خەۋەر

ئۇ ئا ت ۋەكىلى ئالتىنچى نۆۋەتلىك قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى يىغىنىغا قاتناشتى

ئىستانبۇلدىكى – خەلقئارا شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى 2009 – يىلدىن ئىتىبارەن، ھەريىلى ئورۇنلاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان – شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى يىغىنى 2014 – يىلى 8 – ئاينىڭ 2- كۈنى باشلىنىپ، 8 – كۈنىگىچە داۋاملاشتى. نۆۋەتتىكى يىغىنغا ئالدىنقى يىللاردىكىدەكلا ئوتتۇر ئاسىيا ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىن، شۇنىڭدەك كانادا، ئاۋستىرالىيە، سەئۇدى، تۈركىيە ۋە ياۋرۇپا ئەللىرىدىن بولۇپ يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋەكىللىرى، تۈركىيەلىك، ئوتتۇرشەرقلىق كۆپلىگەن مۇتەخەسىس …

تەپسىلاتى »

ھۆرمەتلىك رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرۈكلەرگە قارتا سۆزلىگەن ئىلتىماسى

تەپسىلاتى »

رابىيە خانىمنىڭ مۇراجىتى

تەپسىلاتى »

ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەكفىر ئېقىمى ۋە ئۇنىڭ خەتىرى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان 2013-09-25 خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۈرلۈك بېسىمى ۋە دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىلىرى ئۇيغۇرلارنى چۈشكۈنلەشتۈرمەكتە. 2009-يىلى 17-ئىيۇل، ئۈرۈمچى. AFP ئەپسۇسكى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئوتتۇرىغا چىققان «تەكفىر» يەنى كىشىلەرنى كاپىرلىققا چىقىرىۋېتىش ئېقىمى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا ئەڭ خەتەرلىك بۆلۈنۈشلەرگە سەۋەب بولۇپ كەلمەكتە. بۇ ئېقىم ئەرەب ئىسلام مەملىكەتلىرىدىن تارقىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىمىزدىمۇ بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان. ھەتتا ئۆزىنىڭ پىكىر ئېقىمىغا ماس كەلمەيدىغان پىكىر ئېقىمىدىكى …

تەپسىلاتى »

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھىجرەت سەپەرۋەرلىكىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان 2013-09-24 يېقىنقى يىللاردىن بىرى ئۇيغۇر ئېلىدا چەتئەللەرگە، خۇسۇسەن ئافغانىستان ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە ھىجرەت قىلىپ چىقىپ كېتىش چاقىرىقى ئەۋجىگە چىقماقتا. ھالبۇكى، ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئافغانىستان ياكى پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ھېچبىر جامائەت ياكى ھېچبىر تەشكىلات ئۆزلىرىگە ھىجرەت قىلىپ بارغانلارنى قوغداپ ئۇلارنىڭ ھاياتىغا كاپالەتلىك قىلالايدىغان شارائىتقا ئىگە ئەمەسلىكى ھەممىگە مەلۇم. سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مەخسۇس تور بېكىتى sjrt.org دا، …

تەپسىلاتى »

ئەي زىيۇ: ئىمىنجان مالايشىيا قاتارلىق ئەللەردە جاسۇسلۇق ھەرىكەتتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلۇق 2013-08-27  خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق جاسۇسى ئەي زىيۇ توكيودا بەرگەن «جاسۇس ئىمىنجان مالايشىيا قاتارلىق ئەللەردە جىددىي ھەرىكەتتە» سەرلەۋھىلىك دوكلاتىدا خىتايغا 80 – يىللاردىن باشلاپ جاسۇسلۇق قىلىپ كەلگەن، ئىمىنجان ئىسىملىك كونا جاسۇسنىڭ تاكى ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا ئېلىپ بارغان جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا توختالغان. ئەي زىيۇ دوكلاتىدا مۇنداق دېدى: – بۈگۈنكى دوكلاتىمدا سۆزلىنىدىغان جاسۇسنىڭ ئىسمى ھەرگىز xx دەپ ئاتالمايدۇ. …

تەپسىلاتى »

ئەيزىيونىڭ جاسۇسلىق دوكلاتى توغرىسىدا مۇلاھىزە (1)

     پۈتۈن مەۋجۇتلىقى مۇستەملىكە مىللەت خەلقىنىڭ  قېنى بىلەن مۇنقەرزلىككە بوغۇلغان ، زالىم، مۇستەبىت خىتاي  ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئاتالمىش «  دۆلەت بېخەتەرلىكى » ئۈچۈن  قانچە ئون يىل  جان – جەھلى بىلەن خىزمەت كۆرسىتىپ، تېخى يېقىندىلا  « ئىنسانى خىسلەتنى ئىزدىنىشكە تىرىشىۋاتقان » ئەي زىيۇ ناملىق بىر« سابىق » خىتاي جاسۇسىنىڭ پاش قىلىش  دوكلاتى  چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئارىسىدا قاينام تاشقىنلىق  پەيدا قىلدى.      ياپونىيەدە مۇھاجىر …

تەپسىلاتى »

ئەي زىيۇ: ميۇنخېن ۋە مەككىدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكىتىمىزنىڭ ئاساسلىق نىشانى – ئىككى شەخس

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلۇق 2013-08-23 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺟﺎﺳﯘﺱ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﻯ ﺑﺎﺑﯘﺭ ﻣﻪﺧﺴﯘﺗﻨﯩﯔ 2009 – ﻳﯩﻠﻰ ﻣﺎﻱ ﺋﯧﻴﯩﺪﺍ ﯞﺍﺷﯩﻨﮕﺘﻮﻧﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻧﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﻴﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯜﺭﯛﻧﯜﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺟﺎﺳﯘﺱ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﻯ ﺑﺎﺑﯘﺭ ﻣﻪﺧﺴﯘﺕ ﺋﻮﯕﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻛﯩﺸﻰ. RFA Photo سابىق خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭ ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلغان خىتاي جاسۇسى ئەي زىيۇ توكيودا «ميۇنخېن ۋە مەككىدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكىتىمىزنىڭ ئاساسلىق نىشانى …

تەپسىلاتى »

ھامىد كۆكتۈرك: خىتاي دائىرىلىرى ئىستانبۇلدا جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنى توختاتمىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم 2013-08-21 ھامۇت گۆكتۈرك RFA/Erkin Tarim ياپونىيەدە ئېچىلىۋاتقان خىتاينىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ئەي زىيۇ تەخەللۇسىدىكى بىر نەپەر خىتاي جاسۇسى تۈركىيەدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا بەزى مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىغان ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيەدىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىدە ئۇزۇن مەزگىل باش كاتىپ ۋە مۇدىر بولۇپ ئىشلىگەن ھامىد كۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ھامىد …

تەپسىلاتى »

ئەي زىيۇ: قاھىرە ۋە ئىستانبۇل ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى ئاساسلىق جاسۇسلۇق مەركىزىمىز ئىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى 2013-08-20 ئەي زىيۈنىڭ دوكلاتى. RFA/Qutluq خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭ ئىشلىرى ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلغان سابىق خىتاي جاسۇسى ئەي زىيۇ توكيودا بەرگەن «قاھىرە ئىلگىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى ئاساسلىق جاسۇسلۇق مەركىزىمىز ئىدى» سەرلەۋھىلىك يازما دوكلاتىدا خىتاينىڭ تاشىقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى بولغان ئىككى نەپەر مىنىستىرىنىڭمۇ ئەسلى خىتاينىڭ جاسۇسى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئەي زىيۇ دوكلاتىدا مۇنداق بايان قىلدى: -خىتاي دۆلەت …

تەپسىلاتى »