خىتاي كۈمىنىست پارتىيسىنىڭ تەشكىلات رامكىسى پاچاقلىنىش ئالدىدا

كۈمىنست پارتيىسىدە ھازىر ئوچ چوڭ مەزھەپ بار دىيىشكە بۇلىدۇ . ئىتىپاق مەزھىپى ، جىياڭزىمىن گۇرۇھى ،شاھزادىلەر پارتيىسى. ھەم بۇلارنىىڭ ئىرماش چىرماش گىرەلىشىپ كەتكەن مۇناسىۋىتى بار .

ئىتىپاق مەزھىپى :خۇجىنتاۋ لىدەرلىكىدىكى كۈللىكتىپ بۇلۇپ   .دىڭشاۋپىڭ ۋاقتىدا مەملىكەتلىك ياشلار ئىتتىپاقى ياچيكا شۇجىسى بۇلغان خۇجىنتاۋنىڭ شۇ ۋاقىتتا تاللاپ -ئۈستۈرۈپ قۇل ئاستىدا ئىشلەتكەن ، ئۈزى يىقىن ئۈتكەن يقىنلىرىدىن تەشكىل تاپقان كۈللىكتىپ ، ھازىر خىتايدىكى 27 ئۈلكە ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنى ئىچىدە 22سىنىڭ  پارتىكۇم شۇجىسى مۇشۇ مەزھەپتىن . بۇلار خۇجىنتاۋنىڭ ئەڭ قابىل قۇللىغۇچىلىرى .گۇۋاڭدۇڭ ئۈلكسى شۇجىسى ۋاڭ ياڭ (5-ئىيۇل قىرغىنچىلىغىدا ۋاڭ لىچىۋەن گە ئۇخشىمايدىغان گەپ قىلغان ) ۋە  ھازىر ۋەتىنىمزدە شۇجى بۇلغان جاڭ چۈنشىيەنمۇ ئەشۇ ئىتپاق مەزھىپىدەدۇر ، (ۋاڭ لىچىۋەن جىياڭزىمىن گۇرۇھىدا ئىدى). بۇ يىل كىرەگەندىن بۇيان خۇجىنتاۋ 3 ئارمىيە قۇماندانلىرى ۋە ئارقا سەپ تەمىنات باشلىغىنىمۇ ئالماشتۇرۇپ ، ئارمىيەدىن جىياڭزىمىننىڭ كۈلەڭگىسىنى تازىلىغان بۇلىدى .
جىياڭزىمىن گۇرۇھى : قارىماققا جىياڭزىمىن تەخىتىتىن چۈشتى ، ئەمدى كۈچى يۇقتەك تۇرىدۇ .ئەمما ئۇنۇتماسلىق كىرەككى ئۇنىڭ كۈچى ئاسان ئاجىزلىمايدۇ ، شىجىنپىڭ نىمۇ ھازىرقى ئۇرۇنغا چىقارغان كىشى جىياڭزىمىندۇر .ھازىرقى سىياسى كىڭەش ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ ئىچىدىكى ئۇنىڭ ئۈزى تاللاپ ئۈستۈرگەن ئادەملەر بار ، خىتايلار ئۈز ئىچىدە شەپقەت ئۇنتۇيدىغان مىللەت ئەمەس ، بۇنى ئۇلار يىچى (مەرتلىك) دەپ ئاتايدۇ . سىياسى كىڭەش تىكى 9 دائىمى ھەيئەتنىڭ بىرىسى بۇلغان  ، سىياسى قانۇن كۇمتىتىنىڭ شۇجىسى  جۇيۇڭكاڭ ئۇنىڭ كۇيئۇغلى .
جۇيۇڭكاڭ  ھۇقۇق جەھەتتە ،خىتايدىكى بارلىق جامائەت خەۋىپسىزلىك ساقچى سىستىمىسى ۋە قۇراللىق ساقچى قىسملىرى ئۇنىڭ قۇلىدا .
ئىقتىسادى جەھەتتە ، خىتايدىكى بارلىق نىفىت شىركەتلىرى ئۇنىڭ قۇلىدا .تەشۋىقات مىنىستىرلىگىنىڭ مىنستىرى لىچاڭچۈن ئۇنىڭ يىقىنى . سىچىۋەن ئۇلكىسى شىۇجىسى بۇشىلەينىڭ دادىسى قۇرغان جەنۇبى جۇڭگۇ ھەربى رايۇنىنىڭ قۇرغۇچىسى بۇيىبۇ  دىڭشاۋپىڭ ۋاقتىدا جىياڭزىمىنى قۇللاپ باش شۇجىلىق ئۇرنىغا چىقارغان . ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى زىچ باغلىنىپ گىرەلىشپ كەتكەن.
شاھزادىلەر پارتىيسى : ،ماۋزىدۇڭ بىلەن بىرلىكتە  قان كىچىپ جەڭ قىلىپ دۆلەت قۇرغان  ئەزىمەتلەرنىڭ بالا -چاقىلىرى . بۇلار ئۈزلىرىنى دۆلەتنىڭ سىياسى ۋە ئىقتىسادى سەھنىسىدە رۇل ئىلشقا ئەڭ ھەقىلىق دەپ قارايدىغان ، ئۈزلىرىنى دۆلەتنىڭ ھەقىقى ئىگىسى دەپ بىلىدىغان كىشىلەردۇر . ئۇلارنىڭ قۇلىدا پارتىيەنىڭ ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى قاتىلىمىدىكى سىياسى ۋە ئىتىسادى ئىمتىيارلار بار .
ئۇلاردىن بىر نەچچىنى مىسال كەلتۈرسەك:
لى شىياۋپىڭ ۋە لىشياۋلىن ئاكا سىڭىل : بۇلار جۇئىنلەينىڭ نەۋرىسى ،خىتايدىكى 500چوڭ شىركەتنىڭ بىرىنجىسى بۇلغان دۆلەتلىك ئىلكتىر شىركىتى بۇلارنىڭ قۇلىدا ،
چىن يۇننىڭ بالللىرى :ماۋزىدۇڭنىڭ قابىل كادىر بۇلغان ھەم  2005-يىلى ئۈلگەن چىن يۇننىڭ قۇلىدا دۆلەتنىڭ بارلىق بانكا سىستىمىسى بار .باللىرى ئۇنى داۋاملاشتۇرۇپ مىڭىۋاتىدۇ.
دىڭ شىياۋپىڭنىڭ باللىرى ۋە تۇققانلىرى بار .ئۇلارنىڭ ھۇقۇقى ۋە ئىمتىيازلىرى ھەققىدە بىلىدىغانلار بۇلسا تۇلۇقلاپ قۇيۇڭلار.
بۇشىلەي : ۋىنجىياباۋ ۋاقتىدا سىچىۋەنگە پالانغان بۇ شاھزادىنىڭمۇ جىياڭزىمىن گۇرۇھىدىن كۈچلۈك ئارقا تىرىگى بار . ئۇنىڭ دادىسى جىياڭزىمىننىڭ شەپقەتچىسى .
شىجىنپىڭ: ھازىرغىچە مەلۇم بۇلغان ئەھۋاللاردىن قارىغاندا ئۇمۇ بىر كارخانىچى ئىكەن ، ئەمما پاك دىيانەتلىك دەپ قارىلىدىكەن .17-قۇرۇلتايدا جىياڭزىمىن ئۇنى بىراقلا 3 دەرىجە ئۈستۈرۈپ ، نۇرمال رەسمىيەتتە كۈتۈرۈلگەن لى كىچيىاڭنىڭ ئۇرنىغا ۋەلىئەھدى قىلىپ ئالماشتۇرغان .
ئۇنىڭدىن باشقا بىز بىلىدىغان  ۋاڭ جىننىڭ باللىرىنىڭ قۇلىدا  جۇڭشىن كەسپى بانكىسى بار . يەنە باشقا دۆلەتنىڭ بارلىق خەۋەلىشىش شىركەتلىرى ۋە ئىلىكتىر زاپچاسلىرىغا ئائىت دۆلەت ئىگىلىگىدىكى شىركەتلەر مۇشۇ شاھزادىلەرنىڭ قۇلىدا ئىكەنلىگى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
