شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ “ 2020- يىلى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تۈگۈتۈش يىلىدۇر“ توغرۇلۇق باياناتى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار.

مۇستەملىكىچى ۋە زوراۋان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستانغا قەدەم باسقاندىن باشلاپ ئىنسانىيەت تارىخىدا كۆرۈلمىگەن بىر ۋەھشى جىنايەتنى ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندا ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە، خۇسۇسەن كېيىنكى ئۈچ يىلدىن بېرى مىللىتىمىزنى تۈپتىن تولۇق يوقىتىش ئۈچۈن پىلانلىغان ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە. خىتاي رەجىمىنىڭ بۇ ۋەھشى زوراۋانلىق جىنايىتىنى، پۈتۈن غەرب دۆلەتلىرى ئەيىبلەۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى پىسەنتىگە ئالماستىن، مىللىتىمىز ئۈستىدىكى ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى كەسكىنلىك بىلەن ئىجرا قىلماقتا.
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى شۇنى قارار قىلدۇقكى : ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىدا، ياۋروپا پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىدا، ئامېرىكا كوڭگىرېسىدە، بارلىق دېموكراتىك غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پارلامېنتلىرىدا بىر تۇتاش ”2020. يىلى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تۈگۈتۈش يىلىدۇر ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى باشلاش يىلىدۇر“ دەپ قارار ماقۇللىشىنى تەلەپ قىلايلى ۋە شۇنداق بېكىتىشىنى قولغا كەلتۈرەيلى، شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر بىر شەرقىي تۈركىستان ۋەتەندىشى قولىمىزدىن نېمە كەلسە ئايىماستىن تىرىشچانلىق كۆرسىتەيلى، ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرگە ۋە باشقا غەرپ دۆلەتلىرىگە بۇ ھەقتە خەت يازايلى!
بىز ئۆزىمىزنىڭ كۈرەش يولىدا چىڭ تۇرمىساق، بىز يۇمشاق بولۇپ بەرسەك، ۋەتەن ۋە مىللەت خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ زۇلمى ئاستىدا يەنچىلىپ، قىرىلىپ تۈگەپ كېتىدۇ. بىز ئۆز كۈچىمىزگە ئىشىنەيلى! ئىگىمىز ئاللاھ ھەر دائىم ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغان مەزلۇملارنىڭ يارىدەمچىسىدۇر!
ھۆرمەت بىلەن:
شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى رەئىس ئىشخانىسى
2020. يىلى 1. ئاينىڭ 9. كۈنى

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …