بارىن ئىنقىلاۋىنىڭ 23 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى مەركىزى رەھبەرلىك ھەيئىتى مۇھاكىمە يىغىنى ئويۇشتۇردى

بارىن ئىنقىلاۋىنىڭ 23 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى مەركىزى رەھبەرلىك ھەيئىتى مۇھاكىمە يىغىنى ئويۇشتۇردى

5. ئاپىرىل گېرمانىيەنىڭ مىيونخىن شەھرىدە ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى مەركىزى رەھبەرلىك ھەيئىتى يىغىن چاقىرىپ « 5 . ئاپىرىل بارىن ئىنقىلاۋى» توغرىسىدا قىسقىچە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. يىغىن مەرھۇم ئوتيۈرەك، ئىنقىلاۋى شائىر كۈرەش سۇلتان 2001 . يىلى ئىجات قىلىپ ئاككوردلاشتۇرغان « شەرقى تۈركىستان ئازاتلىق مارشى» بىلەن باشلىنىپ، جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىدە داۋام قىلدى.
يىغىن رىياسەتچىسى ئالىمجان مەمەت ئېچىلىش نۇتقىدىن كېيىن سۆزگە تەكلىپ قىلغان ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئوسمانجان تۇرسۇن شەرەپلىك بارىن ئىنقىلاۋىنىڭ مەيدانغا كەلگەن ۋاقتىدىكى پەۋقۇلئاددە مۇناسىۋەتلەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق بايان قىلدى: بارىن ئىنقىلاۋى پارتىلىغان يىللىرىدىكى خىتاي ۋەزىيىتى، سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىپ، ئۇيغۇرىستانغا چىگراداش بىر قانچە قېرىنداش دۆلەتلەرنىڭ قەد كۆتۈرىشى، شۇنىڭدەك  شەرق سوتسىئال لاگىرى بىلەن دېموكراتىك غەرپ لاگىرى ئوتتۇرسىدىكى سوغاق مۇناسىۋەتلەر ئۇرىشى ئاخىرلىشىپ،غەرپنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشى ـ قاتارلىق بىرمۇنچە ئەۋزەل شارائىتلارنى نەزەرگە ئالغاندا، جەزمەنكى بارىن ئىنقىلاۋى سىتراتېگىيەلىك بىر ئىنقىلاپ بولغان ئىدى.

ئوسمانجان تۇرسۇننىڭ ئالغا سۈرىشىچە: يوقۇرقىدەك بىر قاتار خەلقئارالىق مۇھىم شارائىتلارنى نەزەردە تۇتقاندا ـ ئەگەر شۇ چاغلاردا ئۇيغۇرىستان مەسىلسىگە نىسبەتەن تاشقى ۋەزىيەت پىشىپ يېتىلگەن بولسا، بارىن ئىنقىلاۋى مۇستەقىل ئۇيغۇرىستان دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇش ئۇرىشىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالاتتىكەن.

مۇھاكىمە جەريانىدا سۆز قىلغان ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرەھىمجان تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: بارىن ئىنقىلاۋى ـ دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان مەزكۇر قوراللىق ئىنقىلاپ قانداقتۇر بارىن خەلقىنىڭ  خىتاي زۇلمىغا قارشى كۆتەرگەن بىر قېتىملىق قوزغىلاڭى بولماستىن بەلكى، بارىن كەنتىدە تەشكىللەنگەن، ۋەتىنىمىزنىڭ تۇرپان، ئاقسۇ، ئاتۇش، قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىدىن پىداكار ئوغلانلار قاتناشقان، تەشكىللىك، ئىنتىزاملىق، پىلان پىروگراممىلىق ھەقىقى ۋەتەن ئازاتلىق ئىنقىلاۋى ئىدى.
ئۇ يەنە تۆۋەندىكىدەك بايان قىلدى: شۇ چاغدا تۇغۇلغان بالىلار ئەگەر تېنچ شارائىتتا ئوقۇش بىلەن شۇغۇللانسا ئوتتۇر مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئالى مەكتەپ، كەسپى مەكتەپلەرنىڭ دىپلومىنى ئالىدىغان، ناۋادا ئوتتۇر مەكتەپتىن كېيىن خىتايدەك 5 يىللىق ئەسكەرلىك تۈزۈمىگە ئىگە دۆلەتتە ھەربى سەپكە بارسا، ئۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلغۇدەك ھەربى كەسپنى ئىگەللەيدىغان شۇنچىلىك مۇھىم زامان مۇساپىسى ئۆتۈپ كەتتى. ئەپسۇسكى، بارىن ئىنقىلاۋىنىڭ نۇرغۇنلىغان مەنسۇپلىرى چەتئەلگە چىقىپ كەتكىلى يىگىرمە يىل بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ۋەتەن سىرتىدا شۇنچە كەڭ پۇرسەت تۇرۇقلۇق ھازىرغىچە بارىن ئىنقىلاۋدىن ئىلمى خۇلاسە چىقىرىلمىدى. ئەكسىچە قايناق ھېسسىياتلاردىن پايدىلىنىپ بەزەنلەر ۋەتەن سىرىتىدىمۇ ئېغىر مەغلۇبىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولدى.

يىغىن جەريانىدىكى سۆھبەتلەر ۋە نۇتۇقلار فىلىمگە ئېلىنىپ خاتىرلەندى. شۇنىڭدەك مۇھاكىمە سۆھبەتلىرىنىڭ مەلۇم قىسمىلىرى تور ئىكرانى ئارقىلىق كەڭ خەلق ئاممىسىغا يەتكۈزۈش ماقۇللاندى.

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى تەشۋىقات بۆلۈمى

2013-يىلى 5-ئاپرىل

مىيونخىن

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتى دائىمىي كومىتېت يىغىنى چاقىردى

ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتى دائىمىي كومىتېت يىغىنى چاقىردى مۇشۇ ئاينىڭ 19 – ۋە 20 – كۈنلىرى …

ئەجدادلارنىڭ مىراسى، ئەۋلاتلارنىڭ بەختى

2008-يىلى گوللاندىيەدە قۇرۇلغان ياۋروپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى گوللاندىيەگە سىياسى پانالىق تىلەش ئارقىلىق يەرلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ …