلى) يىقىلغاندىن باشلاپ ۋەتەن سىرتىغا چىقىشقا باشلىغان دەۋرنى ئاساس قىلىپ مۇھاجىرەت تارىخىمىزغا نەزەر سالغىنىمىزدا تۆۋەندىكىدەك تۆت چوڭ تۈركۈمگە ئايرىلىشى مۇمكىن:
1 ـ 1934 ـ يىلى بىرىنچى جۇمىۇرىيەت باستۇرۇلغاندىن 40 ـ يىلىغىچە بولغان بىر قانچە يىللىق قىسقا مۇساپە ئىچىدە چەتئەلگە سەپەر قىلىش تۈركۈمى. بۇ تۈركۈمدىكى مۇھاجىرەتكە ئىنقىلاۋى ئىزدىنىش، قايتا تىرىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىش باسقۇچى ـ دەپ قاراش مۇمكىن.
2 ـ 1949 ـ يىلى ئىككىنچى جۇمىۇرىيتىمىز باستۇرۇلغاندا چەتئەلگە قېچىش تۈركۈمى. بۇ تۈركۈمدىكى مۇھاجىرەتكە چېكىنىش، يىمىرلىش باسقۇچى ـ دەپ قاراش مۇمكىن.
3 ـ 1962 ـ يىللىرىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىش تۈركۈمى. بۇ تۈركۈمدىكى مۇھاجىرەتكە جان ساقلاش ئۈچۈن قېچىش باسقۇچى ـ دەپ قاراش مۇمكىن.
4 ـ 1991 ـ يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن ئىتىبارەن بۈگۈنگىچە چەتكە ئېقىش تۈركۈمى. بۇ تۈركۈمدىكى مۇھاجىرلىرىمىزغا ئەڭ مۇرەككەپ مۇھاجىرەت باسقۇچى ـ دەپ قاراش مۇمكىن.
بىز « ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇن – تۈزۈملىرىدىن داۋايىمىز ئۈچۈن پايدىلىنىشنىڭ يوللىرى » ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلىشتىن ئاۋال « چەتئەلدىكى يېقىن ئۆتمۈشىمىز قانداق بولغان، كەلگۈسىمىز قانداق بولىدۇ؟ » دېگەن ماۋزۇدا ئەتراپلىق باش قاتۇرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ئەگەر تۆنۈگۈننى ئەستىن چىقىرىۋەتسەك بۈگۈندىن قىممەت يارىتالمايمىز. شۇنىڭدەك ئەتىگە تەييارلىقسىز، سەرمايىسىز كىرىپ قالىمىز. ئۇچاغدا تۆنۈگۈندىن ئەتىمىز تېخىمۇ بەتتەر بولىشى مۇمكىن. ئومۇمى ۋەزىيىتىمىزنى كۆزدە تۇتقاندىمۇ يىلدىن يىلغا چۈشكۈنلىشىۋاتقان ئەھۋالىمىز ھەم شۇنى تەستىقلاپ تۇرماقتا.
ئەمدى بىرىچى ـ تۈركۈمدىكى مۇھاجىرلىق دەۋرىنى ـ ئىنقىلاۋى ئىزدىنىش باسقۇچىنى ـ دەپ قاراشتا 1934 ـ يىلى بىرىنچى جۇمىۇرىيتىمىز شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى باستۇرۇلغاندىن كېيىن چەتكە چىقىپ كەتكەن بىر تۈركۈم جۇمھۇرىيەت ۋە ئىنقىلاپ ۋەكىللىرىنىڭ چەتئەلدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى نەزەردە تۇتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ 1945 ـ ىلى 2 ـ دۇنيا ئۇرىشىدا گېرمانىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر مەغلۇپ بولغان دەۋرىگىچە چەتئەلدە دېپلۇماتىك مۇناسىۋەتلەر، ئەسكەرى ئۇرۇش تەييارلىقى ئېلىپ بارغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. 2 ـ دۇنيا ئۇرىشىدا ياپونىيەگە ئوخشاش خىتايغا قارشى بەزەن ئىتتىپاقداش ئەللەر ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، دەۋرى مۇھاجىرلىرىمىز تامامەن ئۈمۈتسىزلىنىپ، چۈشكۈنلۈككە ئۇچرىدى. ئۇلار تارقىلىپ، يەرلىشىپ سىڭىپ كېتىشكە يۈزلەندى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ، ئەۋلاتلارنىڭ مەۋجۇتلىقى ئۈچۈن تىرىكىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمىگەن ئىدى.
ئىككىنچى تۈركۈمدىكى ـ 1949 ـ يىلى ختاي گومىنداڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن چەتكە چىقىپ كەتكەن مۇھاجىرلار باسقۇچىنى چېكىنىش، يىمىرلىش دەۋرى ـ دەپ باھا بېرىشتە ئۇلارنىڭ تەركىۋىدىكى ۋەكىللىك سالاھىيەتلىرىگە ئىگە غوللۇق شەخسلەرنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى تارىخى ئەمەلىيەتلىرى بىلەن ۋەتەن سىرتىغا چىققاندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ قاراش كېرەك. ۋەتەننى تاشلاپ چەتكە چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ ھەممىسىلا ۋەتەن ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچى، ئىنقىلاۋى مۇھاجىر بولىۋەرمەيدۇ. ھاجىلار مىنىپ مەككىگە بارغان ئىشەك ئالتە ئايدىن كېيىن يەنە ئىشەك پېتىم قايتىپ كەلگەنلىكى ئىنكار قىلىنىدىغان ياكى پاكىت تەلەپ قىلىدىغان ئەھۋال ئەمەس. بەلكى ئۇ بىر تەبى ھادىسە.
ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى 1962 ـ يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ كەتكەن مۇھاجىرلارنى جان ساقلاش دەۋرى مۇھاجىرلىرى ـ دەپ باھا بېرىش بولسا، شۇچاغدا ۋەتىنىمىزدە خىتاي باسمىچىلىرى يۈرگۈزگەن ئاچارچىلىق جازاسى ئۇلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىشىغا سەۋەپ بولغان بولسا، ئۇلار سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆتكەندىن كېيىن ئۇچرىغان سىياسى زۇلۇم، خورلۇق، ئاممىۋى سۈرگۈنلۈك قاتارالىق ئىنسان بەرداشلىق بېرەلمىگۈدەك دەرىجىدىكى زۇلۇملار ئۇلارنىڭ سىڭىپ كېتىشىنى تىزلەتكەن ئىدى. ئۇلاردا ئەۋلاتلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقى، ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغۇدەك ئىمكانىيەت يوق بولۇپ، 1991 ـ يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن قايتا قۇرۇلۇش ئۈچۈن قەدەم بېسىشقا پۇرسەت بولمىدى.
تۆتىنچى تۈركۈمدىكى مۇھاجىرلارقوشۇنىنى مۇرەككەپ دەۋر مۇھاجىرلىرى ـ دەپ قاراشتا بۇلارنىڭ ئالدىنقى ھەرقانداق مۇھاجىرلار تۈركۈمىگە ئوخشىمايدىغان تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بار:
1 ـ ئوقۇغۇچى مۇھاجىرلار،
2 ـ تىجارەتچى مۇھاجىرلار،
3 ـ ساختا سىياسى قاچقۇن مۇھاجىرلا،
4 ـ سىياسى قاچقۇن مۇھاجىرلار.

بۇ تۈركۈمدىكى مۇھاجىرلارنىڭ ئورۇنلاشقان دۆلەتلىرى ئالدىنقى تۈركۈمدىكى مۇھاجىرلار ئورۇنلاشقان دۆلەتلەردىن زور پەرقلىق ۋە كەڭ كۆلەمنى تەشكىل قىلىدۇ. ئالدىنقى تۈركۈمدىكى مۇھاجىرلار شۇ دەۋرىلەردىكى دۇنيانىڭ سىياسى ۋەزىيىتى، تەرەققىيات ئەھۋالى، ئىقتىسادى شارائىتلار تۈپەيلىدىن ئىتايىن تار، چەكلىك رايونلارغا يەرلەشكەن. ئەمما كېيىنكى مۇرەككەپ دەۋرى مۇھاجىرلىرى ئاساسەن دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار ئەللىرىگە يەرلەشمەكتە. چەتئەلدە سىڭىپ، ئۆزلىكىدىن يوقۇلۇش ئۈستىدە توختالغاندا، بۇ دەۋرى مۇھاجىرلىرىنىڭ سىڭىپ كېتىش قەدىمى ئالدىنقى باسقۇچتىكى مۇھاجىرلارغا سېلىشتۇرغاندا ئۈچ قاتلام تېز بولىشى ، يەنى يوقۇلۇش باسقۇچى ئىككىنچى ئەۋلاتلاردىن باشلىنىشى مۇمكىن. چۈنكى ئالدىنقى تۈركۈمدىكى مۇھاجىرلار مەۋجۇتلىقىنىڭ بىر قەدەر ئۇزۇنغا سوزۇلىشىدىكى تاشقى سەۋەپ ئۆزلىرى يەرلەشكەن رايۇنلاردىكى يەرلىك خەلقلەر بىلەن بولغان تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەرنىڭ پاسسىپ بولىشى، يەرلىكلەر تەرىپىدىن يەكلىنىشى، ساۋاتسىزلىقنىڭ ئەۋلاتلاپ داۋاملىشىشى ـ قاتارلىق ئىجتىمائى ئەھۋاللار ئىدى. ئەمما كۈنىمىزدىكى مۇرەككەپ دەۋر مۇھاجىرلىرى يوقۇرقىلارنىڭ ئەكسىچە يەرلىكلەر بىلەن ئورتاق ياشاش، يەرلىكلەر بىلەن بىرگە ئىشلەش، ئارلىشىپ ئولتۇراقلىشىش، يەرلىكلەر بىلەن ئوخشاش ھەق ـ ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولۇش ـ قاتارلىق تېز سىڭىپ كېتىش تەقدىرىگە دۇچ كەلمەكتە.
بولۇپمۇ كۈندىلىك تەشۋىقات ۋاستىلىرى، رادىئو، ئنتېرنەت، تۈرلۈك ئېلېكترونلۇق تەشۋىقات ۋاستىلىرى، ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان تەبى سىڭدۈرۈش فىلىم ۋە ئويۇنچۇقلىرى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلى تۇيۇقسىز ئاسمىلاتىسيە بولۇپ سىڭىپ كېتىش قەدىمى ئاۋالقى ھەرقانداق زامانلاردىكىدىن قانچە ھەسسە تېزلىشىشى مۇقەررەردۇر.
يوقۇرقىلارنى نەزەردە تۇتقاندىمۇ بىزنىڭ ئۈستىمىزدە ئىككى چوڭ يۈك بار. بىرى ۋەتەن ئۈچۈن مۇجادىلە قىلىش، يەنە بىرى ۋەتەن سىرتىدىكى مەۋجۇتلىقىمىزنىڭ داۋامى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش. ئەگەر پۈتۈن بارلىقىمىزنى ۋەتەن ئۈچۈن مۇجادىلە قىلىشقىلا ئاتاپ، ۋەتەن سىرتىدىكى مەۋجۇتلىقىمىزغا پەرۋاسىز قارىساق، جەزمەنكى بۇ مۇجالىدە ئۇزۇنغا بارماي ئاخىرغا چىقىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغاندا، يەنى ۋەتەن مۇجادىلىسىدىن يىراقلىشىپ، پەقەت چەتئەلدىكى مەۋجۇتلۇق ئۈچۈنلا مۇجادىلە قىلغىلى تۇرساق، ۋەتەندىن تولۇق ئايرىلغان بولىمىز. بىزنىڭ چەتكە چىقىشتىكى غايىمىز، مەقسەتلىرىمىز، بۈگۈنكى مۇشۇ مەجلىسكە يىغىلىشىمىزدىكى تۈپ مەقسەتلىرىمىز ۋەتەن مۇجادىلىسى ئۈچۈندۇر. بۇ مۇجادىلە بىلىم كۇچى، ئىقتىسادى كۇچ ۋە ئادەم كۇچى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنى ھەممىمىز ياخشى بىلىمىز. ئەمما ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئەمەلى قەدەم بېسىش تامامەن باشقا گەپ. ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا مۇجادىلە ئۈچۈن تەلەپ قىلىنىدىغان مەزكۇر ئۈچ تۈرلۈك كۇچ مۇھاجىرلىرىمىزنىڭ قايسى تۈركۈمىدە مەۋجۇت؟ مەسىلەن يوقۇرىدا مۇھاجىرلارنى تۆت تۈركۈمگە ئايرىپ قاراپ چىقتۇق. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى تۈركۈملىرىدىن مۇجادىلىمىزگە ئىھتىياجلىق كۈچلەرنى كۈتۈش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۇلار ئاساەسى جەھەتتىن ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ئەللەرگە يەرلىشىپ كەتتى. ئۇلار ۋەتەن سىرتىدىكى مەۋجۇتلۇق ئۈچۈنمۇ قىزىقمايدۇ. بۇنى ئىزاھلاشنىڭ زۆرۈرىيتىمۇ يوق.
يوقۇرىدا 1991 ـ يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن بۇيانقى چەتئەلگە ئېقىۋاتقان تۆتىنچى تۈركۈمدىكى مۇھاجىرلارنى تۆت تۈرگە ئايرىپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئەمدىكى گەپ مۇشۇلار ئۈستىدە. يەنى ئوقۇغۇچى مۇھاجىرلار، تىجارەتچى مۇھاجىرلار، ساختا قاچقۇن مۇھاجىرلار ۋە سىياسى قاچقۇن مۇھاجىرلار دىن ئىبارەت. مۇجادىلىمىزگە كېرەكلىك بولىۋاتقان بىلىم كۇچى بولسا ئوقۇغۇچى مۇھاجىرلارغا مەركەزلەشكەن. بۇ لارنىڭ ئىچىدە ھەرقايسى ساھە بويىچە يېتىشكەن كەسىپ ئەھلى، مۇتەخەسىسلەر بار. لېكىن ئۇلاردىن مۇجادىلىمىز ئۈچۈن نېمىنى كۈتۈش مۇمكىن؟ ئۇلارنى ئوقۇشقا بىز يوللىمىغان. ئۇلار ئوقۇش جەريانىدا قېيىنچىلىق تارتقاندا بانكا ھېساۋىغا بىز پۇل يوللاپ بەرمىگەن تۇرساق. ئەمدى ئۇلار ھەرقايسى ئەللەردە ئالى ئورۇنلاردا يوقۇرى مائاشقا ئېرىشىپ، بەخىتلىك ھايات پەيزىنى سۈرۈشكە قەدەم باسقاندا ، يەنە بەدەل تۆلەپ بىزگە نېمە قىلىپ بېرەلىشى كېرەك؟ ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللىغانلىرى تېنچلىق يوللىرى بىلەن تىرىشىپ ئوقۇپ، ياخشى نەتىجە بىلەن كەسىپ پۈتتۈرۈش. ئۇنىڭدىن كېيىن ئارزۇسىغا لايىق ئىشقا ئورۇنلىشىپ، تۇرمۇش يولىنى ئىزىغا چۈشۈرۈش. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىغا دەسلىۋىدىن باشلاپلا قويۇلىدىغان ئائىلىۋى تەلەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا « ياخشى ئوقۇپ، ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ياخشى ئورۇندىن خىزمەت تېپىش ۋە جاپا چەكمەي كۈن كەچۈرەلەيدىغان ئادەم بولۇش، ئاتىسىدەك ياكى ئانىسىدەك، خىزمەتچى خادىم بولۇش، ياكى ئاتىسىدەك، ئانىسىدەك داڭگال غاجىلاپ، كەتمەنچى، جاپاكەش بولۇپ قالماسلىق….» مانا بۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئوقۇشقا تۇتقان پوزتىسيە ۋە ئوقۇغۇچىغا قويۇلىدىغان تەلەپ.
ئوقۇپ يېتىلىۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ غايە، نىشانلىرىمۇ، كەلگۈسىگە قارىتا كۆرىدىغان چۈشلىرىمۇ شۇنداق. خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ھېچقانداق بىر ئاتا ئانا « بالام ۋەتەننىڭ مۇجادىلىسى ئۈچۈن، مىللەتنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن تىرىشىپ ئوقۇپ كېرەكلىك ئادەم بول » دېيەلمەيدۇ. ھېچقانداق بىر ئوقۇتقۇچىمۇ ئۇنداق بىر ئىددىيە تەربىيسى بېرەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ۋە دەيدىغانلىرى « ماركىسىزىم، لېنىنىزىنم، ماۋ ئىددىيەسىدە چىڭ تۇرۇش… » لاردىن ئىبارەتتۇر. ئۇلارنىڭ بېرىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىمۇ دەل خىتاي مۇستەملىكىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، ياراملىق، گېگانىت ئادەم بولۇشتىن ئىبارەتتۇر.
كۈنىمىزدە « ئۇيغۇر زىيالىلىرى » دەپ ئاتىلىۋاتقاق ئاشۇ زىيالىلارنىڭ ئىچىدىكى مۇجادىلە سېپىگە قاتنىشىۋاتقانلىرىغا كەلسەك، بۇ بىر مۆجىزىۋى، ئادەتتىن تاشقىرى ئەھۋالدۇر. چۈنكى چەتئەلدىكى ئىككى يۈز نەپەردىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئاكادېمىك ـ دوكتۇرلاردىن بىر قانچە نەپىرى، ئالى مەكتەپ دىپلومىغا ئىگە مىڭلىغان تالانت ئىگىلىرىدىن ساناپ كۆرسەتكۈدەك بىر قانچە كىشىلەرنىڭ مۇجادىلە سېپىگە قاتنىشىۋاتقانلىقىغا قارىساقلا مەسىلە ئايدىڭلىشىدۇ. ئەگەر « زىيالى » دېگەن ئاتالغۇنى كەسپى نوقتىسىدىن دىپلوم بىلەن ئۆلچىگەن ئەھۋالدا مەمۇرى جەھەتتىن پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ يوقۇرى قاتلام ئەمەلدارلىرى، يەنى باش مىنىستىردىن باشلاپ بارلىق مىنىستىرلەر، باشقارما باشلىقلىرى، ۋالىلار، ناھىيە باشلىقلىرى، كىچىك شەھەر باشلىقلىرى، سەھرا باشلىقلىرى، سىياسى قاتلاملاردا پارتىيە، تەشكىلات باشلىقلىرى ۋە ئاكتىپ تايانچ ئەزالىرى، ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرى بويىچە ئېيتقاندا فىرما، شىركەت باشلىقلىرى ئالدى بىلەن يوقۇرى سەۋىيەلىك زىيالىلار تۈرىگە كىرىدىغان كىشىلەردۇر. مۇشۇ يەردە كىچىك بىر سېلىشتۇرمىغا ئىھتىياجىم چۈشىۋاتىدۇ. 1992 ـ يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئوقۇش مۇناسىۋىتى بىلەن چەتئەلگە چىقىپ دوكتۇرلۇق دىپلومى ئالغان ۋە چەتئەلدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇپ قالغان ئۇيغۇر زىيالىلىرى 150 كىشىدىن ئارتۇق ئىكەن. ئەمما ۋەتەن مۇجادىلىسىگە تەشكىلى جەھەتتىن ۋەزىپە ئېلىپ قاتنىشىۋاتقانلار ھەر قىتئەدە بىر سانغا توغرا كەلمەيدۇ. ئەگەر تۈركىيەنى ياۋرۇپا قىتئەسىگە قوتمىغاندا پۈتۈن ياۋرۇپا ئەللىرىدە دىپلوملۇق دوكتۇردىن بىرسىمۇ دەۋا سېپىدە يوق. قېرىنداشلار! زىيالى ـ دېگەن ئاتالغۇنى كونكرېتلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا تۈن كېچىدىكى قاراڭغۇ ئورماندا كىشىلەرگە يول باشلاپ مەشئەل تۇتۇپ ئالدىدا كېتىۋاتقان ئادەم ـ دېيىشكە بولىدۇ. چەتئەلدىكى زىيالىلىرىمىزنىڭ بىلىملىرىنىڭ ئالدىنقى يېرىمى ـ يەنى ۋەتەندىكى قىسمى ئاتالمىش« مىللى بۆلگۈنچىلىككە قارشى » ئىددىيە بىلەن پۈتۈپ چىققان بولسىمۇ، چەتئەلگە چىققاندىن كېيىنكى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ دىپلوم ئېلىش جەريانى تامامەن باشقىچە بولغان. بىراق زىيالىلار دەۋا سېپىدىن نېمىشكە يىراق تۇرىدۇ؟ ـ ئۇلارنىڭ دەۋا سېپىدىن يىراق تۇرۇشلىرىدا نۇرغۇنلىغان سەۋەپلەر بولۇپ ، بۇ يەردە ئوچۇق ئېيتىشقا بولىدىغانلىرى شۇكى ئۇلارنى سېپىمىزگە جەلىپ قىلالىغىدەك، ئۇلارنى قايىل قىلىپ دەۋا سېپىگە قاتناشتۇرالىغىدەك ئالاھىدىلىك بىزدە تېپىلمىغان بولىشى مۇمكىن. يەنە بىر مۇھىم سەۋەپ ئوقۇغۇچى مۇھاجىرلارنىڭ ۋەتەن بىلەن بولغان ئالاقىسى قويۇق. ئۇلار دەۋا سېپىگە تولۇق ۋەزىپە بىلەن قاتناشسا، ۋەتەندىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغان بولىدۇ. ئۇلار بۇنداق چوڭ بەدەل تۆلىگەنگە چۇشلۇق نېمە قىلالايدۇ؟ گەپ مۇشۇيەردە. دەۋا سېپىدە يىلتىز تارتىپ، ھاكىم مۇتلەقلىق تەختىگە چىقىۋالغان بىزنىڭ ئەرباپلىرىمىز ئۇلارنى شايكىغا ئايلاندۇرۇپ ئىسراپ قىلىۋېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر ئۆزلىرىنى دالدىغا ئالىدۇ. بۇنداق ۋەزىيەت ئاستىدا ئوقۇغۇچى مۇھاجىرلىرىمىزدىن دەۋا سېپىمىزگە پايدىلىق نەرسە كۈتۈش قىيىندۇر. بۇ ئۆزلىكىدىن بولۇپ قالىدىغان ئىش ئەمەس.
ئەمدى ئىقتىسادى كۇچ بولسا تىجارەتچى مۇھاجىرلارنىڭ قولىدا. تىجارەت مەنبەسى بولسا ئاساسەن دۈشمىنىمىز خىتاينىڭ قولىدا. بۇنداق بىر ۋەزىيەت ئاستىدا ئۇلاردىنمۇ كۇچ تەلەپ قىلىش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئادەملەر توپى ئىچىدە ئىقتىساد بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر ھەممىدىن بەك ھىۇشيار كېلىدۇ. ئۇلار بىر ئىشقا، بىر تىجارەتكە مەبلەغ سېلىشتىن ئاۋال پايدا ـ زىياننى دەڭسەپ، ھېچ بولمىغاندا خەتەر تەڭ نىسبەتكە چۈشمىگىچە تەۋەككۈل قىلمايدۇ. بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىدەك ئارقىسىدا قوغداپ تۇرىدىغان دۆلىتى يوق، بارلىق دەسمايىسى غالتەككە چىقىپ قالغان ۋەزىيەت ئاستىدا پۇلدارلىرىمىزدىن مۇجادىلىمىزگە مەبلەغ تەلەپ قىلالمايمىز.
ئادەم كۇچى دېيىلگەندە مۇتلەق ھالدا ساختا قاچقۇنلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. ئۇلار كۆپۈنچە ئېلىپ قاچار، يەپ قاچار قوشۇندۇر. ئۇلارنىڭ سىياسى پانالىق ئىلتىجالىرى قوبۇل بولغىچە يىلدا ئىككى قېتىم بولىدىغان نامايىش سېپىنىڭ ئالدىنقى رېتىنى تالىشىپ، خىتاي ئەلچىخانىسنىڭ ئالدىدا كۆكرەك كېرىپ « ۋەتەن بىزنىڭ » شۇئارىنى توۋلايدۇ. قولىغا سىياسى ئىقامەت ئالغاندا بولسا نامايىشلاردا ئاز كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ ياكى دالداراق جاينى ئىزدەيدۇ. ئالتە يىل ئۆتۈپ قولىغا ۋەتەنداشلىق چىققاندا بولسا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ يان ئىشىكلىرىدىن كىرىپ « ۋەتىنىم جۇڭخۋا ئېلىدۇر» ـ دېگەن جەدىۋەلنى تولدۇرۇپ خىتاي ۋىزىسىغا باش ئۇرىدۇ. بۇ ئەھۋالنى نەزەردە تۇتقاندا ئۇلارنىڭ بىز ۋاقىت ئاجىرتىپ ئوقىتىۋاتقان ئەۋلاتلىرىدىن مۇجادىلە ئۈچۈن ئۈمۈت كۈتۈش ئاخماقلىقتۇر.
ۋەزىيەت شۇنداق بولغانكەن، بارلىق مۇجادىلە يۈكى پەقەتلا ئاز سانلىقنى تەشكىل قىلىۋاتقان، تەشكىلى ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئەڭ ئېغىر بەدەل تۆلەۋاتقان ھەقىقى سىياسى قاچقۇنلىرىمىزنىبڭ ئۈستىگە يۈكلەنمەكتە. لېكىن بۇ ئېقىمدا مۇجادىلىگە كېرەكلىك بولغان بىلىم كۇچى، ئىقتىسادى كۇچ، ئادەم كۇچى پەقەتلا يېتەرسىزدۇر.
بۇ يەردە شۇنى ئوچۇق ئېيتىش كېرەككى، دېڭىزغا چۆكۈپ كېتىۋاتقان چوڭ بىر كېمىنى قۇلۋقتا ئۈزۈپ بېرىپ قۇتۇلدۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر بىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە چوڭ بىر شۇئار بىلەن ئوتتۇرغا چىقىپ قالدۇق ـ دەپ مىسال ئالايلى، چوڭ بىر ئىشلارنى تەۋرىتىشكە باشلىدۇق ـ دەپ مىسال ئالايلى، ئۇچاغدا بىزنىڭ نېمىلەرگە ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىمىز، قانداق كىشىلەرگە ئىھتىياجلىق ئىكەنلىمىز سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقىدۇ. كونكرېت قىلىپ ئېيتساق، ئەگەر بىزنىڭ ئىھتىياجىمىز ھەربى مۇتەخەسىسكە چۈشتى دەيلى مەسىلەن، جەزمەنكى باشقىلار تەرىپىدىن ھەربى مۇتەخەسىس بىلەن تەمىنلىنىمىز. ئىقتىسادقا ئىچتىياجىمىز چۈسسە، باشقىلار تەرىپىدىن پۇل بىلەن تەمىنلىنىمىز. جەڭ ئەسلىھەلىرىگە ئىھتىياجىمىز چۈسسە، باشقىلار تەرىپىدىن تەمىنلىنىمىز. ھەممە تەرەپتىن باشقىلارنىڭ تەمىنلىشىگە ھاجەتمەن بولۇپ تۇرۇپ شۇنداق بىر ئىشلارنى تەۋرەتكەن چېغىمىزدا بىز پۈتۈنلەي باشقىلارنىڭ قورچىقىغا ئايلانغان بولىمىز. چۈنكى باشقىلار تەمىنلىگەن ھەرقانداق نەرسە شەرتلىك بولىدۇ. دۇنيادا خالىس نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. ئۇ چاغدا خۇددى تەشكىلاتنى قۇرۇپ، ئىنقىلاپنى باشلاپ، كېيىن دۆلەت قۇرغاندا ئوخشاشمىغان يات تائىپىلەرنىڭ ئوتتۇرسڭدا ئاق سەللانى كېيىپ، يالغۇز قالغان ئەلىخان تۆرەمگە ئوخشاپ قالىمىز. مەدىرىستە بالا ئوقىتىدىغان، مەسجىدلەردە جامائەتكە ۋەز نەسىھەت قىلىدىغان بىر دىنى ئۆلىمانىڭ ساقىلىنىڭ ئاستىغا « ھەربى مارشال» دەپ يوغان ئىزنەكنى قاداپ قويۇپ، پۈتۈن بىر دۆلەتنى ياتلار ئۆز مەيلىچە ئىدارە قىلغان ئاقىۋەت يەنە كېلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق ئىككى نوقتىغا سەل قارىماسلىقىمىز لازىم:
