ئالبۇم

گوللاندىيەدە 5- فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

گوللاندىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن شۇنداقلا بېلگىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ھەر يىلدىكىدەك بۇ يىلمۇ 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىغىنى خاتىرىلەش، خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن 5-فېۋرال كۈنى گوللاندىيەنىڭ دەنھائاگ شەھرىگە جايلاشقان خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا جەم بولۇپ، كۆك بايراقلارنى يەنە بىر قېتىم لەپىلدەتتى. شۇنداقلا ھەممە بىردەك «غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇمايمىز»، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» «خىتايلار دۆلەت تېرورىنى توختاتسۇن» «شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت» «ئىنسانىيەت قاتىلى خىتايلار» «سىياسى مەھبۇسلارنى تۇرمىدىن ...

داۋامىنى كۆرۈش »

خىتاي مەركىزى بانكىسى ھالاكەتگە يۈزلەندى(video)

سىياسى ئوبزورچى سىدىق ھاجىروزى ئەپەندىنىڭ «خىتاي مەركىزى بانكىسى ھالاكەتگە يۈزلەندى» ناملىق سىياسى لېكىسيەسىنى دېققىتىڭلارغا سۇندۇق ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى تەشۋىقات بۆلۈمى

داۋامىنى كۆرۈش »

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بىريۇسسېلدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى(RFA)

ئەركىن ئاسىئا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلىمىنىڭ ئىختىيارى مۇخبىرى پىدائى خەۋىرى 2015-01-26 بىريۇسسېلدا ئېچىلغان ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەت يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى يانۋار، بېلگىيە. بىريۇسسېلدا ئېچىلغان ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن يىغىنغا قاتناشقۇچىلار خاتىرە سۈرەتتە. 2015-يىلى يانۋار، بېلگىيە. 24-يانۋار شەنبە كۈنى بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېل شەھىرىدە جەم بولغان ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدىكى ۋەزىيەت مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى. سۆھبەتكە بېلگىيە، گوللاندىيە ۋە ...

داۋامىنى كۆرۈش »

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىك ھەيىتى 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى بېلگىيە ئۇيغۇر جامائېتى بىلەن سىياسى سۆھبەت ئۆتكۈزدى

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىك ھەيىتى 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى بېلگىيە ئۇيغۇر جامائېتى بىلەن سىياسى سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

داۋامىنى كۆرۈش »

تەڭرىتاغ ئاكادېمىيەسى ھەققىدە

بايانات تەڭرىتاغ ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇرىستان كۇلتۇر مەركىزى تەركىۋىدىكى ئىلمىي تەتقىقات ئورنى بولۇپ، بۇگۈنكىدەك نازۇك بىر دەۋىردە خەلقىمىزگە ھەر ئىش قىلىشتىن ئاۋال پەننىي ئاقارتىش ھەركىتى ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇرۇش، يېڭىچە دۇنيا قاراش تىكلەپ بىر تەرەپتىن ئۈگۈنۈپ، بىر تەرەپتىن خەلىقنى تەربىيەلەش، ئويغۇتۇش، يىتەكلەش مىللەتنىڭ كىلىچىگىنى لاھىيلەش ھەم ئىنشاھ قىلىشنىڭ ئىستىراتىگىيىسىنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن تۈزۈپ چىقىش مەقسىدىدە 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى بۇ تور تۇرا ئارقىلىق ...

داۋامىنى كۆرۈش »

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپلەر ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش چارىلىرى (2)

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپلەر ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش چارىلىرى (2) ئىنساننىڭ ئەقلىگە تەشكىلات رەھبىرىنىڭ كىملىكى ۋە سالاھىيىتى كېلىشكە باشلايدۇ. چۈنكى رەھبەر تەشكىلاتنىڭ موتورى، ئۇنىڭ يۈكۈگە ئوخشاشلا جاۋاپكارلىقىمۇ ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ. شۇڭا تۆۋەندە بىر رەھبەردە كەم بولسا بولمايدىغان ئەمما ئەسۇسكى بىزنىڭ تەشكىلات رەھبەرلىرىمىزدە ئاز تېپىلىدىغان ئىنتايىن مۇھىم، نۇقتىلىق خۇسۇسىيەتلەر ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپلەر ۋە ...

داۋامىنى كۆرۈش »

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپلەر ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش چارىلىرى(1)

بۇ ساھەنىڭ ھۆرمەتلىك ئۇستازلىرى ۋە يول باشچىلىرىغا ئاددى بىر شەرقىي تۈركىستانلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن بىر تەشكىلاتتىن كۈتىدىغان ئارزۇلىرىمنى، ئۈنۈملۈك ۋە نەتىجىلىك بىر تەشكىلاتنىڭ قانداق بولۇشى ۋە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىگە دائىر خۇسۇسىي تەسەۋۋۇرلىرىمنى سۇنۇشتىنلا ئىبارەتتۇر. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپلەر ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش چارىلىرى   مىركامىلجان قەشقەرى ئەسلىدە بۇ، سىياسىيون، ئۇستا تەشكىلاتچى ۋە ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسسىلىرى تەتقىق قىلىپ يول سېزىپ ...

داۋامىنى كۆرۈش »

تىمخورتوندا ئىشلىگەن ئايال (4)

                                                                                                                                                                     پوۋىست 3 – بۆلۈم سەھەر: تىمخورتوندىن قوغلاندى بولۇش. 2 يىلدىن كېيىن مەن مەريەمگۈل ئابدۇراخمان، ھۆكۈمدارلار مەجبۇرى تاڭغان ئىسمىم مالىيامۇگۇلى ئابۇدۇرېخېمان. مەن كىم؟ دىگەن سوئالغا ئەگىشىپ كىملىگىمنى ئىزلەپ تېپىش نىيىتىدە كاناداغا كەلگەن بىر كۆچمەن مەن. مېنىڭ كىم ئىكەنلىگىمنى مەن تۇغۇلغاندىن تارتىپ ماڭا بىر خىل تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلارنىڭ ئاغزىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ كىملىك پەلسەپىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن مېنىڭ ...

داۋامىنى كۆرۈش »