ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ ئايلىق سىياسى سۆھبەت يىغىنى ( 2 )

تەپسىلى خەۋەر

wp000297.jpg

مۇشۇ ئاينىڭ 4- كۈنى گېرمانىيەنىڭ مىيونخىن شەھرىدىكى ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ ئايلىق سىياسى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن ھەردائىمدىكىدەك ئاۋال قۇرئان تىلاۋىتى ئاندىن ئازاتلىق مارشى بىلەن باشلاندى. يىغىن تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئالىمجان مەمەتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، باشتىن ئاخىر قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە داۋام ئەتتى. يىغىن رىياسەتچىسى ئالىمجان مەمەت يىغىننىڭ كۈنتەرتىۋىنى ئالدىن بىلدۈرۈش جەريانىدا بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
يەر يۈزىگە ئىنسانلار يارىتىلغاندىن باشلاپ كۈنىمىزگىچە قانچە مىڭلىغان مىللەتلەر شەكىللىنىپ، يەنە قانچە مىڭلىغان مىللەتلەر ئىز – دېرەكسىز غايىپ بولدى. مۇشۇ  دەۋرنىڭ ئۆزىدىمۇ  دۇنيادا  3000 دىن ئارتۇق  چوڭ، كىچىك ئېتنىك مىللەتلەر ياشىماقتا. لېكىن ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى دۇنيا ئەللىرىگە قوبۇل قىلدۇرۇپ، ھۆر – ئەركىن، غالىپ ياشاۋاتقان مىللەتلەر 190 دىن ئاشمايدۇ. يەنى ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقى پەقەت مۇستەقىل دۆلەت ھوقۇقىنى دۇنياغا جاكارلاش ۋە دۇنيا ئەللىرىگە قوبۇل قىلدۇرۇش  بىلەنلا تولۇق ئىپادىسىنى كۆرسەتكەن بولىدۇ. شۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا مۇقەددەس ۋەتىنىمىز ئۇيغۇرستان ئىزچىل مۇستەملىكىگە ئۇچرىغان كېيىنكى بىر ئەسىردىن بېرى چوڭ – كىچىك  تۆت يۈز قېتىمدىن ئارتۇق ئۇرۇش قىلدۇق. ئۆتكەن ئىسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىككى قېتىم مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇردۇق ،  تولۇق مۇستەملىكىگە چۈشكەن كېيىنكى 60 يىلدىن بېرى ئازاتلىق، مۇستەقىللىق كۈرىشىدىن بىر كۈنمۇ توختاپ قالمىدۇق. بىزدىن باشقا ئازاتلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ۋە كۈرەش قىلىۋاتقان مىللەتلەرگە بىر قانچىلىغان كۈچلۈك دۆلەتلەر ياردەم قىلغان بولسا، بىزگە ئۇنداق بىر ياردەم بولۇپ باقىنى يوق. بولۇپمۇ كېيىنكى 60 يىللىق كۈرىشىمىز پەقەتلا خەلقىمىزدىكى  ئىشەنچ، ئۈمۈت، مىللى ئىرادىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بىراق بۈگۈنكى تەرەققىيات دەۋرىدە ئىشەنچ، ئۈمۈت ۋە يېڭىلمەس ئىرادىنىڭ ئۆزى بىلەنلا  ئىش ئەمەلگە ئاشمايۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۆز ئىچىمىزدە ئىشەنچىنى مۇستەھكەملەشتۈرۈش، ئۈمۈت ۋە ئىرادىنى سىياسىلاشتۇرۇش، نەزەرىيەلەشتۈرۈش  ۋە سېستمىلاشتۇرۇش ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە بولۇپ تۇرماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن تەشكىلاتىمىزنىڭ قۇرۇلۇش غايىسىگە ۋە نىزامنامىمىزدىكى مۇھىم بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئايلىق سىياسى سۆھبەت يىغىنىمىزدا قارار ماقۇللاپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئايلىق سىياسى سۆھبەت يىغىنىمىزغا  مىللى مەسىلىمىز، سىياسى مەسىلىلەر، دۇنيا ۋەزىيىتى، خىتاي ۋەزىيىتى، تارىخ، سىياسى – ئىقتىساد مەسىلىلىرى – قاتارلىق  بىز ئۈچۈن ئىنتايىن جىددى كېرەكلىك بولىۋاتقان ساھەلەر بويىچە كەسىپ ئەھلى ۋە مۇتەخەسىسلەرنى تەكلىپ قىلماقچى بولغان ئىدۇق. شۇ مەقسەتتە بۈگۈنكى يىغىنىمىزغا ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا تونۇلغان مەشھۇر سىياسى ئوبزورچى، جورنالىست پەرھات يورۇڭقاش ئەپەندى قەدەم تەشرىپ قىلدى. شۇنىڭدەك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن تەپتىشى نۇرمەمەت روزىئاخۇن، ياشلار مەشرىپىدىن دوستىمىز ئابدۇسالام قاتارلىق ئەزىز مىھمانلىرىمىزمۇ ئارىمىزدا. ھەممەڭلار خوش كەلدىڭلار! مەن يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىغا رەئىس ئوسمانجان تۇرسۇن ئەپەندىنى تەكلىپ قىلىمەن. كۆپچۈلۈككە رەخمەت.

ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ باش رەئىسى ئوسمانجان تۇرسۇن يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىدا  مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھۆرمەتلىك يىغىن ئەھلى، قىممەتلىك تەشكىلات ئەزالىرىمىز، ئەزىز مىھمانلار، مەن شۇنى كېسىپ ئېيتىمەنكى، ھەربىر ئۇيغۇرستانلىق دۆلىتىمىزنىڭ ئەسلىگە كېلىشىى، خەلقىمىزنىڭ ھۆر، ئازاتلىقى ئۈچۈن ياشايدۇ ۋە شۇ يولدا ئۆلىدۇ. بۇ بىزنىڭ مىللى مەۋجۇتلىقىمىزنىڭ ئىپادىسىدۇر. لېكىن مۇستەملىكىگە چۈشۈپ قالغان ۋە ئازاتلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ھەرقانداق مىللەت تاشقى كۈچلەرنىڭ ياردېمى بىلەن ئۆز مەقسەت، نىشانلىرىغا يەتكىنىدەك، ئەلۋەتتە بىز ئۇيغۇرستانلىقلارنىڭمۇ ھامان سىرتقى كۈچلەرگە ئېھتىياجىمىز بار. پەلسەپىۋى نوقتىدىن ئېيتقاندا  بىر نەرسىنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشىدا ئىچكى سەۋەپ ۋە تاشقى سەۋەپ ئامىللىرىغا تايانغىنىدەك، بىزنىڭ ئازاتلىقىمىزمۇ ئالدى بىلەن ئىچكى سەۋەپتىن ئىبارەت بولغان ئۆزىمىزدىكى كۈرەش ئىرادىمىز، ئەمەلى ھەرىكىتىمىز بىلەن بىرگە تاشقى سەۋەپتىن ئىبارەت بىزگە ياردەم قىلىدىغان سىرتقى كۈچلەرگە تايىنىدۇ. شۇ نەرسە ئېنىقكى، دۆلىتىمىزنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت مىللى ئىرادىمىزنى دۇنياغا تولۇق ۋە ئېنىق جااكرلىمايتۇرۇپ تاشقى سەۋەپتىن ئىبارەت بولغان ياردەمچى ئەللەرگە غايە، نىشانىمىزنى قوبۇل قىلدۇرمايتۇرۇپ ۋە ئۇلارنىڭ ياردېمىنى، پوزتىسيەلىرىنى ئاخىرقى مەنزىلىمىزگىچە ئىزچىل قولغا كەلتۈرمەيتۇرۇپ قىلغان ئىش – ھەرىكەتلىرىمىز ئۆز بېشىمىزغا بالا بولۇپ، تۆلەپ تۈگەتكۈسىز زىيان ۋە مەغلۇبىيەتتىن باشقا ھېچنەرسە ئېلىپ كەلمەيدۇ! ئۇيغۇرستان خەلقىنىڭ مىللى ئىرادىسى ۋە ئاخىرقى نىشانى مۇستەقىللىق ئىكەنلىكىنى مىللى رەھبىرىمىز ۋە مەنىۋى ئانىمىز رابىيە قادىر خانىم ئۆتكەن يىلى ۋاشىڭوندا چاقىرىلغان « شەرقى تۈركىستان ئۇيغۇر ئالى كېڭىشى» يىغىنىدا « ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» چارىسى شەكلىدە بىر قېتىم دۇنيا ئەھلىگە جاكارلىغان بولدى. بۇ تەبرىكلەشكە تېگىشلىك بىر باشلىنىش. ئەمدىكى بىزنىڭ ۋەزىپىمىز بولسا خەلقىمىزنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادە ۋە ئارزۇلىرىنى جانلىق، سېستىملىق ھالدا نەزەرىيەلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت سىياسى تەلىم تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشتۇر. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن قىممەتلىك مىھمانلىرىمىزدىن پەرھات يورۇڭقاش ئەپەندىنى بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزدە « ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى » توغرىسىدا لېكىسيە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىمەن. كۆپچۈلۈكنىڭ دېققىتىگە رەخمەت.

ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ ئايلىق سىياسى سۆھبەت يىغىنىغا قەدەم تەشرىپ قىلغان جورنالىست پەرھات يورۇڭقاش ئەپەندى سۆز ئېلىپ ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى ئۈستىدە تەپسىلى توختىلىپ  مۇنداق دېدى: ئۇيغۇر مىللەتچىلىكىنىڭ تارىخى ئاساسلىرى مىلادىدىن بۇرۇنقى ئوننەچچىنچى ئەسىرگىچە بېرىپ تاقىلىدۇ. تارىختا ئۆتكەن ئاجايىپ سەلتەنەتلىك، قۇدرەتلىك، مەدەنىيەتلىك گۈللەنگەن ۋە قانچە ئەسىرلەپ دەۋر سۈرگەن دۆلەتلىرىمىز ئۇيغۇر دۆلىتى، ئۇيغۇر خاقانلىقى، ئۇيغۇر خانلىقى دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان. كېيىنكى ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيتىمىزنىڭ نامى ئۇيغۇر دۆلىتى نامى بىلەن ئاتالماي بەلكى شەرقى تۈركىستان دېگەن نام بىلەن ئاتىلىشىدىكى تارىخى سەۋەپلەر، ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەپلەر، خەلقئارالىق ۋەزىيەتلەر، شۇنىڭدەك ئاشۇ  دەۋردىكى ئىلمى تەتقىقات ھادىسىلىرى ۋە بىز بىلەن قېرىنداش ئورتا ئاسىيا تۇپراقلىرىنىڭ رۇس ئىشغالىيىتىدىكى ئەھۋاللىرى توپلۇشۇپ كېلىپ ۋەتىنىمىزدىكى سىياسى ۋە مىللى چۈشەنچىنى پانتۈركىزىم ئېقىمىغا يېتەكلىگەن بولىشى مۇمكىن. شۇڭا بۈگۈنكى كۆز بىلەن قاراپ شۇ دەۋردىكى تارىخى ۋەزىيەتكە تۈپتەن خاتا باھا بەرمەسلىك لازىم. بۇ مېنىڭ كۆز قارىشىم.
تەتقىقاتچى، جورنالىست پەرھات يورۇڭقاش ئەپەندى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: تارىختىكى قۇدرەتلىك ئۇيغۇر دۆلەتلىرى پارچىلىنىپ، كېيىنچە ئۆز – ئارا دىنى ئۇرۇشقا كىرىپ، بۇ ئۇرۇشلار تۆت ، بەش ئەسىرلەپ داۋاملاشقانلىقى سەۋەپلىك ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى مىللى نەزەرىيە جەھەتتىن ئاساسەن يوقسۇللاشقان. شۇ سەۋەپتىن تارىختىكى دىنى توقۇنۇشلار، دىنى باستۇرۇشلار داۋامىدا ساخلىنىپ قالغان يۇرتلار ئارا  ئۆچ – ئاداۋەتلەر نەتىجىسىدە مىللەتچىلىك تۇيغۇسى ئورنىنى پۈتۈنلەي يۇرتۋازلىق ئىللىتى ئىگەللەپ ئىنتايىن ئېغىر چۈشكۈنلەشكەن دەۋردە  رۇسلار بىلەن خىتايلاردىن ئىبارەت چوڭ ئىككى قوشنا كۇچلەر بىراقلا  كوممۇنىزىمغا ئۆكەتنلىكتىن، ئۇيغۇرلاردا بىردىنلا  ۋە تېز سۈرئەتتە پانتۈركىزىم ۋە پان ئىسلامىزىم ئىددىيىسى يېتەكچى پىكىر ئېقىمىنى تەشكىل قىلغان. بۇ خىل ۋەزىيەت ئەينىچاغدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى قوغدۇنۇش قالقىنى بولۇپ قالغان.
پەرھات يورۇڭقاش ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى توغرىسىدا يەنە مۇنداق مەزمۇنلارنى بايان قىلدى: كۈنىمىزدىكى ئۇيغۇر مىللەتچىلىكىنى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل شەكىل بىلەن تەبىر بېرىشكە بولىدۇ:
