ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەكفىر ئېقىمى ۋە ئۇنىڭ خەتىرى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2013-09-25
toppa-yaghliq-saqal-ramzan.jpg

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۈرلۈك بېسىمى ۋە دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىلىرى ئۇيغۇرلارنى چۈشكۈنلەشتۈرمەكتە. 2009-يىلى 17-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.

AFP

ئەپسۇسكى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئوتتۇرىغا چىققان «تەكفىر» يەنى كىشىلەرنى كاپىرلىققا چىقىرىۋېتىش ئېقىمى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا ئەڭ خەتەرلىك بۆلۈنۈشلەرگە سەۋەب بولۇپ كەلمەكتە.

بۇ ئېقىم ئەرەب ئىسلام مەملىكەتلىرىدىن تارقىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىمىزدىمۇ بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان. ھەتتا ئۆزىنىڭ پىكىر ئېقىمىغا ماس كەلمەيدىغان پىكىر ئېقىمىدىكى مۇسۇلمان جامائەتلەرنى ئىسلام ئەقىدە پرىنسىپ، مىزانىغا سالماي تۇرۇپلا «كاپىرلار» دەپ ئالدىراپ ھۆكۈم قىلىۋېتىدىغان خاھىشلارمۇ باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى. بەزىلەر دېتىغا ياقمىغانلارنى ئالدىراپلا «مۇناپىقلار» دەپ تاشلايدۇ. بۇ ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بۆلۈنۈشىگە سەۋەب بولغاننىڭ سىرتىدا، ئاللاھ تائالانىڭ نەزەرىدىمۇ خاتا ئىشتۇر. ھازىرقى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا تارقالغان «ھىجرەت قىلمىغانلار مۇناپىقلاردۇر» دەپ دىيارىمىزدا ئۆز مەۋجۇدىيىتىمىزنى ساقلاپ تۇرۇۋاتقان ۋە ئەڭ ئېغىر كۈنلەردە ياشاۋاتقان ئۇ ئەزىز مىللەتنى ئائىلىۋى ۋەيرانچىلىققا، ئۆمۈرلۈك مۇساپىرچىلىققا ۋە چىدىغۇسىز پېقىرچىلىققا دەۋەت قىلىدىغان، «مائاش ئالغانلار مۇسۇلمان ئەمەس» دەپ مۇسۇلمانلارنى ئىدارە-جەمئىيەت، زاۋۇت-فابرىكا ۋە كان-كارخانىلاردىن بوشىتىپ، ئورۇننى «ئاكا مىللەت» كە ھازىرلاپ بېرىدىغان، «ساقال قويمىغانلار مۇسۇلمان ئەمەس» دەپ مۇسۇلماننى كاپىرغا چىقىرىۋېتىدىغان غەلىتە ئېقىملارنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇ تەكفىر ئېقىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇلار ئۆزلىرىنىڭ دېتىغا ياقمىغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئاسانلا «كاپىر» قىلىۋېتىدۇ.

تەكفىر ئېقىمىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا تۈرتكە بولغان ئامىللار

ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەشھۇر ئۆلىماسى دوكتور يۈسۈپ ئەل قەرداۋى ئۆزىنىڭ «ھازىرقى زامان پەتىۋالىرى» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازغان:«تەكفىر ئېقىمى ئىسلام ئەللىرىدىكى دىنىغا مۇخلىس، جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشنى كۆزلەيدىغان، ياخشى نىيەتلىك، بىراق شەرىئەت ئىلىملىرىدىن بولغان دەسمايىسى ۋە نېسىۋىسى ئىنتايىن ئاز، ھاياجاننىڭ ئارقىسىدىن چاپىدىغان، پىكىر دائىرىسى ئىنتايىن تار بىر قىسىم دىنىي قېرىنداشلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، بۇ، ھەر تۈرلۈك خاتالىقلارنىڭ ۋە ئىسلام نامىدىن خاتا پەتىۋالارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولۇپ كەلدى.

چۈنكى، كىشىلەرنى ئىسلاھ قىلىش ۋە جەمئىيەتنى تۈزۈش ئۈچۈن يالغۇز ئىخلاسلا كۇپا قىلمايدۇ. خاۋارىجلارمۇ ئەڭ ئىخلاسمەن، ياخشى نىيەتلىك ئادەملەر بولسىمۇ، شەرىئەت ئىلىملىرىدىن يېتەرلىك دەرىجىدە نېسىۋە ئالالمىغانلىقتىن «چوڭ گۇناھ سادىر قىلغانلار كاپىر بولىدۇ» دېگەن پىكىردە چىڭ تۇرۇۋالغان، ھەتتا كاتتا ساھابىلەرنىمۇ «كاپىر» دەپ ھۆكۈم قىلىۋەتكەنلىكى سەۋەبلىك يولدىن ئازغان ۋە ئازغۇن پىرقىلار قاتارىغا ئۆتۈپ كەتكەنىدى. ئىلىم ئىبادەتتىن مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن ساھابىلەردىن باشلاپ بارلىق ئىسلام ئۆلىمالىرى مۇسۇلمانلارنى ئىبادەت ۋە جىھاد قىلىشتىن ئاۋۋال ئىلىم ئۆگىنىشكە چاقىرىپ كەلدى. قەدىمكى ئۆلىمالاردىن ھەسەن ئەل بەسرىي مۇنداق دېگەن ئىكەن: «بىلىمسىز ئىش قىلغۇچى خۇددى قىڭغىر يوللاردا ئاداشقان ئادەمگە ئوخشاشتۇر. ئىبادەت بىلەن ئىلىم ئۆگىنىشنى بىر-بىرىگە قارشى قىلمىغان ھالدا ئىلىم ئۆگىنىڭلار. بەزى قەۋملەر ئىبادەت بىلەنلا بولۇپ، ئىلىم ئۆگىنىشنى تەرك ئەتكەنلىكى سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ دىنىي قېرىنداشلىرى بولغان ئىسلام ئۈممىتىگە تىغ تەڭلىدى. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئىلىمدىن نېسىۋىسى بولسا ئىدى، بۇنداق قىلمىغان بولاتتى.» دېمەك، مۇسۇلماننى كاپىرلىققا چىقىرىۋېتىش بۆلۈنۈشتىن باشقىسىغا يارىمايدۇ. شۇڭا مۇسۇلمانلار قاتارىدا ئۆزىنى مەن مۇسۇلمان دەپ يۈرگەن ئادەمنى كاپىر دېيىش توغرا ئەمەس.»

چوڭ گۇناھلار ئىماننى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، ئەمما ئىماندىن چىقارمايدۇ

دوكتور يۈسۈپ ئەل قەرداۋى مەزكۇر ئەسىرىدە يەنە مۇنداق دەپ يازغان: «چوڭ گۇناھلارنى ئىشلىگەن ئادەم تەۋبە قىلماستىن شۇ گۇناھلارنى داۋام قىلىۋېرىدىكەن، ئۇنىڭ ئىمانى ئاجىزلىشىدۇ، لېكىن ئىمانى ئاساسىدىن يوقىلىپ كەتمەيدۇ. بۇنىڭ دەلىلى مۇنداق:
1. قۇرئان كەرىم قاتىلنىڭ ئۆلتۈرۈلگۈچىسىنىڭ ئىگىلىرى ئۈچۈن دىنىي قېرىنداش ئىكەنلىكىنى سۆزلىگەن».ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن قىساس ئېلىش سىلەرگە پەرز قىلىندى، ھۈر ئادەم ئۈچۈن ھۈر ئادەمدىن، قۇل ئۈچۈن قۇلدىن، ئايال ئۈچۈن ئايالدىن(قىساس ئېلىنىدۇ). قاتىل ئۈچۈن دىنىي قېرىندىشى(ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىلىرى) تەرىپىدىن بىر نەرسە كەچۈرۈم قىلىنسا، (ئۇلارنىڭ قاتىلدىن دىيەتنى) چىرايلىقچە تەلەپ قىلىشى ۋە (قاتىلنىڭمۇ دىيەتنى) ياخشىلىقچە بېرىشى لازىم.»
2. قۇرئان كەرىم بىر-بىرىگە تىغ تەڭلەشكەن ئىككى پىرقە كىشىلىرىنىمۇ «مۆمىنلەر» ۋە «ئۆز-ئارا قېرىنداشلار» دەپ ئاتىغان. «ئەگەر مۆمىنلەردىن ئىككى گۇرۇھ ئۇرۇشۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ قويۇڭلار، ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ئىككىنچىسىگە تاجاۋۇز قىلسا، تاجاۋۇز قىلغۇچى تاكى ئاللانىڭ ھۆكۈمىگە قايتقانغا قەدەر ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇڭلار، ئەگەر ئۇلار قايتسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئادىللىق بىلەن تۈزەپ قويۇڭلار، ئادالەتلىك بولۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادالەتلىك بولغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ. مۆمىنلەر ھەقىقەتەن قېرىنداشلاردۇر، (ئۇرۇشۇپ قالسا) قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەڭلار، رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھتىن قورقۇڭلار.»

ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن باشقا گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنىدۇ

شېرىكتىن باشقا پۈتۈن گۇناھلار مەيلى چوڭ بولسۇن، مەيلى كىچىك گۇناھلاردىن بولسۇن، ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى-كەرەمى بىلەن تەۋبە بىلەن ياكى تەۋبىسىز كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

قۇرئان كەرىمىدە: «ئاللاھ ئۆزىگە بىرەر نەرسىنىڭ شېرىك كەلتۈرۈلۈشىنى ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلمايدۇ، بۇنىڭدىن باشقىنى (ئاللاھ ئۆزى) خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ، كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن قاتتىق ئازغان بولىدۇ» دەپ كەلگەن. بۇ ھۆكۈم شېرىكتىن تەۋبە قىلماي ئۆلگەنلەر ئۈچۈندۇر. ئەمما تەۋبە قىلىپ شېرىكتىن قول ئۈزگەن ۋە ئىمانىنى يېڭىلىغان ئادەم بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر. دېمەك، ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرگەندىن كېيىن تەۋبە قىلغان ئادەمنىڭ گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. ئايەتتىكى شېرىكتىن مەقسەت: ئاللاھتىن باشقا بىرىنى ئىلاھ قىلىپ چوقۇنۇش ياكى ئاللاھقا ئېتىقاد قىلىش بىلەن بىرگە باشقىسىنى ئىلاھ تۇتۇشتۇر.»

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/uyghur-tekfir-09252013172429.html

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى تۈرك تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىقتا.

2015-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن ئالىمجام مۇھاممەد ۋە نۇرەخمەت قاراجىم ،گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھرىدە پائالىيەت …

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى

ياپونىيەدىكى داڭلىق گېزىتلەردىن سانكەئى شىنبۇن گېزىتىنىڭ كەچلىك گېزىتى ئورنىدا تارقىتىلىدىغان ئاممىۋى گېزىت يۇكان فۇجى گېزىتىدە،مەركىزى …