شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى توغرىسىدا بايانات

شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى توغرىسىدا بايانات

مۇشۇ ئاينىڭ 27. كۈنى ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى دائىمىي كومىتېتى، جىددى يىغىن ئېچىپ، سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەت توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى.

زوراۋان، خىتاي  مۇستەملىكىچى ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەتىنىمىزدە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقى، ئىنسانىيەت تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەۋرىگە كىردى. ۋەتەن ئىچىدە خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشىلىق كۆرسىتىشنىڭ ھېچقانداق ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا، خەلقىمىزنىڭ دەردى ھالىنى، ئەرز-  شىكايەتلىرىنى ۋە خىتاينىڭ زۇلۇم ئىسكەنجلىرىنى دۇنيا ئەللىرىگە يەتكۈزۈش، پەقەت چەتئەلدىكى تەشكىلاتلارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بولۇپ كەلمەكتە.

كۈنىمىزگىچە چەتئەلدىكى نۇرغۇن تەشكىلاتلار، پائالىيەتچىلەر ۋە خەلقئارا كۆزەتكۈچى تەشكىلاتلار، پاجىئەلىك تەقدىرىمىز توغرىسىدا « ئىنسان ھەقلىرى » پرىنسىپلىرى بويىچە، يېتەرلىك دەرىجىدە خىزمەت كۆرسىتىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشى كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى .

غەرب ئەللىرىنىڭ پوزىتسىيەلىرىدىن قارىغاندىمۇ « شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى، خىتاي دۆلىتى ئىچىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىك مەسىلىسى، خىتاي دۆلىتىنىڭ دېموكراتىيىگە ئۆتۈشى بىلەن ھەل بولۇپ كېتىدىغان پۇقراۋى مەسىلە » دېگەندەك ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىپ بولغانلىقى، مىللى مەسىلىمىزنىڭ يۈزىگە سۈرتۈلگەن بىر قارا داغ ئىكەنلىكىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ تۇرماقتا. غەرب سىياسىتىدىن ئاز تولا مەلۇماتلىق كىشىلەرگە ئايانكى، ئەگەر بىزنىڭ مەسىلىمىز «خىتاي دۆلىتىنىڭ پۇقراۋى ئەركىنلىك مەسىلىسى » دېيىلگەنلا بولسا، غەرب ئەللىرى خىتايغا قارشى بىزنى قوللاپ، ھازىرقىدىن ئارتۇق تەدبىر ئېلىشى تەسەۋۋۇردىن يىراق. « شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئەمەس! ئەكسىچە خىتاي دۆلىتى ئىشغال قىلغان ۋە شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتۇرۇپ ئېلىپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش كۈرىشى » ئىكەنلىكىنى، خەلقئارالىق دىپلوماتىيە سەۋىيىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇشىمىزنى، ھايات ماماتلىق كەسكىن ۋەزىيەت تەقەززا قىلماقتا.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن،  شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق تەلەپ ۋە ھەرىكەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان، دۆلەتلەر بىلەن توختام تۈزۈش سالاھىيىتىگە ئىگە بىر تەشكىلى ئورگاننى ئوتتۇرىغا چىقىرىش، مۇھاجىرەتتىكى ھەر بىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مىللى مەجبۇرىيىتىرىمىزدۇر. ھەر قانداق ئىدېئولوگىيە، كۆز – قاراش، ئېتىقاد، مەزھەپلەردىنمۇ يۇقىرى تۇرىدىغان « ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقىمىزنىڭ ئازاتلىقى » ئۈچۈن، چوڭ كىچىك زىددىيەت ۋە تەپرىقىچىلىقتىن ھالقىپ ئۆتۈپ، « شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى » نىڭ نۆۋەتتىكى ۋاقىتلىق جۇمھۇر رەئىسى غۇلام ئوسمان ئەپەندىنىڭ چاقىرىقىنى، ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى دائىمىي  كومىتېتى ئەزالىرى ماقۇل كۆردۇق. 2019. يىلى نويابىر ۋاشىنگىتوندا چاقىرىلىدىغان ھۆكۈمەت سايلىمىغا ۋەكىل قاتناشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت تەركىۋىدە تېگىشلىك خىزمەت كۆرسىتىشنى، نۆۋەتتىكى مىللى مەجبۇرىيىتىمىز دەپ قارايمىز.

ئۇيغۇرىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى دائىمىي كومىتېتى

2019. يىلى 27. ئۆكتەبىر مىيونخىن

بەھىرلەپ قويۇڭ

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بەسلىشەيلى ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرىستانلىق قېرىنداشلار، دۈشمىنىمىز خىتاي دۆلىتى بىز – ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن …

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟

ۋەتەن، مىللەتنىڭ پىداكارلىرىنى قوللىيالامدۇق؟ ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئۇيۇشقان، قىيىنچىلىقتىمۇ، ئاسايىشلىقتىمۇ، غەم- قايغۇ، شات – خۇراملىقتىمۇ ئۆز …