بىرىنچى، تار دائىرىدىكى رادىكال ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى. بۇ خىل ئېقىمنىڭ راۋاجلىنىشىدا ئۆزىمىزدىكى مىللى ئىرادە، مىللى ئاڭ ئاساسلىق سەۋەپ بولماستىن بەلكى تاشقى ئامىللار بىرىنچى سەۋەپ بولغان دېيىشكە بولىدۇ. مەسىلەن، ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندا ئۇزۇن ئەسىرلەردىن بۇيان بىزنىڭ ھىمايىمىز ئاستىدا خاتىرجەم  قېرىنداشلارچە ياشاپ كېلىۋاتقان كۆچمەن ۋە قېرىنداش مىللەتلەرنى خىتاي كوممۇنىستىك باسمىچىلىرى بىزگە قارشى قىلىش ئۈچۈن، ئۇلار بىر ئاز قويۇق ئولتۇراقلىشىپ قالغان تۇپراقلارنى تۈرلۈك ئاپتونۇم ئوبلاست، ئاپتونۇم ناھىيە ۋە كەنتلەرگە ئايرىپ، 1954 – يىلىلا ۋەتىمىنىزنىڭ تۇپراق پۈتۈنلىكىنى بۇزۇش سۈيقەستىنى ئىشقا ئاشۇردى. خىتاينىڭ بۇ خىل سۈيقەستلىرىگە ئۇسۇل ئوينىغان بىزنىڭ قېرىنداش خەلقلىرىمىز ئاش بەرگەن قازاننى چېقىپ، تارىختىن بېرى ئۆزلىرىگە باش پانا بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلارغا  قارشى خىتايلار بىلەن ھەمنەپەستە بولۇشتى. بۇ خىل  سەلبى ھادىسە ئۇيغۇرلارنىڭ غۇرۇرىغا تېگىپ، ئۇيغۇرلاردىمۇ تەبى ھالدا ئۆچمەنلىك، نەپرەتلىنىش تۇيغۇلىرىنى قوزغىدى. شۇنىڭدەك يەنە سوۋىيېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ چىگرايىمىز ياقىسىدىكى قېرىنداش مىللەتلەر مۇستەقىل دۆلەتكە ئېرىشكەندە، ۋەتەن ئىچى سىرتىدىكى ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ئالقىشلىغان ۋە چەكسىز سۆيۈنگەن ئىدى. بىراق  بۇ قېرىنداش مىللەتلەر رۇستىن قۇتۇلۇپ چىقىپلا دۈشمىنىمىز بولغان خىتايلار بىلەن تىل بېرىكتۈرۈپ ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستانغا ۋە ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدىكى ئۆز دۆلەت پۇخرالىرى بولغان ئۇيغۇرلارغىمۇ سىياسى ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن زور دەرىجىدە زىيانكەشلىك قىلىشتى. ھازىر بۇ ئەللەرگە  مەنسۇپ بولغان تۇپراقلاردا  ئەزەلدىن ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆز ئانا ماكانلىرىنى تەرك ئېتىپ، يىراق ئەللەرگە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولماقتا.  دېمەك يوقۇرقىدەك بىر قاتار سەلبى ئامىللار تۈپەيلى زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلىرىمىزدا ھېلىقىدەك رادىكال ئۇيغۇرچىلىق تۇيغۇسى شەكىللەندى ۋە راۋاجلانماقتا. مەسىلەن، ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇردىن باشقا دوستى يوق – دېگەندەك رادىكال چۈشەنچە دەل تۈركنىڭ تۈركتىن باشقا دوستى يوق – دېگەندك رادىكال پانتۈركىزىمدىن ئېلىنغان ئەندىزەدۇر. بىز ئۆزىمىزدىن باشقىنىڭ ھەممىسىنى دۈشمەن قىلىۋېلىشىمىز دەل بۇ خىتاينىڭ كۈتكەن يېرىدۇر. بىزنى ئۆز قولىمىز بىلەن يىتىم قالدۇرۇپ يوقۇتۇش خىتاينىڭ بىزگە قارشى تۈزگەن سىتراتېگىيەسىدۇر. شۇڭا ئۇيغۇر  مىللى ئەخلاقىغا يات بولغان رادىكال مىللەتچىلىكتىن ساخلىنىشىمىز كېرەك.
ئىككىنچى خىلدىكى ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى بولسا ئۆز يولىنى تاپالماي تېنەپ قېلىۋاتقان، شۇنداقلا پان تۈركىزىم بىلەن پان ئىسلامىزىمچىلىق ئارىسىغا قىسىلىپ قالغان ئېقىمدۇر. بۇنداق ئېقىمدىكىلەرنىڭ ھامان بىر تەرەپكە ئېغىپ كېتىپ ساغلام ئۇيغۇر مىللەتچىلىكىگە ، مىللى دەۋاغا زىيانلىق ئامىلغا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ خىلدىكى ئېنىقسىز مىللەتچىلىكنىمۇ ئۆزىمىزگە جەلىپ قىلىپ يېتەكلىشىمىز لازىم.
ئەمدى ئۈچىنچى خىلدىكى ئۇيغۇرچە ساغلام مىللەتچىلىك بولسا ئۆزىمىزنىڭ قانچە مىڭ يىللاپ داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى، ئىلمى ئاساسقا ئىگە، تارىخى ئاساسقا ئىگە، ئۇيغۇرغا خاس پەزىلەتكە ئىگە ئۆزىمىزنىمۇ، باشقىلارنىمۇ قەدىرلەيدىغان، ئالى پەزىلەتلىك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە مىللەتچىلىكتۇر. بىز مۇشۇ يولدا تەۋرەنمەي ماڭساقلا  دوستىمىز كۆپىيىدۇ، نىشانىمىزگە يېتەلەيمىز. بۇلار مېنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەتقىقات شەكلىدە كۈزىتىش ئارقىلىق يەتكەن خۇلاسەمدۇر. بىز ساغلام ئۇيغۇرچە ئۇيغۇر مىللەتچىلىكىنى ھاكىم ئورۇنغا چىقىرىشىمىز لازىم. بولمىسا تارىختا يىمىرىلگىنىمىزدەك كەلگۈسىدىمۇ قەد كۆتۈرەلمەي قالىمىز.
يىغىن داۋامىدا  دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن تەپتىشى نۇرمەمەت روزىئاخۇن ، ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرەھىمجانلارمۇ سۆز ئېلىپ، قىسقىچە تەبرىك ۋە تەشەككۈرلىرىنى بىلدۈرۈشتى. نۇرمەمەت روزىئاخۇن ئىخچام قىلىپ مۇنداق دېدى: تەشكىلاتنىڭ نامىدىكى « ئازاتلىق » دېگەن بىر سۆزلۈك ئەڭ يوقۇرى، ئەڭ قىممەتلىك ئورۇندا بولۇپ، بۇ بىر قانچە ھەرىپتىن تۈزۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. ئەگەر مۇشۇ سۆزلۈكتىكى ھەرىپلەرنىڭ ئورنى ئالمىشىپ كېتىدىغان بولسا ھېچقانداق مەناسى قالمايدۇ ، قىممىتى يوقىلىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىلىشىنى كۆپچۈلۈكتىن كۈتىمەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن تەپتىشى نۇرمەمەت روزىئاخۇننىڭ سۆزىگە يوشۇرۇنغان « ئازاتلىق يولىدا ھەر ئادەم ئۆز ئورنىنى تېپىشى، ھەر ئادەم ئۆزىنى بىلىشى، ھەر ئادەم ئۆزى قىلالايدىغاننى قىلىشى كېرەككى، قولىدىن ئىش كېلىدىغان مۇھىم كىشىلىرىمىزنىڭ يولىنى توسۇپ، ئۆزىنى ۋە ئۆزىگە لايىق ئورۇننى بىلمەي، باشقىلارنىڭ ئورنىغا كۆز قىزارتسا ئىش پۈتۈنلەي بۇزىلىدۇ » – دېگەندەك قىممەتلىك مەنالارنى چۈشۈنۈپ يەتكەن كۆپچۈلۈك قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. يىغىن باشلانغان چاغدىكىدەكلا خۇش كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى. پۈتۈن يىغىن جەريانى فىلىمگە ئېلىنىپ خاتىرلەندى.

ئۇيغۇرستان ئازاتلىق تەشكىلاتى تەشۋىقات بۆلۈمى
گېرمانىيە _ مىيونخىن

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى تۈرك تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىقتا.

2015-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن ئالىمجام مۇھاممەد ۋە نۇرەخمەت قاراجىم ،گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھرىدە پائالىيەت …

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى

ياپونىيەدىكى داڭلىق گېزىتلەردىن سانكەئى شىنبۇن گېزىتىنىڭ كەچلىك گېزىتى ئورنىدا تارقىتىلىدىغان ئاممىۋى گېزىت يۇكان فۇجى گېزىتىدە،مەركىزى …