ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ 2013 . يىللىق خىزمەت پىلانى

مۇشۇ ئاينىڭ 26 – كۈنى ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى ئىجرائىيە كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بويىچە كەڭ دائىرىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى ۋە بىر قانچە  مەسىلە ئۈستىدە  قارار ماقۇللىدى.
   1. 2012 – يىللىق خىزمەت پىلانىنىڭ  ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە نەتىجىسى.
 ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى 2012 – يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئومۇمى خىزمەتنى پىلان بويىچە كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئادا قىلغان بولۇپ، تەشكىلاتنىڭ نىزامنامىسىگە خىلاپ، ئومۇمى دەۋا مەسىلىسىگە زىيانلىق، مىىللى مەنپەئەت نوقتىسىدىن ئېيتقاندا سەلبى نەتىجە يۈز بەرمىگەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. بولۇپمۇ  تەشۋىقات ئىشلىرىدا، د ئۇ ق بىلەن ئىزچىللىقنى ساقلاشتا، مىيونخىن شەھرىدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلىرىمىز  بىلەن بولغان تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەردە ئاساسەن ئىجابى قەدەم بېسىلغانلىقى مۇقىملاشتۇرۇلدى. شۇنىڭدەك يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا تەشكىلاتنىڭ ئەسلى پىلاندىكى خىزمەتلىرىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقى، تەشكىلات ئىچى ۋە  سىرتىدىن دۇچ كەلگەن ئوڭۇشسزلىقلار سەۋەپلىك خېلە ئېغىر دەرىجىدە پاسسىپ ئورۇنغا چۈشكەنلىكىمۇ  بەس بەستە تىلغا ئېلىنىدى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق ئامىل : مىيونخىن شەھرىدە 20 يىلغا يېقىن سىياسى ۋە ئىجتىمائى پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان، كېيىنكى بىر قانچە يىلدىن بېرى د ئۇ ق نىڭ  رولى ۋە ئورنى چوڭايغانسىرى سىياسى جەھەتتىكى ئورنى تۆۋەنلەپ، ئىجتىمائى ئىشلارغا ۋەكىللىك قىلىپ كېلىۋاتقان « شەرقى تۈركىستان ياۋرۇپا بىرلىكى» جەمئىيىتىنىڭ ( 2012 – يىلى ۋەزىپە ئۆتىگەن ) بىر تۈركۈم تەجىربىسىز خادىملىرىنىڭ  ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ، خاتا ئىشقا دەۋەت قىلىپ، شۇنىڭدەك ئاق قەغەزگە ئىمزا توپلاپ خەلقنىڭ ئىرادىسىنى سۈيئىستىمال قىلغان ناباپ قىلمىشلىرى_ دەپ بېكىتىلدى.
2.  2013 – يىللىق قىسقىچە خىزمەت پىلانى.
   ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ 2013 – يىللىق خىزمەت پىلانلىرى ئەتراپلىق كۈنتەرتىپكە قويۇلدى ۋە  ماقۇللانغان پىلاننىڭ مۇھىم قىسمىلىرى تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىن  مۇتلەق يىراق تۇتۇلۇش بىلەن بىرگە تۆۋەندىكى بىر قاتار  ۋەزىپىلەردە  كەڭ ئامما بىلەن ئورتاقلىشىش قارار قىلىندى.
1. ) ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى ئۆز نىزامنامىسىگە سادىق ھالدا،  ۋەتەن مىللەتنىڭ تەقدىرىگە خىلاپ ئىش قىلمايدىغان ھەرقانداق ئۇيغۇر _ شەرقى تۈركىسيان تەشكىلاتلىرىغا رىقابەت قىلمايدۇ ۋە ھەمكارلىشىدۇ. تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرىدە، تەشكىلاتلاردىكى خادىملاردا كۆرۈلگەن سىياسى خاتالىقلارغا سۈكۈت قىلماستىن دەل ۋاقتىدا ئىنكاس بىلدۈرىدۇ.
2. )  ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ سىياسى مەۋقىئەسىنى، غايىسىنى، ھەرىكەت ئوبيېكتىنى مۇھاجىر قېرىنداشلىرىمىزغا چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرىستاننىڭ ئازاتلىق ھەرىكىتىگە قىزىقىدىغان چەتئەل ياردەمچى كۈچلىرىنى جېلىپ قىلىشقا تىرىشىدۇ.
3.)  ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى ئىجتىمائى ئىشلار بويىچە گېرمانىيە ئۇيغۇر مەكتىپىنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا ماددى ۋە قانۇنى جەھەتتىن  ئىمكانىيەت دائىرىسىدە ياردەملىشىپ، مىيونخىن شەھرىدە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ دىنى، مىللى تەلىم – تەربىيە ئېلىش ئارزۇلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ھەسسە قوشىدۇ.
4.) كۆپچۈلۈككە مەلۇم بولغىنىدەك، 2012 – يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىغا ئىزچىل قارشى     تۇرۇپ كېلىۋاتقان بەزەن كىشىلەرنىڭ قايمۇقتۇرىشىغا ئۇچرىغان، جۈملىدىن  4 . ئاۋغۇست ئاق قەغەزگە ئىمزا قويۇش سۈيقەستىگە بىلمەستىن ئاۋاز قوشقان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا  ئايرىم، ئايرىم مەكتۇپ يوللىنىپ، سەھۋەنلىكتىن ئىمزا قويغانلىقىنى ئىپادىلەپ جاۋاپ يېزىشقا ئۈندەيىدۇ.
ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى تەشۋىقات بۆلۈمى
2013. 26. يانۋار

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتى دائىمىي كومىتېت يىغىنى چاقىردى

ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتى دائىمىي كومىتېت يىغىنى چاقىردى مۇشۇ ئاينىڭ 19 – ۋە 20 – كۈنلىرى …

ئەجدادلارنىڭ مىراسى، ئەۋلاتلارنىڭ بەختى

2008-يىلى گوللاندىيەدە قۇرۇلغان ياۋروپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى گوللاندىيەگە سىياسى پانالىق تىلەش ئارقىلىق يەرلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ …