قەدىر كېچىسى ۋە بىر قىسىم مۇھىم نۇقتىلار

قەدىر سۈرىسى

 

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

مۆھتەرەم قېرىنداشلار! دىنىمىز بىزگە ئاللاھ تەئالاغا قانداق ئىبادەت قىلىشنى ۋە ئۇنىڭغا قانداق تەشەككۈر ئېيتىشنى بىلدۈرگەن، شۇنىڭدەك قىلغان ئىبادەتلىرىمىزنىڭ مەقبۇل، دۇئا-تىلەكلىرىمىزنىڭ ئىجابەت بولۇش ۋاقىتلىرىنىمۇ كۆرسىتىپ بەرگەن.
قەدر كېچىسى (شەبى قەدر) ئەنە شۇ خاسىيەتلىك ۋاقىتلارنىڭ بىرىدۇر. شۇڭا بۇ كېچىنىڭ پەزىلىتىنى، ۋاقتىنى، بۇ كېچىدە ئىبادەت قىلىشنىڭ ھۆكمىنى ۋە قىلىنىدىغان ئىبادەتلەرنىڭ شەكلىنى بىلىۋېلىشىمىز ناھايىتى مۇھىمدۇر. تۆۋەندە بۇ توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىلىدۇ:
1- قەدر كېچىسى دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى
قەدر كېچىسى ئەرەب تىلىدا لەيلەتۇلقەدر «ليلة القدر» دېگەن ئىزافەتلىك بىرىكمە بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ بىرىكمىدىكى لەيلەتۇ «ليلة» نىڭ مەنىسى «كېچە» دېگەن بولىدۇ. ئەلقەدر «القدر» نىڭ مەنىسى بولسا، «كۈچ، مىقدار، دەرىجە، سەۋىيە، قىممەت، باھا، ئورۇن، مەرتىۋە، شەرەپ، ئۇلۇغلۇق، بەلگىلەش، ھۆكۈم قىلىش» دېگەنلەردىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئىككى سۆز بىرىكىپ بىر يىلنىڭ كېچىلىرىدىن بىر كېچىگە ئىسىم بولغان.
بۇ بىر كېچىنىڭ «قەدر كېچىسى» دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى مۇنداق:
ئا- قۇرئان كەرىم بۇ كېچىدە نازىل قىلىنىپ، بۇ كېچىنى باشقا كېچىلەردىن ئۇلۇغ، باشقا كېچىلەردىن شەرەپلىك، باشقا كېچىلەردىن قەدىر-قىممەتلىك قىلغان. بۇنىڭغا ئاساسەن «قەدر كېچىسى» دېگەن سۆز، «ئۇلۇغ كېچە، شەرەپلىك كېچە، قەدىر-قىممەتلىك كېچە» دېگەن مەنالارنى ئىپادىلەيدۇ.
ئاللاھ تەئالانىڭ قەدر سۈرىسىنىڭ 3- ئايىتىدىكى: «قەدر كېچىسى مىڭ ئايدىن ياخشىدۇر» دېگەن سۆزى بىلەن دۇخان سۈرىسىنىڭ 3- ئايىتىدىكى: «بىز قۇرئاننى مۇبارەك بىر كېچىدە نازىل قىلدۇق» دېگەن سۆزى بۇ مەنانى ئىپادىلەيدۇ.
ئە- ئۇ كېچىدە شۇ بىر يىل ئىچىدە بولىدىغان ئىشلارنىڭ مىقدارى بەلگىلىنىدىغان ۋە شۇ بىر يىل ئىچىدە بولىدىغان ئىشلار يېزىلىدىغان بولغاچقا، ئۇ كېچە «قەدر كېچىسى» دەپ ئاتالغان. بۇنىڭغا ئاساسەن «قەدر كېچىسى» دېگەن سۆز، «بىر يىللىق ئىشلار تەقدىر قىلىنىدىغان كېچە» دېگەن مەنانى ئىپادىلەيدۇ.
ئاللاھ تەئالانىڭ قەدر سۈرىسىنىڭ 4- ئايىتىدىكى: «ئۇ، پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل، رەببىنىڭ ئىزنى بىلەن بارلىق ئىشلار ئۈچۈن چۈشىدىغان كېچىدۇر» دېگەن سۆزى بىلەن دۇخان سۈرىسىنىڭ 4- ئايىتىدىكى: «ئۇ كېچىدە ھەر ھېكمەتلىك ئىش ئايرىلىدۇ» دېگەن سۆزى بۇ مەنانى ئىپادىلەيدۇ.
قەدر سۈرىسى ۋە دۇخان سۈرىسىنىڭ ئاۋۋالقى 4 ئايىتى «قەدر كېچىسى» دېگەن سۆزنىڭ، «بىر يىللىق ئىشلار تەقدىر قىلىنىدىغان ئۇلۇغ كېچە» دېگەن مەنانى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. يۇقىرىدىكى مەنالارمۇ توغرا؛ لېكىن ئۇ مەنالار «قەدر كېچىسى» دېگەن سۆزنىڭ مەناسىنىڭ ھەممىسى ئەمەس، بەلكىدە بىر قىسمىدۇر.
قەدر ۋە دۇخان سۈرىلىرى (نىڭ مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىلىرى) تۆۋەندىكىچە:
«ھا، مىم. روشەن كىتاب بىلەن قەسەمكى، بىز قۇرئاننى مۇبارەك بىر كېچىدە نازىل قىلدۇق. چۈنكى بىز ئاگاھلاندۇرغۇچىمىز. ئۇ كېچىدە ھەر ھېكمەتلىك ئىش ئايرىلىدۇ»- (دۇخان 44/1-4.)
«بىز قۇرئاننى قەدر كېچىسىدە نازىل قىلدۇق. قەدر كېچىسى نېمە، سەن نەدىن بىلىسەن؟ قەدر كېچىسى مىڭ ئايدىن ياخشىدۇر. ئۇ، پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل، رەببىنىڭ رۇخسىتى بىلەن بارلىق ئىشلار ئۈچۈن چۈشىدىغان كېچىدۇر. ئۇ، تاڭ يورۇغانغا قەدەر سالام كېچىسىدۇر»- (قەدر 97/1-5).
2- قەدر كېچىسىنىڭ پەزىلىتى
يۇقىرىدىكى ئايەتلەردىن يەنى 44- سۈرە (دۇخان) نىڭ ئاۋۋالقى 4 ئايىتى بىلەن 97- سۈرە (قەدر) نىڭ ھەممە ئايەتلىرىنىڭ مەنالىرىدىن قەدر كېچىسىنىڭ پەزىلىتى توغرۇلۇق تۆۋەندىكى مەزمۇنلار چىقىدۇ:
ئا- قەدر كېچىسى مۇبارەك بىر كىچىدۇر.
ئە- قەدر كېچىسى مىڭ ئايدىن ياخشىدۇر.
ب- ئۇ، تاڭ ئاتقۇچە سالام كېچىسىدۇر. يەنى، ئۇ كېچىنى ئاللاھ تەئالانىڭ رازىلىقىنى ئۈمىد قىلىپ ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەنلەرگە پەرىشتىلەر تاڭ ئاتقۇچە توختىماي سالامەتچىلىك ۋە تىنچ-ئامانلىق تىلەپ تۇرىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۇلار ئاللاھ تەئالانىڭ رەھمىتى، مەغپىرىتى، ۋە پەزل-ئىلتىپاتىغا ئېرىشىپ، ئاللاھ تەئالانىڭ غەزىپى ۋە ئازابىدىن سالامەت قالىدۇ.
پ- قەدر كېچىسىنى ئاللاھ تەئالاغا ئىبادەت قىلىپ ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«قەدر كېچىسىنى ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىپ ۋە ساۋاب كۆزلەپ ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ بۇرۇنقى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ»- (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
3- قەدر كېچىسىنىڭ ۋاقتى
ئاللاھ تەئالانىڭ: «بىز قۇرئاننى مۇبارەك بىر كېچىدە نازىل قىلدۇق»- (دۇخان 44/3)، «بىز قۇرئاننى قەدر كېچىسىدە نازىل قىلدۇق»- (قەدر 97/1) دېگەن سۆزلىرى قۇرئان كەرىمنىڭ «مۇبارەك، قەدر كېچىسى» دە نازىل قىلىنغانلىقىغا دالالەت قىلسا، «… رامزان ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﻜﻰ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﮬﻪﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺗﯩﻠﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻐﯘﭼﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ…»- (بەقەرە 2/185) دېگەن سۆزى «مۇبارەك قەدر كېچىسى» نىڭ رامزان كېچىلىرىدىن بىر كېچە ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ھەدىسلەر بۇ كېچىنىڭ رامزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى ئون كېچىلىرىنىڭ تاق كېچىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ:
ئا- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «قەدر كېچىسىنى رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونىنىڭ تاق كېچىلىرىدىن ئىزدەڭلار»-( بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
ئە- ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئېتىكاپقا كىرەتتى ۋە: «قەدر كېچىسىنى رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئىزدەڭلار» دەيتتى- (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)،
«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامزان كېچىلىرىنىڭ ئاخىرقى ئونى كىرگەندە، ئۇنىڭ كىچىلىرىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزەتتى، بۇ كېچىلەرنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈۋالسۇن دەپ ئاياللىرىنىمۇ ئويغىتاتتى، بۇ كۈنلەر بىلەن بۇ كېچىلەردە ئادەتتىكىدىن زىيادە ئىبادەت قىلاتتى، ئىبادەت قىلىشقا بىلىنى چىڭ باغلايتتى»- (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
دېمەك، قەدر كېچىسى رامزان ئېيىنىڭ تاق كېچىلىرىدىن بىر كېچىدۇر. ئۇ كېچىدىكى رەھمەت ۋە بەرىكەتلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كېچىلىرىدە ئىبادەتكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.
بۇ كېچىنىڭ قايسى ئايدا ۋە قايسى ئون كېچىنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكى بايان قىلىنىپ، قايسى كېچە ئىكەنلىكىنىڭ مەجھۇل ھالەتتە قويۇلىشى، بەندىلەرنىڭ بۇ رامزان ئېيىنىڭ كېچە-كۈندۈزلىرىدە، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئاللاھ تەئالاغا كۆپرەك تائەت-ئىبادەت ۋە دۇئا-تىلەك قىلىۋېلىشى ئۈچۈندۇر.
4- قەدر كېچىسىدە ئىبادەت قىلىشنىڭ ھۆكمى
قەدر كېچىسىنى تائەت-ئىبادەت ۋە دۇئا-تىلەكلەر بىلەن ئۆتكۈزۈش ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن مۇستەھەپتۇر يەنى قىلسا ساۋاب بولىدىغان، قىلمىسا گۇناھ بولمايدىغان ئىشتۇر. چۈنكى دىنىمىزدا بىر ئىشنى قىلىشقا كەسكىن بۇيرۇلماستىن تەرغىب قىلىنغان بولسا، بۇ ئۇ ئىشنى قىلىشنىڭ مۇستەھەپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
دىنىمىزدا قەدر كېچىسىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈشكىمۇ كەسكىن بۇيرۇلماستىن تەرغىب قىلىنغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كېچىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش مۇستەھەپ ھېسابلىنىدۇ. يەنى بۇ كېچىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈمىگەنلەر گۇناھكار بولمايدۇ، لېكىن بۇ كېچىدىكى رەھمەت، مەغپىرەت ۋە بەرىكەتلەردىن مەھرۇم قالىدۇ.
5- قەدر كېچىسىدە قىلىنىدىغان ئىبادەتلەر
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى قەدر كېچىسىنى ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىپ ۋە ساۋاب كۆزلەپ ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزسە، ئۇنىڭ بۇرۇنقى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ»- (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا قەدر كېچىسىدە مۇنداق دەپ دۇئا قىلىشنى ئۆگىتىپ قويغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ئى ئاللاھ! سەن ئەپۇ قىلغۇچىسەن، ئەپۇ قىلىشنى ياخشى كۆرىسەن، مېنى ئەپۇ قىلغىن!»- (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).
بۇ ھەدىسلەرگە ئاساسەن بۇ كېچىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈش، بۇ كېچىدە پەرز نامازلارنى ئادا قىلغاندىن سىرت كۈچىنىڭ يېتىشىچە نەپلە ناماز ئۆتەش، قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش ۋە مەنىلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش، زىكىر-تەسبىھ ئېيتىش (سۇبھانەللاھ، ئەلھەمدۇلىللاھ، ئەللاھۇ ئەكبەر، لائىلاھە ئىللەللاھ دېيىش)، دۇئا قىلىش، سەدىقە-زاكاتلارنى ئايرىش، ياتلىشىپ كەتكەن ئۇرۇق-تۇغقانلار بىلەن ئۆزئارا يارىشىش قاتارلىق ياخشى ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.
خۇلاسە
قەدر كېچىسى پەزىلەتلىك، مۇبارەك ۋە ئۇلۇغ بىر كېچىدۇر. بۇ كېچىنىڭ ئىسمى ۋە خاسىيەتلىرى 97- سۈرە (قەدر) دە ۋە 44- سۈرە (دۇخان) نىڭ ئاۋۋالقى تۆت ئايىتىدە بايان قىلىنغان. 2- سۈرە (بەقەرە) نىڭ 185- ئايىتىدە بولسا، بۇ كېچىنىڭ رامزان كېچىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ كېچىنىڭ رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كېچىلىرىدىن تاق بىر كېچە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنى بۇ كېچىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈشكە تەرغىب قىلغان، ئۆزىمۇ بۇنىڭغا ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.
ئاخىرقى سۆز
قېرىنداشلار! رامزان ئېيىدا قولىدىن كېلىشىچە ئىبادەت قىلغان، ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن يوقسۇل-مىسكىنلەرنى ۋە ھاجەتمەنلەرنى يۆلىگەن، غېرىپ-مۇساپىرلارغا تاماق بەرگەن، يېتىم-يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلىغان ۋە روزىدارلارغا ئىپتارلىق بەرگەن مۇسۇلماننىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ئاللاھ تەئالا ھەرگىزمۇ يەردە قويمايدۇ. بۇنىڭغا ئىشىنىمىز ۋە ئىشىنىشىمىز لازىم.
شۇنىڭ ئۈچۈن رامزان ئېيىنىڭ قالغان قىسمىنىمۇ ئىبادەتلەر بىلەن ئۆتكۈزۈشكە، بولۇپمۇ قەدر كېچىسىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈشكە ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك!
يۇقارقى ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن بۇ كېچىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش، رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كېچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق مۇمكىن بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا مەسچىتتە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشىمۇ بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ناھايىتى مەنىلىكتۇر.
ئەسكەرتىش:
بەزى ئىلىمسىز ئىنسانلارنىڭ: «قەدر كېچىسىدە ئۇخلىماي ئولتۇرسا بولارمىش» دەپ بۇ ئۇلۇغ كېچىنى تېلېۋىزور كۆرۈپ ياكى بىرقانچە ئەخمەق بىر يەرگە يىغىلىپ قارتا ئويناپ ۋە ياكى ئۆزئارا قۇرۇق پاراڭ سوقۇشۇپ ئۆتكۈزۈشى، ئاللاھنىڭ دىنىنى مەسخىرە قىلغانلىقتىن سىرت، ئۆزىنى ئالدىغانلىق بولىدۇ.
يەنە بىر گەپ، «قەدر كېچىسىدە بىر ئاقلىق ئۆتەرمىش، بۇنى كۆرگەن كىشى نېمىنى تۇتسا شۇ ئالتۇن بولۇپ قالارمىش…» دېگەندەك سۆزلەرنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق.
مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر
مۇسۇلمانلار تورىدىن ئېلىندى

رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئىبادەت قىلىشنىڭ پەزىلىتى:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقا كۈنلەرگە نىسبەتەن، رامىزان ئايلىرىدا ئىبادەتكە قاتتىق بېرىلەتتى ۋە باشقىلارنىمۇ شۇنداق قىلىشقا تەشەببۇس قىلاتتى. خۇسۇسەن رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئىبادەتكە قاتتىق بېرىلىشكە ۋە قەدىر كېچىسىنى تېپىشقا بۇيرۇيتتى. ئۆزىمۇ بۇ كۈنلەردە ئىبادەت ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇنۇتاتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا باشقا كۈنلەردىكىدىن بەك ئىبادەتكە بېرىلەتتى »(مۇسلىم رىۋايىتى). ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يەنە مۇنداق دەيدۇ: « رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونى يېتىپ كېلىشى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرىدىن ئۇزاقلىشىپ، ئىبادەت بىلەنلا مەشغۇل بولاتتى، كېچىلىرى ئۇخلىمايتتى، ئائىلىسىدىكىلەرنى كېچىلىرى ئىبادەت قىلىشقا ئۇيغىتاتتى »(بۇخارى رىۋايىتى). يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: « رەسۇلۇللاھ رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئېتىكاپ قىلاتتى ۋە رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىنىڭ تاق كېچىلىرىدە قەدىر كېچىسىنى تېپىشقا تىرىشىڭلار! دەپ مۇسۇلمانلارنى تەشەببۇس قىلاتتى »(بۇخارى رىۋايىتى).
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « مەن رەسۇلۇللادىن،- ئەگەر مەن قەدىر كېچىسىنىڭ بولىدىغان ۋاقتىنى بايقىسام، بۇ كېچىدە نېمە دەپ دۇئا قىلسام بولىدۇ؟-دەپ سورىۋىدىم، ئۇماڭا مۇنۇ دۇئانى ئۈگەتكەن: يەنى ( ئى ئاللاھ! سەن ھەقىقەتەن گۇناھلارنى ئەپۇ قىلدىغان ۋە ئەپۇ قىلىشنى ياقتۇرىدىغان ئىلاھىمسەن، گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلغايسەن) (تىرمىزى رىۋايىتى).
قەدىر كېچىسىنىڭ پەزىلەتلىرى:
ئاللاھ تائالا قەدىر كېچىسىنى ئۇلۇغ قىلىپ، ئۇنى رامىزاننىڭ باشقا كېچىلىرىدىن ئالاھىدە شەرەپلىك ۋە خەيرلىك قىلىپ بەلگىلىدى. چۈنكى بۇ كېچە قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرى تۇنجى قېتىم يەرشارىدا پارلاشقا باشلىغان بىر كېچە ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ كېچىنىڭ رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدىكى تاق كېچىلەرنىڭ بىرىدە بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن ۋە بۇ كېچىنى تېپىش ئۈچۈن رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئۇخلىماي ئىبادەت قىلىشقا تەشەببۇس قىلغان ھەم ئۆزىمۇ شۇنداق قىلغان. چۈنكى بۇ كېچىدە قىلىنغان ئەمەل- ئىبادەتلەر پەزىلەتتە ۋە ساۋابتا مىڭ ئايلىق ئەمەل- ئىبادەتتىن ئارتۇقتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: « قەدىر كېچىسى (پەزىلەت ۋە ساۋابتا) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر » دەيدۇ (قەدىر سۈرىسى 3- ئايەت). دېمەك، قەدىر كېچىسى مىڭ ئايغا تەڭ بولغان ئىكەن، ئۇ بىر ئىنساننىڭ ئۆمرىدىن 83 يىلغا تەڭ بولغان بولىدۇ. ئەگەر بىر ئىنسان 83 يىل ھەمىشە ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولغان تەقدىردىمۇ، بىرىمىزنىڭ قەدىر كېچىسىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگىنىمىزنىڭ ساۋابى ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا 83 يىللىق ئىبادەتتىن ئەۋزەلدۇر، ئەلۋەتتە.
شۇبھېسىزكى، قۇرئان كەرىمنىڭ پارلاق نۇرى ئىسانىيەتنىڭ قەلبلىرىگە نۇر چېچىشقا باشلىغان بۇ كېچە، باشقا ھەرقانداق كېچىلەردىن ئۇلۇغ ۋە شەرەپلىكتۇر. ھېچقانداق كېچە ئۇنىڭغا تەڭ بولالمايدۇ. لېكىن شۇنى ياخشى بىلىش كېرەككى، ھەرقانداق ئۇلۇغ ئاينىڭ، ھەرقانداق ئۇلۇغ كۈن ياكى كېچىنىڭ ۋە ھەرقانداق ئۇلۇغ سائەتنىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە ياخشىلىقلىرى، پەقەت ئۇنىڭ ئۇلۇغلىقىنى بىلىپ، ئۇنى قەدىرلەپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنالىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. ئەمما بۇ كېچىنى قەدىرلىمەي، ئۆزىنىڭ غەپلەت ئۇيقۇسىدا جىمىقىپ قالغان كىشىلەر ئۈچۈن بۇ كېچىنىڭ باشقا كېچىلەردىن ھېچبىر پەرقى يوقتۇر.

قەدىر كېچىسى ئىسلام مىللىتىگە بېرىلگەن ئىمتىيازدۇر:

ئىمام خەتتابىي قەدىر كېچىسىنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىسلام مىللىتىگە مەخسۇس ئاتا قىلىنغان بىر كاتتا ئىمتىياز ئىكەنلىكىگە پۈتۈن ئىسلام ئالىملىرىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بولغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇ كېچىنى قۇرئان كەرىم بىلەن شەرەپلەندۈردى. قۇرئان كەرىم بولسا، ئىسلام مىللىتىنىڭ ئەڭ مۆتۈۋەر دەستۇرىدۇر. ئىمام مالىك ئۆزىنىڭ « ئەلمۇۋتتەء» ناملىق ئەسىرىدە مۇنۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلىدۇ:« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۇممەتلەرنىڭ ياشىغان ئۆمۈرلىرى كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، ئۇ، ئۆزىنىڭ ئۇممەتلىرىنىڭ ئۆمرىنىڭ بۇرۇنقىلارنىڭ ئۆمرىگە نىسبەتەن قىسقا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇممەتلىرىنىڭ بۇ قىسقا ئۆمرىدە بۇرۇنقىلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى قىلالمايدىغانلىقىدىن ئەنسىرىگەندە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۇممىتىگە مىڭ ئايدىن ياخشى بولغان قەدىر كېچىسىنى ئاتا قىلغان »(« ئەلمۇۋتتەئ » دىن).
ئاللاھ تائالا بۇ كېچىنىڭ قايسى كېچىدە ئىكەنلىك ۋاقتىنى بىزگە مەلۇم قىلمىغان. بۇ، كىشىلەر شۇ كېچىنى تېپىش مەقسىتى بىلەن رامىزان كېچىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىبادەتكە بېرىلسۇن ئۈچۈن ئىدى. شۇنىڭدەك ئاللاھ تائالا جۈمە كۈنىدىكى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان سائەتنى ۋە قۇرئان كەرىمدىكى ئۇنى ئوقۇپ نېمە تىلسە بېرىلىدىغان ئىسمۇلئەزەمنى بىزگە بىلدۈرمىگەن. بۇمۇ كىشىلەرنىڭ دۇئا ئىجابەت بولىدىغان سائەتنى ۋە ئىسمۇلئەزەمنى تېپىش ئۈچۈن ھەرۋاقىت دۇئا قىلسۇن ۋە قۇرئان كەرىم ئوقۇسۇن ئۈچۈن ئىدى. ئەگەر قەدىر كېچىسىنىڭ ۋاقتى، دۇئا ئىجابەت بولىدىغان سائەت ۋە ئىسمۇلئەزەم ئېنىق بىلدۈرۈلگەن بولسا ئىدى، كىشىلەر قەدىر كېچىسىدىلا ئىبادەت قىلىشقا، شۇ سائەتتىلا دۇئا قىلىشقا، ئىسمۇلئەزەمنىلا ئوقۇشقا ئۈگىنۋېلىپ، باشقىلىرىغا ئەھمىيەت بەرمىگەن بولاتتى.
ئىمام ئىبنى ھەجەر قەدىر كېچىسىدە بولىدىغان ئالامەتلەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « قەدىر كېچىسىنىڭ ئەتىگىنىدە قۇياش شۇلىسىز چىقىدۇ »(«فەتھۇلبارى» دىن). ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: « قەدىر كېچىسىدە ئاسمان تىپ- تىچ، سۈپ- سۈزۈك بولىدۇ، ھاۋا ئىسسىقمۇ ئەمەس سۇغۇقمۇ ئەمەس نورمال بولىدۇ»(ئەھمەد رىۋايىتى). « رۇھۇلبايان» ناملىق تەپسىرنىڭ ئاپتورى ئىبنى خۇزەيمەنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان مۇنۇ بىر ھەدىسنى بايان قىلىدۇ: « قەدىر كېچىسىدە يەر يۈزىگە تارقىلىدىغان پەرىشتىلەرنىڭ سانى ئۇششاق تاشلارنىڭ سانىدىنمۇ كۆپ بولىدۇ » («فەتھۇلبارىي» دىن).

مەنبەسى : دارۇل ئىسلام تورى

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ئىسلام ۋە مىللەتچىلىك

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان 2013-08-26 بىز ھەممىمىز مۇسۇلمانلىق سۈپىتىمىز بىلەن چوڭ بىر ئىسلام ئائىلىسىگە مەنسۇپمىز. بىزنىڭ …

ئىسلام

ئىسلام ئەينى ۋاقىتتا ئەقىدەدۇر، ئەينى ۋاقىتتا ئىبادەتتۇر، ئەينى ۋاقىتتا ئىسلاھاتتۇر، ئەينى ۋاقىتتا سىياسەتتۇر، ئەينى ۋاقىتتا …