بىرىنچى « تەشكىلى قۇرۇلمىنى ساغلام سىياسى ئۇل ئۈستىگە تۇرغۇزۇش » ، ئىككىنچى « تەشكىلات ئىچىدىكى ۋەزىپىلىك خادىملارنى كەسپىلەشتۈرۈش ». چۈنكى تەشكىلات ئىچى ساغلام بولغاندا ئاز ھەرىكەت بىلەن كۆپ نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ناۋادا تەشكىلات ئۆز ئىچىدىن چىرىك، ئۇلى ئەسنەك بولغاندا بىر قەدەم ئالدىغا ماڭسا بەش قەدەم ئارقىغا چېكىندۈرىلىدۇ. نەتىجىدىن سۆز ئېچىش ئەسلا يوق گەپ. ئىككىنچى نوقتا بويىچە تەشكىلاتتىكى ۋەزىپىلىك خادىملارنى كەسپىلەشتۈرگەندە ئىش ـ ھەرىكەت تەرتىپ پىرىنسىپ بىلەن، قائىدە ـ قانۇنىيەت بىلەن يوقۇرى سۈپەتلىك، ئىجابى نەتىجىلىك ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغاندا ھەممە تەرەپتىن بېھۇدە ئىسراپچىلىق، نەتىجىسىزلىك يۈز بېرىدۇ. مۇجادىلە داۋامى ۋە تەرەققىياتى ئىستىقبالسىز بولۇپ قالىدۇ.
يوقۇرقى بايانلارنى مۇقەددىمە ئورنىدا چۈشۈنۈپ، ئەسلى مەقسەتتىكى : قايسى ئۇسۇل ـ چارىلەرنى ئىشقا سېلىپ بىز « ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇن – تۈزۈملىرىدىن داۋايىمىز ئۈچۈن پايدىلىنىشنىڭ يوللىرى » نى تېپىپ چىقالايمىز؟ ـ دېگەن تېمىغا كەلسەك، دەۋايىمىزغا پايدىلىق يول ئىزدىنىش ۋەتەن سىرتىدا ياشاۋاتقان كونا يېڭى مىليونلىغان بارلىق مۇھاجىرلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنىڭ مەجبۇرىيىتى ئەمەس. شۇنىڭدەك ھەرقانداق بىر مۇھاجىرلار جەمئىيىتى، ھەرقانداق بىر تەشكىلاتلار قىلىۋىرىدىغان ئاممىۋى پائالىيەتمۇ ئەمەس. كېسىپ ئېيتقاندا بۇ بىر ئىنقىلاۋى مۇجادىلە. بۇ جەزمەنكى يوقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگىنىدەك، بارلىق ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالغان، ئاز سانلىقنى تەشكىل قىلغان مۇجادىلە قوشۇنىنىڭ زىممىسىدىكى ۋەزىپىدۇر.
ئەمدى بىز يوقۇرىدا تىلغا ئالغان ئىككىنچى نوقتىنى ـ يەنى « تەشكىلات ئىچىدىكى ۋەزىپىلىك خادىملارنى كەسپىلەشتۈرۈش » نى تۇتقا قىلىپ ئەسلىدىكى مەقسەتكە قايتىپ كېلەيلى. بۇ ھەقتە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە مەزمۇنلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن:
1 ـ تەشكىلات قۇرۇلمىسىدىكى ۋەزىپىلىك خادىملارنىڭ ۋەزىپە ئالاھىدىلىكى ياكى ئۆز قابىلىيىتى بويىچە بىلىم سەۋىيەسىنى ۋە كەسپى ساپاسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۇرسقا ئېۋەتىش.
2 ـ مۇجادىلىمىزگە كېرەكلىك بولىۋاتقان ساھەلەر بويىچە تەشكىلات قارمىقىدا كۇرس تەشكىللەپ، مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسىسلەرنى دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىىلىپ كەسپى خادىملارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈش.
3 ـ تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى ھاكىميەتكە قاتنىشىش ئىھتىماللىقى بىر قەدەر تۆۋەن ئەمما پارلامېنتتا ئورۇن ئىگەللىيەلەيدىغان تۈرلۈك ئۆكتىچى پارتىيەلەرگە ئەزا كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك يىغىنلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىش ئارقىلىق تەشكىلى سەۋىيەنى ئۆستۈرۈش ۋە سىياسى ئاڭنى يوقۇرى كۆتۈرۈش، شۇنىڭدەك ۋەتەن مىللەت تەقدىرى توغرىسىدا مەلۇمات توپلاپ ئۆزلىرى قاتنىشىۋاتقان ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ۋەتەن مەسىلىمىزنى پارلامېنتلاردا ئوتتۇرغا قويۇلىشىغا پۇرسەت يارىتىش.
4 ـ ئىنسان ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش، ئانىلار ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىش، بالىلار ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىش، تەبى مۇھىت ئاسراش ـ قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا ئەزا بولۇپ، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىنىش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن تەشكىلى سەۋىيەنى ئۆستۈرۈش، مۇناسىۋەت دائىرىنى كېڭەيتىش يەنە بىر تەرەپتىن ۋەتەن خەلقىمىز ئۈستىدىكى پاجىئەلەر توغرىسىدىكى تەشۋىقاتلارنى ئاممىۋىلاشتۇرۇشتا نەتىجە يارىتىش.

5 ـ ياشلىرىمىزنىڭ يوقۇرقىدەك پارتىيە، تەشكىلاتلارغا ئەزا بولىشىغا تەشكىلى ھالدا يېتەكچىلىك قىلىش. ئوغۇللىرىمىزنى مەدرىسكە، قىزلىرىمىزنى بۆشۈككىلا بەنت قىلىۋەتمەي، ياشلىرىمىزنىڭ كۇچىنى دەۋا سېپى ئۈچۈن قوللىنىدىغان راۋان بىر ۋەزىيەت بەرپا قىلىش.
6 ـ ئەسكەرلىك قورامىغا يەتكەن ئوغۇللىرىمىزنى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە قانۇنلۇق ئەسكەرلىككە يوللاپ، تەرتىپلىك، ئىنتىزامچان ئادەم بولىشىغا، ھەربى كەسىپ، ھەربى تېخنىكا ئۆگىنىشىگە، مۇجادىلىمىزگە لازىملىق ھەربى مۇتەخەسىسلەرنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش.
7 ـ ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ كەسىپ تاللىشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، مۇجادىلىمىزگە كېرەكلىك بولىۋاتقان ساھەلەر بويىچە ساياسى ئىقتىساد، قانۇنچىلىق، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر، ئالاقە ـ ئۇچۇر، سوتسىئال پىداگوگ ـ قاتارلىق كەسىپلەرگە ئوقۇشقا كىرىشىگە تەشكىللىك بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىش.
8 ـ ئۆزىمىز تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى قانۇنى ھەق ـ ھوقۇقلىرىمىزدىن، دېموكراتىك قائىدە پىرىنسىپلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ ھەم پۇخرالىق مەجبۇرىيەتلەرنى ئاداقىلىش بىلەن بىرگە « ياردەمگە ئىھتىياجلىق بىچارە ، پاسىپ كىشىلەر » قاتارىدا قالماي، ئەمگەكچان، ئەقىللىق، باشقىلارغا ياردەم قىلالايدىغان خىسلەتلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، بىرىنچى سىنىپ كىشىلەر ۋە بىرىنچى سىنىپ مىللەت قاتارىغا ئۆتۈشنى قانات يايدۇرۇش.
9 ـ يوقۇرقىلاردىن باشقا يەنە تۈرلۈك ئۇسۇل ـ چارىلەرنى قېزىپ چىقىپ، مۇجادىلىمىز ئۈچۈن قولايلىق شارائىت يارىتىش ۋە مۇنبەت زىمىن ھازىرلاش.
يىغىپ ئېيتقاندا ئىنتايىن ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالغان مۇجادىلە قوشۇنىمىزنى گېگانىت كۈچكە ئايلاندۇرۇش پەقەت بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى ۋەزىپىدۇر. بۇ ۋەزىپىلەرنى ئۆزىمىز ئورۇنلىيالمىساق، باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىش بىلەن كۇپايە قىلساق، باشقا ئېقىمدىكىلەر ھەرگىز قىلمايدۇ ۋە قىلالمايدۇ. باشقا بىر دۆلەت، باشقا بىر مىللەت بىزگە خالىس قىلىپ بەرمەيدۇ. يوقۇرقىدەك بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈستىدە قىزغىن مۇھاكىمە يۈرگۈزەپ، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

( ئوتتۇر شەرق مىللى مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى، خەلقئارا مىللى مۇناسىىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى، تۈركىيە دۆلەت ئىشلىرى سابىق باش مەسلەھەتچىسى دوكتۇر ئومەر فارۇق ئەپەندى بىلەن بىرگە)

مۇشۇ يەردىن ئەسلى ماۋزۇغا يەنە بىر قېتىم قايتايلى: بىز قايسى ئۇسۇل ـ چارىلەر بىلەن « ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇن – تۈزۈملىرىدىن داۋايىمىز ئۈچۈن پايدىلىنىشنىڭ يوللىرى » نى تېپىپ چىقالايمىز ؟ بىز ئۇيغۇرلار غولىمىزدىن تىجارەتچى مىللەت بولغاچقا « پايدا، مەنپەئەت » دېگەن ئىبارىدىن دەرھال كۆز ئالدىمىزغا كېلىدىغان ئۇقۇم نەق پۇل، ماددى بۇيۇم بولىدۇ. بۇ يەردە كىچىك بىر ۋەقەنى مىسال قىلىپ ئۆتەيلى : 2010 ـ يىلى يالوۋادا چاقىرىلغان يىغىنىمىزدا لېكىسيە سۆزلىگەن دوكتۇر ئومەر فارۇق ئەپەندى مۇنداق قىسقا بىر جۈملىنى دەپ ئۆتكەن ئىدى : « سىلەر دائىم تۈركىيەدىن ئېلىشنىلا كۈتمەي، تۈركىيەگە بىرىشنىمۇ بىلىشىڭلار كېرەك. شۇنداق بولغاندا قەدرىڭلار ئاشىدۇ ». مۇشۇ جۈملە ئۈستىدە يېنىمدا ئولتۇرغان بىزنىڭ دوكتۇر ئەپەندى بىلەن خېلە ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە پىكىرلەشكەن ئىدۇق. بۇ جۈملنى دەرھال ئاڭلىماققا كاللىمىزدا شۇنداق ئىنكاس پەيدا قىلىدۇ: تۈركىيە بىزگە نېمە بەردى؟ بىز تۈركىيەدە ئۆز كۇچىمىزگە تاينىپ جان بېقىۋاتىمىزغۇ! تازا بىر گەپ بولدى بۇ. بىز تۈركىيەگە نېمە بېرەلەيتتۇق؟ تۈركىيە بىر دۆلەت تۇرسا، بىزدىن نېمە تەلەپ قىلاتتى؟

مانا بىزنىڭ دەرھال بىلىدىغىنىمىز يەنە شۇ نەق پۇل! ياكى ماددى بۇيۇم. ئەمەلىيەتتە بولسا، تۈركىيە بىزنىڭ تۇمۇرىمىزغا قان بېرىۋاتىدۇ! تۈركىيە بىزنىڭ تۇمۇرىمىزدىكى قانغا ئوكسېگىن بېرىۋاتىدۇ قېرىنداشلار. قېنىمىزنى ھەرىكەتلەندۈرىۋاتقان ھەر بىر نەپەس ھاۋا تۈركىيەنىڭ. ۋۇجۇدىمىزغا ھايات بېغىشلاۋاتقان ھەر بىر تامچە سۇ تۈركىيەنىڭ. قەددىمىزنى تىك تۇتۇپ تۇرغان مۇشۇ ئەزىز تۇپراق تۈركىيەدۇر. جەسىدىمىزنى قوينىغا ئالىدىغان تۇپراق يەنە شۇ تۈركىيەدۇر. ئەمما تۈركىيە بىزدىن تۇمۇرىمىزدىكى قاننى تەلەپ قىلمايدۇ. ياكى بىزدىن مال تەلەپ قىلمايدۇ. بىزدىن پەقەت ئەقىل تەلەپ قىلىدۇ. ئۆزىمىز ماڭىدىغان يولغا ئۆز قولىمىز بىلەن ئورا كولىماسلىقىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۆزىمىز ئۆتىدىغان كۆۋرۈكنى بۇزىۋەتمەسلىكىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭدەك بىزگە ھەممە نەرسىسىنى بېرىۋاتقان تۈركىيەنى يىقىتىپ، قولىغا كىشەن، بوينىغا تاقاق سېلىپ دۈشمىنىمىزنىڭ ئالدىغا سۆرەپ بارماسلىقىمىزنى، ئۆزىمىزنىمۇ، تۈركىيەنىمۇ رەزىل قىلماسلىقىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ قېرىنداشلار. مانا بۇ تۈركىيەگە بېرىدىغىنىمىز.
بېشىمىزغا بىر ئوڭۇشسىزلىق كەلگەندە « ھەر شەررىدە بىر خەير بار » دەپ قويۇپ، ئۆزىمىزدىن ئۆتكەن شەررىدىن ساۋاق ئالماي كېتىۋەرسەك، خەير ئۆزلىكىدىن كەلمەيدۇ. بەلكى بېشىمىزدىن ئۆتكەن ھەر بىر شەررە ئۈستىدە مىڭ قېتىملاپ مۇلاھىزە قىلىشىمىز كېرەككى، بىر قېتىم ئۆتكەن شەرر قايتا تەكرارلانمىسۇن!
قازاق، قىرغىز قېرىنداشلىرىمىز دەسلىۋىدە پىشانىمىزدىن سۆيۈپ باغرىغا باسقان ئىدى. كېيىن ئۇلار بىزنى قوغلاپ تۇتۇپ دۈشمىنىمىزگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان دۈشمەن ھالىغا كەلدى. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ بوينىغا تاقاقنى بىز سېلىپ دۈشمىنىمىزگە ئىڭىشتۈرۈپ بەردۇق. بۇنداق بىر ھادىسە ھېچقاچان، ۋە دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە قايتا يۈز بەرمەسلىكى لازىم. ئۆگىنىشكە تېگىشلىك ھەرقانداق كەسىپنى ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى پۇخرالىق ھەق ـ ھوقۇق نورمىسى ئىچىدە، قانۇنلۇق شەكىلدە ئۆگىنىشكە پۇرسەت بار. مۇكەممەل، كۈچلۈك مۇجادىلە قوشۇنى بولۇپ شەكىللىنىشىمىزگە توسقۇنلۇق يوق. يېتەركى يول ماڭغاندا قولىمىزدا يۆنۈلۈش كۆرسىتىپ بېرىدىغان كومپاس بولسۇن! تارىخ كومپاستۇر. ئۇ ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسىدىن ئىبارەت ئىككى قۇتۇپنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىز بولساق ئاشۇ ئىككى قۇتۇپنىڭ ئوتتۇرسىدىكى تۈگۈندە. ئەگەر ئۆتمۈشىمىزدىن ئوبدان ساۋاق ئالمىساق كەلگۈسىمىزنى تاپالمايمىز.
ھەممەڭلارغا رەخمەت.
ئابدۇرەھىمجان
2013 . 06. 26 دۈزجە ـ تۈركىيە

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى تەشۋىقات بۆلۈمى تارقاتتى
2013 . 07. 02 مىيونخىن

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

گېرمانىيەدە بىرلەشمە نامايىش ۋە زىيارەت

  گېرمانىيەنىڭ باۋارىيە فىدارتسىيەسىنىڭ ئىڭولستاد شەھرىدە،شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى،شەرقى تۈركىستان مەجلىسى،شەرقى تۈركىستان(ئۇيغۇرىستان) مۇستەققىللىق ھەركىتى تەشكىلاتى،ئۇيغۇرىستان …

ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتى دائىمىي كومىتېت يىغىنى چاقىردى

ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتى دائىمىي كومىتېت يىغىنى چاقىردى مۇشۇ ئاينىڭ 19 – ۋە 20 – كۈنلىرى …