بۇدىگەنلىك بۇلار بىر مەقسەتنى كۈزلەپ قۇرۇلۇپ قالغان بىر گۇرۇھ دىگەنلىك ئەمەس بۇلار مۇشۇنداق تەبىئى شەكىللىنىپ قالغان تۇپلۇمدۇر. بۇ 3 تۇپلۇم ئۈز  ئىچىدە ۋە بىر-بىرى ئارسىدا ، ھەرخىل مەنپەئەت بىردەكلىگى ،ھۇقۇق ۋە پۇل رىقابىتى ۋە ئىتتىپاقى ،  تۇققانلىق باغلىنش ، دادىلىردىن قالغان ئۆچ -ئاداۋەت ياكى دۇستلۇقنىڭ داۋاملىششى …قاتارلىقلارنىڭ يىغىندىسىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى كۇرنىشىدۇر.
ئىچلىش ئالدىدا تۇرغان  18 -قۇرۇلتايدا:
ئىتتپاق مەزھىپى :   جىياڭزىمىنغا ئۇخشاش پارتىيە ھۇقۇقىنى ئۈتكۈزۈپ بىرىپ ھەربى ھۇقۇقنى ئۈزىدە ئىلىپ قىلىشنى ئۇيلاۋاتقان بۇلىشى مۇمكىن دەپ قارىلىدۇ. يەنى خۇجىنتاۋ بلەن شىجىنپىڭ  ئۇتتۇرسىدىكى سۈركىلش .
جىياڭزىمىن گۇرۇھى : بۇ گۇرۇھ كىيىن شىجىنپىڭدىن خاتىرجەم بۇلالمىغان ، يەنى جىياڭزىمىن گۇرۇھىنى قۇغدىماسلىغىدىن ئەندشە قىلىپ شىجىنپىڭنىڭ ئۇرنىغا بۇشىلەينى ۋەلىئەھدى قىلىش ۋە ئۇنى باش شۇجىلىققا چىقىرشنى ئۇيلايدۇ دەپ قارىلدۇ .
شاھزادىلەر پارتيسى : بۇلار جىياڭزىمىننىڭ ئۇنداق جىق سىياسى ھۇقۇق ۋە ئىقتىسادى بايلىقلارنى ئىگەللەپ يىتىشىغا قايىل ئەمەس ،خۇجىنتاۋنىڭمۇ ھۇقۇقىنىڭ يىرىمىنى ئۈتكۈزۈپ بىرىپ ، جىياڭزىمىندەك ئۇيۇن ئۇينىشىنى خالىمايدۇ ، شۇڭا بۇلارمۇ باشقا ئىككى گۇرۇھنىڭ قىلمىشىغا چارە ئىزلەپ ئاۋارە .
بۇ 2-ئايدىكى ۋاڭ لىجۇننىڭ ئامىركا ئەلچىخانىسىغا مۇكۈنىۋىلىش ۋەقەسى بۇلار ئارسىدىكى زىددىيەت ۋە ئىتتىپاقنى تىخىمۇ ئەۋجىگە چىقىرىپ بىر قالايمىقانچىلققا ياكى پارچىلىنشقا سەۋەپ بۇلۇشى مۇمكىن .

قالغىنىنى باشقىلار بىلدىغانلىرىڭلارنى تۇلۇقلاپ ياكى خاتا بۇلغان تۈزىتىپ قۇيۇشۇڭلانى ئۈمىت قىلمەن.

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

مىللى مەنپەئەت ۋە ھەمكارلىق

مىللى مەنپەئەت ۋە ھەمكارلىق كۈچلۈك ۋە ئاجىز ھەر قانداق دۆلەتنىڭ، يەنە بىر دۆلەتكە باغلىنىدىغان مەلۇم …

ئۇيغۇرىستاننىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدە ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولى

ئۇيغۇرىستاننىڭ  مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدە ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رولى تېمىغا كىرىشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى …